چچۈش ۋە رېئاللىق

چۈش ۋە رېئاللىق

ھەبىبۇللا تەكلىماكانى

ئىنسان بەزىدە ئەمەلىي رېئاللىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ، رېئال دۇنياغا چۆكمىگۈچىلىك چۈشىدىن ئويغىنالماي رېئال تۇرمۇشتىن يىراق ياشاۋىرىدىغان گەپ ئىكەن. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ، بىز ۋەتەندىكى ۋاقىتتا بەك كۆپ ئىشلارنى چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن خالىغانچە قىلالايمىز دەپ ئويلايتتۇق. ئويلىغان ئىشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن چۈشتىن ئىبارەت بىر شىرىن خىيال ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئەمەلىيەتتىن سەل يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. دېمەك، قازاننىڭ قۇلىقى نەگىلا بارساق تۆت دېگەن گەپ. ئەمما ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى چەتئەلدە بىز ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ رەھىمسىز سىياسىتى ئالدىدا ھەقىقى مەنىدىكى دەۋا ئادىمى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا قەدەمدە بىر پۇرسەتلەرگە ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەنمىز. ئەركىن جەمئىيەتنىڭ پايدىسى مۇشۇ تەرەپتىن بولىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ خۇددى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك يول بىلەن جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىشى، يەنە بىرى ئۆلىدىغانلىقى راس، ئەمما ئۇ كۈننىڭ كېلىشىگە ئازراق ۋاقىت بار كىشى بولۇپ، ئۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ھەم رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدىغان ھەمدە جېنىنى قۇتۇلدۇرىدىغان ياخشى بىر پىلان تۈزگەن كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ.

زۇلۇم ئاستىدا ياشىغان ئىنساننىڭ پۈتكۈل ئىمتىياز ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئىنسان زۇلۇم ئاستىدا زۇلۇمغا بويمۇ ئەگمەي ھەمدە زۇلۇم ئۈستىدىن غەلىبىمۇ قىلالماي ئۇزۇن مەزگىل ياشىسا، ئاللاھنىڭ ئىلاھىي مۆجىزىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار شىرىن خىياللارنى تولا قىلىدىغان، ھېسسىياتچان ھەمدە ھېسسىياتى بىر قەدەر كۈچلۈك بوپ قالىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ياشلاردا كۆپرەك شەكىللىنىدىكەن؛ چۈنكى، ياشلارنىڭ بىر ئاز قېنى قىزىقراق، غۇرۇرى ھېسسىياتى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، سەل كۈچلۈكرەك شەكىلدە مەيدانغا كېلىدىكەن. قولدا ھېچ بىر تۆمۈرنىڭ پارچىسى يوق ھالەتتە تۇرۇقلۇق، باشقىلار تەرىپىدىن قورالياراقلارنىڭ ھەر خىللىرى بىلەن ھەيۋە قىلىنىپ، مىللىي، دىنىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىشلەرگە ئۇچراپ غۇرۇر-ۋىجدانلىرى يەرگە ئۇرۇلسا، ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا كىشىلەر تەسىرلەنمەي قالىدۇ دەمسىلە! دەل شۇ ۋاقىتتا قولىدا تۆمۈرنىڭ پارچىسى بولمىغان بىلەن، غەزەپ نەپرەتكە تولۇپ كەتكەن بۇ يۈرەكتە قورال– ياراقلارنىڭ ھەر خىللىرى خىيالەن تېپىلىدىكەن. كۈندىن كۈنگە شۇ نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەس كۈچلىنىپ ماڭىدىكەن. شۇ قورال بىلەن ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنىڭ تامامەن ھەل بولۇپ ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىغا قارىتا قەلبىنى ئۈمىد غۇنچىلىرى قاپلايدىكەن؛ چۈنكى، بىراۋ سىزگە بىھۇدە زۇلۇم قىلىپ سىزنىڭ ھەققىڭىزگە تاجاۋۇز قىلسا، سىزنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك، سۈكۈت قىلسىڭىزمۇ سىزگە ئاۋۋەل مۇش ئاتسا، ئەلۋەتتە سىز ئۇ زالىمنى تېزلا يەر چىشلىتىدىغان بىرەر سايماننىڭ قولىڭىزغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىسىز ھەمدە ئىزدەشكە باشلايسىز. ئېغىر زۇلۇمدا ياشاپ، زۇلۇمنى كۆزى بىلەن كۆرگەن جىسمى بىلەن زۇلۇمنىڭ تەمىنى تېتىغانلار ئۆز دۈشمىنىنى يەرچىشلىتىشتە تەرەققى قىلغان ھازىرقى ۋاقىتتا ئىزدەيدىغان بىردىنبىر نەرسە دەل قورال بولىدىكەن؛ بۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئەقلىنى ھېسسىيات پەردىسى قاپلىۋالغان بولۇپ، ئەقىل قوماندانلىق مەركىزىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ھېسسىياتقا ۋەزىپىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولىدىكەن. ئارقىدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە بولسا، بۇ قورال بىلەن قانچىلىك مەسىلە ھەل بولىدۇ؟ بىز ئارزۇ قىلغان زۇلۇمدىن زادى مۇشۇ قورال ئارقىلىق قۇتۇلۇش ھازىرقى شارائىتتا مۇمكىنمۇ، بىز قارشى تۇرىدىغان دۈشمەن بىزنىڭ تاقىتىمىزدىن قانچە ھەسسە چوڭ؟ دېگەنلەرنى ئويلاش كاللىمىزغا كەلمەيدىكەن، كەلگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭدىن باشقا چارە تەدبىرلەر ئۈنۈم بەرمىدى ھەم بەرمەيدۇ دەپ تۇرۇپ شۇ قارارنى توغرا تەرەپكە بۇراشقا تىرىشىدىكەنمىز.

 بۇ مەسىلىنى دۇنيانىڭ سەۋەپ قانۇنىيتى ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق چۈشىنىشكە ئۇرۇنمايدىكەنمىز. بەلكى چۈشەندۈرۈشكە كۈچىگەنلەرنى ھەرخىل ناملار بىلەن سۈپەتلەپ، ئۇلارنى ئۇ تەشۋىقاتىدىن توختىتىشقا تىرىشىدىغان كەيپىياتلار شەكىللىنىدىكەن.

 كۈنلەر مۇشۇنداق پىكرىي ئىزتىراپلار ئىچىدە كۈندىن كۈنگە شىددەتلىك زۇلۇم ئىچىگە قاراپ كېتىۋاتقان پەيتتە، ئەمەلىيەت ئۇياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن ئىلگىرىكى شىرىن خىياللىرىمىزنىمۇ قىلىشقا جۈرئەت قالمىغان بىر ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن، دۈشمەننىڭ پىلانلىق سۇيىقەستىگە پىچكا بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ قالدۇق.

 بەزىلىرىمىزگە چەتئەل ھاياتى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئەمەلىي رېئاللىق بىلەن باشلانغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بەزىلەرنىڭ ھاياتى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن شۇ چۈش ئارقىلىق باشلانغان. ئۇزۇنغا بارماي ئۇلارنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ، ئەمەلىيەتكە ئويغاق ھالەتتە قاراپ، كۆز قاراشلىرىدا زور دەرىجىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان كىشىلەردۇر. يەنە بەزىلىرىمىزگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ چەتئەل ھاياتى دۈشمەننىڭ سۇيىقەستى ھەمدە ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغان چۈش بىلەن ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ! بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇ ئىسكەنجىلەردىن قۇتۇلۇشىنى ئۇلۇغ رەببىمدىن تىلەش بىلەن بىرگە، بۇلارنى رېئال دۇنيادىكى ئەمەلىيەتكە قانداق باشلاپ كىرىش، شىرىن چۈش ئىچىدىكى ئۇيقۇسىدىن قانداق ئويغىتىش، ئويلىنىشقا، جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.

 بىز ئۆز يۇرتىمىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراق، تۇرمۇش ھاياتىمىزدىكى ھەر نەرسىدىن پەرقلىق ھالەتتە ياشايدىغان بىر مىللەت ئىچىدە تۇرۇپتىمىز. بىز بۇ يەردە مىللەت نامىمىز ئايرىم بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىلىدىغان، شۇنىڭغا يارىشا چىرايىمىزمۇ ئۆزىمىزنى يەرلىك خەلقتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر خىل ھالەتتە تۇرۇپتۇق. دەل يۇقىرىدىكى ئامىللار تۈپەيلى ئارىمىزدىن بىرسى دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە بار بولغان ھەقىقىي بىر ئىنسانىيلىققا ئۇيغۇن بىر ئىشنى قىلسا، بۇ ئىشنىڭ شەرىپى قىلغان كىشىگىلا بولماستىن بەلكى شۇ كىشىنىڭ مىللىتىگە مەنسۇپ بولىدىكەن. ئەكسىچە، ئىنسانىيەتنى سەسكەندۈرىدىغان بىرەر ئىشنى قىلسا، بۇ ئىشنىڭ ۋابالى يەنىلا مىللەتكە يۈكلىنىدىكەن.

 بۇ قارىماققا ئادالەتسىز بېرىلگەن باھادەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەن. چۈنكى، بىز ھازىر (ئۆز ۋەتىنىمىزدىكى قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى، قىلغۇچىنىڭ ئۆز مىللىتى ۋە ‏-قەۋم قېرىنداشلىرىدىن ئىبارەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىدىن بولغان كىشىلەرنىڭ باھا بېرىشى بىلەن، قىلغۇچىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدىغان) خۇسۇسىيلىقتىن ۋە يالغۇزلۇقتىن (بىزگە ھەممە تەرەپتىن يات بولغان، بىزنى ئىچىمىزدىن ئەمەس ئەتراپىمىزدىن خۇددى بىزنى سەھنىدىكى ئارتىستنىڭ ئورنىدا قويۇپ كۆزىتىدىغان خەلقئارالاشقان ئەركىن جەمئىيەتتە) ئومۇمىيلىققا ۋە جامائەتلىشىشكە قاراپ كېتىۋاتىمىز. دېمەك، بىز مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن تېخىچە دېڭىز ئىچىدە ئاددى ياسالغان كېمە بىلەن، سەل-پەل بىخەستەلىك قىلساق بىزنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان خەتەرلىك دولقۇنلارنى كېزىپ يۈرۈۋاتىمىز دېگەن گەپ.

 مەنزىلگە ساق-سالامەت يېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېمە ئۈستىدىكى ھەربىر كىشى كېمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى ياخشى تۇنۇش بىلەن بىرگە، ئەتراپىدىكى سەپەرداشلىرىغا كۆز قۇلاق بولۇپ، دېڭىز دولقۇنىغا ماسلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك بولىدىكەن. ئەگەر كېمىنىڭ ئۆزى تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلار تەرىپى بىلەن كارى بولمىسا ياكى دولقۇنغا ماسلاشماستىن، مەنزىلگە يېتىپ بېرىش يولىنى قىسقارتىش باھانىسى بىلەن دولقۇننىڭ قارشىسىغا ماڭسا، بۇ كېمىدىكىلەرنى ھالاكەتنىڭ كۈتۈۋېلىشى ئېنىق بىر ھەقىقەت بولۇپ، مۇشۇنداق ھالەتتە كەلگەن ھالاكەت سەۋەپ دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئەمەستۇر.

 خېيىم-خەتەر بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالماستىن، يۇقىرىدىكىدىنمۇ زور ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئىتتىپاقسىزلىق كىرزىسى بىزنى شىددەتلىك دولقۇنلار ۋە بىر توپ ئەقلىنى ھېسسىياتى يۆگىۋالغان كىشىلەر تەرىپىدىن پاچاقلىناي دەپ قالغان كېمە ئۈستىدە كۈتۈپ تۇرۇپتۇ! شۇنچىلىك خېيىم-خەتەر قاپلىۋالغان بۇ كېمىگە بىرلىككە كېلەلمەيدىغان بىرمۇنچە كىشىلەر ھېچنىېمىگە پەرۋا قىلماستىن چىققانلىقى تولىمۇ غەلىتە! بەلكى بۇلارنى بۇ كېمىگە چىقىشقا مەجبۇرلىغان بىرەر نەرسە باردۇ ياكى بۇلار خالاپ-خالىماي بىر كېمىگە چىقىپ قالغاندۇ ۋە ياكى...

 ئىشقىلىپ نېمە بولسا بولسۇن ئۇلار كېمىگە چىقىپ بولدى. كېمىگە چىقماستا ھەممىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قاراش، پىلان ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، كېمىدە ئۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن دېگەن تەقدىردە ھەر ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرى ئۆز ئىچىدىلا قالىدۇ. قىرغاققا ساق سالامەت يېتىۋېلىش ئۈچۈن ئومۇمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلماي، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلماي ئامال يوق. مانا ئۇلارغا كېرەكلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ئىش ئەمدى مەيدانغا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ! ئۇ بولسىمۇ بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەجبۇرىي مەيدانغا كېلىدىغان پىكىر ۋە ھەرىكەت بىرلىكى.

 قاراپ باقىدىغان بولساق، بەزىلەرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ئۆز مىللىتى، بەزىلەرنىڭ ۋەتەن ۋە شۇ ۋەتەن ئەھلى (شۇ ۋەتەندە ۋەتەننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بىلەن قارشىلىشىش ئېھتىماللىقى يوق ياشايدىغان ھەر قانداق مىللەت)، يەنە بەزىلەرنىڭ مەنزىلى ئىسلام. بۇلار بىر-بىرىدىن قانداقمۇ ئايرىلسۇن! خۇددى كېمىدىكىلەر قىرغاققا چىقىش ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىلالمىغاندەك ۋەتەن دېمەك بىر تۇپراقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۇپراق ئىنسان بىلەنلا ۋەتەن ئۇقۇمىغا ئىگە بولالايدۇ. ئىنسانلار بولىدىكەن بىر مىللەتكە تەۋە بولىدۇ. دىن ئىسلام دەل شۇ ۋەتەننى بەرپا قىلغان مىللەتتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تارايدۇ. خۇددى مەككە ۋە مەدىنە يەرشارىدىكى ئەرەب مىللىتى ياشاپ كەلگەن بىر زېمىن بولۇپ، دىن ئىسلام شۇ زېمىندىكى ئەرەبلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا تاراپ، ھەر مىللەت ئۆز تىلى بىلەن دىننى قوبۇل قىلغىنىدەك، مىللەتنى ۋەتەننى ۋە دىننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، بىرىنى قوغداپ، يەنە بىرىنى ئىنكار قىلىپ ياشاش ئاللاھنىڭ زىمىن يۈزىدىكى ئىلاھىي ھىكمەت قانۇنىيىتىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. دېمەك، پەرقلىق ئاتالغۇلاردىكى بىز قوغلاپ يەتمەكچى بۇلۇۋاتقان نەرسىمىز ماھىيەتتە بىر نەرسىدۇر. ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلمايدىغان بۇ ھەقىقەت بىزنى بىر كېمىگە ئېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئېتىراپ قىلمايۋاتىمىز. ئېتىراپ قىلمايدىغانلار ھازىرغىچە چۈش ئىچىدە ياشاۋاتقانلار بولۇپ، بۇلارنى ئويغىتىپ رېئاللىققا باشلىمىغۇچە، كېمىدىكىلەر خەتەردىن قۇتۇلالمايدۇ.

 بىز بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا ۋە ياردەمچى كۈچكە مۇھتاج. بىزنىڭ دوستىمىز ئەلۋەتتە بىزنىڭ دىنىمىزغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ئىلاھىي قانۇن دەپ تونۇغانلار بولىدۇ. ياردەملەشكۈچى كۈچ بەلكى پاسىق بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا دىنسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن. پەيغەمبىرىمىزگە ئەبۇ تالىپ يار-يۆلەك بولغاندەك، پەيغەمبىرىمىز تائىپتىن قايتقىنىدا بىر مۇشرىكنىڭ (بۇددىست) كېپىللىكى بىلەن مەككىگە كىرگىنىدەك.

 ھازىرقىدەك ئاجىز ھالىتىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ دىندارلىق مەيدانىمىزدا مۇستەھكەم تۇرغان ھالەتتە، باشقىلارنىڭ ئاخىرىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماي، دۇنيالىقتىكى بىز مىللەت پايدىلىنالايدىغان تەرىپى بىلەن ھېسابلاشساق، ئۇنىڭ ئاخىرىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرساق بىز مىللەتكە لايىقى شۇ ئىدى.

 ئاخىرىدا دەيدىغىنىم يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، بىز ھازىر خىلمۇخىل كىشىلەر بىلەن بىر كېمىدە كېتىۋاتىمىز. قىرغاققا چىققۇچىلىك بىزگە سەپەرداش بولغانلارغا ھەقىقىي بىر شەكىلدە تەسىر كۆرسىتەلىسەك، كېمىنىڭ قىرغاققا چىقىشىدىلا غەلىبە قىلماستىن، قىرغاققا چىقىپ بولغاندىن كېيىنكى باسقۇچلاردىمۇ غەلىبە قىلالايمىز. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، قىرغاققا يېتىپ بولغاندىن كېيىنكى تالاپەت ھازىرقىدىن ئېغىر ھەم پاجىئەلىك بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ گەپ سۆزدىكى ۋە ھۆرمەتتىكى ھەققىدىن بولسىمۇ چۈشۈپ بېرىپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە يول قويۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان