ئئىلىم ۋە ئىماننىڭ كارامىتى

ئىلىم ۋە ئىماننىڭ كارامىتى

ئابدۇلئەھەد تەرجىمىسى

ھازىرقى كۈندە مۇسۇلمانلار دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردا ئىلىم مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت بار. ئۇلار يۈكسەك ئىنسانىي ھازارەتكە ئىگە. مۇسۇلمانلار ئىگە بولغان سانائەت ۋە تېخنىكىلار تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپ. ئۇلاردا ماددىي ئىمكانىيەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتلەر ئېشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرى، ئۇنىۋېرسىتىتلىرى ۋە ھەر خىل ساھەدىكى بىلىم يۇرتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ساناپ بولۇش قىيىن. ئۇلاردىكى بىلىم-مەرىپەت مەركەزلىرى، ئىلىم، دىن، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئالىملىرى يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇلار تارىخىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرى ھەققىدە ئىنتايىن مول بىلىمگە ئىگە. شۇنداق تۇرۇغلۇق ھازىرقى مۇسۇلمانلار خەلقئارا جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەر تەرىپىدىن

يەكلەنمەكتە، چەتكە قېقىلماقتا، كەمسىتىلمەكتە. ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ماددىي ھايات ۋە ھۆكۈمرانلىق مىزانىدا ھېچقانداق سالماقلىقى ۋە ئېتىبارى بولۇپ كەلمەكتە.

مۇسۇلمانلاردىكى بۇ ئاجىزلىق ۋە ئېزىلىشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ !

بەلكى مۇنۇ ھەدىس بۇ سوئالغا تولۇق جاۋاپ بولۇشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يېقىندا خۇددى بىر لىگەندىكى تائامغا ھەرە ئولاشقاندەك پۈتۈن مىللەتلەر سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بېسىپ كېلىدۇ» دېگەندە، بىر كىشى: «يارەسۇلۇللاھ! ئۇ چاغدا بىز ئاز بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق بولامدۇ؟ » دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، سىلەر ئۇچاغدا كۆپ بولىسىلەر؛ لېكىن سىلەر سەل ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشاپ قالىسىلەر؛ ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ دىلىدىن سىلەردىن قورقۇش تۇيغۇسىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەن ۋە سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋەھەننى سېلىپ قويغان بولىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! ۋەھەن دېگەن نېمە؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋەھەن-دۇنيانى سۆيۈش ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇشتۇر» دەپ جاۋاپ بەردى. »[1]

دېمىسىمۇ ھازىر بارلىق تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارىغا خىرىس قىلماقتا، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىي بايلىقىغا ۋە پۇل-مېلىغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇددىستلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى، ئاياللىرىنى بوغۇزلاپ، مەسچىتلىرىنى، ئۆيلىرىنى ۋە شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىستلار مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلماقتا ئەمەسمۇ؟ !

 بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھەممىسى سەۋەبسىز شۇنداق بولۇۋاتامدۇ؟ ياق، بۇنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمانلار سانى كۆپ، بايلىقى مول ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ۋاسىتىلىرى تولۇق بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۇلارنىڭ ئىماندىن كېلىدىغان ھەيۋىتى يوقالغان، ئاچكۆز دۈشمەن ئالدىدىكى ئولجىغا ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى ئۇلار بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق ۋە قورقۇنچاقلىق كېسىلىگە مۇبتىلا بولغان، ئۇلار دۇنيانى سۆيۈش ۋە ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىنئالا بەرگەن خەۋىرى تولۇق روياپقا چىقتى ۋە مۇسۇلمانلار دىيارىدا ئومۇملىشىپ كەتتى. مۇسۇلمانلارنى گۇناھ-مەسىيەت ۋە ئاسىيلىق دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتكەن ماتېرىيالىستلاردىن ئايرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب دۈشمەنلىكىنىڭ پىكرىي ۋە ئىجتىمائىي ھۇجۇمدىن ھالقىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەسكىرى ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى، ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن خىلمۇخىل تىپتىكى چوڭ قوراللارنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسلەيدىغان ۋاقتى كەلدى. ھازىر ئىسلام دىيارلىرىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ھەيدەپ چىقىرىش، ئۆلتۈرۈش، بولان-تالاڭ قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار غەربلىكلەرنىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ، ھەددىدىن ئارتۇق غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ۋە دىننىڭ ئاساسلىرىنى يىقىتىپ تاشلاپ، قەلبلەردىكى ئىمان ۋە ئىشەنچ يىلتىزلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.

ئىسلام دۈشمەنلىرى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» دەپ ئاتىۋالغان بىر ئورگان ئارقىلىق دۇنيادىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەركەزلەرنى ئىگىلىۋالدى. مۇشۇ ئورگان ئارقىلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىگە ۋە ئازسانلىق مۇسۇلمانلار ياشايدىغان دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرەزلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان مىللەت ۋە خەلقلەردىن مىليونلارچە ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى بىرلىك ئۈممىتى بولغان ئىسلام ئۈممىتىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت مۇسۇلمانلارنى تەلتۈكۈس يوقىتىش، ھېچبولمىغاندا، ئۇلارنى دۇنيادا ھېچقانداق نوپۇزى يوق، ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىش غايىسىنى بىلمەيدىغان، پالەچ ئەبگالارغا ئايلاندۇرۇشتۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ۋەيران قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلامغا مۇستەھكەم بولغان مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قالايمىقانچىلىق، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، ھەرخىل ئىسىملار ئاستىدا ئۇرۇش چىقىرىۋاتىدۇ.

ئەگەر ئۇ نائەھلىلەر بۇ ئۇلۇغ دىننىڭ ھەر يەر ۋە ھەر زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە تامامەن ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، بۇ قەدەر دۈشمەنلىك قىلمىغان؛ پۈتۈن كۈچىنى ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئىشلەتمىگەن بولاتتى. چۈنكى سەۋەبسىز ئۆزىنى قىيناش ھېچقانداق دىن ۋە قانۇندا ھەتتا بىلىمدىن يىراق جاڭگال قانۇنىدىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر ئىشتۇر. لېكىن ئۇلار تىنچلىقپەرۋەر، ئىنسانىيەتنى ھۆرمەتلەشكە، ئىنسانلارنى ھەر تۈرلۈك ھالاكەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دۇنيانى ئىدارە قىلىش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىرىدىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى يوقىتىش پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

ئىختىلاپ نۇقتىسى مانا مۇشۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نۇقتىسىدا يوشۇرۇنغان. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھۆكۈمرانلىققا ئۈممەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ئىسلام ئۈممىتى ئېرىشكەن ۋە جاھىلىيەت ئۈممەتلىرى ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھۆكۈمرانلىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەقلىق بولۇش كېرەك. ئىسلام ئۈممىتى بولسا ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا لايىق بولۇپ، دۇنيانىڭ باشقۇرۇش تىزگىنىنى قولىغا ئالغان. چۈنكى ئۇلار ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسى بويىچە غۇبارسىز، توغرا يولدا ماڭغان. ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇنداق خىتاپ قىلغان: «ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق ۋە سىلەرنى بىر-بىرىڭلار بىلەن تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىرق ۋە قەبىلە قىلدۇق. شۇنى بىلىڭلاركى سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. »[2] تەقۋالىق-ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاپ، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا تەقۋالىق دەرىجىسىگە يەتكەن بەندىلىرىگە ئەلۋەتتە ياردەم قىلىدۇ. دېمەك، ئالەمگە ۋە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا لاياقەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچىمى تەقۋالىقتۇر. شۇ بىر ھەقىقەتكى، تەقۋالىقتىن ئىبارەت بۇ ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشەلمىگەنلەر ھۆكۈمرانلىققا لايىق بولغانلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقنى قولىغا ئالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھېلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاجىزلىق ۋە قورقۇنچاقلىق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويماقچى بولىدۇ.

ئاللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بىزگە قۇرئان كەرىمدە ھەزرىتى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا-ئىتائەتمەنلىكى ۋە توختاۋسىز ئاللاھنى زىكىر قىلىشىنىڭ مۇكاپىتى سۈپىتىدە كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن ئىدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئىتائەتمەن، بويسۇنغۇچى ۋە ئاللاھىنى كۆپ زىكىر قىلىدىغان پادىشاھ بولۇپ، ئۇ ئىلىمدە ۋە ئەمەلدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولغان، ئۇنىڭغا تاغلارنى، ئۇچارلىقلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى كۈچلەندۈرگەن، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، دىندا كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى. بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى-ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى. قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ تەرەپ-تەرەپتىن توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى. ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە جىدەل-ماجرالارنى توەرا ھەل قىلىدىغان ئىقتىدار ئاتا قىلدۇق.»[3]

بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە ئازراق ئويلانساق، بۇ ئايەتلەر بىزگە رەببىگە مۇستەھكەم باغلانغان ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە چىن ئىشەنچ قىلغان، ۋاقتىنى رەببىنى زىكىر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، رەببىمۇ ئۇنىڭغا ئىلىم، ئەمەل ۋە كاتتا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەن، تاغلارنى ۋە ئۇچارقۇشلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ۋە بۇ مەخلۇقلار بىلەن بىرلىكتە كېچە-كۈندۈز ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىدىغان بىر بەندىنىڭ ئوبرازىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان ناماز داۋۇدنىڭ نامىزى ۋە ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان روزا داۋۇدنىڭ روزىسىدۇر. چۈنكى ئۇ كېچىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدە ئۇخلايتتى، كېچىنىڭ ئۈچنىڭ بىرىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى، كېچىنىڭ ئالتىنىڭ بىرىدە يەنە ئۇخلايتتى. بىر كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتمايتتى. دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا ھەرگىز قاچمايتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىتائەتمەن بەندە ئىدى. »

ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائەتمەن بەندىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇ كاتتا مەرتىۋىگە پەقەت ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىدىن باغلىنىش، ھاياتى بويىچە ئۇنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئېرىشتى ۋە دۇنياغا پادىشاھ بولۇپ، ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغا مەرتىۋىگە ئېرىشكەندىمۇ مال-دۇنيا، ئائىلە، مەنسەپ دېگەنلەرنىڭ مۇھەببىتىگە بېرىلمەي داۋاملىق ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بىلەن بولدى. ھەزرىتى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە بېرىلگەن ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز لايىقىدا ئىشلىتىشنى بىلدى، بىرىگە بېرىلىپ يەنە بىرىنى تاشلاپ قويمىدى. ئۇ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشلىتىشتە، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھېكمەت ۋە مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى. ئۇ قەلبى، ئەقلى، ئىلمى، ھۇشيارلىقى، ئەدەپ_ ئەخلاقى ۋە تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى قاتارلىقلارنى ئوخشاش ئىشقا سالالىدى. كىشى مانا مۇشۇنداق ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان شەكىلدە ياشىسا، ئۇنىڭغا ھەر يەردە ئۈستۈنلۈك، كۈچ-قۇۋۋەت، بەخت-سائادەت ۋە ئىلىم-ھېكمەت يار بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشىدۇ. ھەر ئىشىدا ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم ۋە تەۋپىقىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمايدۇ، ئاللاھتىن باشقىسىغا يېلىنمايدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن ياشايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر كۈچ ھەرقانچە چوڭ بولۇپ كەتسۇن ئۇنى قورقۇتالمايدۇ، ئۇ ھېچقانداق پادىشاھ ۋە سۇلتانغا پىسەنت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق غېمى ئاللاھنى رازى قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ياردەم ۋە غەلبىسىگە ئېرىشىشتۇر.

بۇ يەردە ئازراق ئۆتمۈشىمىزگە قايتىپ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىنى خاتىرلىگىنىمىزدە، ساختا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يالغان سەلتەنەتنىڭ ئالدىدا ئىمان ۋە ئەقىدىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ھەزرىتى سەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەبىئى ئىبنى ئامىرنى پارسلارنىڭ كۈچلۈك قۇماندانى ۋە دۇنيانى قورقۇتىدىغان ئەمىرى رۇستەمگە ئەۋەتىدۇ. رەبىئى ئىبنى ئامىر رۇستەمنىڭ ئالدىغا كىرىدۇ، رۇستەم بولسا يىپەك گىلەملەرنىڭ ئۈستىدە، ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىتلەر بىلەن بىزەلگەن ھەشەمەتلىك تەختنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. رۇستەمنىڭ بېشىدا گۆھەرلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئالتۇن تاج بار ئىدى. ئەتراپىدا ۋەزىرلەر، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەربىي قۇماندانلار قول باغلاپ تۇراتتى. رەبىئى ئىبنى ئامىر ئۇنىڭ ئالدىغا ئادەتتىكى كىيىمى، قولىدا نەيزىسى بىلەن قالقىنى ۋە پاكار ئېتىغا مېنگەن ھالدا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئېتى رۇستەمنىڭ قىممەتلىك يىپەك گىلىمىگە دەسسەپ تۇرىدۇ. ئاندىن رەبىئى ئىبنى ئامىر ئاتتىن چۈشۈپ، گىلەمنىڭ ئۈستىدە تۇرغان التۇن بىلەن بىزەلگەن ئېسىل ياستۇقلاردىن بىرىنى نەيزىسى بىلەن تىشىپ ئېتىنى ئۇنىڭغا باغلىدى. بۇنداق قىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشى دۇنيالىق ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىش ئىدى. ئۇ قولىدىكى قورالى، تۆمۈر كىيىمى ۋە بېشىدىكى دۇبۇلغىسى بىلەن رۇستەمنىڭ ئالدىغا ماڭىدۇ. ئۇنى مۇلازىملار توسۇپ، قولۇڭدىكى قورالىڭنى قويۇپ ماڭغىن، دەيدۇ. رەبىئى ئىبنى ئامىر: «مەن سىلەرگە يالۋۇرۇپ كەلگىنىم يوق، سىلەر چاقىردىڭلار، شۇڭا مەن كەلدىم. مېنى بۇ ھالىم بىلەن قويساڭلار قويۇڭلار، بولمىسا قايتىپ كېتىمەن» دەيدۇ. رۇستەم «ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىڭلار» دەيدۇ. رەبىئى ئىبنى ئامىر رۇستەمنىڭ ئالدىدا نەيزىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېسىل گىلەمنى سانچىپ يەردە ئولتۇردى. رۇستەم ئۇنىڭغا: «سىلەرنى كىم ئەۋەتتى؟ » دەيدۇ. رەبىئى ئىبنى ئامىر: «ئاللاھ بىزنى خالىغان كىشىنى قۇلغا قۇل بولۇشتىن ئاللاھقا قۇل بولۇشقا، دۇنيانىڭ تارچۇلىقىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ كەڭرۈچىلىكىگە ۋە دىنلارنىڭ زۇلمىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى» دەيدۇ.

دەسلەپكى مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇنداق قورقماس، شىجائەتلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنى ۋە ماددىي كۈچلەرنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇراتتى. ئۇلار دۇنياغا ۋە ئۇنىڭ زىنەتلىرىگە ئىمانىي نەزەر بىلەن قارايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئىماننىڭ كۈچى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن بۈيۈك پادىشاھلارغا ۋە سۇلتانلارغا قارشى تۇراتتى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەر بولۇپ، ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ رەببى بىلەن بولغان رىشتىسى ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار رەببىگە، رەببىنىڭ غەلىبە ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ۋە ۋەدىسىگە چىن ئىشەنچ قىلاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىننى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ماڭا قۇلچىلىق قىلىدۇ، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. »[4]

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! سىزگە يۇقىرىدا قىسسىسى بايان قىلىنغان ئىككى شەخسنىڭ بىرى ئۆزخ ۋاقتىدا دۇنيانى تىترەتكەن پارىس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ كۈچلۈك قوماندانى رۇستەم، يەنە بىرى ئۆزىدىكى ئىمانى كۈچى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن قوراللانغان بىر مۇئمىن ئەلچى بولۇپ، بۇ ئەلچى قەلبىدىكى ئىمانىدىن كەلگەن مۇئمىنگە خاس ھەيۋىسى بىلەن ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان زالىم قوماندان ئالدىدا ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن، قىلچە قورقماستىن دادىل ئوتتۇرىغا قويالىدى ۋە ئالدىدىكى كۈچلۈك قومانداننى تەمتىرىتىپ قويدى. چۈنكى بۇ ئىسلام ئەلچىسىنىڭ ھەر ھالىدىن ئىمان، ئەقىدە، ئىشەنچ ۋە كۈچ ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك پارس قوماندانى بۇ ئاددىي بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمان بىلەن تولغان قەلبىدىن چىققان سۆزلىرى ئالدىدا قانداق قىلدى دەيسىز؟ ئۇ پارىس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە مۇسۇلمانلارغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، مۇئمىنلەر ئۇنىڭ زۇلۇم بىلەن باشقۇرغان زېمىنلىرىدا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى يۈرگۈزدى.

دېمەك، بىر ئىنساندا ياكى بىر جەمئىيەتتە دۇنيا سەۋىيەسىدە ماددىي كۈچ-قۇۋۋەت بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىي ئىمان كۈچى، ئىلىم-ھېكمەت كۈچى ۋە ئاللاھقا چىن ئىشەنچ تېپىلسا، ئۇ ئىنسان ياكى جەمئىيەت ئاجايىپ كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ، كۇفرىغا ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىنقىلاپتا غەلىبە قىلالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆز نەپسىنى يامانلىقتىن ياخشىلىققا، رەزىللكتىن پەزىلەتكە ئۆزگەرتىشى، ئۇنى جاھالەتنىڭ ئازغۇنلىقىدىن ئىلىم ۋە ئىرپان ساھەسىگە ئېلىپ چىقىشى، ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى لازىم. ئەگەر بىز مۇشۇ ئىشلارنى قىلالىساق، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتلەردە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايمىز. «بۇ ئاللاھ تائالاغا قىيىن ئەمەس»

ئاللاھ ھەق ئېيتىدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ. [5]

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان


[1]ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

[2] سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت

[3] سۈرە ساد 18-20-ئايەتلەر

[4] سۈرە نۇر 55-ئايەت

[5] بۇ ماقالە ھىندىستاندا ئەرەپچە چىقىدىغان قوش ئايلىق «ئىسلامىي ئويغىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىلى ئاپرىل ۋە ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان.