مۇھەممەد يۈسۈپ
زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئېغىزىدا «قۇرئانچىلار»، «ھەدىس ئىنكارچىلىرى» دېگەن ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر خۇراپاتقا قارشى تۇرۇپ، كىشىلەرنى قۇرئان كەرىمگە قايتۇرۇش دېگەندەك ئاڭلىنىشقا چىرايلىق سۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈشلەرنى پەيدا قىلماقتا ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆز ئەقىدىسىدىن شەكلىنىدىغان، ئىسلام ئۆلىمالىرىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان ۋە بۇرۇنقى ئۈلگىلىك ئالىملارغا تىل تەككۈزىدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. دىن بۇزغۇنچىلىرى تارىختىن بېرى مەيدانغا چىقىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلار ھەربىر ئەسىردە ئوخشاشمىغان ئىسىملار بىلەن، ئوخشاش بولمىغان يالتىراق شۇئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق غايىسى كىشىلەرنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دىننىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى يولباشچى ئۆلىمالىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خىللا بولۇپ كەلمەكتە.
ئىسلام دۇنياسى ئىچىدە تۈركىيە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەردىن بىرسى بولغاچقا ھەركىم ھەر خىل پىكىر-قاراشلىرىنى ئەركىن ئېلان قىلالايدۇ. دىن بۇزغۇنچىلىرى مانا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز مۇددىئاسىنى نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپلىرى دىنغا زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەۋىتى، يازمىلىرى ۋە نوتۇقلىرى كىشىلەرنى دىننىڭ ئاللىبۇرۇن مۇسۇلمانلاردا ئومۇملىشىپ بولغان سابىت مەسىلىلىرى ئۈستىدە شەك قىلىدىغان، قەدىمقى ئىسلام ئۆلىمالىرىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ھەدىس بىلەن بەلگىلەنگەن فىقھى مەسىلىلىرىگە ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويۇشقا يېتەرلىكتۇر. مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئىچىدە بىرلىككە كېلىنگەن، قۇرئان ۋە سۈننەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن مەسىلىلەرنى قايتىدىن تالاش-تارتىش ماۋزۇسىغا ئايلاندۇرۇش ۋە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوپېراتسىيە يۈرگۈزۈش مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىش ئەمەس. بۇنىڭدىن دىن دۈشمەنلىرى پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى تەۋرىتىش ۋە ئۇلارنى دىندا شەككە چۈشۈرۈش قاتارلىق رەزىل مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
توغرا، تارىختا ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىمالىرىنى، مەزھەپ پېشۋالىرىنى خاتالىقلاردىن خالىي دەپ ئويلىمايمىز. چۈنكى پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچقانداق ئىنسان خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس. مەزھەپ ئۆلىمالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارمۇ، زىددىيەتلەرمۇ ئاز بولمىغان. ئەمما بىز بۇ توقۇنۇشلارنى، زىددىيەتلەرنى ۋە بۇرۇنقى ئۆلىمالاردىن بەزىسىنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىنى، پەزىلەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىنسانىي تەرەپلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى ئەيىبلىسەك، بىزگە ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا نېمە پايدىسى بار؟ ئەكسىچە، كۆپ زىيىنى بار. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئۆلىمالارغا بولغان ھۆرمەت، ئىخلاس ۋە ئەقىدە يوقاپ كېتىدۇ ياكى سۇسلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەر ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىدىن شەكلىنىدىغان، ھەتتا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئۈلگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقىي ۋارىس بولۇپ ئۆتكەن زاتلاردۇر.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پروفېسسور دوكتور مۇھەممەد گۆرمەزنىڭ «ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن دىن ۋە ئويدۇرۇلغان دىن» دېگەندەك يېڭى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان سەپسەتىلەرگە بەرگەن رەددىيەسىنى ئاڭلاتتى. ماقالىدا مۇھەممەد گۆرمەز مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن ئىدى:
«ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن دىن ۋە ئويدۇرۇلغان دىن» دېگەن يېڭى ئۇقۇملارنىڭ ئۇتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا ھەم ئىلمىي نۇقتىدىن، ھەم ئەخلاقىي نۇقتىدىن قېتىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئىلگىرى ئەرەب دۇنياسىدىمۇ بۇ ئوقۇمنى «دىنىي مۇنەززەل ۋە دىنىي مۇبەددەل» (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن دىن ۋە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىن) دەپ ئوتتۇرىغا چىقارغانلار بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە تۈركىيەدىمۇ مېدىيا ۋاستىلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇنازىرىلەردە بۇ ئۇقۇمنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق، بۇ قەتئىي توغرا ئەمەس، بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇشىمىز لازىم. »
بۇ سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلارغا پۈتۈنلەي ياخشى گۇمان بىلەن باھا بېرىپ، «بۇلار ئەسلىدە تارىخ بويىچە دىنغا ئارىلىشىپ قالغان خاتا چۈشەنچىلەرنى، ئەنئەنىلەرنى، ئىسرائىليە ۋە خىرىستىيان رىۋايەتلىرىنى، بىدئەت ھەم خۇراپاتلىقلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ» دېگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ قەتئيى توغرا ئەمەس. چۈنكى دىندا مۇبالىغىلەشتۈرۈش سەنئەت ئەمەس، يالغانچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ– تۆت دانە توقۇلغان خەۋەرلەرنى ئاساس قىلىۋېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ھەدىس مىراسلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقلىرى، ئۇلارنىڭ «ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن دىن» دەپ ئاتىۋېلىشقان سەپسەتىلىرىگىمۇ زىت كېلىدۇ.
ئورۇنسىز شەكىلدە بۇ جەھەتتە خەلقنىڭ پىكىر-ئېڭىنى مالىمان قىلىش مەقسەت قىلىنماقتا. بىراق، سوغوققان، پاراسەتلىك مىللىتىمىز ئېتىقادىغا قىلىنىدىغان بۇ خىل سۇيىقەستلەرگە قەتئىي يول قويماي كەلمەكتە. ھەر قانداق مۇسۇلمان «ئىسلام دىنى ئۆزگەرتىۋېتىلدى» دېگەن مەنىدىكى سۆزلەرنى قىلالمايدۇ ۋە قەتئىي قىلمايدۇ. «ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن دىن ۋە ئويدۇرۇلغان دىن» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان تەرەپلەر ئەسلىدە مەقسەتلىك ئۇقۇملارنى يارىتىشقا تىرىشماقتا. ئەگەر بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق دىنغا خۇراپىيلىقلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇشقان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبى بولالمايدۇ. پاك ئىدىيەلەر خائىن پىكىرلەر بىلەن شەكىللەنمەيدۇ. قوغداشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئىسلام دىنى ھېچقانداق تاشقى مۇداخىلىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئىچىدىن ئورۇن بەرمەيدۇ ۋە قەتئىي ئورۇن بېرىلمەيدۇ».
«ئويدۇرۇلغان دىن» دېگەن ئاتالغۇنى ئازغۇن، نەپسانىيەتچى سوپى-ئىشانلارغا ئىشلەتسە توغرا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئازغۇن نەپسانىيەتچى سوپى-ئىشانلار ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دۇنياسىغا يامراپ كىرگەن مىكروبلار بولۇپ، بارلىق خۇراپاتچىلىقنىڭ باش كاللىسى ئىدى. ئۇلار قۇرئان ۋە ھەدىسكە تامامەن قارشى كېلىدىغان پەتىۋالارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەرنى ھەق دىننىڭ روھىدىن ئازدۇرغان. ئەمما فۇقەھالار (ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى)نى ۋە مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس ئالىملار)نى ئويدۇرغان دىننىڭ مەنسۇپلىرى دېيىش چېكىدىن ئاشقان تەلۋىلىك ۋە چوڭ بوھتاندۇر. ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ فىقھىغا كۆڭۇل بۆلىدىغان، مەزھەپنى ئېتىراپ قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئويدۇرۇلغان دىننىڭ مەنسۇپلىرى دېيىشى چوڭ ھەقسىزلىق ۋە يالغانچىلىقتۇر.
«ئويدۇرۇلغان دىن» دېگەن ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىشتا ئىسلام دۇنياسىدا يامراپ كەتكەن خۇراپاتلىقلارنى، سوپى-ئىشانلارنىڭ خۇراپاتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ساددا ئىنسانلارنى دىن نامىدىن ئالداشلىرىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، ئەقلى جايىدا بولغان ھېچقانداق مۇسۇلمان ئادەم يۇقىرىقى قىلىقلارنى دىن نامىدىن قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ قىلىقلارنى ۋە بۇ خۇراپاتلارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىسلام دىنىنىڭ مەنسۇپلىرى دېيىشكە ئەرزىمەيدۇ. ئەمما «ئويدۇرۇلغان دىن» دېگەن ئاتالغۇنى بازارغا سېلىۋاتقانلار سوپى-ئىشانلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، تارىختا ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىمالىرىنى، مەزھەپ پېشۋالىرىنى، ھەدىس ئۆلىمالىرىنى سۆكىدۇ ۋە ئۇلارنى ئويدۇرۇلغان دىننىڭ مەنسۇپلىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تارىختىن بېرى ئىسلامغا خىزمەت قىلىپ ئۆتكەن ئۆلىمالارنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەنىنى چۈشۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ئۆلىمالىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ئىخلاسىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلىمالارغا قارىتا ئىشەنچىسى، ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلىم مىراسلىرىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلالمىغان كىشىلەرگە قىزىقمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلىم خەزىنىسىدىن مەنپەئەت ئېلىشنى خالىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئومۇمىي مۇسۇلمان خەلق بىلەن ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر ھاڭ پەيدا بولىدۇ-دە، ئۆلىمالارنىڭ ئىلمى ئۇلار بىلەنلا كېتىپ قالىدۇ، خەلق مەنپەئەت ئالالمايدۇ.
شەكسىزكى، ئىسلام دىنىنى «ئاللاھتىن چۈشكەن دىن» ۋە «ئويدۇرۇلغان دىن» دەپ ئىككىگە ئايرىش، مۇسۇلمانلارنى «ئاللاھ چۈشۈرگەن دىننىڭ مەنسۇپلىرى» ۋە «ئويدۇرۇلغان دىننىڭ مەنسۇپلىرى» دەپ بۆلۈش ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكتۇر. چۈنكى ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇلارنىڭ ئىناقسىزلىقى سەۋەب بولماقتا.
جانابى ئاللاھ تەپرىقچىلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئازغۇنلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن ساقلىغاي...
مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان