غغەلبە ۋە ئۈستۈنلۈك چۈشەنچىسى (7)

غەلبە ۋە ئۈستۈنلۈك چۈشەنچىسى (7)

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

ئالدىنقى سانلاردا غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ تۈرلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق، ئاللاھ خالىسا، بۇ ساندا غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ شەرتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ شەرتلىرى

 غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈك مۇئمىنلەر شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ھامان ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ چىن ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. »[1]

 بۇ ئايەتلەر ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش، شېرىك ئېتىقاد ۋە شېرىك ئەمەللەرگە قارشى كۈرەش قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرىگە؛ ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئامىللىرىغا ئىشارەت قىلماقتا.

 ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «بوشىشىپ قالماڭلار، قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر. »[2]

 بۇ ئايەتلەرگە كۆرە، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ شەرتلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

 بىرىنچى: ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش

 ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ئىماننىڭ ئاساسلىرى، سۈپەتلىرى، شەرت ۋە تەلەپلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر. ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل-مالدىن (بىزنىڭ يولىمىزدا) سەرپ قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر. »[3]

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچە بولۇپ، ئەۋزىلى لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىش، تۆۋىنى يولدىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايا ئىماندىن بىر شاخچىدۇر. »[4]

 ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇلقەيس ۋەكىللىرىدىن: «ئىمان نېمە بىلەمسىلەر؟ » دەپ سورىغان. ئۇلار: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلىدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش؛ (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇش؛ زاكات بېرىش؛ رامىزان روزىسىنى تۇتۇش؛ ئولجا ئېلىنغان نەرسىنىڭ بەشتىن بىرىنى بېرىشتۇر»[5] دېگەن.

 سەيىد قۇتۇب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «كامىل ئىمان ئىنساننىڭ دىلىغا ئورۇنلاشقان ھامان ئىنساننى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ ۋە ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، كامىل ئىمان نېسىپ بولغان كىشى ھاۋايى-ھەۋەستىن پۈتۈنلەي قول يىغىپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تولۇق ئىتائەت قىلىدىغان بولىدۇ. »[6]

 «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ» دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق زات يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان كىشى بارچە مەبۇدلارنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت ئاللاھقىلا ئىمان ئېيتىپ، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. «كىمكى تاغۇت (يەنى ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇد)نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. »[7]

 تەۋھىد كەلىمىسى ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز-نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر. »[8]

 تەۋھىد كەلىمىسى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكۈملىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟ »[9]

 تەۋھىد كەلىمىسى ئىسلام دىنىدىن باشقا ھېچقانداق دىننى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. «كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭ دىنى) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. »[10]

 ئۆلىمالار تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئۆز ئىگىسىگە مەنپەئىتى بولۇشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يەتتە شەرت تېپىلىشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ:

 ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەرنى قارىسىغا يادلاش مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەزىلەر بۇ شەرتلەرنى سۇدەك يادلىغان بىلەن، ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ شەرتلەرنى يادسىغا ئوقۇپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلىدۇ.[11] ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «لائىلاھە ئىللەللاھ» جەننەتنىڭ ئاچقۇچى ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىغان كىشىگە مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئەلۋەتتە شۇنداق، لېكىن ھەرقانداق بىر ئاچقۇچنىڭ چىشلىرى بولىدۇ، ئەگەر چىىشلىرى تولۇق ئاچقۇچنى ئېلىپ كەلسىڭىز ئىشىك ئېچىلىدۇ، بولمىسا ئېچىلمايدۇ.»[12]

 بۇ ئاچقۇچنىڭ چىشلىرى بولسا «لائىلاھە ئىللەللاھ»نىڭ تۆۋەندىكى شەرتلىرىدۇر:

 بىرىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ۋە مەزمۇنلىرىنى مۇكەممەل بىلىش. «بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر»[13]

ئىككىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىگە ۋە مەزمۇنلىرىغا شەكسىز ئىشىنىش. «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقي) مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر»[14]

 ئۈچىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ۋە مەزمۇنلىرىنى تىلى ۋە دىلى بىلەن قوبۇل قىلىش. ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكىلەردىن بۇ كەلىمىنى قوبۇل قىلغانلانى قۇتقۇزۇپ، ئىنكار قىلغانلارنى قاتتىق جازالىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «(ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) ئاتا-بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا-بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟ دېدى. ئۇلار: سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىزدېيىشتى. بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن»[15]

تۆتىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىگە ۋە مەزمۇنلىرىغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىش. «پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار. »[16]

 بەشىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتقاندا چىن دىلىدىن تەستىق قىلىپ تۇرۇپ ئېيتىش. «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. »[17]

 ئالتىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتقاندا دىلىنى رىيا ۋە شېرىك ئەقىدىلەردىن ساپلاشتۇرۇش. «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. »[18]

 فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەل خالىس بولۇپ، توغرا بولمىسا ياكى توغرا بولۇپ، خالىس بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ، قوبۇل بولۇش ئۈچۈن ئەمەل خالىس ۋە توغرا بولۇش كېرەك. ئەمەلنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغىنى خالىس بولغىنىدۇر، سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغىنى توغرا بولغىنىدۇر. »[19]

 يەتتىنچى شەرت: تەۋھىد كەلىمىسىنى، بۇ كەلىمە تەقەززا ۋە دالالەت قىلغان مەنە ۋە مەزمۇنلارنى، بۇ كەلىمىنىڭ شەرتلىرىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇش. «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر. »[20]

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئۈچ خىسلەت بار، بۇ ئۈچ خىسلەت كىمدە بولسا، شۇ كىشى ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تاپىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەممە نەرسىدىن سۆيۈملۈك بولۇش؛ بىر ئىنساننى ياخشى كۆرسە، ئۇنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ياخشى كۆرۈش؛ ئاللاھ كۇفرىدىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۈش. »[21]

 شەيخ ھافىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە خىلاپ بولغان تەقدىردىمۇ، رەببىنىڭ ياخشى كۆرگىنىنى ياخشى كۆرۈش؛ ھاۋايى-ھەۋىسى مايىل بولغان تەقدىردىمۇ رەببىنىڭ يامان كۆرگىنىنى يامان كۆرۈش؛ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دوست تۇتقاننى دوست تۇتۇش؛ ئۇ ئىككىسىنى يامان كۆرگەننى يامان كۆرۈش؛ ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىش؛ ئۇنىڭ ئىزىدا مېڭىش؛ ئۇنىڭ يولىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار بەندىنىڭ رەببىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. »[22]

 ئىمان بولمىغان كىشى بوران ئېغىزىدىكى پەيگە ئوخشاش تۇراقسىز بولىدۇ، دۇنيادا چاھارپايلاردەك ياشەيدۇ. دىن ۋە ئىماندىن مەھرۇم جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە پاراۋانلىقتا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ، زۇلمەتلىك جەمئىيەت بولۇپ، ئۇنداق جەمئىيەتتە نوپۇز ياخشىلارغا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈكلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت ئەھلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قورساقلىرىنى تويغۇزۇش ۋە جىنسىي ھېسسىياتلىرىنى قاندۇرۇشتىن باشقا غېمى بولمايدۇ. «كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ-ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. »[23]

 كامىل ئىمان ئىنسانغا ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈش تەبىئىتىنى ئاتا قىلىدۇ، مۇئمىننىڭ ئىمانى كۈچەيگەنسېرى ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈش تەبىئىتى كۈچىيىدۇ. ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈش جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشنىڭ، جەمئىيەتنى ياخشى كونترول قىلىشنىڭ ۋە ھەق-ھوقۇقلارغا رىئايە قىلىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوست بولمىغىچە مۇئمىن بولالمايسىلەر. سىلەرنى ئۆزئارا دوست بولۇشۇڭلارغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشقا باشلاپ قويايمۇ؟ ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار. »[24]

 ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈش ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرگەننى يامان كۆرۈش بىلەن بولىدۇ.[25]

 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان ۋە توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلغان كىشى ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل كىشى ھېسابلىنىدۇ. [26]

 ئاللاھ تائالا دىن ۋە ئىمان رىشتىسىنى قان، رەڭ، تىل رىشتىلىرىدىن ئۈستۈن قىلدى، ئىنسانلارنىڭ پەرق ئۆلچىمىنىڭ نەسەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق ۋە ياخشى ئىش بىلەن ئۆلچىلىنىشتىن ئىبارەت ئادىل ئۆلچەمنى تۇرغۇزۇپ بەردى. «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. »[27]

 كامىل ئىمان ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان قېرىنداشلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ. »[28]

 تەۋھىد كەلىمىسىنى، ئىماننى توغرا چۈشنىش ئىنساننىڭ غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.

 ئىمان ئىنسانغا قەدرى-قىممەت، ھىممەت، ھەرىكەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، ئىنساننى ئىززەت ۋە ئۈستۈنلۈك يوللىرىغا باشلايدۇ. [29]

 ئىككىنچى: توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش

 توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى ئىزدىگەن ھەرقانداق بىر جامائەتتىن ئاۋۋال ئىبادەت ئۇقۇمىنى توغرا چۈشىنىشى ئاندىن ئۇنى مىللەتنىڭ جان تومۇرلىرىغىچە سىڭدۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

 ئىبادەت دېگەن سۆز لۇغەتتە بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە، شەرىئەتتە ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [30]

 دوكتۇر يۇسۇف قەرداۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، مۇئمىن-مۇسۇلماننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ئىش-پائالىيەتلىرىنى، تىلىنىڭ ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. »[31]

 ئىبادەت ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىماننى نامايان قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھېسابسىز نېمەتلەرگە شۈكۈر ئادا قىلىش يۈزىسىدىن ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان ھالدا ئورۇندايدىغان بەندىچىلىك بۇرچىدۇر.

 پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ۋە بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرگەن مۇئمىن-مۇسۇلماننىڭ كېچە-كۈندۈزى، ھەرىكەت ۋە سۇكۇناتلىرى، شۇنداقلا ھاياتىنىڭ بارلىق دەقىقىلىرى ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن مانا مۇشۇ ئىبادەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

 ئىسلامدا ئىبادەتنىڭ كۆپ قىلىنىشىغا ئەمەس، بەلكى ئىبادەتنىڭ تەلەپكە لايىق مۇكەممەل قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. [32]

 ئىلگىرىكىلەر ئىبادەت ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئىبادەت دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق دەپ ئىبادەتنى كەڭ ۋە ئومۇمىي مەنىدە چۈشەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ چۈشەنچە بىلەن يېرىم ئەسىرگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن زېمىنلارنى پەتىھ قىلىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى ئۇلار پەتىھ قىلغان زېمىنلارلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ھىدايەت تېپىپ، توپ-توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ دىللىرىنى قازانغانلىقىدۇر. ئەپسۇسكى، كېيىنكىلەر ئىبادەتنى تار ۋە چولتا مەنىدە چۈشىنىۋېلىپ ھازىرقى ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى، رەھبەرلىك ئورنىنى يوقىتىپ، قۇللۇققا، خار-زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولدى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆپۈككە ئايلىنىپ، بۆرىلەر ئولجىسىنى چىشلىگەندەك، ئۇلارنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن چىشلەيدىغان ئولجىسى بولۇپ قالدى. [33]

 ئىبادەتنى ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرگىلا قىسقارتىپ چۈشىنىۋالغاندا ئۇنىڭ تولۇق مەنىسى ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلار مەزكۇر ئىبادەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى «رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.»[34] دېگەن ئايەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىڭلار دېگەنلىك بولۇپ، ھاياتىڭلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى ۋە تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشاڭلار دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر ئىسلامدىكى ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر، خالاس[35].

 مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈك ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ھەقلىق بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھاياتىنىڭ پۈتۈن دەقىقىلىرىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشى لازىم.

 مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىپ، دۈشمەنلىرى ئالدىدا مەغلۇب بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىبادەت ئۇقۇمىنى توغرا ۋە ئومۇمىي مەنىدە چۈشىنىپ ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىر شەرتنى يوقاتقانلىقىدۇر.

 ئىسلامدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز ئەھمىيەت ۋە غايە-مەقسەتلىرى بار بولۇپ، ئۆلىمالار ئىبادەتنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئالى دەرىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئىزدەپ داۋاملىق ئاللاھقا يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى، ئىبادەتنىڭ يەنە نەپسىنى ئىسلاھ قىلىش، پەزىلەتنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق قۇشۇمچە مەقسەتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. بىز ئىبادەتنىڭ ئەھمىيەت ۋە غايە-مەقسەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، ئىبادەتنىڭ ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشنى يېتىلدۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تونۇپ يېتىمىز.

 ئىنسانلارنىڭ توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»دە ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ بېرىش، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. شۇنىڭدەك، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرى ۋە بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى بايان قىلىندى، ئۇلار شېرىك ئېتىقاد ۋە شېرىك ئەمەللەردىن، ئىبادەت ئۇقۇمىنى توغرا چۈشىنىشتىن چەتنەپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئىبادەت ئۇقۇمىنى توغرا چۈشۈنۈشكە يۈزلەندۈرۈلدى. ئىبادەتنىڭ شەخس ۋە كوللېكتىپنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلدى.

 ئىنسان ئىبادەت ئوقۇمىنى توغرا چۈشەنمىگەندە، ئاللاھقا خالىس، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشتىن چەتنەپ كېتىپ، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ، تۈرلۈك خۇراپاتلارنىڭ ۋە تاغۇت-زالىملارنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ قېلىپ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش نېمىتىدىن ئەبەدىي مەھرۇم قالىدۇ.

 ئۈچىنچى: شېرىككە قارشى كۈرەش قىلىش

 شېرىكنىڭ بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەرقانداق بىر جامائەتنىڭ شېرىكنىڭ ھەقىقىتىنى، تۈرلىرىنى، خەتىرىنى، باتىللىقىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىنى تولۇق بىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى بۇلارنى بىلىشنىڭ شېرىككە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەۋھىدنىڭ ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت نۇرغۇن پايدىلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار ئۇلارنى خەلققە تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.

 ئۇنداقتا شېرىك دېگەن نېمە؟ ئۆلىمالار ئاللاھقا ئىبادەت قىلغاندەك مەخلۇققا ئىبادەت قىلىش ياكى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك مەخلۇقنى ئۇلۇغلاش ۋە ياكى ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىنى مەخلۇققا بېرىش شېرىكتۇر دېگەن. ئۇلار شېرىكنى كىچىك شېرىك، چوڭ شېرىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان.

 «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپلەردە شېرىكنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا مۇپتىلا بولغۇچى ھەقىقىي تۆۋبە قىلمىغۇچە گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمايدىغانلىقى، مۇشرىكنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىنسان بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ. »[36]

 شۇنىڭدەك، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن. »[37]

 ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «كىمىكى ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك قىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، دوزاخقا كىرىدۇ. »[38]

 ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىلارنى قاقشىتىش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئاندىن تىك ئولتۇرۇپ بۇ سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى، ھەتتاكى بىز كاشكى توختىغان بولسىكەن دېيىشىپ كەتتۇق. [39]

 ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكنىڭ گۇناھى تەۋبىسىز مەغپىرەت قىلىنمايدىغان گۇناھتۇر، ئەمما شېرىكتىن باشقا گۇناھلار ئىگىسى تۆۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداق كىشى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولۇپ، ئاللاھ خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ.

 شېرىكنى ھەرقانداق ساغلام تەبىئەت رەت قىلىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئىنسانىيەت ئۇزۇن ئەسىرلەر تەۋھىد ۋە ھىدايەت ئۈستىدە ياشىغان بولۇپ، كېيىن شەيتانلار ئۇلارغا تۈرلۈك يامانلىقلارنى ئۆگەتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، ئارىسىدىكى سالىھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە قاتتىق قايغۇرۇۋاتقاندا ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكەن سالىھ كىشىلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش، چوڭ يامانلىقنىڭ ئىشىكى بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەقسەتتە ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياسىغانلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىلىمسىز نادانلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆلۈپ كەتكەن سالىھ كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىگە چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇ شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن. »[40]

 ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى تەۋھىد دىنى بىلەن ياراتقان، لېكىن شەيتانلار ئۇلارنى ئازدۇرۇپ شېرىك پاتقىقىغا سۆرەپ كىرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. »[41]

 شېرىك ئىنساننى دۇنيادا خار-زەبۇنلۇققا، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ، ھەقىقىي ئىمان مۇئمىنلەردىن داۋاملىق شېرىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 مۇئمىنلەر غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان ھامان ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەڭ ۋاپا قىلغۇچى زاتتۇر. [42]

 شېرىكنىڭ ئىنساننىڭ پىترەت نۇرىنى ئۆچۈرۈش، نەپسىنى پەسلەشتۈرۈش، ئىززەت-شەرىپىنى چۈشۈرۈش، بىرلىكىنى پارچىلاش، ئەمىلىنى بىكار قىلىۋېتىش قاتارلىق نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلىرى بار بولۇپ، مانا بۇ سەلبىي تەسىرلەر شەخس ۋە جەمئىيەتنى غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

 تۆتىنچى: تەقۋادار بولۇش

 تەقۋادارلىق غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. تەقۋادارلىقنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك كاتتا مېۋىلىرى بار بولۇپ، بۇ مېۋىلەر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ھەرقانداق شەخس ۋە جامائەتتە نامايان بولىدۇ. تەقۋادارلىق بەندىنى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان؛ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشنى تەرك ئېتىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. تەقۋادارلىق بەندىنى پاراۋانلىققا، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان-زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق.»[43]

 «قۇرئان كەرىم»دە تەقۋادارلىقنىڭ ئىنساننى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشىغا، رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىغا، پايدىلىق مول ئىلىملەرگە، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان دىت ۋە زېرەكلىككە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خۇش خەۋەرلىرىگە، ئاللاھ تائالانىڭ دوست تۇتۇشىغا، قىيىن ئىشلىرىنىڭ ئاسانلىشىشىغا، ئاللاھنىڭ قوللىشىغا ۋە ياردەمىگە، ئاسمان-زېمىنلارنىڭ بەرىكەتلىرىگە، دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مىكرىلىرىدىن ساقلىنىشىغا، پەرزەنتلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا، ياخشى ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىغا، دۇنيا-ئاخىرەت ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا، گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا ۋە كاتتا ساۋابقا، جەننەت ۋارىسلىرىدىن بولۇشىغا، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئىززەت-ئىكرام بىلەن بېرىشىغا، جەننەتنىڭ بۇلاقلىرىدىن بەھرىمان بولۇشىغا ۋە جەننەتتە مەڭگۈ ياشىشىغا نائىل قىلىشتىن ئىبارەت دۇنيا-ئاخىرەتلىك مېۋىلىرى بايان قىلىنىدۇ.

 شۇنىڭدەك يەنە تەقۋادارلارنىڭ ئىمانىدا راستچىل بولۇش، دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىغان بولۇش، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىك تۈپەيلىدىن ئادالەتتىن چەتنەپ كەتمەستىن ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىش، راستچىللارنىڭ سېپىدا تۇرىدىغان بولۇش، ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىدىغان بولۇش، ئاچچىقىنى يۇتىدىغان ۋە كەچۈرۈم قىلىدىغان بولۇش؛ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىغاندا دەرھال ئاللاھنى ئېسىگە ئېلىپ ۋەسۋەسىلەردىن يىراق بولۇش قاتارلىق بەزى سۈپەتلىرىمۇ بايان قىلىنىدۇ.

 مانا بۇ سۈپەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ يۇقىرىدىكى شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلار ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ۋەدە قىلغان غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە لايىق بولغۇچىلاردۇر.

-داۋامى كېيىنكى ساندا...  

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان


[1] سۈرە نۇر، 55-، 56-ئايەتلەر.

[2] سۈرە ئال ئىمران، 139-ئايەت.

[3] سۈرە ئەنفال 2-، 3-، 4-ئايەتلەر.

[4] رواه مسلم، كتاب الإيمان، باب: بيان عدد شعب الإيمان (1/63) رقم 57.

[5] رواه البخاري، كتاب الإيمان، باب: أداء الخمس من الإيمان (1/23) رقم 53.

[6] في ظلال القرآن (4/2528).

[7] سۈرە بەقەرە، 256-ئايەت.

[8] سۈرە ئەئراف، 3-ئايەت.

[9] سۈرە مائىدە 50-ئايەت.

[10] سۈرە ئال ئىمران، 85-ئايەت.

[11] معارج القبول للشيخ الحافظ الحكمي (1/418).

[12] رواه البخاري، كتاب الجنائز، باب: من كان آخر كلامه: لا إله إلا الله (2/87).

[13] سۈرە مۇھەممەد، 19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[14] سۈرە ھۇجرات 15-ئايەت.

[15] سۈرە زۇخرۇف، 23-، 24-، 25- ئايەتلەر.

[16] سۈرە زۇمەر، 54-ئايەت.

[17] سۈرە بەقەرە، 8-،9-،10-ئايەتلەر.

[18] سۈرە بەييىنە، 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[19] مجموع الفتاوى (3/124).

[20] سۈرە بەقەرە 165-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[21] صحيح البخاري، كتاب الإيمان، باب: حلاوة الإيمان (1/11) رقم 16.

[22] كتاب الإيمان وأثره في الحياة، د. القرضاوي، ص5-12.

[23] سۈرە مۇھەممەد، 12-ئايەت.

[24] رواه مسلم، كتاب الإيمان، بيان لا يدخل الجنة إلا المؤمنون (1/74) رقم 93.

[25] مجموعة التوحيد، ص 422-423.

[26] مجموعة التوحيد، ص 422، 423.

[27] سۈرە ھۇجرات، 13-ئايەت.

[28] سۈرە ئال ئىمران، 103-ئايەت.

[29] في ظلال الإيمان، ص 63.

[30] شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «ئەل ئۇبۇدىيە» ناملىق ئەسىرى 1-بەت.

[31] دوكتۇر يۇسۇف ئەل قەرداۋىينىڭ العبادة في الإسلام ناملىق ئەسىرىدىن.

[32] ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى» دېگەن ماقالىسىدىن.

[33] مفاهيم ينبغي أن تصحح: لمحمد قطب، ص 173.

[34] سۈرە بەقەرە 23_ ئايەت.

[35] ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى» دېگەن ماقالىسىدىن.

[36] سۈرە نىسا، 48-ئايەت.

[37] سۈرە زۇمەر 65-ئايەت.

[38] مسلم، كتاب الإيمان، باب: من مات لا يشرك بالله شيئًا (1/94) رقم 92.

[39] مسلم، كتاب الإيمان، باب: بيان الكبائر (1/91) رقم 143.

[40] سۈرە ئەئراف 59-ئايەت.

[41] سۈرە رۇم 30-ئايەت.

[42] في ظلال القرآن (4/2530).

[43] سۈرە ئەئراف 96-ئايەت.