ققاقشىما (غەزەل)

قاقشىما (غەزەل)

مۇھەممەدئىمىن ئابدۇرېشىت

ئاقنى قارا بوپ كەتتى دەپ، بۇ زاماندىن قاقشىما،

بىرنى بىر دېگىن ھاياتتا، باش كەتسە مەيلى قاقشىما.

مەيدانى مۇجمەل، تېگى پەسلەر چىقسا گەر ئەل بېشىغا،

سەن خەلقىڭگە بولغىن چاكار، قويغىن ئۇلاردىن قاقشىما.

تەزىم قىلىپ يالاقچىلار، بىر مەھەل گەر تاپسا بازار،

تىك تۇر ئۆزۈڭ قارىغاي كەبىي، تەخسىكەشتىن قاقشىما،

ۋەتەن نېمە، مىللەت نېمە، بىلمىگەنلەر زەيپانىدۇر،

بىلمەك ئۈچۈن تىرىش، ئوقۇ، بىلمىگەندىن قاقشىما.

ۋەتىنىڭ چەيلەنسە ئەگەر ئالۋاستىلەر تاپىنىدا،

ياۋغا قارشى جەڭگە چۈشكىن، ۋەتەن-ئېلىڭدىن قاقشىما.

تەپرىق ۋە جەھلى-جاھالەت زەبۇنلۇققا بائىس ئىرۇر،

جان پىدا قىلغىن ئىلىمغا، جاھىللاردىن قاقشىما.

دوستلىرىڭ پۇت تېپىشىپ، بىر-بىرىگە ئاتسا پىچاق،

قالقان بولغىن شۇ پىچاققا، دوستلىرىڭدىن قاقشىما،

دىنىڭنى ھەم ئۇممەتنى سۆي ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆي،

دىن ھەم ۋەتەننى سۆيمىگەن ماڭقۇرتلاردىن قاقشىما،

مەككىدە پاسىقمۇ بار، پارژدا باردۇر تەقۋادار،

قوپالمىساڭ بامداتقا گەر، يۇرت-ماكاندىن قاقشىما،

بارمىقىڭغا بىر قاراپ، خالقنى گەر تونالمىساڭ،

قوي سوئال ئەقلىڭگە، زىنھار ئۇستازىڭدىن قاقشىما.

ئەۋلاد ئۈچۈن ئىمان كېرەك، ھەم ھايا ۋىجدان كېرەك،

ئۆز-ئۆزۈڭگە قويغىن سوئال پەرزەنتىڭدىن قاقشىما.

تىرىغاننى يىغار ھەر كىم، بۇ جاھان ئۆتنە جاھان.

قىلغىنىڭ يانسا ئۆزۈڭگە ھېچبىر كىشىدىن قاقشىما.

كېتەر بولساڭ بۇ دۇنيادىن ھەقىقىي ئەركەك كەبىي،

يەڭنى تۈر، جەڭگاھقا چۈش، ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن قاقشىما.

بېلى بوشلار پەگادىدۇر، چىمپىيۇنلارغا مىدال،

چۈشمەي تۇرۇپ مەيدانغا سەن، «تەقدىر»ىڭدىن قاقشىما.

تەۋسىيەدۇر پىقىردىن بۇ، ياز ئۇنى قەلبىڭگە سەن،

سەل قاراپ ئۆتسەڭ بۈگۈن، تاڭلا ئۆزۈڭدىن قاقشىما.

مەرىپەت ژورنىلى 2015- يىلى 4-سان