ممۇھەممەد نۇر قارىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇھەممەد نۇر قارىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئابدۇلئەھەد ئۇجات

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارى تالاي قارىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان مەشھۇر قارىلاردىن شەمسىدىن قارىھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1947-يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار يېزىسى چالۋاش كەنتىدە تۇغۇلغان. 1949_يىلى چوڭ دادىسى مەقسۇت قارىھاجىم، ئانىسى خەيرۇننىساخان ھاجىم ۋە تاغىسى نۇرئەھمەد ھاجىملار بىلەن ھەجگە كېلىپ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان. ئاتىسى شەمسىدىن قارىھاجىم ۋەتەندە قالغانلىقى ئۈچۈن، مېھرىبان ئانىسى، چوڭ دادىسى ۋە تاغىسى نۇرئەھمەد ھاجىمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان.

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىمنىڭ مەككە مۇكەررەمە مەسجىدى ھەرەم ئەتىراپىدىكى مەساپىي، مىسفەلە، ئەلمىسيال، ئەششۈبەيكە ۋە ھىجلە قاتارلىق مەھەللىلەردە ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا قەلبى كەبە ۋە مەسجىدى ھەرەمگە، ھەرەمدىكى مۆتىۋەر ئۇستازلارغا باغلانغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر ئۇستازلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغان. ئۇستاز دەسلەپكى دىنىي ساۋاتلارنى مەسجىدى ھەرەمدىكى ئۇستازلاردىن ئەللامە ئاشۇر ۋە مەككىدىكى داڭلىق قارىلاردىن ئابدۇرەئۇپ مەرئى ۋە تائىفتىكى ئۇستازلاردىن ئابدۇلۋاھھاپ داموللا قاتارلىقلاردىن ئالغان.

ئۇستاز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى مەككە مۇكەررەمەدىكى «ئەلفەلاھ مەكتىپى»دە ئوقۇغان. ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقاندا ھەركۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆگەي دادىسىنىڭ ناۋايخانىسىدا، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاغىسىنىڭ سائەت دۇكىنىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان بولسىمۇ، مەسجىدى ھەرەم ۋە ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى باشقا دىنىي ئالىملاردا شەرئىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىمۇ قەتئىي بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجىدە پۈتتۈرۈپ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ھىجرىيە 1395-يىلى ئەرەب تىللىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.

خىزمەت ھاياتى:

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىم ھىجرىيە 1395-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مۇددەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن مەككە مۇكەررەمە ئۇممۇلقۇرا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ئەلھىجرە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئەرەب تىلى ئۇستازى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ھىجرىيە 1417-يىلىدىن ئېتىبارەن سەئۇدىي ئەرەبىستان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىۋاستە قارارى بىلەن مەككە مۇكەررەمە مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىسى، ئاندىن ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش نازىرى، تەبىئىي پەنلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

ھىجرىيە 1430-يىلىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر مەككە مۇكەررەمەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئىشراقەتۇلفۇرقان» ناملىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەرىرى بولغان.

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىم ئۆزىنىڭ خۇشچىراي، دوستانە، ئەپۇچان، مۇلايىم، ۋاپادار، كەمتەر، ياردەم سۆيەر، سېخىي، جەسۇرلۇقى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ يۈكسەك گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئالىي ھىممىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى، دوست-يارانلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە تونۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان.

 ئۇ ئۆز خىزمىتىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ، ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە تولۇق ئادا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، بولۇپمۇ مەككە مۇكەررەمەدە مائارىپ ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا مائارىپ ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى بىلەن پۇرقان مەكتەپلىرىنىڭ[1]

ئەدەبىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۇستاز ھەققىدە باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرى:

 ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىم خىزمىتىدىن دەم ئېلىشقا چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەككە مۇكەررەمە مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇستازنىڭ شەرىپىگە مەخسۇس پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتتە بىر قانچە شەخسلەر سۆز قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قانچە كىشى ئۇستاز ھەققىدە ئالاھىدە يازما ھازىرلىغان ۋە بۇ يازمىلار ئۇستازنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان كىتابچە سۈپىتىدە بېسىپ تارقىتىلغان. مەسىلەن: مەككە مۇكەررەمە مائارىپ ئىدارىسى ئەرەب تىلى دەرسلىكلىرىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد سالىھ پىندىقچى، ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىمنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇستاز مۇھەممەد نۇر بىلەن تۇنجى تونۇشقان كۈندىن بىرى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە مۇھەببىتىمنى ئاشۇرغان تەرەپلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەردە تېپىلمايدىغان، غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان مۇلايىملىق ۋە باشقىلار بىلەن چىقىشىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقى ئىدى. مەن ئۇستازدىكى بۇ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئۇزۇن يىلدىن بىرى داۋاملىق ئۇچرىتىپ كەلدىم. ئۇستازدا كەمتەرلىك، مۇلايىملىق، دوستانىلىق، خۇشچىرايلىق، سەۋرچانلىق، سەمىمىيلىك، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ياردەم سۆيەرلىك قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇ، بۇ گۈزەل ئەخلاقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ قەلبىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ۋە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇستاز ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆيۈنۈش، ئۇلارغا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىش، دەردلىرىگە قۇلاق سېلىش، كۆپلەپ بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ۋە قولىدىن كېلىشىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداش، ھەممىدىن مۇھىمى خىزمىتىنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمەت ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

دوكتۇر ئابدۇلئەزىز ئەھمەد سەرھان مۇنداق دەيدۇ: قۇياش غەربكە قىيسايغاندا، ئاي نۇر چېچىشقا باشلايدۇ. كىشىلەر ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا، مىليونلارچە يۇلتۇزلار نۇر چېچىشقا باشلايدۇ، لېكىن ئۇستاز مۇھەممەد نۇر بەلگىلەنگەن ياش چەكلىمىسى بويىچە دەم ئېلىشقا چىقىدىغان بولسا، مەككە مۇكەررەمە مائارىپ ئىدارىسى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلەردە ئۇچرىغان زىيانلىرى سەۋەبىدىن ياش تۆكۈشكە باشلايدۇ. بۇ ساھەدە ئۇستاز مۇھەممەد نۇرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇستاز مۇھەممەد نۇر مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن تونۇشماستىن، بەلكى پائالىيەتلەر ئۇستاز بىلەن تونۇشقان، دېگەن.

ۋاپاتى: ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىم 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ماشىنا ۋەقەسىدە 67 يېشىدا ۋاپات قىلغان.

ئۇستازنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان يەرلىك گېزىتلەردىن ئەلبىلاد، مەدىنە، ئەلۋەتەن گېزىتى، مەككىلىكلەر مۇنبىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلاردا ئۇستاز ھەققىدە مەرسىيە ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.

مەسىلەن: ئەلۋەتەن گېزىتىنىڭ 2015-10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدا، ئۇستاز ئابدۇللاھ پەدئەق تەرىپىدىن ئۇستاز ھەققىدە «ھەقىقىي ئەرلەر بەكمۇ ئاز» دېگەن تېمىدا مەرسىيە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەرسىيەنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك: «ئۇستاز مۇھەممەد نۇر يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى ۋە پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بۇ ئەخلاقنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تۇغما ئاتا قىلىنغان ھەدىيە بولسا، يەنە بىر قىسمى ئالىم-ئۆلىمالار ۋە سالىھ كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۆزىدە يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاقتۇر. مەن مەرھۇم ئۇستاز بىلەن تونۇشقان 30 يىلنىڭ مابەينىدە گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە ياخشىلىقتىن باشقىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ئۇستاز مۇھەممەد نۇرنى تونۇغان ھەرقانداق كىشى ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشنى ۋە ئۇنىڭدا تېپىلغان ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ناھايىتى جەسۇر، بەكمۇ سېخى، ئىشىكى ھەممە كىشىگە ئۇچۇق، مېھرىبان ۋە مۇلايىم، ئىلىم ئاشىقى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئىنتايىن ئاكتىپ، ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ئۈلگىلىك ئۇستاز، ھەقىقىي مۇرەببىي، ياخشى كۆرەتتى، باشقىلارمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.

دوست-بۇرادەرلىرى ۋە يېقىنلىرىنى داۋاملىق ئىزدەپ-سوراپ تۇراتتى. ئۆزىنى ئىزدىمىگەنلەرنى «ئۇلار مېنى ئىزدىمىدىغۇ» دەپ ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمەيتتى. ناھايىتى پەزىلەتلىك، ئالىي ھىممەتلىك، تىلى ۋە دىلى گۈزەل، شەرم-ھايالىق بىر كىشى ئىدى».

ئەلمەدىنە گېزىتىنىڭ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا ئابدۇرەھمان سەئدۇلئۇرابى تەرىپىدىن «ياخشى ئادەم» دېگەن تېمىدا، مەككىلىكلەر مۇنبىرىدە بولسا «مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە قانچە مۇھەممەد نۇرى بار؟» دېگەن تېمىدا مەرسىيەلەر يېزىلغاندىن باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئالاھىدە يەر بېرىلگەن. ئاللاھ تائالا ئۇستازنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن. (ئامىن)

مەرىپەت ژورنىلى 2015- يىلى 4-سان 


([1]) شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، ئەمما ھۆكۈمەت ئىتىراپ قىلىدىغان دىپلۇم بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىلىم پەن ۋە دىن بىر گەۋدە قىلىنغان مەكتەپ.