ددۆلەت ۋە ئىستىخبارات

دۆلەت ۋە ئىستىخبارات

تۈرۈكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : مۇھەممەد بۇغرا

قىسقىچە مەزمۇنى: سىياسەتچىلەر ۋە ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ دەلىللىك ۋە تەھلىللىك چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا يېتەرلىك بىلىم ۋە ئىستىخبارات مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىستىخباراتقا كۆڭۈل بۆلمىگەن دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى خۇددى كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ مارافونچە يۈگۈرۈشكە سالغاندەكلا ئىش. ئىسستىخبارات مىللى بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئاساسى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھەرىكەت قوزغاش ۋە ئۇرۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىلا ئەمەس، ھەتتا نەتىجىسىنىمۇ بەلگىلەيدىغان ئىستىخبارات پەقەت بىر ئىجتىمائىي پەن تۈرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ بىر سەنئەت.

 ئىستىخبارات تۈركىي قەۋملەردە خاتا چۈشىنىلگەن، خاتا تونۇلغان، قورقۇنچلۇق ھېس قىلىنغان، تېخى بەزىدە سەلبىي مەنىدە قوللىنىلغان، خەتەرلىك دەپ قارالغان بىر پائالىيەتتۇر. بۇ قارىماققا زىت كۆرىنىدۇ. چۈنكى تۈركلەر «غەيۋەت»كە ئوخشاش بىر خىل ئىستىخباراتنىڭ بىرخىل شەكلىنى كۈنلۈك ھاياتىنىڭ ھەر قىسمىغا سىڭدۈرگەن ۋە غەيۋەتنى ياقتۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن ئىستىخباراتتىن قورقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۈندىلىك ھاياتتا غەيۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈش قارىماققا زىتتەك بىلىنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا ھېچقانداق زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس.

غەيۋەت ناچار ئىش بولغاچقا، ئىستىخباراتنىڭ غەيۋەت بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىلىشى نەتىجىسىدە ئىستىخباراتقا سەلبىي مەنە بېرىدۇ. ئىستىخبارات ۋە ئىستىخباراتچىنى يامانغا چىقىرىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىستىخباراتنى ئۈنۈمسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر.

«ئىستىخبارات» ئەرەبچىدىكى «ئىستىخبار»، «خەۋەر»، «ئۇچۇر ئېلىش» دېگەن سۆزلەردىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يولدىشىنىڭ ئۆزىنى ئالدىغان ئالدىمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئايالنىڭ قىلغانلىرى بىلەن ئىستىخباراتچىنىڭ قىلغانلىرى ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق. ئىنگلىزچىدىكى "intelligence" سۆزى «ئىستىخبارات» مەنىسىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ يەنە «ئەقىل، زېھىن، ئۇچۇر» دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بار. يەنى، بۇ سۆزدە تەكىتلىنىدىغىنى خەۋەرلەرنىڭ توپلىنىشىلا ئەمەس، بەلكى توپلانغان خەۋەرلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئانالىز قىلىنىپ، قىممىتىنىڭ بېكىتىلىشىدۇر.

بۇ ئىككىسىنى ئادەتتىكى ئېتمولوگىيىلىك پەرق دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نوقتىدا تەكىتلەشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلاردىن بىرى ئىستىخباراتتىكى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئادەتتىكى تەتقىقاتچى ۋە كەشپىياتچى روھى ئارىسىدا مۇھىم باغلىنىشنىڭ بولىدىغانلىقىدۇر. دۇنيانى ھەرخىل ئىلمىي ياكى قىزىقىش مەقسىتىدە تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر بىلەن تىزىمسىز كىشىلەر ئارىسىدا ئىستىخباراتتىكى مۇۋەپپەقىيەت نوقتىسى جەھەتتىن مۇھىم پەرق بار.

جەنۇبى قوتۇپنى تۇنجى بايقىغان كەشپىياتچى بولۇش، تۇنجى قېتىم DNA نى تاپقان ئالىم بولۇش، يوقىلىپ كەتكەن مەدەنىيەتنى قىزىپ چىققان ئارخېئولوگ بولۇش بىلەن ئىستىخباراتنى ھاياتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى دەپ قاراش ئوتتۇرىسىدا ئىچكى باغلىنىش مەۋجۇت. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۈرك خەلقىنىڭ كەشپىياتچىلىققا، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىلىمگە بولغان قىزىقىشى تەخمىنەن 400 يىللار بۇرۇن سۇسلىشىشقا باشلىغان. بۇ سۇسلىشىش شەرقشۇناسلىق ئىدىيىسى بويىچە يېزىلغان ۋە تۈركلەرگە قارشى يوشۇرۇن نەپرەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن زامانىۋى تەتقىقات ئۇسۇللىرى چۈشەندۈرۈلگەن كىتابلاردىمۇ مازاق قىلىش تېمىسىغا ئايلانغان.

گاف (Graff) ۋە بارزۇن (Barzun) "زامانىۋى تەتقىقاتچى ((Modern Araştırmacı" ناملىق كىتابلىرىدا تەتقىقات روھىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىنگلىز ئارخېئولوگ لايارد (Layard) ئېلان قىلغان، بىر تۈرك خىزمەتچىنىڭ بىر ئىنگلىزنىڭ سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتۇپنى نەقىل قىلىدۇ: «داڭلىق دوستۇم، جان-جىگىرىم، مەندىن سورىغىنىڭ ھەم تەس ھەم پايدىسىز. بارلىق ۋاقتىمنى بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، نە ئۆيلەرنى ساناپ باقتىم، نە پۇقرالارنىڭ سانى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. خەقنىڭ ئېغىر يۈكلىرى، نېمىدىن مەھرۇم قالغانلىقى، كىمنىڭ نېمىنى يۇشۇرغانلىقى بىلەن پەقەت كارىم بولمىدى. شەھەرنىڭ تارىخىغا كەلسەك، ئىسلام قېلىچى بۇ يەرلەرگە كېلىشتىن بۇرۇن گاۋۇرلارنىڭ قانداق رىيازەتلەرنى چەككەنلىكىنى، قانداق كۆز بويىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. بۇلارنى تەكشۈرۈشىڭىزنىڭ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، جانىم، ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارلاشماڭ. خۇش كەلدىڭىز، سالامەت كېتىڭ.» (1999: 3)

4000 يىلدىن بېرى تارىخ سەھنىسىدە مەۋجۇت بولغان ۋە بۇ جەرياندا ھېچقايسى مىللەتتە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كەڭرى جاھانغا تارقىلىپ، ھۆكۈمرانلىق تىكلەپ، دۆلەت ۋە تۈزۈم ئورناتقان بىر مىللەت، دۇنيانىڭ ئەڭ تەرتىپلىك ئارخىپ سېستىمىسى بىلەن تاغدىكى قايسى يېزىلىقنىڭ قانچە دانە توخۇسى بارلىقىغىچە خاتىرىلەپ ماڭغان بىر تەرتىپنىڭ قۇرغۇچىلىرى يۇقىرىدىكى مەكتۇپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھالەتكە بىر كۈندىلا كېلىپ قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھالەتكە چۈشكەندىن كېيىپ، بۇ خىل ھالەت قان-قېنىمىزغا سېڭىپ كەتتى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈرك سىياسىتىنى ئىستىخباراتقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەن، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

ئىستىخباراتقا «يوشۇرۇن غەيۋەت» ئىدىيىسىدە قارىغان ۋە ئىستىخباراتچى بىلەن بىر يەرگە كەلگەندە، ئىستىخباراتچىنىڭ ئۆزىگە بېسىم بولىدىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ قالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان تۈرك سىياسەتچىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىستىخباراتچىلاردىن ۋە ئىستىخباراتتىن يىراق تۇرۇشنى تاللىماقتا، قارار جەريانىغا ئىستىخباراتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوشماسلىققا تىرىشماقتا. ئەمما ئەمەلىيەتتە سىياسەتچى ۋە قارار چىقارغۇچىلارنى دەلىللىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغىنى پەقەت يېتەرلىك بىلىم ۋە ئىستىخباراتتۇر.

مىللى سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدا ئىستىخبارات بىلەن سىياسى قۇرۇلما مۇناسىۋىتى (مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇچۇر-ھەرىكەت مۇناسىۋىتى)دىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئامىل يوق. ئىستىخبارات دىپلوماتىيە، ئەسكىرى كۈچ، تەرغىبات، پىسخىك ھۇجۇم، يوشۇرۇن ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادى بېسىمنىڭ يۆنۈلىشىنى بەلگىلەيدۇ. ئىستىخبارات پەقەت يۇقىرى قىسىمدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ باھالىنىشىغا سۇنۇلغان جاسۇسلۇق مەھسۇلاتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىجابىي باھالاش ۋە قارار چىقىرىشقا ۋاستە بولىدىغان بىلىمدىن ئىبارەتتۇر.

پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، ئىستىخبارات ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەرەققى قىلغان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، روسىيە ۋە ئىسرائىلىيەدىمۇ «ئىستىخبارات-دۆلەت ئەربابى» ئۈزۈكلۈكلۈكى مەۋجۇت. مەسىلەن: ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى CIA نىڭ 1970-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، دۇنياۋى تەھدىتنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ھۆكۈمەت كۆڭۈل قويۇپ كەتمىگەن. «كۆڭۈل بۆلۈنۈلمىگەن تەقدىردە ئەڭ ياخشى ئىستىخبارات دوكلاتىنىڭمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ» دېگەن ئىستىخبارات داھىيلىرىدىن گىرمانىيە ئىستىخباراتچىسى گېنرال گېھلېن ((Gehlen ناھايىتى مۇھىم بىر نوقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىستىخباراتقا كۆڭۈل بۆلمىگەن دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشى كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ مارافونچە يۈگۈرگەنگە باراۋەر. نەگە كەلگەنلىكىنى، رەقىبلىرىنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ياكى ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك يۈگۈرگەنلىكىنى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ھېچنېمىنى بىلمەي يۈگرەيدۇ. ئەمما سىياسىي قارار چىقارغۇچىلار ئالدىدىكى پۇرسەت ۋە تەھدىتلەرنى ئالدىن سېزىشى كېرەك. بىر مىللەت دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە تەھدىتلەر پەقەت ئەسكىرىي جەھەتتىلا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى كەڭ بوشلۇققا يېيىلغان. ئىستىخبارات مىللى بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئاساسىدۇر. ئىستىخباراتنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىنىڭ دۈشمەننىڭ باشقا قىسىملارنى قولغا چۈشۈرۈشىنى توسىدىغان دەسلەپكى قوغدىنىش ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئەستە تۇتۇش كېرەك.

 ئىستىخبارات بارلىق بىلىشكە تېگىشلىك نوقتىلارغا ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللىرىمىزغا توغرا جاۋاب بېرىپ، قارار چىقارغۇچىلارنى «قاراڭغۇدا سىيلاپ مېڭىشتىن» قۇتۇلدۇرامدۇ؟ ھەر بىر ئىستىخباراتچى بۇ سۇئالغا شۇنداق جاۋاب بېرىدۇكى، بۇ ئىستىخباراتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىدۇر، ئەمما ئۇنداق يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىش ھەرۋاقىت مۇمكىن بولۇۋەرمەيدۇ. ئىستىخبارات ھەرۋاقىت كەلگۈسى توغرىسىدا مۇتلەق توغرا ئانالىزلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئومۇمى دائىرىنى بەلگىلەش ۋە ئوخشىمىغان سىنارىيەلەرنى يېزىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىشكە ياردەمچى بولىدۇ.

ئەمما كۆپىنچە سىياسەتچى ۋە قارار چىقارغۇچىلار «ئۆلچەنگەن ئېنىقسىزلىقلار ئىچىدە ياشاشنىڭ ئورنىغا، ساختا مۇتلەقلىق ئىچىدە ياشاشنى» تاللىماقتا. يەنە كېلىپ، ئىستىخباراتچىلار كۆپىنچە سىياسى ۋە ئەسكىرىي قارار چىقارغۇچىلارنىڭ كاسساندىرا توزىقى “Kassandra Kompleksi” ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر. كاسساندىرا توزىقى “Kassandra Kompleksi” قارار چىقارغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان چۈشەنچىلەرنى، ئالدىن پەرەزلىرىگە ماس كەلمىگەن ئۇچۇر ۋە ئىستىخباراتنى قوبۇل قىلماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى نوقتا ئىستىخبارات ۋە دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.

ئەنگىلىيە ئىستىخباراتچىسى م. ھېرمان Herman).M)نىڭ قارىشىچە، ئىستىخبارات راتسىئوناللىقنى ئىپادىلەيدۇ، ئىستىخبارات ئىشلىتىشنى رەت قىلغان دۆلەت ئادىمى ئارستوتىلدىن باشلاپ غەربلىكلەرنىڭ بىلىم دۇنياسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەن ئىككى ۋاستىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇلار ئەقىل ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستىخبارات زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدىمۇ ئىنتايىن زور رول ئوينايدىغان ئامىلدۇر.

ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى بىلەن دېموكراتىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دىموكراتىيەگە قارشى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىستىخبارات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پەرقلىقتۇر. بىر جەھەتتىن دىموكراتىلەر بارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىستىخباراتقا باغلىق، يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرى قانۇنى ھەق-ھوقۇقنىڭ ۋە ئەركىنلىكنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكىنىڭ يوقىتىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. نۆۋەتتە تۈركىيە بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتمەكتە. دىموكراتىيە ئىنساندىنمۇ قىممەتلىك بىر ھالغا كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئىنسان دىموكراتىيە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دىموكراتىيە ئىنسان ئۈچۈن پەيدا بولغان. دىموكراتىيىلەشكەنسېرى قورقۇنچلار كۆپەيمەكتە، ئەمما دىموكراتىيە ئەسلىدە قورقۇنچتىن قۇتۇلغان خەلق بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىستىخباراتچىلار بىر ۋەتەنداشنىڭ باشقا دۆلەت ئۈچۈن ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرگەندە قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىدىن ئاشقان بولىدۇ؟ ئىستىخبارات مۇلازىمەتلىرى ئۆز خەلقىگە يېپىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى قىلغان بولمامدۇ؟ قىسقىچە، دىموكراتىيەدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئىستىخباراتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى ناھايىتى مۇھىم.

ئىستىخبارات بىرخىل بىلىم بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىرخىل سەنئەتتۇر. ئىستىخبارات يېرىم ئەسىردىن بېرى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا. غەربتە ئىستىخبارات ئەدەبىياتى 1975-يىلىدىن كېيىن شەكىللىنىشكە باشلىغان. 2000-يىلىنىڭ باشلىرىدا غەربتە نۇرغۇن ئۇنۋېرسىتېتلاردا باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقلاردا سىتراتېگىيىلىك ئىستىخبارات، ئالداش ھەرىكىتى، يېپىق ھەرىكەت قاتارلىقلار دەرس قىلىپ ئۆتۈلمەكتە. 11-سىنتەبىردىن كېيىن غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىستىخبارات ئىلمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىشكە باشلىغان ۋە يېڭى سىنىپلار ئېچىلغان.

ئىستىخبارات ئانالىزچىسى چالا، خاتا ياكى بۇرمىلانغان ئۇچۇرلارنى ھەقىقىيلىرىدىن ئايرىپ، رەقىبنىڭ چۈشەنچە سېستىمىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، رەقىبنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا تىرىشقان ئادەمدۇر. بۇ ناھايىتى قىيىن خىزمەت. ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش ۋە تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە ئىستىخبارات ئىجتىمائى پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئىي پەنلەردىكىدەك مۇتلەق يەكۈنلەرنى چىقىرالمىسىمۇ، لېكىن قارار چىقىرىش ئۈچۈن مەلۇم بىر دائىرىنى بەلگىلەپ بېرەلەيدۇ. بەزى ئىجتىمائى پەنچىلەر، تارىخچىلار، سىياسەتچىلەر ئەڭ زامانىۋى ئىستىخبارات تېخنىكىسىنى قوللانغان، ئەڭ كۆپ مەبلەغقە ئىگە بولغان ئىستىخبارات مۇلازىمەتلىرىدىن بەكرەك ساغلام ۋە توغرا پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ، لېكىن بۇ ئەھۋال ئىستىخبارات بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئانالىزچىلارنىڭ ئۇسۇل يېتەرسىزلىكىدىن ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىجتىمائى پەنچىلەرنىڭ ئۆتكۈر زېھىن ۋە ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈسىدىن بولىدۇ.

بۈگۈنكى «ئۇچۇر دەۋرى»دە ئانالىز ۋە باھالاشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تۆۋەنلىمەيدۇ، ئەكسىچە ئارتىدۇ. چۈنكى ئۇچۇر دەۋرى ئۆزى بىلەن بىرگە زور مىقداردا مەلۇمات ۋە ئۇچۇر ھالاكىتىنى ئېلىپ كەلمەكتە، بۇ ھالاكەت ئەمەلىيەتنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا رېئاللىقنى يۇشۇرماقتا. ھەتتا رېئاللىقنى يوشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانالىزچىنىڭ توغرا ئانالىز ۋە باھالاش ئۇسۇللىرىنى تەجرىبە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھالاكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا.

ئىستىخبارات دېگەن ھامان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كىنو ۋە رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن قوراللىق كىشىلەر، سۈيقەستلەر، پىتنە-پاساتلار، مۇرەككەپ قوراللار ۋە ئۆلتۈرۈش تېخنىكىلىرى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئىستىخباراتنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىدۇر. خۇددى ئۆلۈم دوختۇرخانىدىكى قىسمەن ئەھۋال بولغاندەك، يۇقىرىقىلارمۇ ئىستىخباراتنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر. ئەمما دوختۇرخانا دېگەن ھامان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى داۋالاش كېلىدۇ. بىراق ئىستىخباراتتا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىشى ئۇنىڭ ناتونۇشلۇقىدىن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەختسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

م.ئاتاي (M.Atay) مۇنداق دەيدۇ: «ئىستىخبارات بىر ھۆكۈمەتنىڭ ياكى سىياسى پارتىيەنىڭ گۇمران قىلىنىشى، دۆلەت ئادەملىرى ياكى ئۇلارنىڭ نىشانلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىلىشى، ئادەم ياكى ئىشپىيۇنلارنىڭ قاچۇرۇلۇشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى ئەمەس، بەلكى، بىر دۆلەتنىڭ رەقىبلىرىدىنمۇ كۆپرەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇشى ياكى ھېچ بولمىغاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۇچۇرنىڭ توپلىنىشىدۇر.[1] ئىستىخبارات «يېپىق ھەرىكەت» دەپ نام بېرىلگەن پائالىيەتلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئانالىز قىلىنىشىدۇر. ھەتتا بەزى ئىستىخباراتچىلار ۋە ئىستىخبارات ئالىملىرى يېپىق ھەرىكەتنى ئىستىخباراتنىڭ ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەرياننىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ.

ئىستىخباراتقا كېسىپ تەبىر بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئىستىخباراتقا ھەممە ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان ھەرخىل تەبىرلەرنى بېرىش مۇمكىن. ئەمما ئىستىخباراتقا تېخنىكىلىك جەھەتتىن بېرىلگەن تۆۋەندىكى تەبىر ئۈستىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ. بۇ تەبىر «ئىستىخبارات چاقپېلىكى» دەپ ئاتالغان چاقپەلەكنىڭ ئېچىلىشىغا تايىنىدۇ. يەنى، ئىستىخبارات مەلۇماتنىڭ توپلىنىشى، سېلىشتۇرۇلۇشى، باھالىنىشى، ئانالىز قىلىنىشى، بىرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەھسۇلاتتۇر.[2]

ت. ۋ. پروسىشى (T. W. Procyshy) نىڭ: «ئىستىخبارات كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ مەنتىقىلىق راۋاجلىنىشى ۋە نەتىجىلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەن تەبىرى يۇقىرىدىكى تەبىرنى قىسقا ۋە مەزمۇنلۇق بىر نەزىرىيە دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىستىخبارات ئەدەبىياتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېچنېمە ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن.[3]

ئىستىخبارات ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئىستىخباراتنى بىر مىللەت ئىرىشكەن پۇرسەت ۋە يولۇققان خەتەرلەرنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن سىتراتېگىيىلىك ۋەقەلەرگە، تەرەققىياتقا، شەخس ۋە ئورگانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش، سېلىشتۇرۇش، باھالاش، ئانالىز قىلىش، بىرلەشتۈرۈش ۋە باھا بېرىش پائالىيىتى، دېيىشكە بولىدۇ.[4]

تۇرخان شەنەل (Turhan Şenel) بىلەن مۇئەززەز شەنەل (Muazzez Şenel)نىڭ تۆۋەندىكى تەبىرىمۇ ئىستىخباراتنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ ئىپادىلەنگەن تەبىرلەرنىڭ بىرىدۇر: «ئىستىخبارات رەقىپ ياكى رەقىپ بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەرنىڭ نىيىتى، پىلانى ۋە بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارى توغرىسىدىكى ھەرخىل خەۋەرلەرنى توپلاش ياكى ئۇچۇر ئىگەللەشتۇر.»[5] ئىستىخبارات ئىلمىگە سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە شۆھرەتكە ساھىپ بولغان پروفېسسور، دوكتور ئاددا بوزەمان (Prof. Dr. Adda Bozeman) ئىستىخباراتنى سىياسىي جەھەتتىن بىرلەشكەن قەۋمنىڭ ئەتراپتىكى قەۋم توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇمات ئېلىش ئىھتىياجىغا ئاساسلانغان، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ھەرىكەت، دەپ ئىزاھلىغان.[6]

 ئىستىخباراتنىڭ كۆپ باھا ۋە قىياسلارغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىكدوۋېل(McDowell): «ئىستىخبارات مەلۇم بىر ئىش ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان يېڭى ئۇچۇر، شۇنداقلا ئاخىرىدا ئۇلارغا بېرىلگەن باھانىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ.»[7] دېگەن. شەنەل خەۋەرنىڭ ئىستىخبارات ئەمەسلىكىنى، ئىستىخبارات بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىش قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.[8]

Ertuğrul Güven ئىستىخباراتقا خەۋەر قىممىتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىشى، باھالىنىشى نەتىجىسىدە قولغان كەلتۈرگەن ئۇچۇر، دەپ تەبىر بېرىدۇ. دۆلەت ئىستىخباراتىغا بىخەتەرلىك توغرىسىدا قارار چىقارغۇچىلارنىڭ تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارا، يېرىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن توپلاش، ئۇلارنى باھالاپ چىقىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇر، دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىخبارات بىرەر ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك توپلانغان مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئانالىز قىلىنىشى نەتىجىسىدە قولغان كەلتۈرگەن ئۇچۇر، دەپ تەبىر بېرىدۇ.

دۆلەت ئىستىخباراتىغا بىخەتەرلىك توغرىسىدا قارار چىقارغۇچىلارنىڭ تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارا، يېرىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن توپلاش، ئۇلارنى باھالاپ چىقىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇر، دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىخبارات بىرەر ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك توپلانغان مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئانالىز قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئېرىشىلگەن ئىلىم ۋە سىتراتېگىيىلىك مەلۇماتتۇر.

-داۋامى كېيىنكى ساندا...

مەرىپەت ژورنىلى 4-سان


([1]) (م.ئاتاي، 2001: 80)

(OPSEC, 1996: 2,1)  ([2])

  (2)  ( ت.ۋ. پروسىشى (1991: 1

  (3) (Johnson, 1989: 1)

  (4)  (1997: 32 ئەمەل )

(5) (بوزەمان 1992: 1)

(5) (مىكدوۋېل (1998: 12

(7)  (ئەممەل1997: 40)7)