ئئىسلامدا ئوتتۇرھاللىق چۈشەنچىسى (4)

ئىسلامدا ئوتتۇرھاللىق چۈشەنچىسى (4)

ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى

ئىسلام دىنى سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ئوتتۇراھاللىققا ئىگە دىن بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ سەل قارىشى يەنە بەزىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە، بۇ دىننىڭ ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە مەلۇم دەرىجىدە داغ تەككەن بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىلتىپاتى، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئۆلىمالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇ دىننىڭ ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

دىنلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىقى

دىنلار ئارا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغاندا ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ نېئمىتى، قەدر-قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇراھاللىقى تېخىمۇ ئوچۇق نامايان بولىدۇ. دىنلار ئارا سېلىشتۇرۇش نەتىجىلىرى بەزى دىنلاردا ئەقىدە-ئېتىقاد ياكى تائەت-ئىبادەت ۋە ياكى باشقا تەرەپلەردە سەل قارالغانلىقىنى يەنە بەزى دىنلاردا چېكىدىن ئاشۇرۋېتىلگەنلىكىنى ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە تەرەپلەردە سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ئوتتۇراھال دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. دىنلار ئارىسىدا ئوتتۇراھاللىققا ئىگە بولغان ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇپ، زىيانلىق ئىشلاردىن توسقان، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدا-مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلغان، ئاللاھ تائالا پۈتۈنلۈككە ۋە كامالەتكە يەتكۈزگەن، بەندىلىرىنىڭ ئاخىرقى دىنى بولۇشقا تاللاپ بەرگەن، ئىلگىرىكى بارلىق ساماۋى دىنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇ دىنلارنىڭ ئورۇنلىرىنى ئىگىلىگەن، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل بولغان توغرا ۋە گۈزەل دىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»[1] «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر»[2]

ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇنىڭ دىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر»[3]

 دۇنيادا ئىنسانلار ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن دىنلار بار بولۇپ، نەپسانىيەتچىلەر ئۇ دىنلارنى توغرا ۋە خەلقنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ھەق دىنلار قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان ئەقلىنى ئىشلەتكەندە، ئۇ دىنلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغان باتىل دىنلار ئىكەنلىكى، ئۇ دىنلارغا چاقىرغۇچىلارنىڭ نەپسانىيەتچى شەيتانلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق دىنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى

 ئېتىقادچىلىرى ھازىر دۇنيا نوپۇسىنىڭ خېلى سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان خىرىستىيان دىنى ساماۋى دىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋاقىتلىق دىن ئىدى. چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەر بولۇپ، خىرىستىيان دىنى ئەنە شۇ خۇشخەۋەر بېرىلگەن پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىپ، كېيىنكى پەيغەمبەرگە ئەگىشىش پەرز ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن، دېدى»[4]

 ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ھەققىدە چىن ئەھدە ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك». ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنە بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى. كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. ئۇلار (يەنى يەھۇدىييلار ۋە خرستىئانلار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟»[5]

 ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەردىن شۇ پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، چوقۇم شۇ پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چىن ئەھدە ئالغانىدى».

 يەھۇدىيلار ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان، ئۆز زامانىسىدا ئەۋزەل ھېسابلانغان ساماۋى دىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دىنمۇ ۋاقىتلىق دىن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن ئەمەلدىن قالىغان دىن بولغاننىڭ ئۈستىگە، خرستىئان دىنىگە ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىدىن كېيىن نۇرغۇن بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىشلەرگە ئۇچرىغان دىن ئىدى.

 ساماۋى دىنلارنىڭ كىتابلىرىنى ھېمايە قىلىشقا شۇ دىنلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرى نازارەتچى بولغان بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى قوغداشنى ئاللاھ تائالا ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(يەھۇدىييلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى»[6] «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز»[7]

ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ پەرزلىكى

 ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ ۋە ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەپ بەرگەندىن كېيىن، بارلىق دىنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پەقەت ئىسلام دىنىنىلا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان دىن قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى پەرز قىلدى.

 دۇنيادا مەزكۇر ساماۋى دىنلاردىن باشقا يەنە بۇددا دىنى ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر تۈرى بولغان ھىندى دىنى قاتارلىقلارغا ئوخشىغان نۇرغۇن يەرلىك باتىل دىنلار بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشتىن توستى. ئىسلام دىنى كەلگەن ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاللاھنى قويۇپ، دېڭىز-ئوكيان، ئاي-يۇلتۇز، تاش-چالما، دەل-دەرەخ، ۋە مازارلارغا چوقۇنىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى، ئىسلام دىنى كېلىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بارلىق بۇتپەرەسلىك دىنلىرىغا خاتىمە بەردى.

ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭدا كەم-زىيادە قىلىشنىڭ ھاراملىقى

 ئىسلام شەرىئىتىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرى ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىس شەرىفتىن دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ياكى دەلىل-ئىسپاتسىزلا ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىغا ھۆكۈم قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ دىننى پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق بىزگە نېئمىتىنى تاماملىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىنى بىزنىڭ مەڭگۈلۈك دىنىمىز بولۇشقا تاللاپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئاخىرىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»[8]

 ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى ئۇنىڭ بارلىق ياخشىلىقلارغا بۇيرۇپ، بارلىق يامانلىقلاردىن توسقان دىن ئىكەنلىكىدە تېخىمۇ ئوچۇق نامايان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۇ دىننى خەلققە بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ-سۆزلىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خەلققە بۇ دىننى تۇلۇق يەتكۈزدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەنلەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق»[9]

 ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ئىسلام دىنى بارلىق ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بارلىق يامانلىقلار ۋە زىيانلىقلاردىن توسقان ھالدا كەلگەن دىن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشتىكى ساپ ھالىتىگە، تەبىئىتىگە، ئەقىلىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان دىندۇر. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بەزى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: ئىسلام دىنى بۇيرۇغان ئىشلارغا ئەقىلىمىزنىڭ: «ھەي ئىسىت! ئىسلام بۇ ئىشلاردىن توسقان بولسىچۇ! دېگەنلىكىنى ياكى ئىسلام توسقان ئىشلارغا ئەقىلىمىزنىڭ: كاشكى ئىسلام بۇ ئىشلارغا بۇيرۇىغان بولسىكەن» دېگەنلىكىنى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق. دېمەك، ئىسلام دىنى تۇغۇلۇشتىكى ساپ ھالەتكە، ساغلام ئەقىلگە تامامەن ئۇيغۇن دىن بولۇپ، ساغلام ئەقىل بۇ دىننى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ، بۇ دىننىڭ بارلىق پايدا-مەنپەئەتلەرنى قوغدايدىغان، زىيان-زەخمەتلەردىن ساقلايدىغان گۈزەل دىن ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولىدۇ.

يەھۇدىي دىنى بىلەن خىرىستىيان دىنى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىقى

 ئىسلام دىنى ئەقىدە جەھەتتە ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھاللىقا ئىگە بولغىنىدەك، تائەت-ئىبادەت جەھەتتىمۇ باشقا دىنلار ئارىسىدا سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ئوتتۇراھاللىققا ئىگە دىندۇر. ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەزىلىرى سەل قاراپ، يەنە بەزىلىرى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ئوتتۇراھاللىققا ئىگە ئىسلام دىنىنى نازىل قىلدى.

 تۆۋەندە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە مەسىلىلىرىدە سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ئوتتۇراھال دىن ئىكەنلىكىگە بەزى مىساللارنى كەلتۈرىمىز.

ئىسلام دىنىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئىيسا ئەلەيسسالام ھەققىدە سەل قارىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەشتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئۈممەتنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقان ئىسلام دىنىنى نازىل قىلدى. مەسىلەن: يەھۇدىيلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا چوڭ بوھتان چاپلاپ، ئۇنى پاھىشە ئايال، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى زىنادىن تۆرەلگەن، دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)»[10]

 خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ توغرا يولدىن ئاداشتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھدۇر، دېگەن كىشىلەر (يەنى خىرىستىيانلارنىڭ بىر پىرقىسى) ھەقىقەتەن كاپىر بولدى»[11] «خىرىستىيانلار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ»[12] «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن»[13]

 ئەمما ئىسلام دىنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ھالدا ئوتتۇراھال يول تۇتتى، «ئىيسا ئاللاھدۇر»، ياكى «ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر»، ۋە ياكى «ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر»، دەپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە، شۇنىڭدەك، «ئىيسا زىنادىن تۆرەلگەن» دەپ ئۇنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بوھتانچىلارغا رەددىيە بېرىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق جاكارلىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن»[14] «ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن دېدى»[15]

ئىسلام دىنىنىڭ تالاق مەسىلىسىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 تالاق مەسىلىسىدە يەھۇدىي دىنى بىلەن خىرىستىيان دىنى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار بولۇپ، بۇ مەسىلىگە ئۇ دىننىڭ بىرىدە سەل قارالسا، يەنە بىرىدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭ مىسالى شۇكى، يەھۇدىي دىنىدا تالاق قىلىش يەنى ئاجرىشىش بار بولسىمۇ، تالاقتىن كېيىن يارىشىۋېلىشقا قەتئىي يول يوق. خىرىستىيان دىنىدا خوتۇننى ئالدىمۇ ئاجرىشىپ كېتىشكە قەتئىي يول يوق. ئەمما ئىسلام دىنى بۇ مەسىلىدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، ئەر-ئايال كېلىشەلمىگەن ۋاقىتتا ئاجرىشىپ كېتىشنى ۋە ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن تالاق ئۈچ قېتىمغا يەتمىگەن بولسىلا قايتا يارىشىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى يولغا قويدى. چۈنكى ئىنسان ئالدىراقسانلىق ۋە تۇراقسىزلىق ئىللەتلىرىدىن خالىي بولالمايدىغان مەخلۇقتۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ قىساس مەسىلىسىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 يەھۇدىي دىنىدا قىساس ئېلىش بېكىتىۋېتىلگەن بولۇپ، كەچۈرۈم قىلىشقا ماجال يوق. خىرىستىيان دىنىدا كەچۈرۈم قىلىش بېكىتىۋېتىلگەن بولۇپ، قىساس ئېلىشقا ئورۇن يوق. ئەمما ئىسلام دىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە ياكى قىساس ئېلىشقا مەجبۇرلىماستىن بەلكى دىيەت ئېلىپ ياكى مۇتلەق كۆچۈرۈۋېتىش بىلەن قىساس ئېلىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارىنى بېرىپ، بۇ مەسىلىدىمۇ ئوتتۇراھال يول تۇتتى.

ئىسلام دىنىنىڭ جازالاش ۋە ئىنتىقام ئېلىش ئىشلىرىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 ئىسلام دىنى جازالاش ۋە ئىنتىقام ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئوتتۇراھال يول تۇتقان بولۇپ، ھەرقانداق بىر يامانلىققا ئاشۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازا بېرىشكە رۇخسەت بەردى، لېكىن سەۋر قىلىپ كەچۈرۈۋېتىشنى ئەۋزەل سانىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان-زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان-زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر»[16]«بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»[17]

 خىرىستىيان دىنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى زۇلۇم قىلغۇچىلارنى كۆچۈرۈۋېتىشكە، ئۇلاردىن ھەرگىز ئىنتىقام ئالماسلىققا بۇيرىدى. يەھۇدىي دىنى ھەققىنى تۇلۇق ئېلىشقا ۋە قىساسقا ھۆكۈم قىلدى. ئەمما ئىسلام دىنى بۇ مەسىلىگە سەل قارىماستىن ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن بەلكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، يەتكەن زىيان-زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئاشۇرۇۋېتىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر سەۋر قىلىپ، ئىنتىقام ئالماي كەچۈرىۋەتسە، سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىرقىلەر ئارىسىدا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئوتتۇراھاللىقى

 يۇقىرىدا باشقا دىنلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال دىن ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدۇق، نۆۋەتتە پىرقىلەر ئارىسىدا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئوتتۇراھال پىرقە ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا بەزى مىساللارنى كەلتۈرىمىز. دىنلار ئارىسىدا ئىسلام دىنى توغرا ۋە گۈزەل دىن بولغىنىدەك، ئىنسانلار ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئەڭ ئىتتىپاق، ئەڭ ئىززەتلىك ۋە ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر ئىدى. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىن خەۋەر بەرگەندەك، كېيىنكى دەۋرلەردە پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئەھلى كىتابلار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنگەنىدى، بۇ ئۈممەت يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلىنىدۇ. يەتمىش ئىككى پىرقە دوزاختا، پەقەت بىر پىرقە جەننەتتە بولىدۇ. جەننەتتە بولىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمىنىڭ يولىنى تۇتقان پىرقىدۇر»[18] يەنە بىر ھەدىستە، «جەننەتتە بولىدىغان بىر پىرقە جامائەتتۇر» دەپ كەلگەن بولۇپ، ئۆلىمالار بۇ جامائەتتىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ قازا ۋە قەدەر ھەققىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 

 ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ قازا ۋە قەدەر بابىدىكى ئەقىدىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىمۇ سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي ھالدا ئوتتۇراھال يول تۇتقان جامائەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئۈممەتلەر ئارىسىدا ئىسلام ئۇممىتى ئوتتۇراھال ئۈممەت بولغىنىدەك، پىرقىلەر ئارىسىدا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئوتتۇراھال جامائەت بولۇپ، قازا ۋە قەدەر بابىدا بىرى سەل قاراپ يەنە بىرى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن «قەدەرىيە»[19] پىرقىسى بىلەن «جىبىرىيە»[20] پىرقىسىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتتى. ئۇلارنىڭ بىرى: ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشى ياكى ئازغۇن بولىشىدا ئاللاھنىڭ ھېچ رولى يوق دېيىش ئارقىلىق توغرا يولدىن ئازغان بولسا، يەنە بىرى: ئىنساننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئىنسان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە مەجبۇردۇر، دېيىش ئارقىلىق توغرا يولدىن چەتنىدى. ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىرادىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە باغلىق، دېيىش ئارقىلىق بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتتى ۋە بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ: «پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر»[21] دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلدى.»

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئىمان بابىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوتتۇراھال يول تۇتقىنىدەك، ئىمان بابىدىمۇ ئوتتۇراھال يول تۇتتى. ئىمان بابىدا بىرى سەل قاراپ، يەنە بىرى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن ئىككى پىرقە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئەمەلنىڭ ئىمان بىلەن ئالاقىسى يوق، دىلىدا ئىشەنگەن ئادەم ئەمەل قىلمىغان تەقدىردىمۇ كامىل مۇئمىن بولغان بولىدۇ، دەپ قارىسا، يەنە بىرى ئەمەل بىلەن ئىمان بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دىلىدا ئىشىنىپ قويۇپ، ئەمەل قىلمىغان ئادەمنى مۇئمىن دېگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ، يەنى كاپىر بولىدۇ ۋە ئاخىرەتتە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دەپ قارىغان بولسا، يەنە بىرى مۇسۇلمان چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ ۋە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئىمانغا قىلچە زىيىنى يوق، دەپ قارىدى. ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە چوڭ گۇناھلار مۇئمىننى ئىماندىن چىقىرىۋەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىمانغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا چوڭ گۇناھلار يىغىلىپ ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ، چوڭ گۇناھلارنى سادىرقىلغان ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالمىسىمۇ، لېكىن دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولۇپ، دۇنيادا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ مىقدارىچە دوزاختا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە خاۋارىجلارغا[22] ئوخشاش چوڭ گۇناھلارنى قىلغانلارنى كاپىر بولىدۇ، دەپ قارىمىدى ۋە مۇرجىئەلەرگە[23] ئوخشاش چوڭ گۇناھلار ئىماننىڭ كامىللىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەپمۇ قارىمىدى بەلكى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار ئىمانى كەمتۈك مۇئمىنلاردۇر، يەنى ئۇلار ئىمانى سەۋەبلىك مۇئمىنلەردۇر، گۇناھلىرى سەۋەبلىك پاسىقلاردۇر، دەپ قاراپ، بۇ مەسىلىدىمۇ ئوتتۇراھال يول تۇتتى.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئەۋلىيا بەندىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئىللەتلىرىدىن يىراق ھالدا ئوتتۇراھال يول تۇتقان بولۇپ، بىز سۆزنى ئۇلارنىڭ ساھابىلەر ھەققىدىكى ئوتتۇراھاللىقىدىن باشلايلى.

 ساھابىلار بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە بىرى سەل قاراپ، يەنە بىرى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ توغرا يولدىن ئازغان ئىككى پىرقە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۇلارنى «كاپىرلار» دەپ قاراپ، ئۇلارغا لەنەت ئېيتىشنى مۇباھ سانىدى، ئۇلار بولسا ساھابىلارغا ئاداۋەت تۇتقان ۋە ئۇلارنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلىغان «ئاداۋەتچىلەر» پىرقىسىدۇر. يەنە بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە بولۇپمۇ ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ھەزرىتى ئەلى ئاللاھدۇر ياكى پەيغەمبەردۇر ۋە ياكى پەيغەمبەرلىككە ھەقلىق زاتتۇر دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ياردەمچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان راپىزەلەربولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەزرىتى ئەلىنىڭ ياردەمچىلىرى ئەمەس بەلكى دۈشمەنلىرىدۇر.

 ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بۇ مەسىلىدىمۇ سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئىللەتلىرىدىن يىراق ھالدا: ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا تۇغقاندارچىلىق ۋە كۈيئوغۇللۇق ھەقلىرى بار لېكىن ئۇلارنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكى خەلىپىلەردىن ئەۋزەل سانىمايمىز، ئۇلار ھەققىدە چەكتىن ئېشىپ ئۇلارنى ئۇلاردا يوق خىسلەتلەر بىلەن ماختىمايمىز، دېيىش ئارقىلىق ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چوقۇنغان رافىزەلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىگە سەل قارىغان ۋە ئۇلارغا تىل ئۇزىتىشنى ھېچ ۋەقەسى يوق دەپ قارىغانلارغا رەددىيە بېرىپ، ئۇ ئىككى پىرقە ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتتى. چۈنكى رافىزەلەرنىڭ بەزلىرى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھ قىلىۋالغان بولسا، يەنە بەزىلىرى پەيغەمبەرلىككە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقلىق ئىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەلگەن پەيغەمبەرلىكنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن، دەپ ئېتىقاد قىلىپ توغرا يولدىن ئاداشتى. ئاندىن كېيىن ئىككىنچى بىر پىرقە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا كۆز يۇمدى ۋە ئۇلارغا تىل ئۇزىتىشنى دۇرۇس سانىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئىسلامدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەۋلىيالار مەسىلىسىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

 ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرى ۋە ئەۋلىيالار مەسىلىسىدىمۇ بىرى سەل قاراش يەنە بىرى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئارقىلىق توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن ئىككى پىرقە بار بولۇپ، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ كەلدى.

 ئۇ پىرقىلارنىڭ بىرى ئەۋلىيالار ھەققىدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئەۋلىيالارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەۋلىيا دېگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھقا يېقىنلاشقان كىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قولى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قولىدا ھاسىل بولمىغان خارق ئادەت ئىشلارنى ھاسىل قىلغان كىشىدۇر. ئۇلار: بۇنداق ئەۋلىيا بىزنىڭ ئۇلۇغلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قاراپ، ھاياتىدا ئۇنى ۋە ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سىلاپ، ئۇنىڭ بەدىنى تەككەن سۇ ۋە باشقا نەرسىلەرنى تەۋەرۈك قىلسا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ ۋە قەبرىسى يېنىدا ناماز ئوقۇپ، ھاجەتلىرىنى ئاللاھدىن تىلىمەي ئۇنىڭدىن تىلەپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى.

 ئۇ پىرقىلارنىڭ يەنە بىرى ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرىگە قارىتا سەل قاراش يولىنى تۇتتى ۋە ئۇلارنىڭ قەدرى قىممىتىنى تونىمىدى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى، ئۇلارنى «رادىكال»، «قالاق» دېگەندەك يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىدى.

 ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئاساسەن بۇ ئىككى پىرقە ئارىسىدىمۇ ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ، ئەۋلىيالارنىڭ قەدرى-قىممىتىنى بىلدى ۋە ئۇلارنى ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆردى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەردۇر. لېكىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنى ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاپ قىلىشقا، ئاللاھنى قويۇپ، ئۇلارغا چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارمىدى بەلكى ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنى ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرىنى ۋە ئەۋلىيالارنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆردى، ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى يېزىپ قالدۇردۇپ، ئەۋلاتلارنى ئۇلاردەك ئادەم بولۇشقا ئۈندىدى، ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرغان ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شۇ خىلدىكى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئوخشاش ياخشى كىشىلەردىن بولۇشقا، ئاللاھنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا يەنە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تائەت-ئىبادەت، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە مۇئامىلە قاتارلىقلارغا ئوخشىغان نۇرغۇن تەرەپلەردىكى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن كۈچلۈك دەلىللەرگە تايانغان ئوتتۇراھاللىقىنىڭ مىساللىرىمۇ ئاز ئەمەس، لېكىن ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى مىساللار بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

 «ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق چۈشەنچىسى» دېگەن تېمىنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىنكى بارلىق بۆلۈملىرىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇراھاللىق قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفلەردە تەشەببۇس قىلىنغان توغرا يول بولۇپ، ئاللاھنىڭ رىزاسى، ياردىمى دەل مۇشۇ يولدا تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر. قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفلەردە خەۋەر بېرىلگەندەك، بۇ يولدىن ئوڭ ياكى سولغا چەتنەپ كەتكەنلەر ئۆزلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ، ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ، شېھىتلەرنىڭ، مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىگە، لەنىتىگە دۇچار قىلغانلار بولۇپ، ئۇلار داغدام يول ۋە توغرا لىنىيىدىن چىقىپ كەتكەن قاتناش قوراللىرى تالاپەتكە يۈزلەنگەندەك، ھالاكەتكە يۈزلەنگۈچىلەردۇر.

 ئوتتۇراھاللىقتىن چەتنىگەن كىشى ئۆزى بىلىپ-بىلمەي، خالاپ-خالىماي ئاللاھنىڭ غەزىپىگە، لەنىتىگە يولۇققان يەھۇدىيلارنىڭ يولىغا ياكى ھەقتىن ئېزىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن خىرىستىيانلارنىڭ يولىغا ياكى ئىسلام دۇنياسىغا بالا-مۇسىبەت بولغان شىئە-راپىزەلەر ۋە خاۋارىجلارنىڭ يوللىرىغا كىرىپ قالىدۇ.چۈنكى توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى شۇ مەلئۇنلارنىڭ يولى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. رەببىمىز بارلىق مۇسۇلمانلارنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاي.

 (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).[24] (ئامىن)

مەرىپەت ژورنىلى 4-سان


[1]سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

[2]سۈرە ئال ئىمران 19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

([3]) سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت.

(2) سۈرە سەف 6-ئايەت.

(3) سۈرە ئال ئىمران 81-، 82-، 83-ئايەتلەر.

([6]) سۈرە مائىدە 44-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(2) سۈرە ھىجرى 9-ئايەت.

(3) سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(4) سۈرە نەھل 44-ئايەت.

([10]) سۈرە نىسا 156-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(2) سۈرە مائىدە 17-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(3)سۈرە تۆۋبە 30-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

([13])  سۈرە مائىدە 116-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(2) سۈرە مائىدە 75-ئايەت.

(3) سۈرە سەف 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

([16]) سۈرە نەھل 126-ئايەت.

(2) سۈرە بەقەرە 194-ئايەت.

(3) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

(4) قەدەرىيە پىرقىسى ئىسلامدىكى مۇخالىپ پىرقىلەرنىڭ تۇنچىسى بولۇپ، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ خەلپىلىك زامانىدا ئوتتۇرىغا چىققان پىرقىدۇر. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى غەيلان ئەلقەدەرىي بولۇپ، خەلىپە ھېشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك شام دەرۋازىسىغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەنىدى. ئۇ پىرقە ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئىشنى شۇ ئىش يۈزبېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلىدۇ، ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، قەدەرىيە پىرقىسى كېيىن ئون ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى.

([20]) جىبەرىيە پىرقىسى قەدەرىيە پىرقىسىنىڭ تام تەتۈرىسى بولۇپ، ھەرقانداق ئىش ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىدا ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ پىرقىنىڭ شاخچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

(2) سۈرە ئىنسان 30-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(3) خاۋارىجلار خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففاننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا، خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ ئەۋۋەلىدە سىياسى ئىختىلاپلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان پىرقە بولۇپ، ئۇلار چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلاردىن تۆۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كاپىرلار ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار، دەپ قارايدۇ.

(4) ئ مۇرجىئەلەر_ گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىمانغا قىلچە زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، دەپ قارايدىغان پىرقىدۇر.

([24]) سۈرە پاتىھە 5-، 6-، 7-ئايەتلەر.