تتەكفىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىرى (1)

تەكفىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىرى (1)

ساھابىلەرنىڭ زامانىدىلا باش كۆتۈرگەن، ھازىرمۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەكفىر (مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا مەنسۇپ قىلىۋېتىش) ئېقىمى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھالقىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئېقىم مۇسۇلمانلارنى مەلۇم خاتالىقى ياكى دىننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بولغان بىپەرۋالىقى سەۋەبلىك، ئالدىراپ كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىۋېتىش بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئېقىمغا مەنسۇپ كىشىلەر ئۆزلىرى بىلەن ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمىدىكى مۇسۇلمانلارنى شەرئىي ئۆلچەملەرگە سالماي تۇرۇپلا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر دېتىگە ياقمىغانلارنى ئالدىراپلا «مۇناپىقلار» ياكى «كاپىرلار» ۋە ياكى «تاغۇتلار» دەپ تاشلايدۇ. ھالبۇكى، بۇ سۆزلەر پەقەت كاپىرلارغىلا ئىشلىتىلسە بولىدىغان سۆزلەردۇر. مۇسۇلماننى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىش ئېقىمى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغاننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدىمۇ چوڭ گۇناھتۇر.

تەكفىر ئېقىمى ئىسلام ئەللىرىدە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنى كۆزلەيدىغان، ياخشى نىيەتلىك، بىراق دىننى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن، شەرىئەت ئىلىملىرىدىن ئالغان دەسمايىسى ئىنتايىن ئاز، پىكىر دائىرىسى ئىنتايىن تار، پەقەت ھاياجان بىلەنلا ئىش كۆرىدىغان، قېنى قىزىق بىر قىسىم كىشىلەر ئەۋجگە چىقارغان بىر ئېقىم بولۇپ، بۇ ئېقىم ئىنتايىن چوڭ خاتالىقلارنىڭ ۋە خاتا پەتىۋالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

تەكفىر ئېقىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

تەكفىر ئېقىمى ساھابىلەرنىڭ زامانىدىلا باش كۆتۈرگەن بىر خەتەرلىك ئېقىم بولۇپ، بۇنى خاۋارىجلار ئوتتۇرىغا چىقارغان. خاۋارىج _ «خارىج» يەنى (چىققان) دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، دىننىڭ روھىدىن چەتنەپ كەتكەن ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكەن ئىسلام پىرقىسىدۇر. ئۇلار ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ۋە تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ساھابىلەرنى، ھەتتا كاتتا خەلىپىلەردىن ئوسمان ئىبنى ئاففان ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب قاتارلىقلارنىمۇ «كاپىر» دەپ ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان، ھەتتا ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان يېرىدە قەتلى قىلىۋەتكەن پىرقىدۇر.

كاتتا ئۆلىمالارنىڭ خاۋارىجلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئىمام ئەزەم مۇرجىئەلەر[1] بىلەن خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز مۇرجىئەلەرگە ئوخشاش مۇئمىن گۇناھ قىلسا ئىمانىغا زىيىنى بولمايدۇ، دېمەيمىز، خاۋارىجلار دېگەندەك گۇناھ قىلغان ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دەپمۇ قارىمايمىز. بىز دەيمىزكى، كۇفرى بىلەن شېرىكتىن باشقا گۇناھلىرى بولۇپ، تەۋبە قىلماستىن ئۆلگەن مۇئمىننىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇنى ئازابلايدۇ، خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، مۇنداق ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ»[2]. ئىمام تاھاۋى مۇنداق دېگەن: «گۇناھنى ھالال ساناپ قىلمىغان ھېچبىر مۇسۇلماننى گۇناھى سەۋەبلىك كاپىرلىققا چىقارمايمىز، گۇناھ قىلسا ئىمانغا زىيىنى يوقمۇ دېمەيمىز، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز ۋە ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى سورايمىز، ئەمما ئۇلارنى چوقۇم جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز، مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھكارلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق قورقىمىز، ئەمما ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمىز»[3]. ھەنەفىي ئۆلىمالىرىدىن ئىبنى ئەبۇلئىز تاھاۋىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدا مۇرجىئەلەرنىڭ ‹كاپىر ئىبادەت قىلسا پايدىسى بولمىغاندەك، مۇئمىن گۇناھ قىلىسىمۇ ئۇنىڭ ئىمانىغا زىيان يەتمەيدۇ› دەيدىغان سەپسەتىگە ۋە خاۋارىجلارنىڭ ‹مۇسۇلمان ئادەم قانداقلا بىر گۇناھنى ياكى قانداقلا بىر چوڭ گۇناھنى قىلىش بىلەن كاپىر بولىدۇ› دەيدىغان ئاشقۇنلۇققا رەددىيە بېرىلگەن».

 ئىمام شەھرىستانى «مىللەتلەر ۋە دىنلار» ناملىق ئەسىرىدە خاۋارىجلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار سايلاپ چىققان ھەقىقىي ئىسلام خەلىپىسىگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسى خاۋارىجدۇر. مەيلى ئۇلار ساھابىلەرنىڭ زامانىدا چىققان بولسۇن، مەيلى قايسىبىر زاماندا چىقسۇن، ئادالەتلىك ئىش باشقۇرغۇچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسى خاۋارىجدۇر»[4]. ئىمام ئىبنى ھەزم شەھرىستانىنىڭ سۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر زاماندا بولمىسۇن، خاۋارىجلارنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ئەگەشكەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقانلارنىڭ ھەممىسى خاۋارىجلاردۇر».

تەكفىر ئېقىمىغا تۈرتكە بولغان ئامىل

خاۋارىجلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىل ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خاتا ئەقىدىسى سەۋەبلىك نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى مەلۇم بىر گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كاپىرلىققا چىقىرىپ كەلگەن، ساھابىلەرنى، ھەتتا كاتتا ئىسلام خەلىپىلىرىدىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئوسمان ئىبنى ئاففان قاتارلىق زاتلارنىمۇ كاپىرلىققا ھۆ كۈم قىلىۋەتكەن.

ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، خاۋارىجلار «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىدىغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرىدىغان مۇسۇلمانلار توپىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بىر پىرقە بولۇپ، ئۇلار تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن ۋە ئۇلارغىلا زىيانكەشلىك قىلغان پىرقىدۇر.

 شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە[5] خاۋارىجلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «خاۋارىجلار دىننىڭ روھىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ئازغۇن پىرقە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە كېيىنكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەك دېگەن. ئەمما ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قاتارلىق ساھابىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنى «كاپىرلار» دەپ ھۆكۈم قىلمىغان، ئۇلار ئۇرۇشنى ئۆزلىرى باشلىمىغۇچە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغان. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مال_ مۈلكىنى تالان_ تاراج قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان»[6].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خاۋارىجلارنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن ئىراق تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «ئۇ جايدىن بىر قەۋم چىقىدۇكى، ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبىگە يېتىپ بارمايدۇ، ئۇلار ئىسلامدىن خۇددى ئوق يادىن چىقىپ كەتكەندەكلا چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن. يەنە ئىمام ئىبنى ماجە ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «خاۋارىجلار دوزاخنىڭ ئىتلىرىدۇر»[7] دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

زامانىمىزدا تەكفىر ئېقىمىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر

زامانىمىزدا تەكفىر ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەسلىك ۋە پىكرىي جەھەتتىكى قاتماللىق. تەكفىر ئېقىمىدىكىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە غايىسىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەئۋىل قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى راۋا كۆرمەكتە.

2. شەرىئەت ئىلىملىرىدىن چوڭقۇرراق مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپلا، ئېنتېرنېتتىن ياكى مۇبەللىغلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئازراق بىر نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىپلا، ئىسلام دېگەن مانا مۇشۇ ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىش.

3. پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئالدىراپ ئۆز خاھىشى بويىچە پەتىۋا بېرىش. تەكفىر ئېقىمىدىكىلەر دىن نامىدىن پەتىۋا بېرىشنىڭ دىنىي مەسىلىگە ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن قول قويۇش ئىكەنلىكىنى ۋە پەتىۋا بېرىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى بىلمەستىن، ئاللاھ تائالادىن قورقماي ئاغزىغا كەلگەنچە پەتىۋا چىقىرىپ، ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا.

4. ئىخلاسقا ۋە ياخشى نىيەتكىلا كۇپايە قىلىپ، ئىلىم بىلەن قوراللانماسلىق. چۈنكى مۇسۇلمانلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئىسلامىي ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن يالغۇز ئىخلاس ياكى ياخشى نىيەت كۇپا قىلمايدۇ، بەلكى چوقۇم بىلىملىك بولۇش، ھوشيار، تەقۋا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. خاۋارىجلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئەڭ ئىخلاسمەن، ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بولسىمۇ، شەرىئەت ئىلىملىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە نېسىۋە ئالالمىغانلىقتىن «چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار كاپىر بولىدۇ» دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغان، ھەتتا كاتتا ساھابىلەرنىمۇ «كاپىر» دەپ ھۆكۈم قىلىۋەتكەن.

5. ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئىلىم ئۆگىنىش ئىبادەت بولغانلىقى ۋە خېلى كۆپ ئىبادەتلەردىن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەردىن باشلاپ بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇسۇلمانلارنى ئىبادەت ۋە جىھاد قىلىشتىن ئاۋۋال ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ھەسەن بەسرىي مۇنداق دېگەن: «بىلىمسىز ئىش قىلغۇچى خۇددى خالتا كوچىلاردا ئاداشقان ئادەمگە ئوخشاشتۇر. ئىبادەت بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنى بىر-بىرىگە قارشى قىلمىغان ھالدا ئىلىم ئۆگىنىڭلار. بەزى قەۋملەر شۇ زاھىرى ئىبادەتلەرگە كۇپايە قىلىپ، ئىلىم ئۆگىنىشنى تەرك ئەتكەنلىك سەۋەبلىك، نادانلىقتىن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىغا قىلىچ تەڭلىدى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن نېسىۋىسى بولسا ئىدى، ھەرگىز بۇنداق قىلمىغان بولاتتى.»

6. ئۆزىنىڭ پىكىر ئېقىمى بىلەن ماسلاشمايدىغان پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن سانىماسلىق ۋە ئۆزىنىڭ پىكرىنى كۈچلەندۈرۈپ بەرمىگەن ھەر قانچە كاتتا ئۆلىمانىمۇ ئۆلىما سانىماسلىق ۋە ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلىش. بۇ ئەڭ خەتەرلىك نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسسىپلىك بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى كاپىر دەيدىغانلار ئاساسەن ئۆزى ئەگەشكەن پىكىر ئېقىمىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ موللىلىرىدىن باشقىسى ئالىم سانالمايدۇ.

كۇفرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

كۇفرى دېگەن نېمە؟

«كفر» (كۇفرى) كەلىمىسىىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى پەردىلەش، يوشۇرۇش ۋە يېپىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئاللاھ تائالانى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ياكى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىمان ئېيتىش بەلگىلەنگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن بىرەرسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىش كۇفرىلىق، دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق ئادەملەر شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەقتۇر، ئۇنىڭ دىنى ۋە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىق بىر تەرەپتىن بۇ ئوچۇق ھەقىقەتنى يوشۇرغانلىق، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت يارىتىلىشتىكى تەبىئىي پىترەتنى يوشۇرغانلىق بولۇپ، مۇنداق ئادەم «كاپىر» يەنى ھەقىقەتنى يوشۇرغۇچى دەپ ئاتالغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئايرىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»[8]. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلىدىغان دىنسىزلار، باتىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلىدىغان يەھۇدىي-خىرىستىيان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۇفرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئېتىقادتىكى كۇفرىلىق، يەنە بىرى ئەمەلدىكى كۇفرىلىقتۇر. ئېتىقادتىكى كۇفرىلىق ئىماندىن چىقىرىدۇ. ئەمما ئەمەلدىكى كۇفرىلىق گۇناھقار قىلسىمۇ بىراق ئىماندىن چىقارمايدۇ.

ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. كۇفرى ئىنكار

كۇفرى ئىنكار-قۇرئان كەرىمگە ياكى سەھىھ ھەدىسىلەرگە ياكى ئۇلاردا كەلگەن ھۆكۈملەرگە ۋە ياكى ئۇلار ئارقىلىق بېكىتىلگەن بەش ۋاخ ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق پەرزلەرنىڭ ياكى ئەھكاملارنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: «ئاللاھ تائالاغا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟»([9]).

2. كۇفرى تەكەببۇر

كۇفرى تەكەببۇر-ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، چوڭچىلىق قىلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىقتۇر. بۇ خىلدىكى كۇفرى ئىبلىسنىڭ كاپىرلىقىغا ئوخشاش كۇفرىدۇر. چۈنكى ئىبلىس ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ئىدى. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى»([10]).

دېمەك، ئىبلىسنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكى بۇ ئايەتتە ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغان مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئىبلىسنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن بىردۇر.

3. كۇفرى شەك. بۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى بولغان ئالتە ئىماننىڭ قايسى بىرىگە شەك كەلتۈرۈش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: «(كاپىر ئادەم مۇنداق دېدى) قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ(يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن. ئۇنىڭغا (مۇئمىن) بۇرادىرى مۇنازىرلەشكەن ھالـــدا، سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ دېدى»([11]). چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئاخىرەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن ئادەم شەكسىز كاپىردۇر.

بۇ ئايەتتە، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا شەك كەلتۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

4. كۇفرى ئېتىراز

كۇفرى ئېتىراز. بۇ، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئەمەللەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش دېمەكتۇر. «كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر»([12]).

بۇ ئايەتتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدىن ۋە ئىسلام دەۋىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ شەكسىز «كاپىرلار» ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

5. كۇفرى نىفاق

كۇفرى نىفاق. بۇ، تىلىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، دىلىدا ئىشەنمەسلىك دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ.»([13])

 بۇ ئايەتتە، مۇناپىقلار ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ قانچىلىك دەۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، بەلكى كۇففارلاردىن ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

 ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقنى سادىر قىلغان ئادەم ئىسلام ۋە ئىماندىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق كاپىر بولىدۇ. قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئېتىقادتىكى كۇفرىلىق ئىمانغا زىت كېلىدۇ ۋە ئىمان بىلەن ھەرگىز بىرلىشەلمەيدۇ.

ئەمەلدىكى كۇفرىلىقنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. كۇفرانى نېئمەت

كۇفرى نېئمەت. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئادا قىلماستىن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: «نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر كۇفرانى نېئمەت قىلىپ (تۇزكورلۇق) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ.»([14])

2. كۇفرى مەئسىيەت

كۇفرى مەئسىيەت. بۇ، ئىسلام دىنىدا كۇفىرىلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن ھەرقانداق گۇناھ-مەئسيەتلەر ۋە يامان ئىشلار دېمەكتۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

① مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى: «مۇسۇلماننى ھاقارەتلەش ئېغىر گۇناھتۇر، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرۈش كۇفرىلىقتۇر.»([15])

② ھاراق ئىچىش، ئوغرىلىق قىلىش ۋە زىنا قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى: «زىنا قىلغۇچى مۇئمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ئوغرى مۇئمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ ۋە ھاراق ئىچكۈچى مۇئمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ.»([16])

③ ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئېتىش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى: «كاپىرلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولغان بولىدۇ.»([17]) بۇ ھەدىستىكى كاپىرلىق ئىماندىن چىقىرىدىغان دەرىجىدىكى ئېتىقادىي كاپىرلىق ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى كاپىرلىقتۇر.

3. كۇفرى ھۆكۈم

كۇفرى ھۆكۈم. بۇ، ئىسلام شەرىئەت قانۇنىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، باشقا قانۇنلارنى دەستۇر قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىش كۆرۈش دېمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: «كىملەركى، ئاللاھ چۈشۈرگەن «قۇرئان» بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر.»([18])

ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى «بۇ ئەسىرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياكى يەرلىك قانۇنلارنى ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ياكى ئوخشاش سانىغانلىق سەۋەب بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ئېتىقادتىكى كۇفرىلىقنىڭ ھۆكمىگە كىرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل كۇفرىلىق ئېتىقادىي كۇفرىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ ئىمانغا زىت كېلىدۇ. شۇڭا بۇنى سادىر قىلغۇچىلار كاپىر بولىدۇ.([19])

ئەمەلدىكى كۇفرىلىقنى سادىر قىلغان كىشى ئىسلامدىن ياكى ئىماندىن چىقىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، كاپىر بولمايدۇ. قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئەمەلدىكى كۇفرىلىق ئىمانغا زىت كەلمەيدۇ، بىراق ئۇنى سادىر قىلغۇچى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.

يۇقىرىقىلار ئومۇمغا قارىتىلغان ھۆكۈمدۇر. ئەمما بىرەر شەخسنى كاپىر دېيىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنى ئېنىقلاپ كاپىر بولغانلىقىغا ئۆزىنىڭ ئىقرارى ياكى ئوچۇق دەلىل-ئىسپات شەرتتۇر. ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرنى كافىر دەپ قاراش لازىم:

  1. ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلار.
  2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەنلەر.
  3. ئىسلام دىنىنى ياكى «قۇرئان كەرىم»نى مەسخىرە قىلغۇچىلار.
  4.  دەھرىيلەر([20]) ۋە زامانىمىزدىكى كوممۇنىستلار.
  5.  يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار.
  6. ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار.
  7.  ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن پىرقىلەردىن باتىنىيە، ئىسمائىلىيە، باھائىيە ۋە قادىيانىيە پىرقىلىرى. بۇلارنىڭ كاپىرلىقىدا شەك يوق. چۈنكى ئىسمائىلىيە ۋە قادىيانىيە پىرقىلىرى توغرۇلۇق شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە «ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى يەھۇدى ۋە خرىستىيانلارنىڭ كاپىرلىقىدىنمۇ ياماندۇر. چۈنكى ئۇلار دىننىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەن. باھائىيە ۋە قادىيانىيە پىرقىلىرى يىڭى بىر دىن شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام قانۇنلىرىنى رەت قىلىدۇ. قادىيانىي پىرقىسى غۇلام ئەھمەد قادىيانىنى ئاخىرقى پەيغەمبەر، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆپلىگەن ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ پىرقىلەرنىڭ كۆپلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى بۆلۈپ ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى مەلۇم.

8. بەزى شىئەلەر

شىئە مەزھىپىدىكىلەر ھەر خىل پىرقىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمامىيە ۋە زەيدىيە پىرقىلىرىغا ئوخشاش ئەھلى سۈننە مەزھىپىگە ئەڭ يېقىن بولغان پىرقىلىرىمۇ بار. شىئەلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن كاپىرلىققا يېقىن پىرقىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە «پەيغەمبەرلىك ئەسلىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى جىبرىل خاتالىشىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ كەلگەن» دەيدىغان پىرقىلىرىمۇ باردۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى شىئەلەرنىڭ بۇ پىرقىسىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھ دېگىنى ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىدۇر، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەسلىدە ئەلى رەزىيەللاھۇغا كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلاردىن ھېچبىر پەرقى يوق. چۈنكى مۇشرىكلارمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتاتتى، ئەمما ئۇنىڭغا مەخلۇقاتنى شېرىك كەلتۈرەتتى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە شىئەلەرنىڭ رافىزە پىرقىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئەڭ زالىم، ئەڭ نادان ۋە ئەڭ ئەخمەق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن قالسا ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر بولغان ساھابىلەرنى، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلامغا كىرگەن مۇھاجىرلارنى، ئەنسارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان ياخشىلارنى يامان كۆرىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنى ۋە يەھۇدىيلاردىن، خىرىستىيانلاردىن مۇشرىكلاردىن بولغان مۇناپىقلارنى دوست تۇتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىدۇ.»[21]

تۈر بىلەن شەخسلەرنى ئايرىش مەسىلىسى

ئىسلام ئۆلىمالىرى كۇفرى مەسىلىسىدە تۈر بىلەن شەخسنىڭ پەرقىنى ئايرىش توغرۇلۇق مەلۇم قانۇنىيەتلەرنى بېكىتكەن. بىزنىڭ « ئاللاھ تائالانى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ياكى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىمان ئېيتىش بەلگىلەنگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن بىرەرسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغانلار شەكسىز كاپىرلاردۇر» دېگەن سۆزىمىز تۈرگە ۋە مۇئەييەن پىرقىغا قارىتىلغان ئومۇمىي ھۆكۈمدۇر. كۇفرىلىق مۇئەييەن بىر شەخسكە قارىتىلماقچى بولسا، ھۆكۈم قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇ كىشىنىڭ راستىنلا كاپىر بولغان ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋقىئەسىنى ئېنىق بىلىش شەرتتۇر. بۇ ھەقتە شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: « بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆزمۇ كىشىنى كۇفرىلىققا ئاپىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ‹كىمكى شۇ سۆزنى دەيدىكەن، ئۇ كاپىر بولىدۇ› دېيىلگەن ۋە مۇئەييەن بىر شەخس شۇ سۆزنى دېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كاپىرلىقىنى ئۆزىدىن ئوچۇق ئاڭلىمۇچە ياكى شۈبھىسىز دەرىجىدە دەلىل بىلەن ئىسپات قىلمىغۇچە ئۇنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ «قۇرئان كەرىم»دە ئاگاھلاندۇرۇلغانلارغا ئوخشاشتۇر. مەسىلەن: «زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا يېنىپ تۇرغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ.»[22] دېگەن ئايەت ئومۇمغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇئەييەن شەخسنى كۆزدە تۇتمايدۇ. يەنى قانداقلا ئادەم يېتىمنىڭ پۇل_ مېلىنى يەۋالسا، ئۇ قورسىقىغا يېنىپ تۇرغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ. يېتىمنىڭ ھەققىنى يېگەن ئادەم گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ، يېتىمنىڭ ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ گۇناھسىز بولۇپ ئۆلۈشى ياكى ئۇنىڭ كاتتا ساۋابلىق ئەمەللىرى بولۇپ ئۇنىڭ سايىسىدا گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان بولۇشى ياكى ئېغىر مۇسىبەت ياكى چوڭ سىناقلارغا يولۇقۇپ ئاللاھقا سەۋر قىلغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھلىرى يويۇلغان بولۇشى مۇمكىن».

بىر مۇسۇلماننى كاپىر دېيىش ئاددى ئىش ئەمەس

ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «بىر مۇسۇلماننى كاپىر دېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۇفرى سۆزنى ياكى كاپىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان گۇناھنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلغان بولۇشى، بىلمىگەنلىك، سەۋەنلىك، تەۋىل قىلغانلىق ۋە مەجبۇرلانغانلىقىغا ئوخشاش ئۆزرىسى بولماسلىقى شەرتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر ئۇنىڭ مەلۇم كۇفرى سۆزنى ياكى كاپىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان مەلۇم گۇناھنى قىلغانلىقى شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئېنىق ئىسپاتلانمىسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، مەزكۇر كۇفرى سۆزنى ياكى كاپىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان مەزكۇر گۇناھنى بىلمەستىن ياكى سەۋەنلىكتىن ياكى تەۋىل قىلغانلىقتىن (يەنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدا بۇنداق سۆز ياكى بۇنداق گۇناھ كاپىر بولۇشقا سەۋەب بولمايدۇ، دەپ چۈشەنگەنلىكتىن) ۋە ياكى شۇ كۇفرى سۆزنى ئېيتىشقا ياكى كاپىرلىققا سەۋەب بولىدىغان شۇ گۇناھنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقتىن سادىر قىلغان بولسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزرىلىكتۇر.»

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «مۇنداق سۆزنى قىلغان ئادەم ياكى مۇنداق سۆزنى دېگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ، دېيىلگەندە مۇتلەق ھۆكۈم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىراۋ مەزكۇر كۇفرى سۆزنى ئىشنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شۇ كۇفرىنى سادىر قىلغانلىقىغا ئېنىق ۋە ئوچۇق دەلىل-ئىسپات بولمىسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ». ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇنۇ سۆزنى قىلسا، ئۇ كاپىر بولىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەگەر بۇ سۆزنى مەلۇم بىر شەخس دېگەن بولسا، ئۇنىڭ كاپىرلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەمەلي دەلىل-ئىسپات بولمىسا، ئۇنى كاپىر دېيىشكە بولمايدۇ». بۇ مەسىلىگە مۇنداق مىسال كەلتۈرۈلىدۇ: ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: «ئوغرىلىق قىلغان ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئايالنىڭ قولىنى كېسىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان. بۇ ئايەتتكى ھۆكۈم ئومۇمغا قارىتىلغان بولۇپ، ئوغرىلىق قىلغان ھەر قانداق ئەر-ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بىراۋغا قول كېسىش جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بارلىق شەرتلەر ھارىز بولمىسا ۋە قولنى كېسىشكە توسقۇن بولىدىغان سەۋەبلەر بولمىسا، ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بولمايدۇ.

مۇسۇلماننى كاپىر دېيىش ئىنتايىن خەتەرلىك

كۇفرىلىقنى ئاشكارا سۆزلىگەنلەر ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش لازىم بولغان يەردە، يامان ئىشلار بىلەن بىر قاتاردا ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلىدىغان ۋە «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان مۇسۇلمانلار توپىنى كۇفرىلىققا ھۆكۈم قىلىش بۇ قانداق جۈرئەت؟ مۇسۇلمان ئادەم بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملار رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىرەر مۇسۇلماننى كاپىر دەيدىكەن، ئەگەر ئۇ كاپىر بولمىغان بولسا، دېگەن كىشىنىڭ ئۆزى كاپىر بولىدۇ» دېگەن تۇرسا، مۇسۇلمانلارنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى راۋا كۆرىدىغانلار بۇ ھەدىسنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ شاھادەت كەلىمىسىنى ئاغزاكى ئېيتىپ قويغان مۇناپىقلارغىمۇ دۇنيا ئىشلىرىدا مۇسۇلمانلىق مۇئامىلىسى قىلىنىدىغان تۇرسا، مۇسۇلمان توپىنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىشقا بولامدۇ؟ ئاغزاكى ئىمان ئېيتقانلار مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ھېسابلىشىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش ئاچقان خاۋارىجلارنىمۇ «كاپىر» دېمىگەن. ساھابىلەر ئۇنىڭدىن «خاۋاىجلار كاپىر بولمىسا نېمە ئەمىسە؟» دەپ سورىغاندا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇلار كاپىرلىقتىن قاچقان كىشىلەردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.

تەكفىرنىڭ خەتەرلىرى:

بىراۋنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ. كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشى مۇرتەد دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن مۇنداق نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ:

1. مۇرتەد بولغان ئادەمنى ئايالىدىن ئايرىۋېتىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان ئايال كاپىر ئەرگە ھالال ئەمەستۇر.

مۇرتەد بولغان ئادەمنى ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قېلىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۇفرىلىقى بىلەن سەلبىي تەسىر بېرىشى ۋە ئۇلارنىمۇ ئازدۇرۇۋېتىشىدىن قورقىلىدۇ. مۇنداق بالىلار مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئۈستىگە ئامانەتتۇر.

2. مۇرتەد بولغان ئادەم بۇ قىلىقى بىلەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە سەلبىي تەسىر بەرگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا مەنىۋى جازا قوللىنىپ توغرا يولغا قايتقۇچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىشى ۋە ھەر قانداق بىر مۇئامىلە قىلىشى چەكلىنىدۇ يەنى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرىلىدۇ.

3. مۇرتەد بولغان ئادەم ئۆلگىنىدە يۇيۇپ تارالمايدۇ، جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمايدۇ.

4. مۇرتەد بولغان ئادەم كۇفرىلىق ھالىتىدە ئۆلسە، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە لايىق بولىدۇ ۋە رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋنىڭ كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئالدىرىماسلىق ۋە قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش لازىم كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كىشىلەرنى كاپىر قىلىشقا ئەمەس، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مۇسۇلمان قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز. ھەمدە بىراۋنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىش ئىشى شەخسلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى ئىسلام مەھكىمىسىنىڭ ئىشىدۇر.

مۇھەممەد يۈسۈپ


([1]) مۇرجىئەلەر_ ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە خاۋارىجلارنىڭ زىتىغا چىققان مەزھەپ بولۇپ، ئۇلار« كاپىر ئىبادەت قىلسا پايدىسى بولمىغاندەك، مۇئمىن گۇناھ قىلىسىمۇ ئۇنىڭ ئىمانىغا زىيان يەتمەيدۇ» دەيدۇ. ئۇلار كۆپلىگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ئەھلى سۈننە بىلەن زىتلىشىدۇ.

(2) ئىمام ئەزەمنىڭ «ئەلفىقھۇل ئەكبەر» ناملىق ئەسىرى164-167-بەتلەر.

(3) ئىمام تاھاۋىنىڭ«ئەقىدەتۇتتەھاۋىيە»ناملىق ئەسىرىگە ئىبنى ئەبۇلئىزنىڭ شەرھى31/2.

(4) شەھرىستانىنىڭ« مىللەتلەر ۋە دىنلار» ناملىق ئەسىرى1-توم، 114-بەت.

([5])  ئىبنى تەيمىيە-تولۇق ئىسمى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇسالام ھىجرىيىنىڭ 661-يىلى (1263م) ھازىرقى سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى ھەرران دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن، ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرى ئەڭ زور بولغان، بۈيۈك ئىسلاھاتچى ۋە مۇجتەھىد ئالىم. «شەيخۇلئىسلام» دېگەن ئېسىل ئۇنۋانغا نائىل بولغان. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مازارلارغا چوقۇنۇش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش قاتارلىق بىدئەت ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. فىقھى، تەپسىر، ھەدىس، ئەقىدە قاتارلىق ماۋزۇلاردا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. شېئىرمۇ يازغان. ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى «ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى» بولۇپ، 27 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسەردۇر. ھىجرىيىنىڭ 728-يىلى (1328م) 67 يېشىدا تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

(2) شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» ناملىق ئەسىرى 3/282-بەت.

(3) بۇ ھەدىسنى ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ»دەپ باھالىغان.

([8]) نىسا سۈرىسى150-151-ئايەتلەر.

([9]) ئەنكەبۇت سۈرىسى 68 – ئايەت.

([10]) بەقەرە سۈرىسى 34 – ئايەت.

([11]) كەھف سۈرىسى 36-37 – ئايەتلەر.

([12]) ئەھقاف سۈرىسى 3 – ئايەت.

([13]) بەقەرە سۈرىسى 8 – ئايەت.

([14]) ئىبراھىم سۈرىسى 7 – ئايەت.

([15]) بۇخارى رىۋايىتى.

([16]) مۇسلىم رىۋايىتى.

([17]) ئەھمەت رىۋايىتى.

([18]) مائىدە سۈرىسى 44 – ئايەت.

([19]) دۇكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ئىبادەت» ۋە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ «تەۋھىد كىتابى» ناملىق ئەسەرلىرىدىن ئېلىندى.

 (5) دەھرىيلەر-«ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى مۇشۇ ھاياتىمىزدۇر، (بىر تەرەپتىن) ئۆلىمىز، (يەنە بىر تەرەپتىن ھاياتقا كۆز ئېچىپ) تىرىلىمىز . زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولۇپ تۈگىشىمىز» دەيدىغانلاردۇر. (جاسىيە سۈرىسى، 24-ئايەت).

([21])  شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»ناملىق ئەسىرى 1-توم، 20-بەت.

([22])  نىسا سۈرىسى 10 –ئايەت.