ئۆلىمالارنى قەدىرلەش

ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

ئۆلىمالار مۇسۇلمانلارنىڭ يول كۆرسەتكۈچى پېشىۋالىرى بولۇپ، ھەق يولدا مېڭىشنى خالايدىغان مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەت ۋە مەرتىۋىگە سازاۋەردۇر. چۈنكى ئۆلىمالار كىشىلەرنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان نۇرلۇق چىراقتۇر. ئىنسانلار ئۆلىمالارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە رەھبەرلىكى بىلەن توغرا يولدا مېڭىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتلىك ھايات كەچۈرەلەيدۇ.

مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ كالامى قۇرئان كەرىمدە ئۆلىمالارنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ﴾ «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقىدىغانلار ئالىملاردۇر.» يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار تەڭ بولامدۇ؟! پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ.» ئاللاھ تائالا بىلمىگەن ئىشلارنى ئالىملاردىن سوراپ ئۆگىنىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «ئەگەر بىلمىسەڭلار، بىلىدىغانلاردىن سوراڭلار.»

ئىمام ئاجۇررى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن، ئويلاپ بېقىڭلار: ھەرتۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەر بىلەن تولغان بىر يول بار بولۇپ، ئىنسانلار قاراڭغۇ كېچىدە ئۇ يولدىن مېڭىشقا مۇھتاج. لېكىن يولدا چىراق بولمىغانلىقى ئۈچۈن قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قالغان. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇ يولنى يورۇتىدىغان چىراقلارنى يارىتىپ بەرگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئۇ خەتەرلىك يولدىن ساق-سالامەت ئۆتىۋالغان.

كېيىن بىر بۆلۈك ئىنسانلار كېلىپ ئۇ يولدىن ماڭمىسا بولمايدىغان بولغاچقا، ئۇ يولغا كىرىپ ماڭدى. ئۇلار مېڭىۋاتقاندا چىراقلار ئۆچۈپ، ئىنسانلار قاراڭغۇدا قالدى. ئەمدى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر؟ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆلىمالارمۇ ئەنە شۇنداق قاراڭغۇ يوللارنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراقلاردۇر. نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار پەرزلەرنى قانداق ئادا قىلىشنى، ھاراملاردىن قانداق ساقلىنىشنى ۋە ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىبادەت قىلىشنى پەقەت ئۆلىمالارنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئۆلىمالار تۈگەپ كەتسە، ئىنسانلار نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. ئۆلىملارنىڭ تۈگىشى بىلەن ئىلىم يوقىلىدۇ، جاھالەت باش كۆتۈرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇسىبىتى ئۆلىمالاردىن ئايرىلىپ قېلىشتۇر.»  

ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارغا دۇئا قىلىش، ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزرىلىك كۆرۈش لازىم. ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا شۈكرىكى، پەيغەمبەرلەر بولمىغان زامانلاردا ئېزىپ كەتكەنلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، كىشىكەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ئاللاھنىڭ كىتابىنى جانلىق تۇتىدىغان، ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان ئۆلىملارنى چىقىرىپ تۇرىدۇ. ئۆلىمالار شەيتان ئۆلتۈرگەن قانچىلىغان كىشىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ؛ قانچىلىغان يولدىن چىققان ئازغۇنلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتىشى نېمىدېگەن ياخشى! ئىنسانلارنىڭ ئۆلىمالارنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋېلىشى نېمىدېگەن يامان! ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ كىتابىنى قوغدايدۇ...»

ئۇلۇغ دىنىمىزنى تارقىتىش ۋە ئۇنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتە ئۆلىمالارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇھىمدۇر. ساھابە كىراملاردىن تارتىپ بۈگۈنگىچە دىنىمىزنى ساغلام مۇھاپىزەت قىلىپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ كەلگەن ئۆلىمالاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قەدىرلەش، ئىززەتلەش، ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كامالىي ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىش، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك ۋە ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك لازىم.