ئۇنتۇلغان ئۆلىما ئابدۇللا قارىھاجىم

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد

مەن كىچىڭ ۋاقىتلىرىمدا ھويلىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىككى تۈپ ئۈژمە دەرىخى بولىدىغان، ئۈژمە دەرىخىنىڭ غوللىرى ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمىگىۈدەك دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، غول شاخلىرى ئەتىراپىغا نەچچە ئون مېتېرلىك دائىرىغىچە سۇزۇلاتتى. ئاتامنىڭ دىيىشچە بۇ ئۈژمە دەرەخلىرى ئاتامنىڭ ئاتىسىنىڭ زامانىدىن ئېىلگىىرمۇ بار بولۇپ، نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. 90-يىللارنىڭ بېشىدا سەئۇدىي ئەرىبىستاندىن تىگى شاھيارلىق ئابدۇرېقىپ قارىھاجىم ۋە ئاكىسى ھەسەنھاجىملار ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلگەندە، ئاتامنىڭ بۇ ئۈژمە دەرەخلىىرنىڭ ئاتىسىدىن مىراس قالغان تەۋەرۈكلەر ئىكەنلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.



بۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ باشقىلارغا ئۈژمە ھەققىدە سۆلىگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمىدى. ئاتام ئاچچىقى يامان مىجەزى چۇس ئادەم بولۇپ، ئادەتتە باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاسانلىقچە دېمەيدىغان ئادەم ئىدى، پەقەت ئۆزى ھۆرمەت قىلغان ۋە چوڭ بىلگەن ئادەملىرىگىلا مۇشۇنداق ئىشلار توغرۇلۇق ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. شۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا ئاتام يەنە 1958-يىلى كۇچادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ مۇشۇ ئۈژمە دەرىخىگە چىقىۋېلىپ جان ساقلىغانلىقلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى.

ئاتامنىڭ ئۈژمىلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بار ئىدى. ئاتامنىڭ ھەر يىلى ئۈژمە پىششىقىدا بامدات نامىزىدىن كېيىنلا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ئۆز قولى بىلەن ئۈژمە تېرىپ يېيىش ئىدى. قۇلۇم-قوشنىلار، مەھەللىدىكىلەر، ھەتتا يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرمۇ ھويلىمىز ئالدىغا كېلىپ، ئۈژمە يېسە ئاتام شۇنچىلىك خۇشال بولاتتى. لېكىن كەپسىز بالىلار ئۈژمە دەرىخىگە چىقىۋېلىپ، ئۈژمىلەرنى قېقىۋەتسە ياكى شاخلىرىنى سۇندۇرۋەتسە ئاتامنىڭ شۇنچىلىك ئاچچىقى كېلەتتى.

تام قوشنىمىزنىڭ بىر قانچە بالىسى بولۇپ، بىر ئاز كەپسىز ئىدى. ئۇلار بەزىدە ئۈژمە دەرەخلىرىگە چىقىۋېلىپ، ئۈژمىلەرنى قېقىۋېتەتتى ياكى ئۈژمىلەرنى شېدىشاپقا ئوڭشاپ قاقالماي، زايە قىلىۋېتەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئاتامنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: «ئەگەر ئابدۇللا قارىھاجىمنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، ئەدىبىڭلارنى تازا بەرگەن بولاتتىم. قارى-قۇرئان ئادەمنىڭ نەۋرىلىرىمۇ مۇشۇنداق كالامپاي چوڭ بولۇپ قالىدىكەن» دەپ ۋارقىراپ كېتەتتى. كېيىنچە يەر دەۋاسى بىلەن بۇ خوشنىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز سەل يىراقلاپ كەتتى. شۇ چاغدىمۇ ئاتامنىڭ ئېغىزىدىن يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى بىرقانچە قېتىم ئاڭلىدىم. بۇ چاغلاردا مەنمۇ تېخى بالا، گۈدەك بولغاچقا ئاتامنىڭ ئابدۇللا قارىھاجىم ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئانچە زەڭ قويمىغانىكەنمەن. كېيىن مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئوقۇشقا كەتتىم، يۇرتتىن ئايرىلدىم، يىللار ئۆتكەنچە ئەسلىمىلەرمۇ خىرەلەپ كەتتى. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر ئابدۇللا قارىھاجىم دېگەن بۇ ئىىسم كاللامدىن ھېچ ئۆچمىگەنىدى. ئاتامنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەشكە شۇنچە تىرىشتىم، ئەمما غۇۋا بايانلاردىن باشقا ھېچنىمىنى ئىىسمگە ئالالمىدىم. مەندە ئابدۇللا قارىھاجىم ھەققىدە بىر نەرسە يېزىش ئىستىكى قوزغالغاندىن باشلاپ، بار ئىمكانىيەتلىرىدىمدىن پايدىلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك كۆرۈپ چىقتىم، ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن ئىزدىدىم، ئەمما ئابدۇللا قارىھاجىم ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم. ھەتتا «كۇچادا ئۆتكەن تارىخىي شەخىسلەر» دېگەن كىتابقىمۇ بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى كىرگۈزىلمىگەنىدى.

ئاتامنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلارغا كۆرە، ئابدۇللا قارىھاجىم ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ كۇچا كونا شەھەردە ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا كۇچادىكى داڭلىق ئۆلىمالاردىن تەلىم ئېلىپ، نام چىقارغان. ئابدۇللا قارىھاجىمنىڭ ئاتىسى كۇچا كونا شەھەردىكى رەستە مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولۇپ، 1930-يىلى ئاتىسىنىڭ ئورنىنى بېسىپ رەستە مەسچىتىگە ئىمام بولغان.

رەستە مەسچىتى كۇچادىكى نامى بار مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1908-يىلى سېلىنغان، ئومۇمىي كۆلىمى 3330 كۋادرات مېتېر كېلىدۇ. تەخمىنەن 1500 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ. رەستە مەسچىتى كۇچا كونا شەھەرنىڭ مەركىزىگە، «كۆسەن كېچىكى» دەپ ئاتالغان كۆۋرۈكنىڭ دەل ئۇدۇلىغا جايلاشقان بولۇپ، كونا شەھەر مەركىزىنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرى ھېسابلىنىدۇ. مەسچىتنىڭ ئەتىراپىغا ئايلاندۇرۇپ دۇكانلار سېلىنغان بولۇپ، دۇكانلاردىكى قول-ھۈنەر بۇيۇملىرى مەسچىتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە تېخىمۇ گۈزەل تۈس بەرگەن.

ئابدۇللا قارىھاجىم 1894-يىلى كۇچا كونا شەھەردە تۇغۇلغان. ئۇ 1935-يىلى سەئۇدىي ئەربىستاندىكى ئوقۇشىنى ۋە ھەج پەرزىنى تاماملاپ، كۇچاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسايىپ داموللا ھاجىم، ھامۇت مەۋلىۋى داموللا ھاجىم قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك دىنىي زاتلار بىلەن بىرلىكتە جەمىيەتتە قالاق ئادەتكە ئايلانغان دەپنە ئىشلىرىدىكى مۇرەككەپ قائىدە-يوسۇنلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، دىندىكى بىدئەد ئەمەللەرنى يوقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى ئازايتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ مەدرىسلەردە تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە تەبىئەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دىنىي بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئابدۇللا قارىھاجىمنىڭ زامانداشلىرىنىڭ بايان قىلشچە، ئابدۇللا قارىھاجىم ھەر جەھەتتىن يىتىلگەن ئىستىداتلىق، يۈرەكلىك ياش بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللىرى قەشقەر ۋە ئاقسۇلاردا نەشىر قىلىنغان ھەرخىل نەشىر ئەپكارلىرىدا جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى پاش قىلىدىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. بىراق ئۇنىڭ بۇ ماقالىلىرى ھەققىدە قولۇمدا ھېچقانداق بىر پاكىتلىق ئىسپات يوق. بۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ۋە ئىمكانىيەتلىرى يار بېرىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللاردىن ئىزەپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنى قۇربان ھېيت كۈنى كۇچادا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيىسى 65-بىرگادىسىنىڭ 383-پولكىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەر ئەسەبىيلىشىپ، كۇچا كونا شەھەردىكى ئاھالىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ئۆيلەرگە ئوت قۇيۇپ، قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ ۋەھشىيلىك قىلىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمىغان ئابدۇللا قارىھاجىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۇلارنى توسماقچى بولىدۇ، بىراق قانخور گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئابدۇللا قارىھاجىمنى قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرىدۇ. ئابدۇللا قارىھاجىم بۇ ۋەقەدىن كېيىن پالەش بولۇپ قالىدۇ. كېيىن داۋالىنىش جەريانىدا سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ.

ئابدۇللا قارىھاجىم كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل ھەرىكەتلەر جەريانىدا خەلق بىلەن بىر سەپ تۇرۇپ، خەلقنىڭ دەرت-ئەلەملىرىگە شىپا ئىزەيدۇ. شۇڭا ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلانغان ھامان تارتىپ چىقىرىلىپ، ئۇنىڭغا «ئەكسىلئىنقلاپچى» قالپىقى كىيگۈزىلىدۇ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنىپ خارلىنىدۇ. 1977-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن نابۇت قىلىنغان ئابدۇللا قارىھاجىم كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ نامى 1980-يىلى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ نامى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك.

ئەمەلىيەتتە ئابدۇللا قارىھاجىم كۇچادا ياشاپ ئۆتكەن ناھايتى ئاز ساندىكى نامى ئەل ئارىسىغا تارقالغا ۋە خەلقنىڭ قەلبىدىن ھەققىي ئورۇن ئالغان دىنىي ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، مەيلى شەھەردە بولسۇن، مەيلى يېزىلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا ھۆرمىتى زور ئىدى. ئابدۇللا قارىھاجىم كۇچادىكى مەدىرىسلەردە، قەشقەر خانلىق مەدىرىسىدە، ئاندىن سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامى مىسىردا ئوقۇغان مۇھەممەت ئىمىن قازى ھاجىم، سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئوقۇغان مۇسايىپ داموللا ھاجىم، ھىندىستاندا ئوقۇغان ھامۇت مەۋلىۋى داموللا ھاجىملار بىلەن تەڭ قاتاردا سانىلاتتى. [1]

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان


[1] كۇچا تارىخ ماتىرىياللىرى (6) 60-بەت

پايدىلانغان مەنبەلەر:

«كۇچا تەزكىرىسى»، "شىنجاڭ" خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى 1-نەشىرى.

«كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى»، سىياسىي كېڭەش كۇچا ناھىيىلىك كوممىتىتى، 2004-يىلى

ئاتامنىڭ ئەسلىمىلىرى.