خالىسانە خىزمەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

خالىسانە خىزمەت ئىنسان ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدىغان ياخشى ئىش بولۇپ، مەيلى جىسمانىي خىزمەت بولسۇن، مەيلى ئەقلىي خىزمەت بولسۇن، مەيلى ئىقتىسادىي خىزمەت بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئىشنى بەدەلسىز قىلىپ قويۇش خالىسانە خىزمەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. خالىسانە خىزمەت قىلىدىغانلار ھەرقانداق جەمئىيەتتە تېپىلىدۇ ۋە بۇ ئىشنى ھەممە كىشى ياقتۇرىدۇ.

خالىسانە خىزمەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى شەخسىي خىزمەت، يەنە بىرى كوللىكتېپ خىزمەتتۇر.

خالىسانە شەخسىي خىزمەت دېگىنىمىز: بىرەر شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا خالىسانە خىزمەت قىلىشى بولۇپ، بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرستە ئارقىدا قالغان بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ھەقسىز دەرس بەرگىنىگە، دوختۇرنىڭ يوقسۇللارنى ھەقسىز داۋالاپ قويغىنىغا ئوخشاش بىرەر شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان خالىسانە ئىشلارغا ئوخشاش.



خالىسانە كوللىكتىپ خىزمەت دېگىنىمىز: بىر قانچە كىشىنىڭ ياكى بىرەر مۇئەسسەسەنىڭ كوللىكتىپ ھالىتىدە قىلغان بەدەلسىز ئەمگىكىنى كۆرسىتىدۇ. كوللىكتىپ خىزمەتنىڭ شەخسىي خىزمەتتىن مەنپەئەتلىك ۋە داۋاملاشقۇچى بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

 خالىسانە خىزمەت ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش، ياردەملىشىش ۋە پىداكارلىق قاتارلىق پەزىلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە چوڭ رول ئوينايدىغان مۇھىم ئىشتۇر. ئۇ يەنە ئىنسانىيەتچىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىدىغان ئەمەلدۇر.

خالىسانە خىزمەتنىڭ پەزىلىتى

خالىسانە خىزمەت دىنىمىز تەشەببۇس قىلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى بولغىنىدەك، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلەر كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى خالىسانە يەتكۈزگەن، ئۇلار دەۋەت يولىدا سىڭدۈرگەن جاپا-مۇشەققەتلىك خىزمەتلىرى بەدىلىگە كىشىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمىغان. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارمۇ كىشىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلمىغان. دېمەك، ئىشلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى بولغان دىنىي دەۋەت ئەزەلدىن خالىسانە دەۋەت قىلىش جەريانىدا بىزلەرگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. خالىسانە خىزمەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە دوستلۇق رىشتىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدىغان ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى بىرگە ھەل قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.

دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلار پەقەتلا خالىسانە خىزمەت سايىسىدىلا بارلىققا كەلگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەقپىلەر، ھە خىل تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە كۆپلىگەن پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى دۆلەتلەرنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئەمەس، پەقەتلا شەخسىلەرنىڭ خالىسانە تىرىشچانلىقى بىلەن بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى كاتتا شىركەتلەر ۋە مەشھۇر ۋەقپىلەرنىڭ ھەممىسى شەخسلەرنىڭ خالىسانە ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ھەرقانداق بىر دۆلەت قانچىلىك كۈچلۈك ۋە قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن، بەرىبىر بىر تۈركۈم شەخسلەرنىڭ خالىسانە ئەمگىكىگە موھتاج بولىدۇ. چۈنكى دۆلەت ئۆزى يالغۇز خەلقنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كېتەلمەيدۇ.

خالىسانە خىزمەتنىڭ پايدىسى

خالىسانە خىزمەت مەيلى بىرەر شەخس تەرىپىدىن قىلىنغان خىزمەت بولسۇن ياكى كوللىكتىپ تەرىپىدىن قىلىنغان خىزمەت بولسۇن، ئۇنىڭ شەخسلەرگە ۋە جەمئىيەتكە يەتكۈزىدىغان پايدىسى چوڭ، قالدۇرىدىغان تەسىرى كۈچلۈكتۇر. خالىسانە خىزمەتنىڭ ئاساسلىق پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ بىرەر خالىسانە ئىشنى قىلىپ قويغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. چۈنكى خالىسانە ياخشى ئىش قىلىش ساۋابلىقتۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە )وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ( يەنى «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»[1] دەپ ئەمر قىلغان.
  2.  
  3. خالىسانە ياردەم ۋە خالىسانە خىزمەت سايىسىدا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى كۈچلىنىدۇ، مۇسۇلمان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مۇھەببەت، يېقىنلىق ئاشىدۇ.
  4. خالىسانە خىزمەت ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى شەخسلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە كۈچ_ قۇۋۋىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىشىلەر ئۆزىدىكى ۋە باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقىۋالالايدۇ.
  5. خالىسانە خىزمەت كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، بەدەلسىز ياردەملەرنى قىلىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈشى ئۈچۈن چوڭ پۇرسەتتۇر.
  6. خالىسانە خىزمەتلەر ئارقىلىق دۆلەتلەر روياپقا چىقىرالمىغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلار روياپقا چىقىدۇ. چۈنكى خالىسانە خىزمەتنىڭ ئاساسى ئىخلاستۇر. ئىخلاس ئاساس قىلىنغان ئىش چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

خالىسانە خىزمەتنىڭ تۈرتكىلىرى

باشتا ئېيتقىنىمىزدەك، خالىسانە خىزمەت مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى باشقا دىندا بولسۇن ۋە ياكى ھېچقانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئىنسان بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئىنسان ياخشى كۆرىدىغان ئىشتۇر. ئىنسانلاردا خالىسانە خىزمەت قىلىشنىڭ تۈرتكىلىرى بىر خىل بولمايدۇ. بەزىسى ئۆزىدىكى ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىلسا، بەزىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن قىلىدۇ، يەنە بەزىسى ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىت ياكى ئائىلىنىڭ تەسىرى بىلەن قىلىدۇ. قانداقلا بولسۇن، خالىسانە ئىش قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر جەمئىيەت ۋە مۇھىتنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ.

خالىسانە خىزمەت قىلغان ئادەم ئۆزىنى بەختلىك قىلىدۇ

شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ئۆزى ياشىغا جەمئىيىتىگە بىر نەرسىلەرنى بەدەلسىز تەقدىم قىلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالايدۇ ۋە ئۆز ھاياتىغا ئەھمىيەت قازاندۇرالايدۇ. ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ گۈزەل بىر تەمى بولۇپ، ئۇنىڭ تەمىنى خەير_ ئېھسان ئىگىلىرىلا تېتىيالايدۇ. چۈنكى ياخشىلىق كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغان، ۋىجداننى راھەتلەندۈرىدىغان، ئىنسانلارنى خوش قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاقتۇر. بەرگۈچى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ۋاقتىدىكى خوشاللىقىدۇر. شۇڭا، سىز ئالغاندا ئەمەس، بەرگەندە خوشال بولۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، سىزنىڭ خوشال بولىدىغان چاغلىرىڭىز ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە بار خوشاللىق بولۇپ، ئۇنى ئۆزىڭىزدىن چىقىرالايسىز. چۈنكى سىز بىر نەرسىنى ئالاي دېسىڭىز خالىغان ۋاقىتتا ئالالمايسىز، ئەمما بىر نەرسىنى بېرەي دېسىڭىز خالىغان ۋاقىتتا بېرلەيسىز ۋە ئۆزىڭىزنى خوشال قىلالايسىز.

 ئالبېرت ئېينىشتېين ھېچبىر دىنغا ئىشەنمەيدىغان دىنسىز ئادەمنىڭ بەختسىزلىكىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «دىنسىز ئادەمنى بەختسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئومۇم خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا خۇلاسىلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان ئادەملەر ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە مەھبۇس بولۇپ قالغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆتىدۇ. چۈنكى مۇنداقلار خالىسانە خىزمەتلەردىن كېلىدىغان ھۇزۇر_ ھالاۋەتتىن ۋە كۆڭۈل خوشلىقىدىن مەھرۇم قالغان بىچارىلەردۇر. شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيىتىگە، خەلقىگە بىر نەرسىلەرنى تەقدىم قىلمىسا، ئۇ مۇشۇ قىسقا ھاياتىدىن ھېچبىر تەم ئالالمايدۇ». دېمەك، ئىنسان ئۆز خەلقىگە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىدىن، پۇل_ مېلىدىن تەقدىم قىلىش ئارقىلىقلا ھاياتلىقنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايدۇ، كۈنلىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر مەنىسى بولغان بولىدۇ.

پىسخولوگىيە ئالىملىرى «ئىنسان ئۆز نەپسىدىن كېچىپ كىشىلەرگە بىر نەرسە نەقدىم قىلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ نام_ نىشانىسىنى قالدۇرالايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى ئۈزۈلگەن بولىدۇ، پەقەت ئۈچ نەرسىنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: ياخشى پەرزەنت، پايدىلىق ئىلىم ۋە سەدىقە جارىيەدۇر»[2] دېگەن سۆزى چوڭقۇر مەنىلەرگە دالالەت قىلىدۇ.

ئىسلامدا خالىسانە خىزمەتنىڭ ئورنى

يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىز ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئەھۋالىدۇر. ئەمدى مۇئمىن ئادەمگە كەلسەك، مۇسۇلمان ئالىملار ئىسلامنى تونۇشتۇرماقچى بولسا، خۇددى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئېيتقاندەك: «دىن ھەممە ساھەدە پەقەت ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش ۋە مەخلۇقاتقا شەپقەت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ». ياكى ئىمام رازى ئېيتقاندەك: «دىن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە مەخلۇقاتقا شەپقەت قىلىشقا قويۇلغان بىر ئىسىمدۇر» ۋە ياكى ئىمام ھەرەۋى ئېيتقاندەك: «ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىنى تاشلاش ۋە جاھان ئەھلىگە شەپقەتلىك بولۇشتۇر». دېمەك، دىننىڭ ئاساسى ۋە ئۇنىڭ غايىسى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا بەندىچىلىك قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرىغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىش دىللاردا ئۆچمەس سۆيگۈ-مۇھەببەت قالدۇرىدىغان كاتتا ئىش ۋە ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئادەم كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك ئادەمدۇر، ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئەمەل بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ كۆڭلىگە خوشاللىق كىرگۈزۈش ياكى ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ۋەياكى ئاچلىقىنى تويغۇزۇشتۇر. مەن ئۈچۈن بىرەر مۇسۇلمان قېرىندىشىم بىلەن بىللە مېڭىپ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىش مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئولتۇرۇپ بىر ئاي ئىتىكاپ قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر. كىمكى ئاچچىقىنى بېسىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيبىنى يۆگەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوشاللىققا تولدۇرىدۇ، بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ماڭغان كىشىنىڭ قەدىمىنى ئاللاھ قەدەملەر تېيىپ كېتىدىغان قىيامەت كۈنىدە مۇستەھكەم قىلىدۇ»([3]).

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلارنى خالىسانە خىزمەتكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: )وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ( يەنى «ھەربىر ئۈممەتنىڭ يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بار. شۇڭا سىلەر ياخشى ئىشلارنى بەس_ بەستە قىلىڭلار»[4]، )فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ( يەنى «ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر(نىڭ قايسىسىنىڭ ھەق، قايسىسىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ»[5].

بىزنىڭ ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق شۇ بەلگىلىك ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىزنى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا بەندىچىلىك قىلىدىغان، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار ۋە بارلىق جانلىقلاردىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىغا ياخشىلىق قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇيرۇلغان. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، كۆپىنچە مۇسۇلمانلار خۇددى دوختۇر بۇيرۇغان دورىنى ۋەقتى-قەرەلىدە يەپ تۇرۇپ كېسەلدىن ساقىيالمىغان بىمارلارغا ئوخشاش قىلغان ئىبادەتلىرىدىن نەپ ئالالمايۋاتماقتا.

بىز مۇشۇنداق ئېسىل، مۇشۇنداق مۇكەممەل ۋە مۇشۇنداق رەھىم_ شەپقەتلىك بولۇشقا چاقىرىدىغان بىر دىننىڭ مەنسۇپلىرى تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ دىنىمىز باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىشنى، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن كېچىپ موھتاجلارغا ياردەم قىلىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى دىننىڭ جەۋھىرى قاتارىدىن سانىغان بولسىمۇ، بىز مۇسۇلمانلاردىكى بىر-بىرىمىزنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە خالىسانە ئىش قىلىش دەرىجىسى نۆل دەرىجىدە بولۇپ كەلمەكتە.

بىز بەزىدە بىرەر ئادەمنىڭ قانداقلا بىر ئىشنى خالىسانە قىلىپ قويغانلىقىدىن ھەيران قالىمىز، مۇنداق ئادەمنى قالتىس ئادەم دەپ كېتىمىز. ئەسلىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ھەيران قېلىشىمىز لازىم. چۈنكى خالىسانە ئىش قىلىش، باشقىلارغا بەدەلسىز ياخشىلىق قىلىش بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ بۇيرۇقى تۇرسىمۇ، بىز خالىسانە ئىش قىلىپ كۆنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، خالىسانە ئىش قىلىش بىز ھەيران قالىدىغان ۋە ئەجەبلىنىدىغان ئىش بولۇپ قالغان. ئەسلىدە، خالىسانە ئىش قىلىش ۋە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇنى قىلماسلىق ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر.

خالىسانە خىزمەت قىلىش نۆلگە چۈشۈپ قالغان جەمئىيەتتە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مەنپەئەتكە باغلىنىپ قالىدۇ. مۇنداق بىر جەمئىيەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىق، سەمىمىيلىك، بېغىشلاش ۋە پىداكارلىق دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش قىيىن بولىدۇ. مۇنداق بىر جەمئىيەت كىشىلىرى شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، ھەممىسى ئۆزىنىڭ غېمى بىلەنلا قالغانلىقتىن، ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئومۇم خەلق زىيان تارتىدۇ.

بىز ياخشى ئىشنى ۋە خالىسانە ياردەملەرنى ھەمىشە مۇسۇلمانلارلا قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. بىز مۇسۇلمانلار بۇ ئىشتىمۇ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالغان. مەسىلەن: ئامېرىكىنى مىسال قىلساق، 2010_ يىلى ئېلىپ بېرىلغان ستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھەربىر تۆت ئادەمنىڭ بىرى ئۆمرىنى خالىسانە ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. 2010_ يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئاشۇ ستاتىسكىدا يەنە ئامېرىكىدىكى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى بىر يېرىم تىرىليون دوللارغا يەتكەنلىكى (يەنى ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ يۈزدە 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقى) ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ئۇ جايلاردىكى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ كىرىمىدىن ئاز دېگەندە يۈزدە 35 پىرسەنتىنى تاشقىرىدا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىكەن.

بىزنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرىمىز «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ خالىسانە ئىش قىلغۇچىلارنى ماختايدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. )وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ( يەنى «ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىدە يەرلىشىپ قالغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغان (ئەنسار)لار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن(مۇھاجىر)لەرنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ ۋە ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇقلۇق (ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»[6].

ئىسلام مۇتەپەككۇرى سەييىد قۇتۇب بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بېخىللىق ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنىڭ ئالدىدا چوڭ توسقۇنلۇقتۇر. چۈنكى بارلىق ياخشىلىق بېغىشلاشتىن كېلىدۇ. پۇل_ مېلىنى بېغىشلاش، مۇھەببىتىنى بېغىشلاش، ۋاقتىنى بېغىشلاش، كۈچىنى بېغىشلاش، كېرەك بولغاندا جېنىنى بېغىشلاش قاتارلىق بىرقانچە تۈرلۈك بېغىشلاشلار بىلەنلا ياخشىلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئېلىشنىلا بىلىپ، بېرىشنى بىلمەيدىغان، شەخسىيەتچى، بېخىل ئىنسانلار ھېچ نەرسىسىنى بېغىشلىيالمايدۇ. شۇڭا، نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغان ئادەم ياخشىلىق يولىدىكى توسقۇنلۇقنى پارچاقلاپ تاشلىغان بولىدۇ ۋە بېغىشلىغۇچى بولۇپ مەيدانغا چۈشىدۇ».

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان


[1] سۈرە مائىدە 2_ ئايەت.

[2] ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئەبۇداۋۇد ۋە ئىمام نەسائى رىۋايىتى.

([3])ئىمام تەبەرانى رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانى«ھەسەن» دەپ باھالىغان ھەدىس.

[4] سۈرە بەقەرە 148_ ئايەت.

[5] سۈرە مائىدە 48_ ئايەت.

[6] سۈرە ھەشر 9-ئايەت.