تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن

ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىغا يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك دۇنياسىغا ھامىيلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋەتىنىمىزدىكى ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن تۈركىيىگە كېلىپ كېتىۋاتقان ۋە ئورۇنلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپەيدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مۇرەككەپ ئەھۋالى بەزى كىشىلىرىمىزنى خېلى گاڭگىرىتىپ قويدى. بەزىبىر ئاقكۆڭۈل ۋە ساددا تىجارەتچىلىرىمىز قويمىچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراۋاتقان بولسا، يەنە بەزىبىر نادان كىشىلىرىمىز تاشقى كۆرۈنۈشى دىنىي ئالىم، ئەمما ئەمەلىيەتتە دىن دۈشمەنلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان ئازغۇن پىكىردىكى كىشىلەرگە ئەگىشىپ كېتىپ توغرا ئىسلام تەلىماتلىرىدىن يىراقلىشىپ خاتا ۋە ئەگرى توقاي يوللارغا كېرىپ كېتىۋاتماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بەزىبىر يامان غەرەزلىك پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نادان ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھەققىدە ھەرخىل سەپسەتىلەرنى ۋە تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇرشقا ئۇرۇنماقتا.

بىز ئەنە ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى كۆز ئالدىمىزدا قويغان ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەرخىل مىللەت ۋە ئىرقلاردىن تەركىپ تاپقان، ھەرخىل ئېتىقاد، مەزھەپ، مەدەنىيەت ۋە كۆزقاراشلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنى ۋە تۈركىيە جەمئىيىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن بۇ قېتىمقى نەزىرىمىزنى تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قارىتىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. ئاساسلىق ماۋزۇغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن تۈركىيەنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.

تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى:

تۈركىيە ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئىككى قىتئەگە جايلاشقان دۇنيادىكى بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ زېمىنىنىڭ 97% ئاسىيادا قىتئەسىگە، قالغان 3% زېمىنى ياۋرۇپا قىتئەسىگە جايلاشقان. تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 814. 578 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىك زېمىنى 783. 562 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ 7200 كىلومېتىرلىق دېڭىز چېگرا سىزىقى غەربتە ئەگە دېڭىزى، جەنۇبتا ئاق دېڭىز، شىمالدا قارا دېڭىز قاتارلىق دېڭىزلارنى بىر-بىرىگە باغلىسا، ئۇنىڭ 2648 كىلومېتىرلىق قۇرۇقلۇقتىكى چېگرا سىزىقى تۈركىيىگە قوشنا بولغان جورجىيە، ئەرمىنىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، سۈرىيە، ئىراق، گرېتسىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. يەر كۆلىمى جەھەتتە ياۋروپادا ئىككىنچى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تۆتىنچى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە زېمىنلىرى 81 ۋىلايەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر 81 ۋىلايەت 957 ناھىيە، 36 مىڭ يېزا ۋە 17 مىڭ مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىرى ئاساس قىلىنغان ھالدا تۆۋەندىكىچە 7 رايونغا بۆلۈنىدۇ :

1.   ئىستانبۇل، قوجا ئېلى، يالوۋا، بۇرسا، بالىكېسىر، ساقاريا، بىلەجىك، تېكىرداغ، قىرىقلارەلى، چاناققەلە ۋە ئەدىرنە قاتارلىق 11 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەرمەرە رايونى.

2.   ئەنقەرە، ئاقساراي، چانقىرى، ئەسكى شېھىر، قارامان، قىرىققالە، قىرشەھىر، قونيا، نەۋشېھىر، نىغدە، سىۋاس، يوزگات ۋە قەيسەرى قاتارلىق 13 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئاناتولىيە رايونى.

3.   ئىزمىر، مانىسا، ئايدىن، دېنىزلى، كۇتاھيا، ئاپيۈن قارا ھىسار، ئۇشاق ۋە مۇغلا قاتارلىق 8 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىگە دېڭىزى رايونى.

4. ئانتالىيە، ئادانا، ئوسمانىيە، بوردۇر، ھاتاي، ئىسپارتا، ئىچەل ۋە قاھرامان ماراش قاتارلىق 8 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاق دېڭىز رايونى.

5.   رىزە، ترابزون، ئارتۋىن، سىنوپ، توقات، چورۇم، ئاماسيا، سامسۇن، زوڭگۇلداق، بولو، دۈزجە، قارا بۇك، بارتىن، كاستومونو، بايبۇرت، گىرە سۇن، گۈمۈشھانە ۋە ئوردۇ قاتارلىق 18 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا دېڭىز رايونى.

6.   ئاغرى، ئارداھان، بىنگۆل، بىتلىس، ئىلازىغ، ئەرزىنجان، ئەرزۇرۇم، ھاققارى، ئىغدىر، قارىس، مالاتيا، مۇش، تۇنجەلى، ۋان ۋە شىرناق قاتارلىق 15 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاناتولىيە رايونى.

7. ئادىيامان، باتمان، دىياربېكىر، غازىئانتەپ، كىلىس، ماردىن، سىمرت ۋە شانلى ئۇرفا قاتارلىق 8 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبى شەرقىي ئاناتولىيە رايونى.

تۈركىيە زېمىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى

قەدىمى تارىخ بەتلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنىڭ تارىختىن بۇيان شەرقىي ۋە غەربى ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۆتەڭ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت 3 قىتئەنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن ھەرخىل مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان ۋە ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. مىلادىيىدىن 2500 يىل بۇرۇن ھازىرقى تراكيا تەرەپلىرىدە تراكلار ياشىغان بولۇپ، ئاناتولىيە زېمىنىدە فىرات دەرياسى بىلەن دىجلە دەرياسى ئوتتۇرسىدىكى «مەزۇپۇتوميا» خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ھىتىت خەلقى ياشىغان. ئۇلارنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى تۈرك قان سىستېمىسىدىكى مىللەتلەردىن ئىدى دەيدىغان تارىخچىلارمۇ بار. ھەر ھالدا ھىتىتلەر ئوتتۇرا ئاناتولىيە رايونلىرىدا مىلادىيىدىن 1850 يىل بۇرۇن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ئاناتولىيە زېمىنلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگۈزەلىگەن بولسىمۇ، بىر تەرەپتىن ئىيۇنلار، ئىراقتىن كەلگەن ئاشۇرلار، ھازار دېڭىزىنى مەركەز قىلغان ئۇرارتۇلار ۋە يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ۋە پەلەستىن زېمىنىدە ھاكىمىيەت قۇرغان ھەررىلەرنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان. مىلادىيىدىن 1000 يىل بۇرۇن تراكيادىن كەلگەن پېرىگيالىلار، لىدىيالىلار، ئىراندىن كەلگەن مىدلەر ۋە پارىسلارنىڭمۇ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان ئاناتولىيە زېمىنلىرى ئاخىرىدا رىم ئىمپېراتورلىقىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىيە-395 يىلىغا كەلگەندە رىم ئىمپېراتورلىقى ئىككىگە پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ زېمىنلار تراكيا ۋە ماكېدونىيە بىلەن قوشۇلۇپ، شەرقىي رىم ئىمپېراتورلىقىغا تەۋە بولغان. شەرقىي رىم ئىمپېراتورلىقى مىلادىيەنىڭ-6 ئەسىرىگە كەلگەندە ئىراندىن كەلگەن پارسلار ۋە ساسانىيلارنىڭ ئىستىلاسىىغا ئۇچرىغان. 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارىشى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئەھلى سەلىب ھۇجۇملىرىغا ۋە12 -ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە مۇڭغۇل ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان بۇ زېمىنلارنى ئاۋۋال سەلچۇقلار، ئاندىن ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى ھەرخىل تاجاۋۇزچى كۈچلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ تېنچ ئامانلىققا ئېرىشتۇرگەن.

سەلچۇقلار ھاكىمىيىتى

سەلچۇقلار ھەققىدە ئىبنى كەسىر ئۆز خاتىرىسىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: سەلچۇق ئائىلىسى تۈركلەرنىڭ ئوغۇز ئايمىقىدىن بولۇپ داۋۇد سەلچۇقنىڭ چوڭ دادىسى بەغلەق قەدىم تۈركلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر چوڭلىرىدىن بىرى ۋە دادىسى مىكائىل بولسا غەزنەۋىيلەر پادىشاھى ئەزەم شاھنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى ئىدى. 1040-مىلادىيە يىللىرى ئۇنىڭ ئالاھىدە ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بولۇش بىلەن بىرگە خەلق ئاممىسى ئالدىدا بەك يۇز-ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەزەم شاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ تەختىگە خىرىس قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇنى ھېس قىلغان داۋۇد سەلچۇق مۇسۇلمان بولۇپ بولغان تۈرك زېمىنلىرىغا قېچىپ بېرىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. ئارقىدىن مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلارغا قارشى قوزغۇلاڭلارغا باشچىلىق قىلىش نەتىجىسىدە داۋۇد سەلچۇق باشچىلىقىدىكى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەلچۇقلار دۆلىتىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. داۋۇد سەلچۇقنىڭ نەۋرىسى توغرۇل بېك زامانىغا كەلگەندە سەلچۇقلار ھاكىمىيىتى قاتتىق كۈچلىنىپ غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنى يىقىتىپ، نىساپور، جۇرجان، خارەزمى ۋە خۇراسان قاتارلىق رايونلار بىلەن قوشۇپ شىئە مەزھىپىنى تەرغىب قىلغىدىغان ئىرانلىق بۇۋەيھىلەرگە تەۋە جايلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ ئىراق چىگراسىغىچە يېقىنلاپ بارىدۇ ۋە مەرۋە شەھىرىنى سەلچۇقلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىدۇ.

ئەسلىدە بۇۋەيھىلەر933  -يىلىدىن باشلاپ تاشقى كۆرۈنۈشتە ئابباسى خەلىپىلىكىگە تەۋە ھالدا ئىسلام دۇنياسىغا خىزمەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى جەھەتتە خەلىپىلىكىگە ھىيلە ئىشلىتىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ بولغان ئىدى. 1051-يىلىغا كەلگەندە ئىسلام دۇنياسىدا شىئە سۇننىي ئۇرۇشى باشلىنىپ ئىنتايىن كۆپ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خەلىپە قائىم بىللاھ سەلچۇقلار سۇلتانى توغرۇل بېكنى ياردەم ئۈچۈن باغداتقا چاقىرىدۇ-1055 يىلى سەلچۇقلارنىڭ باغداتقا كىرىشى بىلەن بۇۋەيھىلەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكى سايىۋىنى ئاستىدىكى سەلچۇقلار ھاكىمىيىتى باشلىنىدۇ. 1063 -يىلى سەلچۇقلار سۇلتانى توغرۇل بېك رەي شەھرى سەپىرى جەريانىدا ۋاپات قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاكىسىنىڭ ئوغلى ئالىپ ئارسىلان تەخىتكە چىقىدۇ.

مالازگىرت ئۇرۇشى

سەلچۇقلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سۇلتانى ئالىپ ئارسلاننىڭ ئەتراپتىكى كىچىك ھاكىمىيەتلەرنى ئۆزلىرىگە تەۋە قىلىش جەريانىدىكى غەلىبىلىرىنى كۆرگەن شەرقىي رۇم ئېمپېراتۇر رومانس دىيۇجېنس 1071-يىلى سەلچۇقلارنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەتراپتىنمۇ ناھايىتى كۆپ ساندا لەشكەر توپلاپ يولغا چىقىدۇ. مىسىىردىكى شىئە مەزھىپىدىكى فاتىمىيلەر بىلەن ئۇرۇش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان ئالىپ ئارسىلان ئۆز سەپىرىنىڭ لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىغا قايتىدۇ ۋە ئۇرۇش ۋاقتىنى بىرئاز بولسىمۇ كېچىكتۈرۈش مەقسىتى بىلەن رۇم ئىمپىراتۇرىغا سۈلھى قىلىش ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش تەكلىپلىرى سۇنۇش ئۈچۈن تىنچلىق ئەلچىلىرىنى يوللايدۇ، ئەمما رۇم تەرەپ مەزكۇر ئەلچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى تەلتۆكۈس رەت قىلىپلا قالماي ھاقارەتلىك سۆزلەر ۋە ھەرخىل تەھدىتلەر بىلەن سارىيىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.  1071 -يىلى 26-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى سۇلتان ئالىپ ئارسىلان نامازدىن كېيىن ئاللاھقا قاتتىق ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغان ۋە كېپەنلىك كىيگەن ھالدا 20 مىڭغا يەتمەيدىغان قوشۇنى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھازىرقى مۇش ۋىلايىتى مالازگىرت رايونىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق لەشكەر باشلاپ كەلگەن شەرقىي رۇم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ. ئالىپ ئارسلاننىڭ ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىرىنچى مەيدان ئۇرۇشتىن كېيىنلا رۇم تەرەپكە يېڭىلگەن بولۇپ ئارقىغا چېكىنگەن ھالدا ئالدىن پىلانلانغان جىلغا تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بۇنچە تېز غەلىبىسىدىن بىخۇتلاشقان رۇم ئەسكەرلىرى مۇسۇلمان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تەرتىپسىز ھالدا قوغلاشقا باشلايدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا 3 تەرەپتىن ئۇلارغا قارىتىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇملار نەتىجىسىدە رۇم ئىمپېراتورى بىلەن قوشۇپ ناھايەت كۆپ ساندىكى رۇم ئەسكەرلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ. سەلچۇقلار سۇلتانى ئۆزىنىڭ ئالىيجانابلىقى بىلەن رۇم ئىمپېراتورىنى ئازات قىلىۋەتكەن ۋە يۇرتىغا سالامەت قايتۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان ھاقارەتلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

«مالازگىرت غەلىبىسى» نىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى قىسقىچە خۇلاسىلىمەكچى بولساق تۆۋەندىكى مۇھىم سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئاللاھنىڭ پەزلى كەرىمى، ئىككىنچىسى، سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ ھېكمەتلىك ئۇرۇش تەدبىرلىرى، ئۈچىنچىسى، رۇم ئىمپېراتورلىقىغا تەۋە ئەڭ مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدىغان تۈرك قان سىستېمىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سەلچۇقلار سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى، تۆتىنچىسى، رۇم ئىمپېراتورىغا تەۋە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان بارلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى.

سەلچۇقلاردىن بۇرۇن، گەرچە بۇ رايونلارنىڭ ھاكىمىيىتى سىياسىي تەرەپتىن شەرقىي رۇم ئىمپېراتورلىقىغا تەۋە بولسىمۇ، ئاناتولىيە خەلقى ئۇ ھاكىمىيەتكە تەۋە ئەمەس ئىدى، ئاناتولىيەدە ياشاۋاتقان ئەرمەنلەر، كۇردلار، گۇجىلەر، ئابازىلار، سلاۋلار، بۇلغارلار ۋە ھازار ھاكىمىيىتى زامانىدا تراكياغا يەرلەشكەن پەچەنەكلەر ۋە ئۆزتۈركلەر، رۇم ئىمپېراتورلىقى چېگىرىسى ئىچىدە ياشايدىغان ئازسانلىق مىللەتلەر ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ ياش ئەۋلادلىرى ئايلىق مائاش بەدىلىگە رۇم ئىمپېراتورلىقىغا ئەسكەر سۈپىتىدە خىزمەت قىلاتتى. ئىمپېراتورلۇق ئاشۇ قارا كۈچلەر ئارقىلىق يەرلىك خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپتىن كۆپ بېسىم قىلاتتى.

1071-يىلى بارلىققا كەلگەن تارىخى «مالازگىرت غەلىبىسى» پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك قان سىستېمىدىكى مىللەتلەرگە قارىتا ئاناتولىيە زېمىنلىرىنىڭ دەرۋازىسىنى تولۇق ئېچىۋەتكەن بولۇپ، تۈرك ئايماقلىرىنىڭ كۆچۈش ھەرىكىتى تىزلىشىپ كېتىدۇ. 1072-يىلى سۇلتان ئالىپ ئارسىلاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇنباسارى بولغان ئوغلى مەلىكشاھ، ئۆزىنىڭ تۇغقىنى سۇلايمان بىن قۇرتالمىشنى «كىچىك ئاسىيا» ئاتىلىدىغان ئاناتولىيە رايونىغا ۋالى تەيىنلەيدۇ. ئۇ-1077يىلى ئاناتولىيەدە رۇم سەلچۇقلار دۆلىتىنى قۇرۇپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىدۇ-1087. يىلى ئۇنىڭ ئوغلى قىلىچ ئارسلان سەلچۇقلار پايتەختىنى ئىزنىك شەھرىدىن قونياغا يۆتكەيدۇ ۋە سەلچۇقلانىڭ قونيا ھاكىمىيىتى-1308 يىلىغىچە داۋام قىلىدۇ.

ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى

«مالازگىرت غەلىبىسى»دىن كېيىن ئاناتولىيە ئەتراپىغا يەرلىشىشكە باشلىغان تۈرك ئايماقلىرى ئىچىدە ئوسمانىيلار ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ يىلتىزى بولغان قايى ئايمىقىمۇ بار بولۇپ، ئوسمان غازىنىڭ چوڭ دادىسى سۇلەيمانشاھ باشچىلىقىدىكى قايى ئايمىقى ئاخلات رايونىغا چېدىرلىرىنى قۇرۇپ يەرلىشىدۇ. سۇلەيمانشاھ ۋاپات بولغاندا ھازىرقى سۈرىيەگە تەۋە جابىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ. 1231-يىلى سۇلايمانشاھنىڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇل ئۆز رايونىنىڭ بەگلىكىگە سايلىنىپ، سەلچۇقلار سۇلتاننىڭ ياردىمى بىلەن ھازىرقى سۇۋەيت رايونىغا چېدىرلىرىنى قۇرۇپ يەرلەشكەن ۋە سەلچۇقلارغا تەۋە بولۇپ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان بولسىمۇ، سەلچۇقلارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەبلىك ئەتراپتىكى تۈركىي خەلقلەر ۋە ئايماقلارنى ئۆز ئەتراپىغا جۇغلاشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۈشمەنگە قارشى ئايرىم بىرلىك ۋە كۈچ توپلاشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان غازى دادىسىنىڭ ئىزباسارى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن-1299 يىلىغا كەلگەندە ئەتراپتىكى بارلىق بەگلىكلەرنى بىرلەشتۇرۇپ ئوسمانىيلار دۆلىتىنى )خەلىپىلىكىنى( قۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ24 يىللىق سۇلتانلىق ھاياتى ئوسمانىيلار خەلىپىلىكنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە قىلىشقا تىرىشىش بىلەن ئۆتىدۇ.

-1421 يىلى ئوسمانىيلار خەلپىلىكىنىڭ ئالتىنچى سۇلتانى-2 مۇرات تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئوسمانىيلار ھاكىمىيىتى دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن ۋە كۈچلەنگەن بولۇپ، 25 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى پاتىھ سۇلتان مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى قوشۇن، 1453-يىلى ئىستانبۇل شەھىرىنى پەتھى قىلىشتا ۋە ئەھلى سەلىبنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارشى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن «ترابزون پۇنتۇسۇ رۇم ئىمپېراتورلىقى»غا خاتىمە بېرىشتە غەلىبە قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 31 يىللىق سۇلتانلىق ھاياتى جەريانىدا بوسنا، ھازىرقى يۈگۈسلاۋىيە ۋە ئالبانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوسمانىلار خەلىپىلىكى تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۇپ «پاتىھ» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ.

1512-يىلى ئوسمانىيلار خەلپىلىكىنىڭ توققۇزىنچى سۇلتانى ياۋۇز سەلىم تەخىتتە ئولتۇرغان 8 يىللىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى كۆپ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تەۋە زېمىنلار ئوسمانىيلار تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. جۈملىدىن ھازىرقى سۈرىيە، لىۋان، مىسىر، پەلەستىن، ۋە باشقىمۇ ئونلارچە دۆلەتلەرنى قوشقاندا ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە تەۋە زېمىنلارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى15 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ-1520 .يىلىدىن باشلاپ 46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمانىيلارنىڭ ئونىنچى خەلىپىسى قانۇنى سۇلايماننىڭ زامانى ئوسمانيلارنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان زامانى بولۇپ، چىگىرا دائىرىسى ئالاھىدە كېڭىيىپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 25 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىنى پۇرسەت بىلگەن ئىسلام دۈشمەنلىرى ۋە بارلىق قارشى كۈچلەر ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى بىرلەشكەن ۋە ئۇنى يىقىتىش يولىدا ھەرخىل سىياسى ۋە ئىقتىسادى ھىيلە-مىكىرلەرنى كۈچەيتكەن زامانلار بولۇپ،-1876 يىلى تەخىتتە ئولتۇرغان ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئوتتۇز تۆتىنچى سۇلتانى 2-ئابدۇلھەمىدنىڭ 33 يىللىق ھاكىمىيەت زامانى ئىنتايىن قىيىن ۋە مۇرەككەپ بىر زامان بولىدۇ. ئۇ زامانلاردا ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغان بولۇپ، ئىككى نۆۋەت «مەشرۇتىيەت» كېڭەش ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، سۇلتاندىن باشقا ئەمەلدارلار قاتنىشىدىغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق قارارلىرى مەزكۇر مەشرۇتىيەت تەرىپىدىن قارار قىلىنىدىغان يېڭى بىر سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ. ئارقىدىن «ئىتتىھاد ۋە تەرەققىيات» نامى ئاستىدا دۈشمەنگە خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە قۇرۇلىدۇ. ئاخىرى-1909يىلى ئابدۇلھەمىدنىڭ ئىنىسى بەشىنچى مۇھەممەد رىشاد ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ-35 سۇلتانى سۈپىتىدە تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇلۇپ 1914-يىلى خەلىپىلىك بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا مەجبۇرى ھالدا قاتناشتۇرۇلىدۇ، نەتىجىدە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى كۆتۈرەلمەس قەرزلەر پاتقىقىغا ئىتتىرىپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستىلا ۋە ئىشغال باسقۇچى باشلىنىدۇ. 1918-يىلىغا كەلگەندە يەنىلا شەكلى جەھەتتىكى ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ-36 ۋە ئەڭ ئاخىرقى سۇلتانى سۈپىتىدە مۇھەممەد رىشادنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ۋەھدىددىن تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭ 4 يىللىق شەكلى جەھەتتىكى ھاكىمىيىتى زامانىدا ئىستانبۇل ئىشغال قىلىنىپ، قايتىدىن پەتھى قىلىنىدۇ. ئاتاتۈرك باشچىلىقىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ قۇرۇلىدۇ. ئۇ1922-يىلىغا كەلگەندە چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى يىقىلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى:

تۈركىيەدە1923 -يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن-1927 يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك نۇپۇس تىزىملاش نەتىجىسىدە13.648.987 چىققان تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسى سانى-2016  يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى6 -نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك نۇپۇس تىزىملاشتا 79.741053 نوپۇسقا كۆپەيدى. دېمەك جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى 90 يىل ئىچىدە تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسى يۈزدە 75% ئەتراپىدا كۆپەيگەن بولىدۇ.

تۈركىيە ئىستاتىىسكا ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يۈزدە 50.2% نى ئەرلەر قالغان 49.8%نى ئاياللار ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 20%نى 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر، 65%نى 15 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار، قالغان 15%نى ياشتىن ئاشقانلار ئىگىلەيدىكەن.

تۈركىيىدە ياشايدىغان مىللەتلەرگە سانىغا كەلسەك، تۈركىيەدە تارىختىن بۇيان ئۆتكەن بارلىق تۈرك قان سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ۋە ئايماقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىرگە ئەسلى يەرلىك ئەرمەنلەر، رىملىقلار ۋە كۇردلار، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايدۇ. تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئىرقلار ۋە مىللەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ۋۇلگا تاتارلىرى، قىرىم تاتارلىرى، ئەزەرىيلەر، ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، ئۇيغۇرلار، پوماقلار، ئافخازلار، ئابازىيلار، ئۆسەتلەر، چەركەسلەر، كاباردىيەلەر، كۇشھالار، تراكيالىقلار، كاۋكازلىقلار كېلىپ قارا دېڭىز ئەتراپىغا يەرلەشكەن لازلار، زازالار، كۇردلار، ئىرانلىق پارسلار، جورجىيالىقلار، بوسنىيەلىكلەر بوشناقلار، مولداۋىيەلىكلەر كەلگەن گاگاۋۇزلار، بۇلغارىيەدىن كەلگەن تۈركلەر بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالماشتۇرۇلغان مۇسۇلمان بۇلغارلار، ئالبانىيەدىن كەلگەن ئارناۋۇتلۇقلار، چىنگىللەر، ھەمشىنلىكلەر، لوزان كېلىشىمى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇلغان مۇسۇلمان يۇنانلىقلار، ئۆز زامانىدا ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەدىن قوغلانغان يەھۇدىيلار بىلەن 2400 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلار، ئىراق، سۇرىيە ۋە باشقىمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋە ئوسمانىيلار زامانىدىن باشلاپ مۇشۇ زېمىنلاردا يەرلىشىپ قالغان ئەرەبلەر ھەمدە ھاتاي ۋە مەرسىن رايونلىرىدا ياشايدىغان ئەرەبلەر، ئوكرائىنا، رۇمىنىيە، گرېتسىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ھەرخىل مىللەتلەر ۋە ئىرقلار.

تۈركىيەدىكى دىندار مۇسۇلمانلار:

گەرچە تۈركىيەنىڭ رەسمى ستاستىكىلىرىدا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ99.8% نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدۇ دەپ بايان قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليونغا يېقىن ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان ھېسابلىمايدىغان ئەلەۋىيلەر ۋە ئاز ساندىكى شىئەلەر مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 20%نى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدىغان ئەمما دىنسىزلىق ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن» لايىك«ئېقىمىدىكى كىشىلەر ئىگىلەيدۇ. ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ پەقەتلا 02%نى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، يەھۇدىي، خىرىستىيان، سۇريانىي قاتارلىق بىر نەچچە خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ 02% نوپۇسىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

_داۋامى كېيىنكى ساندا...

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان