بىز ئەبرىھەنىڭ دەۋرىدە ئەمەس

تەرجىمىدە: ئوقۇغىن گۇرۇپپىسى

ئاللاتائالا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن بىر نەچچە شەرتنى بەلگىلىدى. ئەگەر شەرتلەر تېپىلسا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىدۇ. شەرتلەر تېپىلمىغاندا ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئەھۋالى ياخشىلىققا قاراپ يۈزلىنىشى ئۈچۈن غەلىبە شەرتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

ئەبرەھە ۋەقەلىكى ھەممىگە ئايان مەشھۇر بىر ۋەقەلىك. ئەبرەھە يەمەن پادىشاھى ئىدى. سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇ يەمەندىن كەئبىنى ئۆرۈۋېتىش ئۈچۈن قورال-ياراقلىرى بىلەن مەككىگە كەلگەن. مەككىگە مېڭىش يولىدا ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ 200 تۆگىسىنى ئولجا ئالغان. ئاندىن مەككىگە كىرمەكچى بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىب ئاشۇ ۋاقىتتىكى مەككىنىڭ ئاقساقىلى بولۇپ، ئەبرەھە مەككىگە كېلىشتىن بۇرۇن مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا چىققان. ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبنى كۆرگەندە ناھايىتى ئىززەت ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالغان ھەمدە يېنىدا ئولتۇرغۇزغان. چۈنكى ئابدۇلمۇتتەلىب ناھايىتى سۈرلۈك ئادەم ئىدى.

ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبكە: نېمە ھاجىتىڭىز بار؟

ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ بەيتۇللاھ ھەققىدە گەپ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە ئابدۇلمۇتتەلىب: ماڭا ئولجا ئالغان 200 تۆگەمنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولساڭ.

ئەبرەھە: سىنى تۇنجى كۆرگىنىمدە مېنى بەك ھەيران قالدۇرغان ئىدىڭ. 200 تۆگەڭنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىغىنىڭدىن كېيىن ساڭا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم. (يەنى ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ بەيتۇللاھ ھەققىدە گەپ قىلماي 200 تۆگىسىنى سورىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن) مەن سېنىڭ ۋە ئەجدادىڭنىڭ دىنى بولغان بەيتۇللاھنى ئۆرۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن تۇرسام سەن مەندىن بەيتۇللاھنى سورىماي 200 تۆگەڭنى سورامسەن؟

ئابدۇلمۇتتەلىب تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: مەن بولسام تۆگىنىڭ ئىگىسى، بەيتۇللاھنىڭمۇ ئىگىسى بار، ئۇنى شۇ ئىگىسى قوغدايدۇ، دېگەن.

مەن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئەبرەھەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە خاتا، سەلبىي پوزىتسىيە دەپ قارايمەن. بىر ئادەمنىڭ دىننى «ئاللاھ ئۆز دىنىنى ئۆزى ھىمايە قىلسۇن» دەپ تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۆگىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈشى توغرا بولامدۇ؟ بۇ بولسا ئېغىر دەرىجىدە خاتا چۈشەنچىدۇر. ئەبرەھەنىڭ مەككىگە خاتىرجەم كىرىشى ئۈچۈن مەككىلىكلەرنىڭ مەككىنى تاشلاپ تاغ قاپتاللىرىغا قېچىپ كەتكەن سەلبىي پوزىتسىيەسىدىن كېيىن «ئابابىل» ناملىق ساپال تاشلارنى ئاتىدىغان كىچىك قۇشلار چۈشۈپ ئەبرەھە ۋە ئەبرەھە قوشۇنىنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ بىر مۆجىزە يۈز بەردى.

رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ئىلگىرىكى ئۈممەت ئىچىدىكى زالىملارنىڭ ھالاكىتى ئادەتتىن تاشقىرى شەكىلدە يۈز بېرەتتى. مۇئمىنلەر قورال كۆتۈرۈپ جەڭگە كىرمەيتتى. ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسە بەيتۇللاھتا يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئىلاھىيي قانۇنىيەت ئۆزگەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە تۆۋەندىكىچە ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. مەسىلەن: نوھ ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى ئىنكار قىلغان، نوھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن قەۋمىگە بەد دۇئا قىلغان. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەرۋەردىگارىغا ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن دەپ دۇئا قىلدى»[1]. «ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق. زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر-بىرىگە) قۇشۇلدى. نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق»[2]. مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار ئۇچراشمىدى. توپان بالاسى يۈز بەردى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى كېمىگە سالدى. بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىش بىلەن نىجاتلىق مەيدانغا كەلدى.

لۇت ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى ئىنكار قىلغاندا لۇت ئەلەيھىسسالام: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن»[3]. ئاللاھ تائالا تەرەپتىن مۇنداق بۇيرۇق كەلدى: «كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزەڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار»[4]. لۇت ئەلەيھىسسالام زالىملارنىڭ كەنتىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق»[5].

ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا ئۈممەت بەرپا قىلىپ دۆلەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. بەنى ئىسرائىل مىسىر زېمىنىدا مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن ۋە قوۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن»[6]. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئىلاھىي بۇيرۇق كەلگەن: «(ئاللاھ ئېيتتى) ‹مېنىڭ بەندىلىرىمنى كىچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر›»[7]. مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن ئۇچراشمىغان. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى پىرئەۋن ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلماستىن، بەلكى مىسىردىن باشقا شەھەرگە چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن بىلەن مېڭىپ دېڭىزغا يېتىپ بارغاندا بەنى ئىسرائىل ئارقىسىدىن پىرئەۋن قوشۇنىنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە قۇتۇلۇشتىن ئۈمىد ئۈزگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەپ بەرگەن: «ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا مۇسانىڭ ئادەملىرى ‹ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قۇشۇنى) بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى› دېدى. مۇسا ئېيتتى: ‹ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ›»[8].

مۇسا ئەلەيھىسسالام دېگىنىدەك دېيىش مۇئمىننىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچار بولغاندا دەيدىغان بىردىنبىر سۆزىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا ئېيتتى: ‹ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ›»[9].

ئەمما قەۋملەر پىرئەۋن قۇشۇنىنى كۆرۈپ تۇرغاچقا قاتتىق ئىككىلەندى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز مۇساغا ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋىدى) دەريا يېرىلدى، (ھەربىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى. ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قۇشۇنىنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق. مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق»[10]. بۇ يەردە بىرەر ئادەممۇ چىقىم بولمىغان. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى قۇتۇلۇپ قالغان. بەنى ئىسرائىل «ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قۇشۇنى) بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېگەندە ئاللاھ تائالا: «ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى) غەرق قىلدۇق» دېگەن. دېڭىز يېرىلىپ پىرئەۋن ۋە ئەسكەرلىرى غەرق بولغان.

پىل ۋەقەلىكى ئادەتتىن تاشقىرى شەكىلدە نۇسرەتكە ئېرىشكەن ئەڭ ئاخىرقى ۋەقەلىك بولۇپ قالغان. بىراق ئاللاھنىڭ زالىملارنى ھالاك قىلىش قانۇنىيىتى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: سىلەرنى زېمىنىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى مۇنداق ۋەھىي قىلدى: زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز»[11]. ئاللاھ تائالانىڭ «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز»، «ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر» دېگەن سۆزى ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەيدۇ. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا: قانداق قەۋم ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقىدىكەن نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. زالىملار چوقۇم ھالاك بولىدۇ. بۇ قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان قانۇنىيەت.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى بىلەن تەڭلا ئاللاھنىڭ زالىملارنى ھالاك قىلىش قانۇنىيىتى ئۆزگەردى. ئىلگىرى زالىملارنى ئاللاھ تائالا ئادەتتىن تاشقىرى ئىش بىلەن ھالاك قىلاتتى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ قانۇنىيەت مۇنداق ئۆزگەردى: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ»[12].

مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەل قىلىشى كېرەك. ناۋادا مۇسۇلمانلار ياخشى ئەمەل قىلسا ئاللاھ تائالا ئابابىل ناملىق قۇشقا ئوخشايدىغان قۇشنى چۈشۈرىدۇ. مۇئمىنلەرگە رەھمەت، بەرىكەت، ئەمىنلىك، تەۋپىق چۈشۈرسە، كاپىرلارغا ئازاب-ئوقۇبەت، ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. ياخشى ئەمەل قىلمىسا ھېچنىمە چۈشۈرمەيدۇ. ئىسلام ئۈممىتىگە خاس بۇ يېڭى قانۇنىيەت قىيامەت كۈنىگىچە ئۆزگەرمەستىن داۋاملىشىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ گەدىنىگە دەسسىمەكچى بولۇۋاتقان زالىملارغا نۇرغۇن كىشىلەر سەل قارايدۇ، ئاسماندىن «ئابابىل» ناملىق قۇشنىڭ چۈشۈشىنى يىراقتىن كۆزىتىپ كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. ئاسماندىن «ئابابىل» ناملىق قۇشنىڭ چۈشۈپ كاپىرلارنى ھالاك قىلىشىنى كۆتۈپ ئولتۇرۇش توغرا ئەمەس. بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەرىكەتكە ئۆتمەي ئاسماندىن ئابابىل قۇشىنىڭ چۈشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار زالىملارغا قارشى كۆرەش قىلىشتا ئاسماندىن قۇشنىڭ چۈشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي رەببىگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ياشاۋاتقان شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئېنىق قانۇنىيەت بەلگىلەپ بەردى. مۇسۇلمانلار بەزىدە ئاشكارا دەۋەتكەن ئېھتىياجلىق بولسا يەنە بەزىدە مەخپى دەۋەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزىدە تىنچلىق كېلىشىمگە ئېھتىياجلىق بولسا يەنە بەزىدە ئۇرۇش قىلىشقا ئېھتىياجلىق. بەزىدە پۈتۈن كاپىرلارغا ئۇرۇش قىلىشقا ئېھتىياج چۈشسە يەنە بەزىدە بىر قىسمى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ بىر قىسمىنى قويۇپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ ئۇسۇللار ھەر كىشىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ھورۇن، بىكارتەلەپ قەۋم نۇسرەت تاپالمايدۇ.

ماڭا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئى ئاللاھ زالىملارنى زالىملار بىلەن ھالاك قىلغىن، بىزنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سالامەت ھالدا چىقارغىن دەپ دۇئا قىلىشى تازا ياقمايدۇ. ئۇنداقتا سېنىڭ رولۇڭ نېمە؟ جەڭگە قاتناشماي قوماندان بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتامسەن؟ ئى قېرىنداشلىرىم! ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بولسا «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ. قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ[13].

بىزنىڭ ئەبرەھەنىڭ دەۋرىدە ئەمەس ئىكەنلىكىمىز ئېسىڭلاردا چىڭ تۇرسۇن. ناۋادا ھازىر سالىھ ئادەملەر يۇرتنى تاشلاپ قاچقاندا ئابابىل قۇشى ھەرگىز چۈشمەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ راكىتا، ئايرۇپىلان، تانكا، ھەربى كېمىلىرى پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە ئايلىنىپ يۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار بولسا يۇرت-ۋەتەنلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئاياللىرىنى، بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە قاراپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىچە: ئاللاھ ئۇلارغا كاپىرلارنى ساپال تاشلار بىلەن ھالاك قىلىدىغان ئابابىل قۇشنى ئەۋەتسە ياكى كاپىرلارنى ۋەيران قىلىدىغان بىرەر مۆجىزە ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بىرەر ئىش بولۇپ قالسا دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ. نەتىجىدە بۇنىڭدەك چۈش كۆرۈپ ئولتۇرغان كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانلىرىغا دۇچار بولىدۇ.

ئۇلار كۇۋەيت، سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئىراق، قاتار، ئۇممان، تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان ۋە بۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاق دېڭىز، قىزىل دېڭىز، قارا دېڭىز، سېرىق دېڭىز يىغىپ ئېيتقاندا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئامېرىكا دېڭىز پىلوتىنى توپان بالاسى كېلىپ غەرق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن بۇنداق چۈش كۆرۈۋاتقانلارغا چىن قەلبىمدىن مۇنداق دەيمەن: بەك ئۇزاق ساقلاپ كېتىسىلەر. ئاسماندىن ئابابىل قۇشى ئاللاھ تائالا بايان قىلغان قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن چۈشىدۇ. ئۇ قانۇنىيەت بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ. قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ[14].

سەۋەبىنى قىلسىلا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىدۇ.

بىز ئاللاھ تائالاغا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىنمۇ سۆيۈملۈك ئەمەس. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى تۆۋەندىكىدەك ۋەقەلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى!

1-  بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەتكە ئېرىشكەنلىكى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىق قىلىۋاتقان يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى ئىنسانلار بۇ ئۈممەتنىڭ پىرئەۋنى باشچىلىقىدىكى ئەڭ ناچار كاپىرلار بىلەن جەڭگە چۈشكەن. مۇسۇلمانلار ھەق يولدا، كاپىرلار باتىل يولدا بولسىمۇ، كاپىرلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن «ئابابىل» ناملىق قۇش چۈشمىدى بەلكى ئەكسىچە شۇ ۋاقىتتىكى شارائىت ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا مەيلى بولمىسىمۇ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلايتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقى، مۇشرىكلارنىڭ كۆڭلىكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تىگىشلىك ئىشنى (مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى)»[15].

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئورۇندا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بولۇشقا تىگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۈچراشقان چېغىڭلاردا (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى»[16].

غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن ئۆز-ئارا ئۈچرىشىپ جەڭ قىلىش لازىم. مۇئمىنلەر گەرچە ئاللاھقا مۇشرىكلاردىن سۆيۈملۈك بولسىمۇ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلمىسا ئاسماندىن «ئابابىل» ھەرگىز چۈشمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە بېكىتكەن يېڭى قانۇنىيىتى بولسا: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ»[17].

شۇڭلاشقا جەڭ قىلماقچى بولغان ئەسكەرلەر جەڭ قىلىدىغان ئورۇننى ياخشى تاللىشى، ئەسكەرلەرنىڭ سەپلىرىنى ياخشى تۈزىشى، قولىغا قورال-ياراق ئېلىشى، جەڭنى قانداق قىلىش ھەققىدە قوماندان مۇشاۋۇرلار بىلەن ياخشى مەسلەھەتلىشىشى، پۈتۈن ئەسكەر بىر نىيەت بىر مەقسەتتە جەڭگە كىرىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قانداق ۋاقىتتا دۈشمەنگە قارشى پۇختا پىلان بولۇشى، ئەسكەرلەر ناۋادا جەڭگە كىرىپ قالسا جەڭ مەيدانىدا سۇباتلىق بولۇشى، ۋاقتى كەلگەندە قان تۆكۈلۈپ شېھىت بولۇشتىنمۇ قورقماسلىقى لازىم. مۇشۇنداق بولغان چاغدا «ئابابىل» پەرىشتە، يامغۇر، دۈشمەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنۇچ سېلىش ياكى دۈشمەنلەرنىڭ سەپلىرىنى بۇزۇۋېتىش ياكى ئاللاھ تائالا خالىغان بىر شەكىلدە مەيدانغا كېلىدۇ. يەنە دەيمىزكى ھەرىكەتكە ئۆتۈش، مەسىلىلەرگە ئىجابى پوزىتسىيە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم.

2- ئەھزاب ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەتكە ئېرىشكەنلىكى

ئەھزاب ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 10مىڭ ئىدى. كاپىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئىسلامنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. مۇسۇلمانلار ھەقىقەت ئۈستىدە، مۇشرىكلار باتىل ئۈستىدە بولسىمۇ كاپىرلارغا قارشى «ئابابىل» چۈشمىدى. كاپىرلارنى يەر يۈتۈپ كەتمىدى. توپان بالاسى كېلىپ ۋەيران قىلمىدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۈممىتى مۇھەممەدىيەگە بېكىتكەن يېڭى قانۇنىيىتى بولسا: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ»[18]. شۇڭلاشقا ئەھزاب جېڭىدە مۇسۇلمانلار دۈشمەنگە قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇپ ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا چىن پۈتكەن. مۇناسىپ شەكىلدە جەڭ پىلانى تۈزۈپ، خەندەك كولىغان. خەندەك كولاش جەريانىدا ئاچلىققا سەۋر قىلغان. مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىلارغا قارشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى ئىستىخباراتنى قوللانغان. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىبادەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە شامال، مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىلارنىڭ قۇشۇنلىرىنى قالايمىقان قىلىۋېتىش ۋە قەلبلىرىگە قورقۇنچ سېلىش قاتارلىق شەكىللەردە «ئابابىل» نى چۈشۈرگەن يەنى نۇسرەت ئاتا قىلغان. خۇلاسە كالام ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىنغان سالىھ ئەمەل ئىنتايىن مۇھىم.

3- ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى

 ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن دىنسىز كاپىرلار تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇئمىنلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كىلىدىغان تۇرسا (يەنى ئوھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن 70 كىشىنى ئەسىرگە ئالغان تۇرساڭلار) سىلەر يەنە بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟ دېدىڭلار»[19]. يەنى مۇئمىنلەر كاپىرلارغا نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ھەيران قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كىلىدىغان تۇرسا (يەنى ئوھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن 70 كىشىنى ئەسىرگە ئالغان تۇرساڭلار)»[20]. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەدرى ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغان ئىدىڭلار. بۇرۇن غەلىبە قازىنىپ ئەمدىلىكتە مەغلۇپ بولساڭلار بۇ مەغلۇبىيەت نەدىن كەلدى دەمسىلەر؟ بۇ سوئالغا جاۋاپ شەكىلدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[21].

مۇسۇلمانلارنىڭ ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى بولسا ئوقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاغنى تاشلاپ قېچىشىلا بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى خەتەرلىك قەلبى مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ كېتىش خاتالىقى ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار»[22]. بۇ چاغدىمۇ يەنىلا مۇسۇلمانلارنى خاتالىقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاسماندىن «ئابابىل» قۇشى چۈشمىدى. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە ئاللاھ تائالا بېكىتكەن قانۇنىيەت بولسا: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ»[23].

ئېسىڭلاردا بولسۇن! بىز ئەبرەھەنىڭ دەۋرىدە ئەمەس. بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بېكىتىپ بەرگەن قانۇنىيەت زامانىدا ياشاۋاتىمىز.

-داۋامى كېيىنكى ساندا...

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان


[1] سۈرە قەمەر 10-ئايەت

[2] سۈرە قەمەر 11-13 ئايەت

[3] سۈرە شۇئەرا 169-ئايەت

[4] سۈرە ھىجىر 65-ئايەت

[5] سۈرە ھىجىر 74-ئايەت

[6] سۈرە يۇنۇس 88-ئايەت

[7] سۈرە دۇخان 23-ئايەت

[8] سۈرە شۇئەرا 61-62-ئايەتكىچە

[9] سۈرە شۇئەرا 62-ئايەت

[10] سۈرە شۇئەرا 63-65-ئايەتكىچە

[11] سۈرە ئىبراھىم 13-ئايەت

[12] سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت

[13] سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت

[14] سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت

[15] سۈرە ئەنفال 42-ئايەت

[16] سۈرە ئەنفال 44-ئايەت

[17] سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت

[18] سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت

[19] سۈرە ئال ئىمران 165-ئايەت

[20] سۈرە ئال ئىمران 165-ئايەت

[21] سۈرە ئال ئىمران 165-ئايەت

[22] سۈرە ئال ئىمران 152-ئايەت

[23] سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت