مەرىپەت تور بېكىتى->جىن،سىھىر ۋە كۆز تېگىشلەر
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→جىن،سىھىر ۋە كۆز تېگىشلەر

جىن،سىھىر ۋە كۆز تېگىشلەر
ئاپتۇرى:سۇمەييە سائادەت (ئالجىرىيلىك يازغۇچى)  يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:311قېتىم

جىن،سىھىر ۋە كۆز تېگىشلەر بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق قىزىقىدىغان تىمىسى بولۇپ قېلىشى .. قاچانغىچە؟ !
     
     جىن چاپلىشىش،سىھىرلېنىش ۋە كۆز تېگىشلەر بۇ كۈنلەردە ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىنغان بولۇپ،  كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى چىرمىۋالدى. ئارىدىن ھەقىقەت غايىپ بولغان ھالدا راس- يالغان ھادىسىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى، خۇددى جىنلار بارلىق ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ئارىمىزغا كېلىپ بىزبىلەن بىرگە  ياشاۋاتقاندەك، جىنلار بىزلەرگە  سىلەرنىڭ بىزدىن باشقا ئالاقە قىلىدىغان كىشىلىرىڭلار يوق!  دەپ دەرۋازىلارنى تاقاپ  بېشىمىزغا چىقىپ ئولتۇرغاندەك  ھېسسىيات ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. خۇددى "سىھىر" رىئاكتىپ نۇرى تارقاپ كەتسە  ھەممىگە يۇقىدىغان ئاتۇم بومبىسىغا، كۆز تېگىش بولسا، راكىتا بومبىغا ئوخشاش خەتەرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىدىغان  قىرغۇچ قورالدەك بىرھالەت شەكىللەندى.
 ھازرىقى كىشىلەرنىڭ قىزىقىۋاتقان تىمىسى ئۈستىدە سىتاتسىكا ئېلىپ بارىدىغان بولساقمۇ شۇ ئۈچ تۈرلۈك ئاپەت كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتقان كۆلەڭگىدەك تۇيغۇ پەيداقىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە "رۇقىي"(قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى،پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان دۇئا لار نى كىسەلنىڭ شىپا تېپىشى ئۈچۈن ئوقۇش شەرىئەت ئاتالغۇسىدا "رۇقىي" دەپ ئاتىلىدۇ)  ئوقۇيدىغان شەيخلاردىن بىرى كىلىۋاتقان ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
  جىن چاپلىشىۋېلىش،سىھىرلىنىش ۋە كۆز تېگىشلەر ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، جىنلارنىڭ  ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرىمىز. نۇرغۇن جىنايەتلەرنىڭ مەسئۇلىيتى ھېچقانداق ئاساسسىزجىنلارغىلا ئارتىپ قويۇلدى.    بىرسىنىڭ ئازراق مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا،بېىشى ئۇزۇنراق ئاغرىسا،چۈشى بۇزۇلۇپ قالسا،قىزىغا يىگىت كەلمىسە، ياكى توي ئىشى بۇزۇلۇپ كېتىپ قالسا دەرھال جىندىن،سىھىردىن كۆرىدۇ، بىرسىنىڭ تىجارىتى ئاقماي قالسا،ماشىنىسى  بوزۇلۇپ قالسا،پۇتى مىت كېتىپ قالسا، يىڭى سېتىۋالغان نەرسىسى بوزۇلۇپ كەتسە دەرھال سىھىرلەنگەن ياكى يېقىنلىرىمىزدىن بىرەسىنىڭ كۆزى تىگىپ كەتكەن بولىدۇ!
  بەزى "رۇقىي" ئوقۇيدىغان شەيخلار شۇنداق رامباللىق ئارقىلىق  ساددا،ئەقىلسىز كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ئاياللارجىنسىنى  ئالدايدىغانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق گىزىت ژورناللاردا ئاگاھلاندۇرغان. بەزى رامباللار "رۇقىي" نامى بىلەن ھەرقانداق كېسەلنى ساقايتىدىغان،ھېچكىم چىقىرالمىغان جىننى چىقىرىدىغان، سىرى ئېچىلمىغان سىھىرنى ئېچىپ تاشلاپ يېشەلەيدىغان كارامىتى بارلىقىنى ئىددىئا قىلىپ نۇرغۇن ئەخمەق كىشىلەرنى ئالداپ كەتكەن ئەھۋاللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھېلىقى رامباللار زىناخور،ئالدامچى كازاپلاردىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان. بەزى دىنى ئالىملار رامباللارنىڭ "رۇقىي" نامى بىلەن كىشىلەرنى ئالداپ غەيبنى بىلىدىغان، سىھىرنى يېشىدىغان سىھرىي كۈچى بارلىقىنى ئىددىئا قىلىپ پۇل تېپىش يولىغا كىرىۋالغان كازاپلارنىڭ خەتىرىنى چۈشەنگەن بولۇپ، مەرھۇم ئەللامە،شەيخ/ مۇھەممەد غەزالى ئالجىرىيە دە تۇرغان مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ بارلىق مۇشكىلچىلىكلىرىدە "رۇقىي" گىلا ئېسىلىۋالماسلىقى ھەققىدە ئاگالاندۇرۇش بېرىپ:"كىشىلەر "رۇقىي" ئوقۇتقىسى كېلىپ كەتسە ئۆزىگە- ئۆزى ئوقۇسۇن" دېگەن. شەيخ غەزالى كىشىلەرنىڭ ئەقلىدە ئۇزۇن زاماندىن بىرى جىن ئولتۇرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىكەن. مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەكۇۇرى دوكتور مۇھەممەد سەلىم ئەۋۋا "ئەلجەزىرە" قانىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا: شەيخ مۇھەممەد غەززالى مەندىن،ـ سىز ياۋرۇپا،ئامىرىكىلارغا كۆپ سەپەر قىلىسىز ئامىرىكىلىق،ياۋرۇپالىقلارغىمۇ جىن مىنىۋالامدىكەن؟ دەپ سورىغانىدى ،- ياق، ھېچ ئۇنداق ئەھۋال يوق دېگەنتىم،- دىدى. شەيخ غەزالى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ بۇ جىن- شەيتانلار ئۇ ئامىرىكىلىقلارنى تاشلاپ قويۇپ نېمىگە بىز مۇسۇلمانلارغا مىنىۋالىدىغاندۇ؟ دەپ ھەيرانلىقىنى بىلدۈرگەن!. 
  ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەيخ غەززالى تىرىلىپ كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىنى جىن،سىھىر لار ئاپىتى دەرىجىدىن تاشقىرى چىرمىۋالغانلىقىنى كۆرسە نېمە دەپ قالغان بولاتتى؟! ئۆيلىرىمىز،جىسىملىرىمىز جىنلارنىڭ مىھمان كۈتۈشلىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
 روھىي،نىرۋا كىسەللىكلىرى دوختۇرى دوكتور  "***" كىشىلەرنىڭ پالانىنىڭ ئىچىگە جىن كىرىۋاپتۇ، پۇستانى سىھىر قىلنىپتۇ، پوكۇنىغاكۆز تىگىپتۇ دېگەندەك بى نورمال باھالارنى بېرىشلىرى ئەمىلىيەتتە روھىي كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقىدىن بولىدۇ،ـ دىدى. بەزى كىشىلەر ئۆزىدىكى ئىللەتنى تەكشۈرۈپ روھىي دۇنياسىنى تازىلاشقا تىرىشىشنىڭ ئورنىغا مەسئۇلىيەتنى كونتىرول قىلىشقا ئاجىز كەلگەندە جىنلارغا ئارتىپ قويۇشقا تىرىشىدۇ، "رۇقىي" ئوغان كىشى : سىزگە كۆز تېگىپتۇ،سىھىر باركەن ياكى باشقىلار ھەسەت قىپتۇ دېسە،ـ زادى مەن مۇھىم ئادەم، مەندە باشقىلاردا يوق ئىمتىيازلار بولغانلىقتىن ماڭا كۆزتېگىدۇ! دىگەندەك قىلىپ، ئۆزىگە تەمەننا قىلىدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزىگە تەمەننا قىلغاننىڭ ئورنىغا روھىي كىسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ ئۆزىگە دورا قىلىغىنى تۈزۈكرەك.
  توغرا! غەربلىكلەرمۇ بەزىدە سەۋەبىنى ئۇقالمىغان ھادىسە،سىرلىق ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلمەستن يامان ئەرۋاھلارغا مەنسۇپ قىلىشىدۇ. لېكىن، بىز ياشاۋاتقان مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردىكىدەك ئېغىر دەرىجىدە ئەمەس. بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزدىكى قالاقلىق، چۈشكۈنلۈك، سەلبى ئەھۋاللارنى تەقدىر، قازا ۋە قەدەرگە مەنسۇپ قىلىپلا ئاسانلا مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلىمىز. ئەمىلىيەتتە بۇ  مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىيتىدىكى ئاجىزلىق،قەلبىدىكى چىرىكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  بىزلەر بۇران- چاپقۇنلارغا كۆكرەك كېرىپ تاقابىل تۇرالمايمىز،شۇڭا ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى يوشۇرىدىغانغا، رىئاللىقتىن قېچىشقا سەۋەپ ئىزدىشىمىز كېرەك.
  ئىنساپ بىلەن سۆزلەيدىغان بولساق، بەزىلەر ئەكسىچە جىنغا مىنىۋالىدۇ،ئۆزىنىڭ زۇلۇم- تەڭسىزلىكلىرىنى كۆز تېگىش،سىھىرلارغا ئارتىپلا ھەقىقەتتىن قېچىشنى ئويلايدۇ. مەنە بۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك ئىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر!..

 ئابدۇلئەزىز تۈمۈر تەرجىمىسى


خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ئۈمىدۋار ياشاش ئەلادۇر
 كىيىنكى ماقالە :ﺳﯚﻳﮕﯜ
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ