مەرىپەت تور بېكىتى->ئۈمىدۋار ياشاش ئەلادۇر
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→ئۈمىدۋار ياشاش ئەلادۇر

ئۈمىدۋار ياشاش ئەلادۇر
ئاپتۇرى:ئابدۇلقادىر تاش يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:218قېتىم

 ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر مۇسىبەت ئۇنىڭ ھەر ئىشتىن شۇم پال ئىلىپ تۈگەشكەنلىك تۇيغۇسىغا ۋە ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولىشىدۇر. ھەر ئىشتىن شۇم پال ئالىدىغان، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئىنساننىڭ ھاياتى چۈشكۈنلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە داۋالغۇپ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىنسان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قۇشىدىغان ھەرىكەتچان ئەزا بولۇشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتكە ئېغىرىنى سالىدىغان ۋە باشقىلارنى ھەم ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىكار تەلەپلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئۈمىدسىز بىر شەخسنىڭ ئەھۋالى بۇ بولسا ھەر تەرەپتىن شۇملۇق, ئۈمىدسىزلىك قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەن بىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى نېمە بولار؟! شەكسىزكى، بۇنداق مىللەت ئورنىدىن تۇرۇشقا ۋە مىللەتكە يۈزلەنگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان دەرىجىدە ھالاكەت ئازگىلىنىڭ لېۋىگە بېرىپ قالىدۇ، ھەر خىل تەھدىدلەر ئالدىدا مەغلۇبىيىتىنى ئېلان قىلىپ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ!
   ئىسلام ئۇممىتى ھازىرقى ۋاقىتتا چۇڭ پالاكەتكە ۋە ئارقىدا قىلىش ئاپىتىگە دۇچ كەلدى، خار - زەبۇنلۇق ئاچچىقىنى، ئىسلامنىڭ توغرا پرىنسىپىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ۋابالىنى يەتكۈچە تېتىدى، بىرلىك، ئىتتپاقلىق ھەيبىتىگە ئىگە بولغان ئىسلام ئۈممىتى تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈنۈپ كەتتى، دۇنياغا خوجايىن، پۈتۈن خەلققە رەھبەر بولغان ئىسلام ئۈممىتىگە دۈشمەنلەر تەرەپ - تەرەپتىن قول ئۇزارتتى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇبالىغە بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ خەلق ئاممىسىنىڭ زىھنىدە ئىسلام ئۇممىتى قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇشقا، يېڭىدىن ئىش باشلاشقا قادىر بولالمايدىكەن دېگەن ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى.
   مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ھەر زامان كإز تىكىپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەر ئۈمىدسىزلىككە چاقىرىدىغان بۇ خەتەرلىك تەشۋىقاتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى ۋە بۇنى ئإزلىرىنىڭ يامان غەرەزلىرىگە خىزمەت قىلدۇردى. ئإز دىنىگە، ئىززىتىگە قايتىش، تەرەققى قىلىش، بۇزۇلغان سەپلىرنى قايتا رۇسلاش ئۈچۈن ئويغىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ ئۇلارنى رىئاللىقنى قوبۇل قىلىپ تەسلىم بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. چۈنكى دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغىنىشى ئإزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە، پىكرىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەيمەنىتىگە بىۋاسىتە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.
   ئەپسۇسكى، ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن رەھبەرلەر ۋە تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىسلام ئۈممىتى قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالدى. سىز گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى ئاچسىڭىزلا يۈرىكىڭىزنى ئازاپلايدىغان، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان شۇم خەۋەرلەر ۋە يىرگىنىشلىك كإرىنىشلەرنى ئۇچرىتىسىز، بۇنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ھىلە - مىكرىلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر، بۇ ئەھۋال شۇنداق خەتەرلىك يەرگە يەتتىكى ئىرادىسىز بەزى شائىر ۋە ئەدىپلەر ئإزلىرىنى ئىسلامغا نىسبەت بېرىشتىن بارائەت ئىلان قىلدى.
   مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ غەم - ئەندىشە، ھەسرەت - نادامەت ۋە بالايى - ئاپەتلەرگە تولۇپ تاشقانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئوچۇق ھەقىقەت. لېكىن بۇ جەمئىيەتتە ھەم بەزى بېشارەت نۇرلىرىنىڭ بارلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىز بۇ بېشارەت نۇرلىرىنى پەرۋىش قىلىپ جەمئىيەتنىڭ بارلىق بولۇڭ پۇشقاقلىرىغا كېڭەيتىشكە تىرىشمايمىز؟!
   مىللەتىنىڭ غەم - ئەندىشە، ھەسرەت - نادامەت ۋە بالايى - ئاپەتلەرگە تولغان بۇ جەمئىيىتىنى ئإزگەرتىشكە ھەسسىسىنى قوشۇش ھەر بىر ۋىژدان ئىگىسىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ جەۋھىرى سانىلىدىغان ھەر بىر ئالىمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھىساپلىنىدۇ. جەمئىيەتتىن قاخشاش ۋە ئۇنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىچىپ تاشلاش بىلەنلا ئإز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا ھەسسە قوشقانلىق بولمايدۇ. مىللەتنىڭ ئەيپ - نۇقسانلىرىنى تونىغان ئىنسان چوقۇم ئاز بولسىمۇ ئەمىلىي خىزمىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا تإھپە قوشۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا چۈشكىنلىك ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئورنىغا ئۈمىدۋارلىق كىلىدۇ ۋە ئىسلاھات خىزمىتى چوقۇم مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشىدۇ.
                                                         ئىلھام قادىر تەرجىمىسى
                                                            2006- يىل 26- فىۋرال.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇللۇق
 كىيىنكى ماقالە :جىن،سىھىر ۋە كۆز تېگىشلەر
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:5ئادەممېھمان:5ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ