مەرىپەت تور بېكىتى->قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئىلمىي
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئىلمىي

قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئىلمىي
ئاپتۇرى:ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺋﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍﯞ يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:169قېتىم

قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەپسىر قىلىش مەسىلىسى

(ئەللامە دوكتور يۈسۈف قەرداۋى بىلەن قۇرئاننى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەپسىر قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت)

يېقىنقى يىللاردا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى ئەڭ كۆپ تارالغان تىما بولۇپ قالدى. بۇ توغرىدا يازغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۈنچىلىك كۆپىيىپ كەتتىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىسىنىڭ قائىدىلىرىنى بەلگىلەش ھەققىدە قۇرۇلتايلار چاقىرىلدى. 
قۇرئاننىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى مەسىلىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللۇنۇش بولسا، ئىلىمي جەھەتتە تەرەققى تاپقان غەربكە نىسبەتەن ئىلمىي مەغلۇبىيەت ھىسسىياتىدىن قېچىشتۇر، دەپ قارايدۇ. 
قۇرئاننى ئىلمىي تەپسىر قىلىمىز دېگۈچىلەر، تەجرىبىگە تايانغان ئىلىمنى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ بىلىپ، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما بۇ پىكىرگە چاقىرغۇچىلار، قۇرئاننى ئىلمىي تەپسىر قىلىش غەيرى مۇسلىملارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەملەش ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ اللە تەئالانىڭ سۆزى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋاسىتە دەپ، قارايدۇ. 
بۇ مەسىلىدە مۆتەدىل قاراش قايسى؟ مۆجىزە بىلەن ئىلمىي تەپسىر ئوتتۇرىدا قانداق ئالاقا بار؟ ۋە باشقا كۆپلىگەن سوئاللار دوكتۇر يۈسۈف قەرداۋىغا سورالدى ۋە ئۇ كىشى تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى:

پەزىلەتلىك شەيخ! ئىلمىي تەپسىر ۋە ئىلمىي مۆجىزە دەپ ئاتىلىدىغان ئىلم بار، بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسى نېمە ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقى بار؟
ئىلمىي مۆجىزە، ئىلمىي تەپسىرنىڭ بىر تۈرى. ئىلمىي تەپسىر قۇرئان كەرىمنى چۈشەندۈرۈشتە تەبىيئىي پەن ئىلىمىنى ئىشلىتىش، ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىسى، مورفولوگىيىسى، سىنتاكسىسى ۋە شەرىئەت، لۇغەت ئىلىملىرى بىلەن كۇپايىلەنمەسلىكتۇر. 
بۇنىڭدا بىر مانى يوق، لېكىن بۇنىڭدىكى مەسىلە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتۇر. ھەر قانداق نەرسىدە چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىش ئۇ نەرسىنى بۇزىدۇ. ئەگەر قۇرئاننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي پەن ئىلمىنى ئىشلىتىشتە چېكىدىن ئاشۇرىۋەتسەك، قۇرئان تەبىيئەت، فىزىكا، خىمىيە، ئاستۇرنومىيە ۋە ماتىماتىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن باشقا كىشى چۈشۈنەلمەيدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. بىزگە ئوخشاش شەرىئەت ئۆلىمالىرى قۇرئاننى چۈشەنمەيدىغان بولىدۇ، بەلكى ئىلمىي تەپسىر قىلغۇچىلاردىن بەزىلىرى قۇرئاننىڭ مەنىسى مانا مۇشۇنىڭدىنلا ئىبارەت، دېگەن ۋاقتىدا، مۇسۇلمانلار 14 ئەسىردىن بىرى قۇرئاننى چۈنمىگەن بولىدۇ.   
بىز ئىلمىي تەپسىرگە ۋە قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈىشتە ھەر خىل ئىلىملارنى ئىشلىتىشكە قارشى ئەمەسمىز. لېكىن ئۇنىڭ شەرتلىرى بولۇشى كېرەك:
1ـ زورلاش، ياكى بۇرمىلاش ياكى ھالقىپ كېتىش بولماسلىقى كېرەك.
2ـ بىزنىڭ سۆزىمىز قۇرئاننىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە كۆرسەتمىسى دائىرىسىدە بولۇشى، ئىسلام ئۇممىتىنى قۇرئاننى چۈشەنمىگەن دەپ تۆھمەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى قۇرئان كەرىم مەڭگۈلۈك كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى، قايتا ـ قايتا چۈشەندۈرۈش ۋە قولايلىقتۇر. اللە تەئالا: )سىلەرگە روشەن نۇرنى نازىل قىلدۇق( دەيدۇ. نۇرنىڭ خۇسۇسىيىتى ئېچىلىش ۋە ئېچىش، روشەنلەشتۈرۈش ۋە روشەن بولۇشتۇر. يەنى قۇرئان يورۇتقۇچى نۇر ۋە روشەن كىتابتۇر.
ئەمما ئىلمىي مۆجىزىگە كەلسەك، مۆجىزە سۆزىنىڭ ئەسلى لۇغەت مەنىسى: كىشىلەرنى ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشكە چاقىرغان ۋە ھېچكىم ئۇنداق بىر نەرسىنى كەلتۈرەلمىگەن ئادەتتىن تاشقىرى نەرسە دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىدە قۇرئان كەرىم ئۆزى بىر مۆجىزىدۇر. چۈنكى ئۇ ئەرەبلەرنى قۇرئانغا ئوخشاش بىر سۆز كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەيدانغا چاقىردى. )ئەگەر (قۇرئان مۇھەممەدنىڭ سۆزى) دېگەن داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار( دېدى. ئەرەبلەر كەلتۈرەلمىدى. ئاندىن )قۇرئاننىڭ سۈرىسىگە ئوخشاش ئون سۈرە توقۇپ كەلتۈرۈڭلار( دېدى. ئەرەبلەر مەغلۇب بولدى. ئاخىرى )قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار( دېدى. يەنە كەلتۈرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن اللە تەئالانىڭ )ئى مۇھەممەد! ئېيقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار بىلەن جىنلار بۇ قۇرئانغا ئوخشاش بىر نەرسە كەلتۈرۈش ئۈچۈن توپلانسا، بىر ـ بىرىگە ياردەمچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە كەلتۈرەلمەيدۇ( دېگەن سۆزى ھەقىقەتكە چىقتى. 
بىزگە مەلۇمكى، ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي مۆجىزە ھەر ئىككىسى يېڭى چىققان بولۇپ، ئىلگىرى يوق ئىدى. بۇرۇنقى تەپسىر ئالىملىرى ۋە قۇرئان ئىلىملىرى كىتابلىرى قۇرئاننىڭ مەنىنى ئىپادىلەشتىكى مۆجىزىسى ۋە سۆز تىزمىسىدىكى مۆجىزىسىدىن سۆز قىلاتتى. بۇ ئىلمي مۆجىزە يۇقىرىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ قايسىغا چۈشىدۇ؟ 
قۇرئاننىڭ سۆز تىزمىسىدىكى مۆجىزىسىدىن باشقا غەيبتىن خەۋەر بېرىش مۆجىزىسىمۇ بار. مەسىلەن اللە تەئالانىڭ )رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ،( دېگەن سۆزى ۋە )قۇرئاننىڭ ھەقلىقى ئاشكارا بولۇشى ئۈچن كائىناتتا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئالامەتلىرىمىزنى كۆرسىتىمىز( دېگەن سۆزىگە ئوخشاش ئايەتلەر مۆجىزىلىك شەكىلدە ئەمەلىيەتكە چىققان. ئەللامە مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە «ئەلمۇسلىمۇن» ژۇرنىلىدا، "قۇرئان شەرىئىتى ئۇنىڭ اللە تەرىپىدىن بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر" دېگەن تىمىدا قۇرئاننىڭ قانۇن جەھەتتىكى مۆجىزىسىنى بايان قىلىپ بىر نەچچە ماقالا ئېلان قىلغان. ئەللامە شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا «ئەلۋەھيۇلمۇھەممەدى» دېگەن كىتابىدا، بۇرۇنقىلار قۇرئاننىڭ تىل جەھەتتىكى مۆجىسىنى بايان قىلغان، مەن قۇرئان ئېلىپ كەلگەن تىملارنىڭ مۆجىزىلىكىدە دۇئىل ئېلان قىلىمەن دېگەن. 
كۈنىمىزدىكىلەرنى دەۋاتقان «ئىلمىي مۆجىزە» نى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن مۆجىزىلەرگە قوشۇش مۇمكىن بولامدۇ؟
قۇرئاننىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى دېگەندىن، قۇرئان كەرىم ئەرەبلەر قەتئىي بىلمەيدىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇ ياشىغان ئەسىرنىڭ ئىدراكىدىن تاشقىرى بولغان شەيئىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، دېگەننى مەقسەد قىلىدۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز زىكىر قىلغان ۋە بوۋاق ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى ئېتىراپ قىلغان مىساللاردىن بىرى سۈرە مۇئمىنۇندا كەلگەن مۇنۇ ئايەتتۇر: )بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق. ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنى قىلدۇق. ئاندىن ئابىمەنىنى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى اﷲ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر.( بۇۋاقنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدا يارىتىلىش باسقۇچلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەقىقەتەن ئىنسالار بىلمەيدىغان ئىشلاردۇر.
لېكىن بۇ ئىشلار پەقەت قۇرئاندىكى ئىلمىي ئىشارەتلەردىنلا ئىبارەت؛  چۈنكى قۇرئان كرىم ئەسلىدە ئىلىم ـ پەن كىتابى ئەمەس.
قۇرئاننىڭ مەخسۇس ئىلم ـ پەن كىتابى بولمىغانلىقىغا قوشۇلىمەن، ئىلمىي مۆجىزە بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ھەر دائىم دەيدىغىنىم: سىلەر قۇرئان ئېلىپ كەلگەن ۋە ئىلمىي مۆجىزە دەپ ئاتىغان نەرسىلەردىنمۇ چوڭ ۋە مۇھىم بىر نەرسىدىن غاپىل بولىۋاتىسىلەر. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئىلمىي سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر مۆجىزىلەرنى زىكىر قىلغان. ئىلمىي مۆجىزىلەرنى ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرگە ئىشارەت قىلىش ئاددى بىر ئىش. لېكىن ئۇممەتنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان نەرسە بۇ ئەمەس، ئۇممەتنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان نەرسە، ئۇلاردا كائىناتنىڭ قانۇن ۋە سىرلىرىنى كەشىپ قىلىدىغان ئىلمىي سەۋىيىسى يۇقىرى ئەقىل بولۇش كېرەك. بۇ ئەقىل گۇمانغا ئەگىشىشنى رەت قىلىدۇ: )مۇشرىكلارنىڭ كۆپلىرى گۇمانغا ئەگىشىدۇ، گۇمان ھەقىقەتتىن ھېچنەرسىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ.( ئۇ ئەقىل ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگىشىشنى رەت قىلىدۇ: )مۇشرىكلار پەقەت نەپسلىرىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ.( ئۇ ئەقىل تەقلىدچىلىكنى رەت قىلىدۇ: )بىز ئاتا ـ بوۋىمىزنى بۇتلارغا چوقىنىدىغان تاپتۇق، بىزمۇ ئاشۇلارغا ئەگىشىمىز.( )بىز باشلىقلىرىمىزغا ئەگەشكەن ئىدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرىۋەتتى.( ئۇ ئەقىل كائىناتتا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ: )ئۇلار ئاسمان ـ زېمىنغا ۋە اللەنىڭ ياراتقانلىرىغا نەزەر قىلمامدۇ؟( ئۇ ئەقىل كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىن ئىبرەت ئېلىشنى ئىبادەت ۋە پەرز دەپ بىلىدۇ ۋە دەلىل ـ ھۆججەتكە تايىنىدۇ: )ئەگەر داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ھۆججىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار.( 
ئەقلى شەيئىلەرنىڭ دەلىلى ئەقلى ـ ئىلمى بولىدۇ. ھىسسى نەرسىلەرنىڭ دەلىلى كۆرۈش بولىدۇ. دىنىي نەرسىلەرنىڭ دەلىلى ئىشەنچلىك يولدىن نەقىل قىلىنغان خەۋەر بولىدۇ: )بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتاب ياكى ئەسەر بولسا ئېلىپ كېلىڭلار.(
مانا بۇ قۇرئان ئىجاد قىلغان ئىلمىي سەۋىيىسى يۇقىرى ئەقىل بولۇپ، ئۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتقان، مۇھەممەد ئىبنى ئەبى بەكرى خوارزىمىنى ئالگىبرا ئىلمىنى ئىجاد قىلدۇرغان ۋە مىراس، ۋەسىيەت ئىلىملىرىدا كىتاب يازدۇرغان، شافىئى مەزھەب فىقھى ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئىبنى نەپىسنى ۋۇجۇددىكى قان ئايلىنىش سىستېمىنى كەشىپ قىلدۇرغان ئەقىلدۇر. قۇرئاندىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرگە ئىشارەت قىلىشتىن بەكرەك، ئەقىلنىڭ ئىلمىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئىلمىي مۆجىزە پىكرىنىڭ ئاساسى «ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە» تەسلىم بولۇش، قۇرئاننىڭ تېكىستىنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېڭەيتىپ چۈشەندۈرۈش، ئاندىن ئۇنى ئىلمىي ھەقىقەتكە ھاكىم قىلىش، ئاخىرىدا قۇرئان يېڭى ئىلىمگە مۇۋاپىق كېلىدۇ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. سوئال: ئىككىسىنىڭ قايسى قايسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ؟ قۇرئانمۇ، ئىلىممۇ؟ قۇرئان بىلەن ئىلىم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىمىز؟ 
قۇرئاننىڭ ئىلىمغا ھۆكۈم قىلىشى لازىملىقىدا شەك يوق، چۈنكى ئىلىم ئىنساننىڭ ئىشى بولۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ مىسالى كۆپ. بىز مەكتەبتە ماددا يوقالمايدۇ ۋە يېڭىلانميدۇ، دەپ ئوقۇياتتۇق. ھازىرقى ئۆلىمالار: ماددىنىڭ يوقۇلۇشى مۇمكىن ۋە ئۇ يېڭىلىنىدۇ، دەيدۇ. ئىبنى سىنا، فارابى ۋە ئىبنى رۇشد دەۋرىدىكى كونا ئۆلىمالار: كائىنات سۇ، ئوت، توپراق ۋە ھاۋادىن يارىتىلغان دەيتتى. كېيىن مەلۇم بولدىكى بۇ كائىناتنىڭ ئەسلى ماددىسى ئەمەس ، بەلكى ئۇ مۇرەككەبلەر بولغانلىقى، كائىناتنىڭ ئەسلى ماددىسىنىڭ يۈزدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
كۈنىمىزدىكى ئىنسانلار تەبىئەت ۋە كائىنات ھەقىقەتلىرىنى گرىتسىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پەيلاسوپ بولغان ئارىستو بىلگەن نەرسىلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپىنى بىلىدىغان بولدى. ھازىر ئىلىم ئۆزگەردى. ئانىشتايننىڭ نىسبى نەزىرىيىسى چىققاندىن كېيىن شەيئىلەردە ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. ئىلىم بۇ تەبىئەت چىگراسىدا توختىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چەكلىك نەرسىنى چەكسىز نەرسىگە، قەيدلىك نەرسىنى قەيدسىز نەرسىگە ھۆكۈم قىلدۇرالمايمىز. 
تەخمىن ۋە نەزەرىيەگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق، دارۋىن نەزىرىيىسىنى ئىلمىي ھەقىقەت دېيەلمەيمىز. لېكىن ئۆزگەرمەيدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئېلىپ، قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن پايدىلىنىشتا بىر مانى يوق. 
قۇرئان بىلەن ئىلىم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ قۇرئانغا خىزمەت قىلدۇرۇش مۇمكىن بولىدىغان ئىلمىي ساھەلەر قايسىلار؟
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سوئال، قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشتە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك كۆپ شەيئىلەر ۋە ساھەلەر باردۇ. مەسىلەن قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدۇ: ) اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.(  )بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.( )كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ.( دېمەك، ھەمە نەرسە ئۆلچەملىك يارىتىلغاندۇر. مەسىلەن: ئۆسۈملۈكلەرگە نەەر قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى پروتىن، تۇز، مەدەن ۋە باشقا بارلىق ماددىلارنىڭ گرام ۋە مىللى گراملار بىلەن ئۆلچەملىك بولغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئۆلچەملەرنى بىلىش ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقاتتىن پايدىلىنىشقا ھېچقانداق مانى يوق.
ئىلىمنىڭ رولى كائىناتتىكى قۇرئا ئىشارەت قىلغان يوشۇرۇن ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتۇر دېيىشكە بولامدۇ؟ 
ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى كائىناتنىڭ تەرتىپ ۋە سىستېمىسىنىڭ ئارقىسىدا اللە تەئالانىڭ چەكسىز قۇدرىتى تۇرىدۇ. ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان «ئىلىم ئىمانغا باشلايدۇ» دېگەن بىر كىتاب بار. كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئۇنىڭدا، يەر شارىدىكى ھاياتنىڭ قانداق مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، كائىناتنىڭ مىڭلارچە بەلكى مىليونلارچە تەرتىپ ـ سىستېمىلىرى بارلىقى، ئەگەر يەر شارىنىڭ ھەجمى ھازىرقى ھالىدىن چوڭ بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھايات بولمايدىغانلىقى، ئەگەر كىچىك بولغان بولسا، قۇياشنىڭ ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىدىغانلىقى ۋە باشقا كۆپلىگەن مىساللارنى كەلتۈرۈپ كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆچەملىك يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق شەيئىلەردىن سۆز قىلىش ۋە ئىلمىي كىتابلاردىن پايدىلىنىشقا ھېچقانداق توسالغۇ يوقتۇر. مەرھۇم سەييىد قۇتۇپ قۇرئاننى ئىلمىي تەپسىر قىلىش ۋە ئىلمىي مۆجىزە دېگەنگە ئەڭ قاتتىق قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن كەڭ پايدىلانغاندۇر. شۇڭلاشقا تەپسىر ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ئىلىمدىن پايدىلىنىشىم مۇمكىن. مەسىلەن: بۇرۇنقى تەپسىر ئالىملىرى اللە تەئالانىڭ ) سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق.( دېگەن كالامىنى كائىناتتىكى كۆپ سانلىق مەخلۇقلار دەپ چۈشەنگەن. يەنى ئۇلار كائىناتتىكى ھەممە نەرسە جۇپ ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنى ئىنسان ئەركەك ـ چىشى، ھايۋانلار ئەركەك ـ چىشى، خورمىغا ئوخشاش بەزى مىۋىلەر ئەركەك ـ چىشى، لېكىن پۈتكۈل ئۆسۈملۈك ۋە جاماداتلار ئەركەك ـ چىشى ئەمەس، دەپ قارايدۇ. لېكىن ھازىر ئاتومنىڭ ئىلىكترون ۋە پروتوندىن تەركىب تاپىدىغانلىقى كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن كائىناتتىكى بارلىق نەرسىنىڭ مۇسبەت ـ مەنپىدىن ئىبارەت جۇپ بولغانلىقى ئاشكارا بولدى. اللە تەئالا ھەممە نەرسىنى جۇپ ياراتقانلىقى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ) اللە (پۈتۈن ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار)نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار.( يەنى بىز بۇ يەردە بۇرۇنقى تەپسىرلەرنى تۈزۈتىش ئۈچۈن ئىلىمدىن پايدىلىنىمىز. 
ئىلىمنىڭ ئىككىنچى ۋەزىپىسى: دىنى ھەقىقەتلەرنى زامانىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە يېقىنلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇمۇ مۇھىمدۇر. مەسىلەن: اللە تەئالا ئېيتىدۇ: )بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ- توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ.( )ئۇلار قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرىدۇ.( )ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ.( قەدىمكى تەپسىر ئۆلىمالىرى بۇ ئايەتلەرنى ئىنسانلار قىلغان ئەمەللىرىنى ئەمەس بەلكى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە جازا ـ مۇكاپىتىنى كۆرىدۇ. چۈنكى ئەمەل تۈگىدى. ئەمەل دېگەن ۋەقەدۇر. ۋەقە بولۇپ تۈگەيدۇ، قېلىپ قالمايدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن. لېكىن ھازىرقى ئۆلىمالار ئاۋازلىرىمىزنىڭ كائىناتتا ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلدى. شۇنىڭدەك ئەمەللەرمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ. گويا بۇ دۇنيادا قىلغان ـ ئەتكەنلىرىمىز قىيامەت كۈنى خۇددى لىنتىگە ئېلىپ قويغاندەك ئۆز پېتى بىزگە كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا اللە تەئالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارغا )نامە ـ ئەمال كىتابىڭنى ئۆزەڭ ئوقۇغىن( ديدۇ. )ئۇلار قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.( 
ئىلمىي مۆجىزە ئۆلىمالىرى اللە تەئالانىڭ: )كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.( دېگەن كالامىدىكى «زەررە» سۆزىنىڭ ھازىرقى ئىلمىي ئىستىلاھ مەنىسى: «ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى بولغان ئاتوم» دەيدۇ. بۇنداق دېيىشنى ئىلىمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ لۇغىتىدىن چىقىرىۋەتكەنلىك دەپ قارامسىز؟ ياكى «زەررە» سۆزىنىڭ مەنىسى مۇشۇمۇ؟  
ئۇنداق تەپسىر قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى قۇرئاننى تەپسىر قىلماقچى بولغان كىشى ئۇنى نازىل بولغان ئەرەب تىلى دائىرىسىدە تەپسىر قىلىشى كېرەك. كېيىن پەيدا بولغان ئىستىلاھاتلارنى ئىشلىتىپ قۇرئاننى ئۇنىڭ بىلەن تەپسىر قىلىشقا بولمايدۇ. يەنى ئەرەبلەر «زەررە» سۆزىنى چۈشەنگەندە، ئۇنىڭ تەبىيئەت مەنىسىنى ياكى شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماددىسى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن پەلسەپەۋىي مەنىسىنى چۈشەنگەن ئەمەس. بۇ تەپسىر ئۆلىمالىرى چۈشەنگەن مەنە ئەمەس. تەپسىر ئالىمالىرى «زەررە» سۆزىنى ئەڭ كىچىك نەرسە دەپ چۈشەنگەن، فىزىكا ئۆلىمالىرى قويغان ئىستىلاھ، مەنەلەر ئۇلارنىڭ ئەقلىگە كەلگەن ئەمەس. 
بۇنىڭغا بەزىلەرنىڭ اللە تەئالانىڭ: )ئاسمان - زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى اﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ.( دېگەن كالامى ئاتومنىڭ پارچىلىنىشىغا ئىشارەت قىلىدۇ، دېگەنلىكىنىمۇ قوشۇڭ. بۇ يەردىكى مەسىلە، بەزىلەرنىڭ مۇبالىغە قىلىپ چېكىدىن ئاشىرىۋەتكەنلىكىدۇر. مەسىلەن اللە تەئالانىڭ: ) ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر نەپستىن (بىرئىنساندىن يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار( دېگەن كالامىدىكى «بىر نەپس» سۆزى ئېلىكتروننى، «جۇپتى» سۆزى پىروتوننى كۆرسىتىدۇ، دېگەن ئادەمگە نېمە دېيىش كېرەك؟ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇرۇنۇشلار بىھۇدىلىك ۋە قۇرئاننىڭ تەبىئىتىدىن بولمىغان نەرسىنى قۇرئانغا تېڭىشقا ئۇرۇنغانلىق بولىدۇ. 
بەزىلەر قۇرئاندىكى ئىلمىي مۆجىزە ھەققىدە سۆز قىلىش بىر تۈرلۈك غەرب بىلەن بەسلىشىش ياكى ئىلمىي مەغلۇبىيەت ھىسسىياتىدىن قېچىشتۇر، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
مېنىڭ قارىشىم، ئەگەر مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن قۇرئانغا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ئۆلىمالار يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مۇسۇلمانلاردىن كائىناتنىڭ سىرلىرىنى كەشىپ قىلىدىغان، ئىلىمنى ئىمان، ئەخلاق ۋە ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلدۇرىدىغان ھەقىقىي مۇتەخەسسىس ئالىملار چىقسۇن. بىزنىڭ پەخىرىلىنىشىمىزگە ئەرزىدىغىنى مانا مۇشۇ.
بەزىلەر ئىلمىي مۆجىزە پىكرىنى مۇنداق دەپ تەنقىدلەيدۇ: "قۇرئان ئىلمىي جەھەتتە ئىلگىرلەپ كەتكەن بولسا، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار غەربتىن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلىرىنى كەشىپ قىلمىدى؟"
شۇنداق، غەربلىكلەر كەشىپ قىلغاندىن كېيىن كېلىپ، قۇرئان بۇنىڭدىن ئىلگىرلەپ كەتكەن دېگەننىڭ پايدىسى يوق. ئەگەر قۇرئاننىڭ سەبىبى بىلەن ئۇ كائىناتنىڭ قانۇن ـ سىستېمىلىرىنى بىز كەشىپ قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇلارغا: مانا بۇ قۇرئان بىزگە ئۆگەتكەن ئىلىمدۇر، دېيىشىمىزگە بولاتتى. ئەمما ئۇنى غەربلىكلەردىن ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىش توغرا بولمايدۇ.
قۇرئاننىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى شەرىئەت ئىلىملىرى دائىرىسى سىرتىدىكى كىشىلەردۇر. ھالبۇكى ئۆلىمالار مۆجىزىدەك خۇسۇسىي تەپسىر ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇرئاننى ئومۇمىي تەپسىر قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر شەرتلەرنى قويغان. بۇ ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟ 
ئىلگىرىكى ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىمام غەزالىغا ئوخشاش قۇرئان ئاۋۋالقىلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ بارلىق ئىلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگۈچىلەر بار. قۇرئاننى بۇنداق ئىلمىي ساھەگە كىرگۈزۈش قۇرئاننىڭ تەبىئىتىگە، شەرىئەتنىڭ تەبىئىتىگە ۋە قۇرئان نازىل بولغان ئۇممەتنىڭ تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بىر تۈرلۈك زورلاشتۇر، دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. ئىمام شاتىبى «ئەلمۇۋافىقات» ناملىق ئەسىرىدە قۇرئان نازىل بولغان ئۇممەتنىڭ ساۋاتسىز ئۇممەت بولغانلىقىنى، ھەتتا شەرىئەتنىڭ ساۋاتسىز بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا ئەللامە شەيخ تاھىر ئىبنى ئاشۇر رەت قايتۇرۇپ، ئىسلام ساۋاتسىز بىر ئۇممەتكە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ساۋاتسىزلىقنى ماختىمايدۇ. ساۋاتسىزلىق پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدەغىنە ماختىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ساۋاتسىز پەيغەمبەر تۇرۇپ قۇرئاننى ئېلىپ كېلىشى چوڭ مۆجىزىدۇر. ساۋاتسىز كىشىدىكى ئىلىم مۆجىزىدۇر. ئەمما ئۇممەتنىڭ ساۋاتسىزلىقتىن چىقىشى كېرەك. بىرىنچى قېتىم ساۋاتسىزلىققا قارشى تۇرغان كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇ ساۋاتسىزلىققا قارشى تۇرغان ساۋاتسىز پەيغەمبەردۇر. خۇلاسە، ئىمام شاتىبى بۇ يۆنىلىشكە ـ ئىلمى مۆجىزە، ئىلمىي تەپسىرىگە قارشى تۇردى. زامانىمىزدىكى ئۆلىمالاردىن بۇ يۆنىلىشنى قوللايدىغانلار بار. لېكىن شەيخ ئەمىن خۇلى، شەيخ مەھمۇد شەلتۇت، ئۇستاز سەييىد قۇتۇبقا ئوخشاش تەتقىقاتچى ئۆلىمالار بۇنداق يېڭى ئىلمىي مۆجىزە دېگەنلەرگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. سەييىد قۇتۇپ «فى زىلالىل قۇرئان» كىتابىدا اللە تەئالانىڭ: ) (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ ( تىرىكچىلىك) ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر».( سۆزىنىڭ تەپسىرىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىلىمنى قۇرئانغا ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىشىمىز لايىق ئەمەس دەيدۇ. 
ئىلمىي مۆجىزە ـ ئىلمىي تەپسىر ئەمەس ـ بەزى مۇسۇلمانلاردا پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى خرىستىئانلاردا پەيدا بولغان. خرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدىكى ئىلمىي مۆجىزە ھەققىدە يېزىلغان كۆپ يازمىلارنى كۆرىمىز. بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟
مۇقەددەس كىتابتا بىزنىڭ تەپسىرلىرىمىزگە ئوخشاش نەرسە تېپىلمايدۇ. ئەكسىچە مۇقەددەس كىتاپتا ئىلىمغا زىت كېلىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭلاشقا بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نەرسە شۇكى ـ بۇ پۈتۈن ئىلمىي تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۆلىمالار تەكىتلىگەن نەرسىدۇر ـ قۇرئان كەرىمدە بۈگۈنكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە زىت كېلىدىغان بىرەر ئايەت ياكى بىرەر جۈملە يوقتۇر. قۇرئان نازىل بولغىلى 14 ئەسىردىن ئاشتى. بۇ زامان مابەينىدە ئىنسانلارنىڭ مەرىپىتى ئۆزگەردى، ئىلىملەر يىلتىزىدىن ئۆزگەردى. ھېچكىم قۇرئاننىڭ ئايىتىگە زىت بىر ئىلمىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويالىغىنى يوق. اللە تەئالا: )ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) اﷲ دىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى.( دەپ راست ئېيتقان. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئېتىراپ قىلىش ۋە پەخرىنىلىشىمىزگە تېگىشلىك بىر مۆجىزىدۇر. مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭ كائىنات ئىلمى ۋە تەبىئىي پەن بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە كىتاب يازغان فرانسىيىلىك ئالىم مورىس بوكاي، قۇرئاننىڭ پۈتۈن ساماۋىي كىتابلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 
ئىلمىي مۆجىزىدىن سۆز قىلىشنىڭ ئاساسلىق غايىسى قۇرئاننىڭ ئىلمىي جەھەتتە ئىلگىرلەپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلاش، شۇنداقلا قۇرئاننىڭ اللە تەئالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتۇر. بۇ ئۇسۇلنىڭ غەيرى مۇسلىملارنى قايىل قىلىشى مۇمكىنمۇ، بۈگۈنكى ئىلمىي مۆجىزەنى دەۋەتنىڭ مۇھىم ۋەسىلىسى دېيىشكە بولامدۇ؟
مەن بۇنى شەيخ ئابدل مەجىد زەندانىي ۋە دوكتۇر زەغلۇل نەججاردىن ئاڭلىدىم. ئۇلار ئىلمىي مۆجىزىنى ۋەسىلە دەيدۇ. لېكىن مەن بىر كىشىنىڭ بۇ ئىلىمىي مۆجىزە سەۋىبى بىلەن ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى كۆرمىدىم. بۇ يەردىكى ئىش پەقەت ئەقىلنىڭلا ئىشى ئەمەس. بىر ئادەم قۇرئاندا سۆزلەنگەن ئىلمىي مۆجىزىنىڭ ئوخشىشىنى مۇھەممەدكە ئوخشاش ساۋاتسىز بىر كىشىنىڭ ئېلىپ كېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈش بىلەنلا: "مۇھەممەدنىڭ اللە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈردۈم" دېمەيدۇ. ئىنسانلار ھەقىقەتلەرنى ئەقلى بىلەن بىلسىمۇ، لېكىن باشقا توسالغۇلار بار. قۇرئان: ) اﷲ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ.( دەيدۇ. بەزىدە ئىنسان ئاددى بىر نەرسىنى كۆرۈش بىلەن قەلبى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى چارچاتقان ئىلمىي نەرسىلەر سەۋىبى بىلەن ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئاددى بىر نەرسە سەۋىبى بىلەن: "لا ئىلاھە ئىللەللاھ" دەپ مۇسۇلمان بولىدۇ. بەزىدە بۇنداق ئىلمىي مۆجىزىلەرگە ھەيران قالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەيرانلىقى ئۇنى ئىمانغا يەتكۈزەلمەيدۇ. مۆجىزە مەسىلىسى بەلكىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا قۇرئاندا ئىشارەت قىلىنغان ئىلمىي مۆجىزىلەرنى ئېيتىپ بەرسەك ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى ياقىدۇ ۋە ئىمانىغا ئىمان قوشۇلىدۇ. بۇ باشقىلارنى ئىسلامغا تارتقاندىن پايدىلىقراق بولىدۇ. مەن پالان ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مۆجىزىلەرنى ئوقۇپ مۇسۇلمان بولغان ئىنسانلارنى كۆرمىدىم. ھەتتا قۇرئاننىڭ پۈتۈن ساماۋى كىتابلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى يازغان مورىس بوكاينى بەزىلەر مۇسۇلمان بولدى، دەيدۇ. بەزىلەر مۇسۇلمان بولمىدى، دەيدۇ. ھەر ھالدا ئىمانغا ھىدايەت تېپىش مەسىلىسى كۆپ تۈرتكۈلىرى ۋە نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولغان ئىش بولۇپ، ئۇ پەقەت ئەقلىي قايىل بولۇش، ئىنسان ئەقلىي جەھەتتە قايىل بولۇشى بىلەنلا مۇسۇلمان بولىدىغان ئىش ئەمەس. مەسىلەن: ھېرەقلە ئەبۇ سۇفيان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ناھايىتى ئىنچىكە سوئاللارنى سورىغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ اللەنىڭ پەيغەمبىرى بولغانلىقىغا ئىشىنىپ: "بۇ بىز كۈتىۋاتقان ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدۇر" دېدى. لېكىن دىن ئادەملىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ ياۋا ئىشەكتەك توۋىلاشقىلى تۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا: "مەن سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى سىناپ باقماقچى ئىدىم" دېدى. چۈنكى ئۇ ئىمان ئېيتسا پادىشاھلىقىنىڭ كېتىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقنى سۆيۈشى ۋە دۇنيا سۆيگۈسى ئاخىرىتىنى ۋ ئىمانىنى مەغلۇب قىلدى.


خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق ھەقىقەت
 كىيىنكى ماقالە :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇللۇق
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ