مەرىپەت تور بېكىتى->پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق ھەقىقەت
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق ھەقىقەت

پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق ھەقىقەت
ئاپتۇرى:مەرىپەت بېكىتى گورۇپپىسى  يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:180قېتىم

 پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق تەتقىقات قەدىمدىن تا ھازىرغىچە شەرق ۋە غەرب تەتقىاتچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاۋارە قىلىپ كەلگەن چوڭ تېما. تەتقىقاتچىلا بىلەن دىن ئادەملىرى  ئوتتۇرىسىدا پىرئەۋننىڭ جەسىتى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار ھازىرمۇ  مەۋجۇت. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ۋە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى مۇنداق ئىدى: پىرئەۋن مۇندىن تەخمىنەن 3000 يىللار ئىلگىرى مىسىردا ئۆتكەن پادىشاھ بولۇپ، ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىلاھى دەپ ئېلان قىلغان ئېدى. پىرئەۋن بىر كۈنى قورقۇنۇشلۇق بىر چۈش كۆرۈپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ۋە پۈتۈن چۈش تەبىرچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرىشنى تەلەب قىلىدۇ. تەبىرچىلەر ئۇنىڭغا، مىسىردىكى ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىن بىر ئوغۇل توغۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇ ئوغۇلنىڭ پىرئەۋننىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن توغۇلغان  ئوغۇل بالىلارنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇيدۇ. پىرئەۋننىڭ ئادەملىرى ئۆيمۇ- ئۆي ئاختۇرۇپ يۈرۈپ تۇغۇلغانلا ئوغۇل بوۋاقنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئارىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلىدۇ. ئانىسى بۇۋىقىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ ئۇنىڭغا بالىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرىشىنى ئىلھام قىلىدۇ –دە، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كامىللىقىدىن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئوغلى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەرياغا قويۇپ بېرىدۇ. سېۋەت پىرئەۋننىڭ سارىيىغا ئېقىپ كىرگىنىدە،پىرئەۋننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. پىرئەۋننىڭ ئايالى بۇ بوۋاقنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىش مەقسىتى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن تىلىۋالىدۇ.
 شۇندىن باشلاپ  مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننىڭ سارىيىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنى پىرئەۋننى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە يەر يۈزىنىڭ خۇداسى پەقەت ئۆزى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشقا داۋام قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن  پرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەۋجگە چىقىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى باشلاپ پەلەستىنگە قاراپ يولغا چىققىنىدا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ كېلىپ يېتىشىۋېلىشقا ئازلا قالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا دېڭىز ئارقىسىدا پىرئەۋن قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ«ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن»دىگەن ئەمرىگە ئاساسەن ھاسىسىنى دېڭىزغا ئۇرغىنىدا دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇقلۇق يول ئېچىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەملىرى بىلەن بۇ يولدىن ئۆتۈپ قىرغاققا چىقىپ بولغىنىدا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى تېخى دېڭىز ئىچىدە ئۇلارنى قوغلاۋاتقاندا دېڭىز سۈيى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ئۇلارنى غەرق قىلىدۇ. 
بۇ ۋەقەلىكنى ئاللاھ تائالا  قۇرئان كەرىمدە مۇنداق ھېكايە قىلغان: «بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق بىلەن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقتىدا ”ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن“ دېدى.(ئۇنىڭغا ئېيتىلدىكى،) ”(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى ( ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغانىدىڭ. سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىدىڭنى قۇتقۇزىمىز(يەنى جەسىدىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز“)» (يۇنۇس سۈرىسى 89 ـ 91 ـ ئايەتلەر).
ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىگە ئاساسەن پىرئەۋننىڭ جەسىتىنى ساقلاپ قويىدۇ.
ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنگىلىزلەر تەرىپىدىن «جەبەلەين» دېگەن جايدا بىر چۇقۇرنىڭ ئىچىدىن بىر جەسەت تېپىلىپ، ئەنگىلىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ جەسەتنىڭ ئۆمرىنى بىلىش ئۈچۈن، جەسەتلەرنىڭ ئۆمۈرلىرىنى بىلىشتە قوللىنىلىدىغان ھەرتۈرلۈك مېتودلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغاننىڭ سىرتىدا، كاربون 14 مېتودىمۇ ئىشقا سېلىنغان. ئەجەپلىنەرلىككى، بۇ جەسەت 3000 يىللىق بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسىلا چىرىگەن، ئەمما ئورگانلىرى بۇزۇلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇجەسەت مۇمىيا قىلىنمىغان ئىكەن. چۈنكى مۇمىيا قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى  جايىدا ئېدى. ھازىر بۇ جەسەت ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى تەبىئەت مۇزىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا ئىكەن.
                                        
                         مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى پىرئەۋننىڭ جەسىتى
فرانسىيىلىك مەشھۇر مېدىتسىنا ئالىمى دوكتور مۇرىس بۇكاي «قۇرئان ۋە ئىلىم - پەن»ناملىق ئەسىرىدە پىرئەۋننىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ  قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بويىچە چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:« تەۋراتنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق رىۋايەتلىرى ھازىر شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان پىرئەۋن جەسىدىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۆتكەن مىسىر پىرئەۋنى2-رەمسىسنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە پىرئەۋننىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تىببىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىمۇ پىرئەۋننىڭ سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىراق تەۋراتتىكى رىۋايەتلەر پىرئەۋننى سۇ يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەشتىن باشقا تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن بولسا، قۇرئان كەرىم سۇ يۇتۇپ كەتكەن پىرئەۋن جەسىدىنىڭ كېيىنچە قۇتقۇزۇلۇپ سۇدىن چىقىرىدىغانلىقى ۋە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن ساقلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھازىرقى زامان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى شەيخ ئابدۋلمەجىد زەندانى دوكتور مۇرىس بۇكاي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، بۇكاينىڭ ئۇنىڭغا تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىرئەۋننىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، مۇنداق دېگەن ئىكەن:« تىببىي مۇتەخەسسىسلەر پىرئەۋننىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلگەنلىكنىڭ ئەسىرىنى، دېڭىز سۈيىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانلىقتىن تۇزنىڭ ئەسىرىنى ۋە سۆڭەكلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەستىن پەقەت سۇ بېسىمىىنىڭ زەربىسى بىلەن سۇنغانلىقىنى بايقاپ چىقتى».
دوكتور بۇكاي قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:« قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارغا يېتىپ كەلگەن ئەسىردە  بۇرۇن مىسىردا ئۆتكەن پىرئەۋنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسەدلىرى مىسىرنىڭ ئوقسۇر شەھىرىدە نىل دەرياسى بويىدىكى «پادىشاھلار قەبرىستانلىقى»دا كۆمۈلگەن ھالدا  مەۋجۇد ئىدى.( ئۇ ۋاقىتلاردا مىسىردا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى پىرئەۋن دىيىلەتتى).
 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بۇ جەسەتلەرنىڭ بارلىقى كىشىلەرگە تامامەن مەجھۇل ئىدى. بۇ جەسەتلەر پەقەت 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا كەشپ قىلىنىشقا باشلىدى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۆتكەن پىرئەۋننىڭ  جەسىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ جەسىتىنى  خۇددى قۇرئان كەرىمدە  بايان قىلغىنىدەك، كىشىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان.
پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق ھەقىقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياكى كېيىنكى ئەسىرلەردىمۇ كىگشىلەرگە مەلۇم ئەمەستى. لېكىن ئاللاھ تائالا شۇ زامانلاردا ئۆزىنىڭ مەكتەپ كۆرمىگەن ۋە ئوقۇش، يېزىشنى ئۈگەنمىگەن بىر پەيغەمبىرىگە بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ئىلىمنىڭ مەنبىئى پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھىسىدىن ئىبارەتتۇر».



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە
 كىيىنكى ماقالە :قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئىلمىي
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:9ئادەممېھمان:9ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ