مەرىپەت تور بېكىتى->مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە

مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە
ئاپتۇرى:مەرىپەت بېكىتى گورۇپپىسى  يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:203قېتىم

مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە ھەقىقەتەن جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدۇر.
  

مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە دېگەنلىك، مۇسۇلمان كىشى يوشۇرۇن ھالدا قىلغان ياخشىلىق بولۇپ، ئاللادىن باشقا ھېچكىم بىلمىگەن ھالدا بېرىپ، مۇھتاجنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ئىبارەت. سەدىقە مۇھتاجنىڭ ئىنسانلىق شەرىپىگە داغ تەككۈزۈلمىگەن ئاساستا بولىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا مۇسۇلمانلار سېپى كۈچلىنىدۇ،جەمئىيەت ئوتتۇرىدىكى ئالاقە  دوستلوق، ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئازبىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدىكى چىدىماسلىق،كۆرەلمەسلىك تۇيغۇلىرى مۇھەببەت، ھۆرمەتكە ئايلىنىدۇ. كۈچلۈك ئاجىزغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، باي كەمبەغەلگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىس شەرىفى ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ:"مۇسۇلمانلار بىر- بىرىگە مېھرىبانلىق ۋە ئىناقلىقتا بىر گەۋدىگە ئوخشايدۇ، جىسىمنىڭ قايسى بىر قىسمىدا ئاغرىق پەيدا بولسا جىسىمنىڭ ھەممىسىدە قىزىتما ئۆرلەپ ئاغرىپ كەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ" (ھەدىس شەرىف)
   شۇنداق بولغاندا كەمبەغەلمۇ ئۆزىنى مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىركىشىلىك ئەزاسى،پاراۋان جەمئىيەت بەرپاقىلىشتا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشقا لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلمەيىغانلىقى،چەتكە قېقىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
 سەدىقە بەرگۈچىمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلغاندا ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ، قەلبىدىن مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەمكارلىق ۋە روھانىيلىق تۇيغۇسىغا كېلىدۇ. باي كىشى ئۆزىنىڭ بايلىقىدىن مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا مال- دۇنياسىنى خەۋپ- خەتەردىن ساقلاپ قالىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا سەدىقە بەرگۈچى ئۆز نەپسى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزىۋالغان بولىدۇ.
 ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:« مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير-ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار). مېلىڭلار دىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ» (بەقەرە سۈرىسى 272- ئايەت)
 باي سەدىقىسى ئارقىلىق ئۆزىدىكى قورقۇنچ،ئەندىشە،ئەنسىزلىكلەرنى يوقىتالايدۇ، مەخپىي قىلغان سەدىقىدىن ئىچ-ئىچىدىن خۇشاللىققا چۈمىدۇ.
 بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرىۋالالايمىز:« ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش ۋە نەپىسلىرىنى (سەدىقە - ئېھسانغا) ئادەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەيرى - ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». (بەقەرە سۈرىسى  265- ئايەت)
 سەمىمىيلىك ۋە ئاڭلىق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى مۇبارەك ھەدىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:" قىيامەتتە ئاللاھتىن باشقا كىشىنىڭ سايىسى يوق ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ سايىسىگە ئېرىشىدىغان 7 كىشىدىن بىرى ئوڭ قولىدا قىلغان سەدىقىنى چەپ قولىدىن مەخپىي تۇتقان كىشىدۇر..."



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي نىزامى
 كىيىنكى ماقالە :پىرئەۋننىڭ جەسىتى توغرۇلۇق ھەقىقەت
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ