مەرىپەت تور بېكىتى->ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي نىزامى
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي نىزامى

ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي نىزامى
ئاپتۇرى:سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى  يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:238قېتىم

ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي نىزامىنىڭ ئاساسى دۇنيادىكى ھەممە ئىنسانلار بىر نەسىلدىن يەنى  ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن، ئادەم ئەلەيىھىسسالام توپراقتىن پەيدا بولغان  دېگەن نەزىرىيىدۇر. ئاللاھ تائاللا ھەممىدىن بۇرۇن ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر جۈپ ياراتقان. ھازىرقى دۇنيادىكى ئاھالىلەر شۇ بىر جۈپ ئىنساندىن كۆپەيگەن 
 
دەسلەپتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىر مىللەت، بىر دىن ۋە بىر تىلدا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ سانى كۆپەيدى ۋە زېمىننىڭ جاي- جايلىرىغا تارقالدى. مۇشۇ تارقىلىش سەۋەبىدىن تەبىئىي ھالدا ئۇلار ھەر خىل مىللەت  ، قەۋم ۋە قەبىلىلەرگە بۆلۈندى. ئۇلارنىڭ تىللىرى ئايرىم بولدى. كىيىم- كېچەك، ئۆرپ- ئادەت جەھەتتە بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئۇلار تۇرغان جايلارنىڭ سۇ ۋە ھاۋالىرى ئۇلارنىڭ چىراي شەكىللىرىگە تەسىر قىلىپ رەڭگىلىرى بىر- بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ قالدى. بۇ پەرقلەر تەبىئىىي پەرقلەر بولۇپ ھەقىقەتتە دۇنيادا مەۋجۇتتۇر. ئىسلام بۇلارنى ھەقىقەت دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. يوقۇتۇشنى خالىمايدۇ. بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىشىنىڭ ۋاسىتىسى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن مۇشۇ پەرقلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تىل، رەڭ، ئىرق ئايرىش تەئەسسۇپلىقىنى خاتا دەپ بەلگىلەيدۇ. باي- كەمبەغەل، شەرەپلىك- تۆۋەن ۋە نەسلى ئېسىل – نەسلى پەس دەپ ئايرىيدىغان، ئادەم بىلەن ئادەم  ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىچىلىقلارنى جاھىلىيەت ۋە خۇراپات دەپ قارايدۇ.  ئىسلام دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارغا سىلەر ھەممىڭلار بىر ئانا ۋە بىر دادىنىڭ بالىلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر- بىرىڭلار بىلەن قېرىنداش بولۇڭلار، ئىنسان ھوقۇقىدا ھەممىڭلار باراۋەر , ھېچكىم - ھېچكىمدىن ئارتۇق ئەمەس دەيدۇ. 
مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىتا تەسەۋۋۇرى. ئىسلام مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدىغان بولسا ئۇ پەرق نەسىل، نەسەپ، رەڭ، ۋەتەن ۋە تىل جەھەتتىكى پەرق بولماستىن، بەلكى ئىدىيە، پىكىر ، ئەخلاق ۋە ھاياتتىكى غايىسى جەھەتتىكى پەرقتۇر.  بىر ئانىنىڭ ئىككى بالىسى نەسەپ جەھەتتىن بىر ، لېكىن ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە ئەخلاقى بىر- بىرىنىڭكىگە ئوخشىمىسا ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولى ئايرىم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە شەرقتە ياشايدىغان بىر ئادەم بىلەن غەربتىكى بىر ئادەمنىڭ ئارىلىقى مۇساپە جەھەتتىن بىر – بىرىگە شۇنچە يىراق، ئەمما پىكىرلىرى بىر خىل ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىسا ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولى بىر بولىدۇ. 
مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن ئىسلام ، دۇنيادىكى بارلىق  مىللەتچىلىك ئۈستىگەقۇرۇلغان جەمئىيەتلەر گە ئوخشىمايدىغان بىر پىكىر ، ئەخلاق ۋە ئورتاق غايىلىك جەمئىيەت قۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ئىتتىپاقى نەسەپ ۋە قەبىلە ئاساسىغا ئەمەس، بەلكى بىر ئەقىدە ۋە بىر ئەخلاقى پرىنسىپ ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. بىر ئاللاھنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى ۋە پەيغەمبەرلىرى ئىلىپ كەلگەن يول- يورۇقلارنى ھاياتىنىڭ قانۇنى دەپ ئېتىراپ قىلىپ بويسۇنغان ھەرقانداق شەخس بۇ جەمئىيەتكە قوشۇلالايدۇ. مەيلى ئۇ ئامېرىكىدا ياكى ئافرىقىدا ياشايدىغان بولسۇن، ئۇنىڭ نەسلى سام يا ئارىيا بولسۇن، قارا ياكى سېرىق تەنلىك بولسۇن، مەيلى ئۇ ھىندىچە ياكى ئەرەبچە سۆزلەيدىغان ئىنسان بولسۇن مۇشۇ جەمئىيەتكە قوشۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى باراۋەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق نەسەپ، قەۋم ۋە تەبىقە جەھەتتىكى ئايرىمچىلىق بولمايدۇ. بىرسى يۇقىرى، بىرسى تإۋەن، بىرسى شەرەپلىك ياكى بىرسى شەرەپسىز بولمايدۇ. ئىرق- ئايرىمچىلىق ۋە مىللى كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ.
بىرسىنىڭ چاپىنىنىڭ پېشى يەنە بىرسىگە تىگىپ كەتسە ناپاك بولۇپ قالمايدۇ. ئۆز- ئارا يېمەك- ئىچمەك ، ئولتۇرۇپ-قوپۇش ، ئارىلىشىش ۋە تويلىشىش ئىشلىرىدا ھېچقانداق توسالغۇ بولمايدۇ. ھېچكىم ئۆزىنىڭ نەسەبى ۋە خىزمىتى جەھەتتە خار ۋە تإۋەن بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى خاس تەبىقىدىن بولغان سەۋەپلىك جەمئىيەتتە يۇقىرى ھوقۇققا ئېرىشەلمەيدۇ.  بىر ئادەمنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىشى ئۇنىڭ ئائىلىسى ياكى مال-دۇنياسىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەخلاقى جەھەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.  بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈم نەسەپ، رەڭ، تىل ئايرىمىچىلىقى ۋە جۇغراپىيلىك توسقۇنلارنى بۆسۈپ تاشلاپ دۇنيانىڭ ھەممە رايونلىرىغا تارقىلالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىنسانلار خەلقئارا قېرىنداشلىقى بەرپا بولىدۇ. نەسەپ ۋە ۋەتەن ئاساسىغا قۇرۇلغان جەمئىيەتلەردە بولسا، بۈ جەمئىيەتلەرگە پەقەت شۇ نەسەبدىن بولغان ۋە شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارلا قوشۇلالايدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە ئىشىك تاقاق بولىدۇ. ئەمما بۇ ئەقىدە، پىكىر ۋە ئەخلاقى پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمئىيەتكە ئەقىدە ۋە ئەخلاقى پرىنسىپكە ئىمان ئېيتقان ھەر قانداق شەخىس قوشۇلالايدۇ.
ئەمدى بۇ ئەقىدە ۋە ئەخلاقى پرىنسىپلارغا ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا كەلسەك، بۇ جەمئىيەت ئۇلارنى ئۆز بالىلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلمىسىمۇ، ئەمما ئىنسانىي بۇرادەرلىك شەپقىتىگە ئىلىپ ئىنسان ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ. بىر ئانىنىڭ ئىككى بالىسى پىكىر جەھەتتىن ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن ھاياتلىق يوللىرى ئايرىم بولسىمۇ ئاكا-ئۇكىلىق قېرىنداشلىقى باقى قالىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى گۇرۇھ ياكى بىر دۆلەتتە ياشايدىغان ئىككى گۇرۇھمۇ ئەقىدە ۋە پرىنسىپ جەھەتتە ئوخشىماسلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياشاش جەمئىيىتى ئايرىم بولىدۇ. ئەمما ئىنسانچىلىق ھەر ھالەتتە ئورتاق تۇرىدۇ. مۇشۇ ئىنسانىي ئورتاقلىققا ئاساسەن، قانچىلىك ھوقۇق بولىدىكەن، ھەممىنى ئىسلامى جەمئىيەت غەيرى ئىسلامى جەمئىيەتنىڭ ھوقۇقى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. 

ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشەنگەندىن كىيىن، ئىسلام ئىنسانلار نىڭ ئۆز-ئار ھەمكارلىشىپ ياشىشىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي  
ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق ئورگىنى ئائىلە. بۇ ئائىلە بىر ئەر-ئايالنىڭ توي قىلىشى بىلەن قۇرۇلىدۇ. بۇ ئائىلىدىن بىر يىڭى نەسىل ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل، تاغا - ھامما، كۈيئوغۇل- كېلىن قاتارلىق تۇغقانچىلىق رىشتىسى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە تۇغقانچىلىق ۋە بۇرادەرلىكنىڭ باشقا ئالاقىلىرى ھەم  پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىشلار تەرەققى قىلىپ بىر چوڭ جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك ئائىلە شۇنداق بىر ئورگان بولۇپ ئۇنىڭدا بىر نەسىل يەنە بىر كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئىلىش ئۈچۈن مېھىر- شەپقەت، كۆيۈمچانلىق ۋە جان پىدالىق بىلەن تەييارلايدۇ. بۇ ئورگان ئەۋلادلارنى پەقەت ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىپ ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئورۇن باسارلىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ تەربىيىلەيدۇ.  شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەتكى پەقەت ئائىلە ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى. مۇشۇ يىلتىز نىڭ ساغلام ۋە كۈچلۈك بولىشى مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە ساغلام بولغانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ھەممىدىن بۇرۇن ئائىلە ئورگىنىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئەڭ توغرا مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئۆي تۇتۇپ، ئائىلە قۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مۇناسىۋىتىدۇر. شۇ سەۋەپتىن يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئىچىدىن بەزىسى بىلەن نىكاھلىنىشنى ھارام دەپ قارار قىلغاندىن كىيىن باشقا ھەممە يىراق - يېقىن تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشنى جايىز قىلىپ بەردى. 
تەبىقە ئايرىمچىلىققا خاتىمە بېرىپ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز- ئارا توي قىلىشىغا رۇخسەت بەردى. ھەر ئىككى تەرەپكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تويلۇق ۋە مەھرىنى يەڭگىل بېكىتىشكە بۇيرىدى. ئىسلامنىڭ نەزىرىدە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ھاكىم ۋە تىزىملىتىش ئورنىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. قىز- يىگىتنىڭ رازىلىقى بىلەن ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھ بولىشى ئارقىلىق نىكاھ تاماملىنىدۇ. ئەمما بۇ نىكاھ مەخپىي بولسا بولمايدۇ. يۇرت- مەھەللىگە ئېلان قىلىپ ئوچۇق ئاشكارا قىلىش كېرەك.
ئىسلام ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەر كىشىگە باشقۇرغۇچى ھوقۇقىنى بەردى. ئايالغا ئېرىگە، بالىلارغا ئاتا- ئانىسىغا بويسۇنۇشقا ۋە خىزمىتىنى قىلىشقا ئەمىر قىلدى. ئىسلام ئائىلىدە ئىنتىزامسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىز لىكنى ياقتۇرمايدۇ.  ھەر ھالەتتە مەسئۇلىيەت بىر باشقۇرغۇچىنىڭ قولىدا بولسا بولىدۇ. ئىسلامدا بۇ مەسئۇلىيەت ئائىلىدىكى دادىغىلا مەنسۇپ. ئۇنىڭ مەنىسى دادا ئۆينى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدىغان ھاكىم قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئايال كىشى بولسا ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان. بۇ ئايالنىڭ ئۆيدە ھىچ قانداق ھوقۇقى يوق بىر دىدەك دېگەنلىك ئەمەس. ئىسلامدا ئەر- ئاياللىق ھاياتىدا مۇھەببەت، رەھىم- شەپقەت بولۇپ، ئايالنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەرگە ئىتائەت قىلىش بولسا، ئەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ھوقۇقىنى زۇلۇم ئۈچۈن ئەمەس، ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئىشىلىتىشتۇر.
ئىسلام ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋەتنى مېھىر- مۇھەببەتلىك بولۇپ، چىقىشىپ بىللە ياشاشنىڭ كىچىككىنە ئىمكانىيەت بولغانغا قەدەر باقى قالدۇرۇشنى خالايدۇ. مۇمكىنچىلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەر كىشىگە تالاق قىلىش، ئايالغا ئۇزلىشىش ھوقوقىنى  بەرگەن. ئىسلامى مەھكىمىگە مېھىر- مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى غەزەپ- نەپرەت ئىگەللىگەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى ئايرىۋېتىش ھوقۇقىنى بەرگەن. 
ئائىلىنىڭ چەكلىك دائىرىسىدىن سىرتقى ئەڭ يېقىن چېگرا ئۇرۇق- تۇغقانلار بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. كىشىلەر ئاتا-ئانا ، ئاكا- سىڭىل ۋە قۇدا- باجا تەرەپلەردىن بولغان ھەر قايسى تۇغقانلار ئۆز- ئار بىر- بىرسىگە غەمگۈزار، مەدەتكار ۋە كۆيۈمچان بولۇشنى خالايدۇ. قۇرئان كەرىمدە نەچچە جايدا "ذى القربى" يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ھەدىستە سىلە-رەھىم قىلىشنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ ۋە ئۇنى ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل قاتارىدا سانايدۇ. ئىسلام ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا رەھىم-شەپقەت قىلماي ئازار بەرگەن ۋە ھەققىنى ئادا قىلمىغان كىشىگە قاتتىق نەپرەت قىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياردەم قىلىشنىڭ مەنىسى ھەقتە بولسۇن يا زۇلۇم قىلىۋاتقان بولسۇن ھەر ھالدا ئۇلار تەرەپتە تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس. ھەقىقەتكە قارشى ئۆز جەمەتى ۋە قەبىلىسىگە يان باسقاننى ئىسلام جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ تەئەسسۇپچىلىقى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك قايىسى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئاممىنىڭ مال- مۈلكىنى ئۆز تۇغقانلىرىغا ئىشلەتسە ياكى ھۆكۈم قىلىشتا تۇغقانلىرىغا ئالاھىدە يان باسىدىكەن،  ھەرگىز ئىسلامى ئادىللىق بولمايدۇ. بەلكى شەيتانى ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام بۇيرۇماقچى بولغان سىلە-رەھىم ئۆز تۇغقانلىرىغا ھەق ۋە ئادالەتتە لىللا تۇرۇپ ياردەم قىلىشتۇر.

ياخشى خوشنىدارلىق ئىسلامىي ئەخلاق

ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىدىن كىيىنكى ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى. قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، قوشنا ئۈچ قىسىم بولىدۇ. بىرى تۇغقان قوشنا ، ئىككىنچىسى يات قوشنا ، ئۈچىنچىسى ۋاقىتلىق قوشنا بولۇپ، بىللە ئولتۇرغان يا ماڭغان، بىللە سەپەر قىلغان يەنى ۋاقىتلىق ھەمرا بولغان كىشىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ياخشىلىق قىلىش، غەمخورلۇق ۋە ئىللىق مۇئامىلە قىلىشقا ھەقلىقتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ماڭا جىبرىئىل قوشنىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنى شۇنداق قاتتىق تەكىتلىدىكى مەن ئۇنى مىراسخۇرمۇ قىلىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم". يەنە ئەبى شۇ رەيھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى"پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مومىن بولالمايدۇ دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. كىم يا رەسۇلۇللاھ دەپ سورالغاندا: قوشنىسى يامانلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادەم " دەپ جاۋاپ بەردى.  يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: "قوشنىسى ئاچ ياتسا ئۆزى قورسىقىنى تويغۇزۇپ يۈرگەن ئادەم مومىن ئەمەس." بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى: بىر ئايال بار  ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقە - ئېھسان قىلىدۇ، ئەمما تىلى بىلەن قوشنىلىرىغا ئازار بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايال جەھەننىمى دېدى. يەنە دېيىشتى:بىر  ئايال بار  ناماز ئوقۇيدۇ, ۋە سەدىقە بېرىدۇ, ھېچكىمگە ئازار بەرمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايال جەننىتىي دېدى. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام"ئەي ئابازەر شورپا سالساڭ سۈيىنى كۆپرەك قىلغىن ۋە قوشنىلىرىڭغىمۇ نېسىۋىسىنى بەرگىن" دېدى. بىر قېتىم مۇنداق دېگەن"ئەگەر قوشناڭ سىنى ياخشى دىسە سەن ياخشى. ئەگەر ساڭا  قوشناڭنىڭ قارىشى ياخشى بولمىسا، سەن ياخشى ئەمەس".قىسقىسى ئىسلام بىر- بىرسىنىڭ قوشنىسى بولغان ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۆز- ئارا بىر- بىرسىگە غەمگۇزار، خاپىلىق ۋە خوشلىقلىرىغا شېرىك ھالەتتە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىسلام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممە بىر- بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىر- بىرىنىڭ جېنى ، مىلى ۋە ئابرويىنى قوغدايدىغان پۇختا ۋە قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئاي- يىل ئۆتۈپ كەتسە بىر-بىرسىدىن ئەھۋال سوراشمايدىغان ، بىر مەھەللىدە تۇرۇپ ئۆز- ئارا خەير- خاھلىق، ياردەم قىلىشمايدىغان ۋە بىر- بىرسىگە ئىشىنىش بولمىغان بۇنداق قوشنىدارچىلىق ھەرگىزمۇ ئىسلامى قوشنىدارچىلىق ئەمەس. 

پۈتۈن ئىسلام مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى

بۇ يېقىن مۇناسىۋەتلەردىن كىيىن دائىرىسى ئۇنىڭدىنمۇ زۆرۈر بولغان پۈتۈن جەمئىيەتكە تارقالغان ئىسلامى جامائەتچىلىك مۇناسىۋىتىدۇر. مۇشۇ دائىرىنىڭ ئىچىدە ئىسلام بىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل- پرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرىدۇ.
 (1)ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار.      ( سۈرە مائىدە -10 ئايەت).

(2) ( ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!)  سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. (سۈرە ئال ئىمران 111- ئايەت)

(3) دوستلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش ئاللاھ ئۈچۈن، بىر نەرسە بېرىش ۋە بەرمەسلىك ئاللاھ ئۈچۈن بولسا ئاندىن ئىمان كامىل بولغان بولىدۇ.                  ( ھەدىس )


(4)  بىر- بىرىڭلاردىن يامان گۇمان قىلماڭلار، بىر- بىرىڭلارغا جاسۇسلۇق قىلماڭلار، چېقىمچىلىق قىلماڭلار، ھەسەتخورلۇق، ئۆچ- ئاداۋەت قىلىشماڭلار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۆز- ئارا قېرىنداش بولۇپ ياشاڭلار.        ( ھەدىس )

(5) كىمىكى زالىملىقنى بىلىپ تۇرۇپ كۈچەيتىش (ياردەم بېرىش) ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ماڭسا ئۇ ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن بولدۇ.     ( ھەدىس ) 
(6) كىمكى ناھەق ئىشتا ئۆز  قەۋمىگە ياردەم قىلسا ئۇ خۇددى تۆگىسى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتەي دەپ قالسا چۇلۋۇرىغا ئېسىلىپ بىللە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ.           ( ھەدىس )

(7) ئۆزەڭلار نېمىنى ياخشى كۆرسەڭلار قېرىندىشىڭلارغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر.      ( ھەدىس )

تەۋپىقى تەرجىمىسى



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ۋەزىپە ئۈستىدىكى قىز
 كىيىنكى ماقالە :مەخپىي بېرىلگەن سەدىقە
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ