مەرىپەت تور بېكىتى->ۋەزىپە ئۈستىدىكى قىز
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →مەرىپەت 8-سان→ۋەزىپە ئۈستىدىكى قىز

ۋەزىپە ئۈستىدىكى قىز
ئاپتۇرى:مەرىپەت بېكىتى گورۇپپىسى  يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:5/25/2008 كۈرۈلدى:167قېتىم

ئىمانى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىقلىرىنى يەڭگەن بىر قىزنىڭ قىسسىسى

ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: نەزار ئابدۇلباقى
ئەرىبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىكىم تۇرسۇن 

ئامېرىكىلىق رادىكال خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىسى ئامىنە ئەسىلمىي مەكتەپتىكى دەرسلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللەپ، ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەي كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇش پۇلىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتكە كىرىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە كۆپ قېتىم ئەلاچىلىق مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسسىسى كومپىئوتېر ئىشلىگەن بىر  خاتالىقتىن باشلىنىدۇ. 
ئامىنە ئەسىلمىي قەغەزلىرىنى  1957- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەھەرلەرنىڭ ئىستراگىيىسىنى پىلانلاش فاكۇلتېتىغا تاپشۇرىدۇ. شۇ يىللار  ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تۇنجى قېتىم كومپىئوتېر كىرگۈزۈلگەن زامانلار بولۇپ، ئامىنە ئەسىلمىي قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئوكلاھوماغا ئىككى ھەپتىلىك كېتىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ قايتىشتا كېچىكىپ قالغانلىقتىن، دەرس باشلىنىپ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە پەنلەردە ئەلاچى بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسلىرىگە يېتىشىپ كېتىشىدىن خاتىرجەم ئېدى. لېكىن كومپىئوتېر  ئېنىڭ ئىسمىنى كونسىرت پەنلىرىنى ئۆگىنىش فاكۇلتېتىغا تاللاپ قويۇشتا خاتالاشقان ئېدى. ئامىنە ئەسىلمىي ئۆزى خىجالەتچان ۋە خرىستىئان دىنىغا مەھكەم بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، دىندا رادىكالچى بىر قىز بولغانلىقتىن، بۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇپ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. پۈتۈن دەرسلىرىدە ئەلاچى بولۇپ كەلگەن بىر قىزنىڭ ئۆزى خالىمىغان بىر فاكۇلتېتقا كىرىپ ئۇنىڭدا سىنىپ ئاتلىيالماستىن قېلىشى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى. ئۇ سىنىپ كۆچەلمىسە، مۇندىن بۇرۇن ئېرىشكەن ئوقۇش پۇلىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ ئېدى. 
ئۇ يولدىشىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، ئۇستازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن كونسېرتنىڭ سەھنىگە چىقماستىن قىلىدىغان ئىشلىرى ۋە ئارتىسلارنىڭ كىيىملىرىنى لايىھەلەشكە ئوخشىغان پەنلەرنى ئوقۇشنى سورايدۇ. ئۇستازى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەندىن كېيىن، ئەتىسى  كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتقا بارغىنىدا، سىنىپتا كۆرگە نلىرىدىن نەپرەتكە تولۇپ، روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ سىنىپقا قەتئىي كەلمەسلىك قارارىغا كېلىپ قايتىدۇ. ئۇنىڭ سىنىپتا كۆرگەنلىرى ئەرەب ئوقۇغۇچىلىرى ئېدى. ئۇ ئەرەبلەردىن بەكمۇ نەپرەتلىنەتتى. شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئەرەبلەرنى تۆگە باقىدىغان قالاق ئادەملەر دەپ قارايتتى. ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، يولدىشىغا  ئۆزىنىڭ «پاسكىنا كۇففارلار»بىلەن بىر  سىنىپتا ئوقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما  يولدىشى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ياخشى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرىدا چوقۇم بېرەر ھېكمەت بارلىقىنى ئېيتىدۇ.
 شۇنىڭ بىلەن ئامىنە ئەسىلمىي ئىككى كۈنلۈك قاتتىق ئويلىنىشتىن كېيىن، مەكتەپكە بېرىشنى ۋە سىنىپتىكى پۈتۈن ئەرەبلەرنى خرىستىئان قىلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈتىدۇ. ھەمدە بۇ ئىشقا رەسمى بىلىنى باغلايدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئامىنە مەزكۇر مەكتەپكە ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسىنى خرىستىئان دىنىغا كىرگۈزەۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە ئۈچۈن بارىدۇ. 
ئامىنە ئەسىلمىي ئۆزىنىڭ دىن تارقىتىش يولىدىكى مېھنەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « سىنىپتىكى ئەرەبلەر بىلەن ھەر كۈنى ۋە ھەر سائەت مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدىم. ئۇلارغا « ئىسانىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان پىداكار ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئوت بىلەن داغلىنىدىغانلىقىنى كۈچۈمنىڭ بېرىچە چۈشەندۈردۈم، شەرھلىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا قارشى بەكمۇ ئەخلاقلىق ئېدى. ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ خرىستىئان بولالمىدى. ئاخىرىدا، ئۇلار ئوقۇۋاتقان قۇرئاننى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى كۈچلەندۈرىدىغان ئايەتلەرنى توپلاپ ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق دىندا ئەمەسلىكىنى مۇشۇ يول بىلەن چۈشەندۈرۈش قارارىغا كەلدىم.  تەلىبىمگە ئاساسەن، سىنىپداشلىرىم ماڭا قۇرئان كەرىم ۋە يەنە بەزى ئىسلامىي كىتابلارنى بەردى. قۇ رئان كەرىمنى  تولۇق بىر يېرىم يىل ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ئەسنادا 15 پارچە ئىسلامىي كىتاب ئوقۇدۇم. قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەرنى مېنىڭ ئەرەبلەرنى قايىل قىلىشىم ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇلاھىزىلىرىمنىمۇ يازدىم. بۇ جەرياندا مەندە خېلى كۆپ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ئاستا – ئاستا يولدىشىمنى راھەتسىزلەندۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى بىز ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى چىركاۋغا باراتتۇق. بۇ ئىشنىمۇ توختاتىتىم. چوشقا گۆشىنى يېمەيدىغان بولدۇم. ھاراق سورۇنلىرىغا بارمايدىغان بولدۇم. كۆپ ئويلايدىغان ۋە يالغۇز قېلىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم. يولدىشىم بۇ ھالىمغا قاراپ مېنى باشقا بىر ئۈچىنچى شەخس بىلەن يولسىز ئالاقىسى بار ئوخشايدۇ، دەپ يامان گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىرى بولالماي يولدىشىمدىن بالىلىرىم بىلەن ئايرىم ئۆيگە چىقىپ تۇرۇشنى سورىدىم. يولدىشىم بۇنىڭغىمۇ مۇۋاپىق كەلدى. شۇنداق قىلىپ بالىلىرىم بىلەن يالغۇز تۇرۇشقا باشلىدىم. ئەمما خرىستىئان دىنىدىن ۋاز كەچمىدىم. پۈتۈن خىيالىم شۇ ئەرەبلەرنى قانداق قىلىپ خرىستىئان دىنىغا ھىدايەت قىلىش ئېدى.»

ئامىنە ئەسىلمىي مۇسۇلمان بولۇش يولىدا

ئامىنە ئەسىلمىي سۆزىگە داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«  بىر كۈنى بىرلىرى ئىشىكىمنى قېقىۋىدى. چىقسام ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى نەپرىتىمنى تېخىمۇ قوزغىۋەتىتى. ئۇزۇن ئاق كۆڭلەك كىيىۋاپتىكەن. خۇددى كېچىلىك كىيىمگىلا ئوخشاپ قالغان. بېشىغا بىر نەرسىلەرنى يۆرگىۋالغان. كېيىن بىلسەم ئۇ ئەرەبلەرنى مىللىي كىيىمى ئىكەن. غەزىپىم قاتتىق ئۆرلەپ كەتتى. بۇلار قانداقلارچە كېچىلىك كىيىملىرىنى كىيىپ  مېنىڭ ئىشىكىمنى قاقىدۇ. ئۇلار مېنى  قانداق ئايال دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شەيخ ئابدۇ لئەزىز  دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ ماڭا ئىنتايىن ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىپ، مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشقا رىغبىتىم بارلىقىنى ئېيتىۋىدى. دەرھاللا جاۋاب بېرىپ:«مەن بىر خرىستىئانمەن. مۇسۇلمان بولمايمەن»دېدىم. ئاندىن ئەگەر ئۇلارنىڭ ۋاقتى بولسا مۇنازىرە لىشىشنى سورىدىم ۋە ئۆيۈمگە باشلىدىم. ئۇلارغا پۈتۈن سوئاللىرىمنى تاشلىدىم. لېكىن شەيىخ ئابدۇلئەزىز بەكمۇ سەبىرلىك ۋە تولىمۇ ئەخلاقلىق كىشى ئىكەن. سورىغان پۈتۈن سوئاللىرىم ۋە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرمنىڭ ھېچبىرىنى سەپسەتە ياكى خۇراپات دېمەستىن، سىلىقلىق بىلەن مۇنازىرىلەشتى. قوپال سوئاللىرىمغا سىلىق ۋە قانائەتلىك جاۋابلارنى بەردى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قايىل بولمىغىنىمدا ماڭا « بۇ مىنىڭ بىلگىنىم. سىز باشقا  تەرەپتىن بۇ مەسىلىنى ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. بىزنىڭ دىنىمىز تەپەككۈر قىلىشقا ۋە ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرىدۇ»دەيتتى. ئۇزۇن ۋاقىت  ئۆتمەستىن مەن ئىچىمدىن كەلگەن چاقىرىققا قولاق سېلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ 1977- يىلى 22- ماي كۈنى  ناماز ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىمنى ئېلان قىلدىم.»
   
ئامىنە ئەسىلمىينىڭ ئىمان بەدىلىگە تۆلىگەنلىرى

ئامىنە ئەسىلمى مۇنداق دەيدۇ:« خرىستىئان دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆزگىرىش ياكى باشقا بىردىنغا ئۆزگىرىش شۇ زامانلاردا ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. خرىستىئانلىقتىن مۇسۇلمانلىققا ئۆتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقاتتى. ئاتا – ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ۋە دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى تەبىئىي ئېدى. ئىش ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا تۆگەپ قالمايتتى. ئۇلار  ئاتا – ئانىسىنىڭ دىنىغا قايتىشقا زورلىناتتى. بەزىلىرى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلسا، بەزىلىر ى ئىش ئورنىدىن قوغلىناتتى. بەزىلىرى خۇددى مەندەك بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى»
ئامىنە ئەسىلمىينىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن تارتقانلىرى ئىنسان تاقىتىدىن ئاشىدىغان زور قىيىنچىلىقلار بولدى. ئۇنىڭ تارتقانلىرىغا چىداپ سەبىر قىلالايدىغانلار ئاز بولىشى مۇمكىن. ئۇ پۈتۈن دوستلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا، قىزىغا كەلگەن بۇ پىسخىكى كېسەللىكنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقىلىپ كېتىشىنى ئارمان قىلاتتى.  ئامىنە ئەسىلمىينىڭپىسخىك كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ھەدىسى ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقىل ۋە ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ۋە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن كېلىپ تۇرىدىغان تۇرۇپ، ئۇ قىزىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ بۇ نومۇستىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلايتتى. ئۇ « قىزىم  مۇسۇلمان بولۇپ ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا قالغاندىن كۆرە، مېنىڭ مىلتىقىم بىلەن ئۆلگىنى يېنىك»دەپ  يۈرەتتى. 
شۇنداق قىلىپ ئامىنە ئەسىلمىي ئائىلىسىز ۋە دوستلىرىسىز يالغۇز قالدى. بېشىغا رومال ئارتقانلىقى جىنايىتى بىلەن ئىش ئورنىدىنمۇ قوغلاندى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« يولدىشىم بىلەن بىر – بىرىمىزنى قاتتىق ياخشى كۆرەتتۇق. مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئاۋۋال قۇرئاننى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقىتلىرىمدا، خاراكتېرىم باشقىچە بولۇپ قالغان ۋە يولدىشىمغا چىركاۋغا، تانسىلارغا ۋە سورۇنلارغا بېرىشتا ھەمراھ بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ مېنى باشقا بىرى بىلەن يولسىز ئالاقىدا بولغان بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلاتتى. مەن سەۋەبنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرەلمەيتتىم. مەن مۇسۇلمان بولغىنىمدىن كېيىن بىزنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىمىز  ئۇنىڭ قاچقىلى بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغان ئىدى. ئىككى بالىمىز بار ئىدى. مەن ئۇلارنى جېنىمدىن بەك ياخشى كۆرەتتىم. قانۇن بويىچە بالىلار ئانىغا بۇيرۇپ بېرىلەتتى. ئەمما مېنىڭ مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلىپ خرىستىئان دىنىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىم  سەۋەبلىك قانۇن بالىلىرىمنى ماڭا ئە مەس، يولدىشىمغا بۇيرۇپ بەردى. سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال ماڭا سوتچى تەرىپىدىن 20 مىنۇتلۇق ۋاقىت پۇرسەت بېرىلدى. بۇ 20 مىنۇت ئىچىدە ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللىشىمنى – يا مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ بالىلىرىمغا ئېگە بولىشىم ياكى مۇسۇلمانلىقىمدا چىڭ تۇرۇپ بالىلىرىمدىن ۋاز كېچىشىمنى – بۇيرىدى. ئەمما مەن مۇسۇلمانلىقنى تاللىدىم. ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن سىناقنى مەھكىمىدە ئۆتكۈزگەن بولدۇم. بالىلىرىمنى يولدىشىم ئېلىپ كەتتى. بىر كۈنگە ئەمەس، بىر ئايغا ئەمەس، بىر يىلغا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈگە ئېلىپ كەتتى. بالىلىرىمسىز ھاياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم ئەمما ئىماننىڭ كۈچى بىلەن ئۇنىڭغىمۇ بەرداشلىق بەردىم.»
ئامىنە ئەسىلىمىينىڭ كۈتىۋاتقان يەنە بىر كۆڭۈلسىزلىك بار ئىدى. ئۇ  ئۇنىڭدىكى بىر كېسەللىك سەۋەبلىك دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ مۇندىن كېيىن بالا ساھىبى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى ئېدى. ئامىنە ئەسىلمىي بۇنىڭغىمۇ سەبىر قىلدى. ئەمما يۈرەك پارىلىرى بولغان ئىككى پەرزەندىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئامېرىكنىڭ كولورادو ۋىلايىتىدە بالىلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن سوت ئاچقۇزدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سوتتىمۇ بالىلىرىنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان بولسىمۇ، كولورادو ۋىلايىتىنىڭ يەرلىك قانۇنىغا « دىنى سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىنى ئانىسىدىن ئايرىشقا بولمايدۇ»دەيدىغان قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا سەۋەب بولدى. 
ئامىنە ئەسىلمىي مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ماختايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن، كىشىلەرگە ھاياتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، باشقىچە بىر ئىنسان بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىنچە، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى ۋە ېېقىنلىرىنى ئۇنى شۇنداق ئۆلگىلىك بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرغان ئىسلامنى ماختايدىغان بولدى.  چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا نارازى بولۇپ، پۈتۈن ئالاقىسىنى ۋە بېرىپ  - كېلىشىنى ئۇنىڭدىن ئۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ ھېيت ئايەملەردە، بايراملارنى ئاتا – ئانىسىدىن باشلاپ پۈتۈن تۇغقانلىرىغا ھەدىيەلەرنى ۋە تەبرىك كارتلىرى ئەۋەتىپ تۇراتتى. ئەۋەتكەن كارتلارغا  مەنبىئىنى يازماستىن ئايەت ۋە ھەدىسلارنى يېزىپ ئەۋەتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۇنىڭ  100ياشتىن ئاشقان  مومىسى بولدى. ئىككىنچى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆلتۈرىۋېتىمەن، دەپ ئىزدەپ يۈرگەن دادىسى ئىدى.  ئامىنە ئەسىلمى مۇسۇلمان بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى تېلېفوندا قىزىغا « قىزىم مەن سىزنى شۇنداق ئېسىل ئەخلاققا ئېرىشتۈرگەن ئىسلام دىنىنى ھۆرمەتلەيمەن.»دېگەن ئىدى. ئانىسى  بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۇرغان تېلېفونىدا قىزىدىن قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ ئۆگىنىدۇ ۋە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاتىسىغا ئېيتماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. چۈنكى ئۇ  بۇ دىئالېكتنىڭ بىر قانچە  ھەپتە ئىلگىرى ئاتىسى بىلەن بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەر – ئايال بىر ئۆيدە ياشاپ تۇرۇپ بىر – بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. 
ئاتا – ئانىسىدىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا داۋالىماقچى بولغان ھەدىسى مۇسۇلمان بولىدۇ. 5 يېشىدا ئاتىسىغا بۇيرۇپ بېرىلگەن 21 ياشلىق چوڭ ئوغلى 16 يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن، ئانىسىغا  بىر كۈنى تېلېفون ئۇرۇپ  ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالىسىدىن كېيىن يولدىشى مۇسۇلمان بولۇپ كېلىدۇ ۋە ئايالىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ.

ئامىنە ئەسىلمىينىڭ ئىمان بىلەن قازانغانلىرى

ئامىنە ئەسىلمىي  بىرىنچى يولدىشىدىن ئايرىلىپ قايتا تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن، دوختۇرلار بالا ساھىبى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بالا يۈزى كۆردى. ئۇنى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئېتىنى « بەرەكە» قويدى. ئۇ كونا دوستلىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يېڭى دوستلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىپ، دوستلار ئارا تېگىشمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمان  بولغىنى سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، ئەمدى ھازىر  ئامېرىكىدا « مۇسۇلمان ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسەسى » بولدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ  چوڭ يىغىنلار دا، قۇرۇلتايلاردا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەب قىلىدىغان تەكلىپلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بەزى يىغىنلارغا  بېرىش ئۈچۈن ۋاقتى يەتمىگەنلىكتىن ئۆزۈر تىلەش مەجبۇرىيتىدىمۇ قالىدۇ. بىر قانچە يىل بۇرۇن راك كېسىلى گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك دوختۇرلار ئۇنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىنئامى بىلەن ھازىرغىچە ھاياتتا تۇرماقتا. بىر زامانلاردا ئۇنىڭدىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى ئەمدى قايتىدىن بىرلىشىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مېھرى – مۇھەببەتلىك ھالدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. چۈنكى ئامىنە ئەسىلمىي ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا بولغان چىن ئىشەنچىسىنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرمىغان ئىدى.
ئامىنە ئەسىلمىينىڭ قىسسىسىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتلەر
ئامىنە ئەسىلمىي ئۆزى  تاللىغان ھەق دىننىڭ ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادىتى ئۈچۈن  سەۋەب بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشەندى.  ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بىر كۈنمۇ  بوشاشتۇرمىدى. ئىماننىڭ پۈتۈن توسقۇنلارنى يېڭىدىغانلىقىغا چىن ئىشەندى. 
ئامىنە ئەسىلمىينىڭ بۇ قىسسىسى ھەقىقىي ئىماننىڭ ۋە ئاللاھقا بولغان ھەقىقىي تەۋەككۈلنىڭ بۇ دۇنيانىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە توسقۇنلىرىنى چوقۇم يېڭىپ چىقىدىغانلىقىنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر.
ئامىنە ئەسىلمىينىڭ بۇ قىسسىسى چىن ئىمان ۋە ئېگىلمەس ئىرادىنىڭ جانلىق بىر ئۆلگىسى بولۇپ مەڭگۈ قالىدۇ.
بىز مۇسۇلمانلار تۇغۇلغان كۈنىمىزدىن بېرى مۇسۇلمان ئاتىلىپ كەلگىنىمىز ۋە  ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا بەدەل تۆلىمىگىنىمىز ئۈچۈن بۇ دىننىڭ قەدرىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. 
ئۆزىمىز ئىشەنگەن ۋە يولىدا ماڭغان ھەقىقەت يولىدا بەدەل تۆلەش بىز ئۈچۈن ئېغىر تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغان. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقىقەتنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش يولىدا چەككەن جاپالىرى، ئۇچرىغان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، ساھابىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بۇ ئامانەتنى يەتكۈزۈش يولىدا تارتقانلىرى تارىخ كىتابلىرىدىلا قالغان. بۇ تارىخلارنى ئوقۇغانلىرىمىزدا ئۇنىڭ تەسىرى بىزدە  بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىنلا يوقاپ كېتىدىغان ۋە بىزنىڭ ھايات يولىمىزدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.
چەتئەللەرگە چىقىپ  ئىلىم تەھسىل قىلغانلا رنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەنلىكى راست. ئەمما  بۇلار ئانا ۋەتەندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ دىننى خۇددى چوغنى تۇتقاندەك قىيىنچىلىقتا تۇتۇپ كېلىۋاتقىنىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسە سانالمايدۇ. 
بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرەيلىچۇ؟  ئاللاھ بىزگە ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىنى بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىلىمنى ئامانەت سۈپىتىدە مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىنىمۇ بېرىپتۇ. ئەمما قانچىلىك ئىش قىلدۇق؟ بىزنىڭ شارائىتىمىز ساھابىلارنىڭ دەۋرىدىكىدەك قىيىن شارائىتلارمۇ؟  بىز نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ ئۇقۇغانغا چاغلىق نېمە ئىش قىلالىدۇق؟ بۇ سوئاللار چەتئەللەردە بىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئويلاپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ.


خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :(1)ھەيزدار ئايال روزا
 كىيىنكى ماقالە :ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي نىزامى
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ