مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
ئاپتۇرى:سىراجىددىن ئەزىزى يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:3/1/2009 كۈرۈلدى:289قېتىم

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم  مۇسۇلمانلار دىققىتىڭلارغا مەسجىدىلھەرەم -  بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.
 جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان  مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ ئالى تالىب جانابلىرى...
 
  ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:
"قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش مۇسۇلماننىڭ  قەلبىنى يورۇتىدىغان چىراقتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

 

 

 قازاۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئەقىدىسى مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رازى بولۇشتىن ئىبارەت نۇرغا تولدۇرىدۇ، مۇستەھكەم ئىرادە،كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان ئىلىم مىراس قالدۇرىدۇ. قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىنسان روھىيتى يۈكسەك، ئىمانى كامىل بولۇپ، بۇ ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ئىشلارنىڭ تېگى - تەھتىگە يېتىپلا قالماستىن دىندا تەۋرەنمەس مۆمىنى كامىل ھالغا كېلىدۇ. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بولسا ئىنتايىن چوڭ، بۈيۈك  بىر  مەسىلە بولۇپلا قالماستىن مۇسۇلمان داۋاملىق مۇھتاج بولىدىغان، قەلبىنى شۇ ئىمان بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىدۇر.
 قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. ئىھساننىڭ مەركىزى ئوقىدۇر. قازا ۋە قەدەر ئاللاھنىڭ كائىناتتا قويغان ئەزەلى ئىلمى ئاساسىدىكى تەقدىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ  دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان، كەلگۈسىدە يۈزبەرمەكچى بولغان بارلىق ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەزەلىيەسى، لەۋھۇلمەھپۇزدىن ئىبارەت ھېساب دەپتىرىگە قەلىمى ئارقىلىق يېزىۋاتقان، قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدىغان شەكىلدە بەلگىلىگەن تەقدىردۇر. 
 

 

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەنلىك، ئاللاھ زېمىندا ياراتقان ۋە كەلگۈسىدە ياراتماقچى بولغان خالايىقنىڭ سانى، يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر، قاچان قەيەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسى ئىچىدە بەلگىلىگەن ھەقىقەتتىن ئىبارەتتۇر. قازا ۋەقەدەر مۇسۇلمان ئۈچۈن غەيبى ھادىسە بولۇپ، مۇكەممەل بىز مۆ مىنلەرنىڭ مۇكەممەل تەسلىم بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.  بۇ ئاساستا قازا ۋەقەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش قۇرئان، ھەدىس روھى ئاستىدا ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپ بولغان ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەزھىپىتۇر.
  بىلىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا  بارچە مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى زاتتۇر. ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ. ئاللاھ بول دەپ ئەمرى قىلدىمۇ دەرھال بولىدۇ. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ھادىسىلەر ئاللاھنىڭ چەكسىز بىلىم قۇدرىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.
 ئاللاھ تائالا خالايىقنىڭ سانى، ئۆمرى، يەيدىغان رىزقى، قىلىدىغان ياخشى -يامان ئەمەللىرى، بەخت - سائادىتى ياكى بەدبەختلىكىنى روزى مىساقتا بەلگۈلىگەندۇر. بىز بەندىلەر ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى بىجا كەلتۈرۈش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن قول ئۈزۈشكە بۇيرۇلغاندۇرمىز.
 

 

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش 4 ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. بۇ 4 ئاساس بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان. ئەنە شۇ 4 ئاساسقا ئىمان كەلتۈرمەستىن بەندىنىڭ ئىمانى تاكامۇللاشمايدۇ.
 تۆت ئاساس بولسا:
 ئىلىم،
 كىتاب،
 خاھىش،
مەخلۇقلار دىن ئىبارەتتۇر.
 
 ئىلىم: ئاللاھ دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىچكى- تاشقى سىرلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر.

 كىتاب: ئاللاھ خالايىقنىڭ تا قىيامەتكىچە بولغان بارلىق سانى، دۇنيادىكى ئەجىلى،(كۆرىدىغان ئۆمرى)يەيدىغان رىزقى، ياخشى يامان ئاقىۋىتى لەۋھۇلمەھپۇزدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ دەپتىرىگە يېزىۋېتىلغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

 خاھىش:  دۇنيانى باشقۇرۇش، خالايىقنىڭ بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئىرادىسىدىن تاشقىرى چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر.

 مەخلۇقلار: دۇنيادىكى بارچە مەخلۇقلار ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى، شەكىل-سۈپىتى، سۆز- ھەرىكەتلىرى، ياخشى - يامان ئاقىۋەتلىرىدە ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدۇر.
 ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىكى بارلىق شەيئى، مەخلۇقلار ئاللاھ  ياراتقان مەخلۇقلار ۋە يوقتىن بارلىققا كەلگەن نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
 مەزكۇر تۆت ئاساسقا ئىمان كەلتۈرۈش قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بولۇپ، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى ۋاجىپتۇر.

 ئاللاھ بارچىمىزنىڭ ئىمانىنى كامىل قىلسۇن، قازا ۋە قەدەرگە شەك كەلتۈرىدىغانلاردىن قىلمىسۇن. شۇ ئىمانىمىزدا سابىت قەدەم تۇرۇشنى نېسىپ قىلسۇن ئامىن!..

 



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
 كىيىنكى ماقالە :كىيىنكى تىزىملىك يوق
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:9ئادەممېھمان:9ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ