مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
ئاپتۇرى:سىراجىددىن ئەزىزى يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:2/23/2009 كۈرۈلدى:254قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم قېرىنداشلار دىققىتىڭلارغا مەسجىدىلھەرەم بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ھۇمەيد جانابلىرى...

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە دۇنيانى ئۇلۇغلىماسلىق، مال- دۇنياغا چوقۇنماسلىق كېرەك " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىنسان، تەن سالامەتلىكى ياخشى ۋاقتىدا كىسەللىكى ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرىشى، ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈمىگە تەييارلىق كۆرىشى، باي ۋاقتىدا كەمبەغەللىككە تەييارلىق كۆرىشى، كۈچى بار ۋاقتىدا ئاجىزلىققا ھازىرلىق كۆرىشى كېرەك. يەنەشۇ ئىنسان ئاگاھ بولسۇنكى، ھېچقاچان دۇنيانى ئولۇقلىمىسۇن!ئابرويغا ئىگە بولۇش غەرىزىدە دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىسۇن!.

ئۇنداق يولغا ماڭغان ئادەم باشقىلارنىڭ مالامىتىدىن قورقۇپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدىغان،باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش يولىدا ناھەقچىلىقنى قوللاپ- قۇۋەتلەيدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

تەقۋا نىڭ ئالامەت، بەلگىلىرى باردۇر. دىن يولىدا كۈچلۈك، سابىت قەدەم تورۇش،ھەقىقەت ئۈستىدە مۈستەھكەم تورۇش، ھەق يولدا مالامەتتىن قورقماسلىق، باشقىلار قولىدىكى نەرسىدىن بىھاجەت بولۇش، تائەت - ئىبادەت ئۈستىدە نەسىھەت قىلىش، بېشىغاكۈن چۈشكەندە سەبىر قىلىشتەك ئىشلار تەقۋانىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

ئىنسانلار ئىچىدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن خاتالىقلىرى سانالغان، باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ماڭالىغان، باشقىلار ئۇنىڭ ھەققىدە بىلىپ- بىلمەي يالغاندىن سۆز- چۆچەك تارقاتقاتسىمۇ ئەپۇ قىلغان كىشىدۇر.

ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى قەلبىنىڭ ساپلىقى، مەنىۋى دۇنياسىنىڭ پاكلىقى بىلەن بولىدۇ. قەلبلەر ئىمان بىلەن، قۇرئان نۇرى بىلەن پاكلىنىدۇ. ياخشىلارنىڭ قەلبى دۇنيادا ئەڭ چوڭ نېمەت بولغان پاكلىق ، ياخشى سۆز،ياخشى ئەمەل،ياخشى ئەخلاق ئارقىلىق راھەت ئالىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا خۇددىي ھازىرقىدەك ئىقتىسادى، مالىيە كىرىزىس ئىچىدە ياشىغاندەكلا ھەقىقىي ئىدىيەلوگىيە كىرىزىسى ئىچىدە ياشىماقتا. دىنىمىزدا ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا بىلەنكى ئالاقىسى جاپالىق ئىشلەش، ئىجادىيەت، قىيىنچلىقلارنى يىڭىپ بويسۇندۇرۇش،دۇنيانى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئالاقىدۇر. دۇنيانى گۈللەندۈرۈشنىڭ غايىسى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت قۇلچىلىقنى ئىسپاتلاشتۇر. مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش، تەۋھىدى خالىس بولۇشتەك ھەقىقەتتە بىرلىككە كەلگەنلىكىدە شەك يوق.

دۇنيادىن بىھاجەت بولۇش 6تۈرلۈك ئىشتا نامايەن بولىدۇ: نەپسى- خاھىش، ئىنسانلار،شەكىلۋازلىق، مال- دۇنيا ۋە مەنسەپتە نامايەن بولىدۇ.

ھىدايەت ۋە رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستافا ساللاللاھۇئەلەيھى ۋە سەللەم ئاللاھقىلا باش ئېىگىپ يۇقىرىدا زىكىر قىلىناغان نەرسىلەردىن بىھاجەت ئىدى. زاھىدلارنىڭ پىرى ئىدى. گۆش يەيتتى، ھەسەل- تاتلىققا ئوخشاش شىرىن يىمەكلىكلەرنىمۇ يەيتتى، ئاياللارنى ياخشى كۆرەتتى، خۇشبۇي ئىستىمال قىلاتتى. چىرايلىق كىيىملەرنى كىيەتتى.

ھەقىقىي زاھىدلىق تەركى دۇنيا بولۇپ دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىدىن يىراق بولۇش ئەمەس، بەلكى مال- دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ بېرىلىپ كېتىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ قىبلىسى قىلىۋالماسلىق دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ قەلبى مال- دۇنياغىلا باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزلىقىدۇر. دۇنيانى شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا قولغا كەلتۈرگەن كىشىگە مال- دۇنيا ئۇنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن ياردەمچى بولىدۇ.

كىمىكى ئاللاھقا ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەيدىكەن، ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە رازىمەنلىك ئىزھار قىلىدىكەن، قەلبىنى مەخلۇققا باغلاپ، بەندىدىن قورقۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى- يامان مەنپەئەت كۈتۈشتەك ئىشلارنى قىلمايدىكەن، مال- دۇنيا تەلەپ قىلىش، رىزىق تەلەپ قىلىشتا شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتمەيدىكەن، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈش بەدىلىگە بەندىنى رازى قىلمايدىكەن،ئاللاھ بەرگەن رىزىق ئۈچۈن بەندىگە شۈكۈر قىلمايدىكەن،ئاللاھ بەرمىگەن نەرسە ئۈچۈن كىشىلەرگە كايىمايدىكەن، ئاخىرىدا ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇكىشىگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر. كىمكى سورايدىغان نەرسىسىنى ئاللاھتىن سورىسا، ئاللاھتىن باشقىسىدىن بىھاجەت بولسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى دۇنيادىن بىھاجەت قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ بارچىمىزنى بەندىنىڭ قولىدىكى نەرسىلەدىن بىھاجەت قىلسۇن! تەقۋادىن ئايرىمىسۇن، دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى دەپ ئاخىرىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانلارقاتارىدىن قىلمىسۇن! دۇنيا -ئاخىرەتتە بەختلىك قىلسۇن ئامىن!.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ئىبىرەتلىك ۋەقە (ئىبىرەت ئالايلى)
 كىيىنكى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:9ئادەممېھمان:9ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ