مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
ئاپتۇرى:سىراجىدىن ئەزىزى يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:2/15/2009 كۈرۈلدى:223قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا مەككە مۇكەررەمەدىكى بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

جۈمە نامىزى، خۇتبنى ئوقۇغان مەسجىدۇل ھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر/ سەئۇد بىن ئىبراھىم ئەششۇرەيم جاناپلىرى...

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

" روھىي خاتىرجەملىك ۋە ماددىي پاراۋانلىق ئىنسانىيەتتىكى ئورتاق ئارزۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

يەر يۈزىدە ھەربىر ئەقىل ئىگىسى،بەسىرەت نۇرى بار كىشى روھىي مۇقىملىق، ماددىي پاراۋانلىق بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ. ئەمما بۇنداق غايىگە يېتىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا نورمالسىزلىق بولۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ يولى بايلىق توپلاش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ دەپ قارىسا بەزىلەر مەنسەپ، ئابرۇي، بالا-چاقىنىڭ كۆپلىكى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋاللار شەخسلەرنىڭ قارىشىدىكى ئۆتكۈنچى ھەمدە نىسپىلىك مەسىلىدۇر. ئەمەلىيەت بولسا ئۇنىڭغا خىلاپ بولۇپ، قارايدىغان بولساق كۆپلىگەن مىليونىر بايلار ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن ھەقىقىي بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلمىگەن، بەلكى بالا- مۇسىبەت،روھىي ئازاپ، تۇرمۇشىدامۇقىمسىزلىق كۆڭۈل بىئاراملىقىدىن قۇتۇلالمىغان.نۇرغۇن مەنسەپدارلار ئۆزى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدا بىر كۈنمۇ روھىي خاتىرجەملىك ھېس قىلمىغان ئەھۋاللارنى كۆرىمىز. شۇنچە كۆپ ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئاتىسى بولغان ئىنسانلاردىن ئائىلە قىيىنچىلىقى، بالىلارنىڭ كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقلىرىدىن قۇتۇلالماي ئۆتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەكسىچە بايلىقمۇ يوق، مەنسەپمۇ يوق،بالا-چاقىلىرىمۇ كۆپ بولمىغان، كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ قانائەتچان بولغان بەرزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختلىك، روھىي ھالىتى ياخشى بولغان كىشىلەرنىمۇ كۆرىمىز. بارلىق ئىمكانىيتى ياخشى بولغاننىڭ ئۈستىگە بەختلىك بولالمىغانلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە بولغان قاراش توغرا بولمىغان. ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلغان ئىنسان تار بىر كامىرىدا ياشىسىمۇ قەلبى كۆكسى يورۇق، ئازادە بولىدۇ. ئەنەشۇ روھىي مۇقىملىقتىن ئىبارەت بەخت قانداق بىر بەندىنىڭ قەلبىدىن تارتىلسا، ھەر قانچە كاتتا، ئازادە سارايلاردا ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمايدۇ.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنىڭ بەلگۈلەپ بەرگەن نېمىتىگە رازى بولۇشنىڭ ئۆزى چوڭ بەختتۇر. قانائەتچانلىق بىر قورال بولۇپ، دۈشمەننى يىڭىشتە ئۇنىڭدىن ئۆتكۈر قورال بولمىسا كېرەك.ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ماڭىدىغان يولىنى بىلەلەيدۇ،يولىنى بىلگەن كىشى رازىلىق بىلەن ماڭىدۇ. ماڭغان يولىدا دۇچ كەلگەن توسقۇنلۇقلارغا پەرۋا قىلماستىن ماڭىدۇ.چۈنكى ئۇنداق ئادەمنىڭ كۆزى، تەپەككۇرى دۇنيانىڭ غەلىغەشلىرىدىن ئۈستۈن ۋە ئولۇقتۇر. ئاللاھنىڭ بەندىگە بەرگەن نېمىتىگە رازى بولۇش، بىر لەززەتكى ئۇ لەززەتنى باشقا ھېچقانداق لەززەتكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئىسلام ئۈممىتى بۇ زاماندا ئوخشاش بولمىغان فىتنىلەر،كىرىزىسلار،پاجىئەلەرگە يولۇقۇپلا تۇرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سىناق، ئىمتىھانلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە رازىمەنلىكنى ئىزھار قىلىش ھەقىقىي بەختتۇر. ئىسلام ئۈممىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك، ھەسەن بەسرى رەھىمە ھۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى چىقىدۇ. ھەسەن بەسرى بۇ خەلق نەدىن كەلتۈرۈلدى دەپ سورالغاندا: ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولمىغانلىقتىن، ئاللاھتىنمۇ رازى بولمىغانلىقتىن دېگەن. ئاللاھتىن رازى بولماسلىقنى بۇلارغا كىم قويۇپتۇ دېگەندە: ئاللاھنى ئۆزلايىقىدا تونۇماسلىق دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن.

مۆمىنلەرنىڭ قەلبى كىشىلەرنى ئاللاھتىن رازى بولغان ھالدا كۆرۈشنى ئاررزۇ قىلىدۇ. ھەقىقىي مۆمىن ئاللاھنىڭ دىنىغا، ھۆكمىگە، ئادالىتىگە رازى بولىدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭ قەلبىدە بەخت-سائادەت مۇجەسسەملىشىدۇ.

ئۈممەت ئۆز دىنىنى ئولۇقلىسا، دىننىڭ ھۆكمىگە رازى بولسا، بارلىق ئىشلىرىدا دىننى دەستۇر قىلسا ھىدايەت تاپىدۇ. سىراتەلمۇستەقىمدىن ئىبارەت داغدام يولدا ماڭغان بولىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيادا دىنغا قايتىش، دىندارلىق دولقۇنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملاشقاننى كۆرىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. ھەقىقەتەن دىن ئىنسان ئۈچۈن سۇ بىلەن ھاۋاغا ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ھەرقانداق مىللەتنىڭ دىنى سۇس بولىدىكەن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلمايدىكەن ئۆزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىنىرگىيدىن پايدىلانماي تاشلاپ قويغان بولىدۇ. دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت -سائادىتىنى كېرەكتىن چىقارغان بولىدۇ. ئۆز دىنىدىن ۋاز كەچكەن، دىننى كۆزگە ئىلمىغان، دىنغا قارشى چىققانلارنىڭ ئەپسۇسلىنىش، ھەيران قېلىشقا ئەرزىيدۇ.

تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دىنىدىن نومۇس قىلىدۇ، دىندارلىقىنى يوشۇرىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ ھەدىسىنىڭ روھىدىن يىراقتا ئەمەسمۇ؟!

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان، كىشىلەرنى پەقەتلا ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن، ھىدايەتتىن كېيىن كۇفۇرلىققا قايتىشنى ئوتقا كىرگەن بىلەن ئوخشاش دەپ بىلىشتىن ئىبارەت 3 تۈرلۈك ئىشنى قىلغان كىشى ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيالايدۇ".

ئۈممەت ئۆزى،پەرۋەردىگارى ۋە دىنىدا،پەيغەمبىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا ئۈممەت بوران-چاپقۇنلار،داۋالغۇشلارنى يېڭىپ چىقالايدۇ.

ئۈممەت داۋاملىق: بىز ئاللاھقا پەرۋەردىگارىمىز دەپ رازى بولدۇق، ئىسلامنى دىنىمىز دەپ قوبۇل قىلدۇق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى دەپ ئىتائەت قىلدۇق دېگەن ھەقىقەتنى ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەكىتلەپ تۇرشقا توغرا كىلىدۇ.

داۋالغۇش، بۆلۈنۈش، خارلىق تۇيغۇسى، قورقۇنچتىن ئىبارەت ئىللەتلەر بولسا، دىنغا بولغان ئىخلاس ياكى ئاسىلىققا باغلىقتۇر. ئولۇق دىنىمىز ئىسلام مۇكەممەلدۇر. ھەرزامان ۋە ھەرماكانغا لايىق بىر دىندۇر. بۇ دىن رېھىمدىللىق، كۈچ-قۇۋەت، راسچىللىق، ئۆزىگەئىشەنچە باغلاش، توغرا بولۇش، ئاللاھتىن باشقىغا قۇل بولماسلىق دىنىدۇر.

بۇ دىن ئاساسى مۇستەھكەم، كۈچلۈك دىندۇر. بۇ دىندا ناقىسلىق، كەم -زىيادىلىك يوقتۇر. دىننىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىغا مۇكەممەل بويسۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مونداق دېگەن:" ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ. پەقەتلا ئۇنىمىغانلارلا كىرەلمەيدۇ؛ دېگەندە، ساھابىلار: يارەسۇلۇللاھ جەننەتكەكىرىشكە ئۇنىمايدىغانلارمۇ بارمۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام: ماڭا ئىتائەت قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ.ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ ئاسىلىق قىلغانلار ئۇنىمىغانلاردۇر" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئاللاھ بارچىمىزنى ئۆزىنىڭ دىنىدىن، نېمەتلىرىدىن ئايرىمىسۇن، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك قىلسۇن، قىيامەتتە جەننەتنى ئاتا قىلسۇن ئامىن!..



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
 كىيىنكى ماقالە :بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ