مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
ئاپتۇرى:سىراجىدىن ئەزىزى يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:2/10/2009 كۈرۈلدى:294قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم قېرىنداشلار تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا مەككە مۇكەررەمەدىكى بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

جۈمە نامىزى، خۇتبىنى ئوقۇغان كىشى مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئابدۇررەھمان ئەسسۇدەيس جانابلىرى...

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"سۈننىي ھەمرا ئارقىلىق تىلىۋىزور قاناللىرىدا بىرىلىدىغان تىلىۋىزىيە فەتىۋالىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خەتەرلىك كىرىزىس پەيدا قىلماقتا " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ كۆپلىكى، تەشۋىقات ساھەلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، تىلىۋىزورقاناللىرىنىڭ ھەرساھە ۋە ھەر ئېقىمدا ئىكەنلىكى مۇھىم ۋە خەتەرلىك شەرئى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىلىۋىزور قاناللىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نامىدىن ئىمزا قويۇشتىن ئىبارەت فەتىۋا بىرىش پاجىئەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى. بۇ فەتىۋالار تىلۋىزىيە فەتىۋالىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر تىلىۋىزور ئىكرانلىرىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، فەتىۋا بېرىش شەرتىنى تولۇقلىماستىن، شەرىئەتتىن تۈزۈك بىلىم-سەۋىيىگە ئىگەبولماستىن دىندا ئاساسى يوق پەتىۋالارنى بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋاللار شەرىئەتتىكى فەتىۋانىڭ رولىنى خونۇكلاشتۇرۇپلا قالماي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەقىقىي كىرىزىس پەيدا قىلدى، پىكرى بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدا ھالال-ھارام توغۇرلۇق ئېغزىغا كەلگەننى سۆزلىمەسلىك ھەققىدە بىر قانچە ئورۇندا ئايەتلەرنى نازىل قىلىش ئارقىلىق فەتىۋا دىگەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەرگە مەنسۇپ بىلىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قۇرئان، ھەدىستىن ئىبارەت 2 ئاساسقا تايانغان فەتىۋالار دىننىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدىغان فەتىۋا دۇر. توغرا فەتىۋا ئارقىلىق مىللەت ئازغۇنلۇق،گۇمراھلىقتىن ساقلىنالايدۇ. ھەقىقىي توغرا فەتىۋا ئارقىلىق ئىسلامنىڭ رەھىمدىللىق ۋە رەببانىي تەرەپلىرى نامايەن بولىدۇ. بىلىش كېرەككى، شەرىئەت ھەرزامان ۋە ھەرماكانغا مۇناسىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇشكىلاتىنى ھەل قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر يىگانە دىندۇر.

فەتىۋا بېرىش مەسئۇلىيتىنىڭ ئېغىرلىقى، فەتىۋا نىڭ نەقەدەر ھەسساس، ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىسلام تارىخىدا تونۇلغان ئەڭ مەشھۇر ئالىملارمۇ فەتىۋا بېرىشتىن ئىمكان قەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇغان. ھەتتاكى، بەزى ئالىملار مۇفتىلىق مەنسىۋىدىن، قازىلىقتىن قېچىپ زىنداندا يېتىشنى فەتىۋا مەسئۇليتىدىن ئەۋزەل كۆرگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھازىرقى زاماندا ئۈممەتكە قارايدىغان بولساق، تىلىۋىزور، گىزىت -ژورناللار، ئىنتېرنېت تورلىرى ئارقىلىق شەرىئەتكە مەنسۇپ قىلىپ بېرىلىۋاتقان فەتىۋالارنىڭ ھىساپتىن تاشقىرى كۆپلىكى، رەڭدارلىقى، كۆپلىگەن فەتىۋالار قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىدىن تولىمۇ يىراقلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ئاز-تولا مەكتەپ قارىسى كۆرگەن مۇفتىلارنىڭ قالايمىقان بەرگەن فەتىۋالىرى ئىچىدە پەقەتلا شەخسى غەرەز، مەنمەنچىلىك يوشۇرۇلغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ. بۇنداقلارنى تىلىۋىزور قاناللىرىنىڭ ھىلە-مىكىرلىرى ئالداپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئىكرانلاردا سۆزلەپ كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن ھەرخىل تىمىدا سوئاللارنى سورىشى، ئۇلارمۇ فەتىۋالارنى باشقىلارنى قىزىقتۇرىدىغان دەرىجىدە پەدەزلەپ كەلسە-كەلمەس دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ سۆزلەشلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە مەغرۇرلۇق پەيدا قىلىپ تېخىمۇ ئازغۇنلۇققا پېتىشقا سەۋەپ بولماقتا. ئۇلار فەتىۋانىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بازارغا سېلىشى، بەزىدە ئۈممەتكە ئاسانلاشتۇرۇش باھانىسىدا پەتىۋالارنى توقۇشى جەمئىيەتتە ھەرخىل فىتنىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىش بىلەن نەتىجىلەندى. تىلىۋىزىيە فەتىۋالىرىنىڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، تىلىۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرىدىغانلار كۆپ بولغاچقا بەزى فەتىۋالارنى ئاڭلايدىغانلارنىڭ سانى سان-ساناقسىز كۆپ بولۇپ ئۈممەت ئىچىدە گاڭگىراش پەيدا قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. تىلۋىزور قاناللىرىدا نەخ مەيدان بېرىلگەن فەتىۋالار مۇفتىنىڭ بىلىمى قانچە يوقۇرى، تەمكىن، بىلىم سەۋىيىسى يوقۇرى بولسىمۇ ئالدىراشلىق، دىققەتسىزلىك تۈپەيلى خاتالىقتىن خالى بولىشى ناتايىن. نەخ مەيدان بېرىلگەن فەتىۋالارنىڭ كۆپىنچىسىدە دەلىلنى مۇكەممەل كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا بەزى فەتىۋا سورىغۇچىلار ئۆزىگە فەتىۋا ئىزدەش ئۈچۈن سوئال سوراشتا ئۇستىلىق قىلىشى تۇرغان گەپ، سوئالنىڭ سەۋەبى، ئارقا كۆرنىشلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەستىن بىرىلگەن فەتىۋا كۆپىنچە ھاللاردا خاتا دىن خالىي بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ، ھەربىر قانال ئۆزىگە مەخسۇس مۇفتى تېپىۋالغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ فەتىۋا بېرىشى، توغرىسىنى سۆزلىشى، ئىنكاس قايتۇرىشىغا پۇرسەت بېرىلمەيدۇ. ئوخشاش بىر مەسىلىگە قارىتا بىر قانالدا بەرگەن فەتىۋا باشقا بىر قانالدا بەرگەن فەتىۋا بىلەن تۈپتىن زىت كېلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ توغۇرلۇق ئىسلام خەلىفىسى ئۆمەر فارۇقنىڭ مەشھۇر سۆزى كۇپايىدۇر:"ئىسلامنى يىقىتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك نەرسە ئالىمنىڭ ئېغىپ كېتىشىدۇر".

شۇ ئاساستا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسى، يۈزبېرىۋاتقان پاجىئەلەر، ئازسانلىق مۇسۇلمانلارمەسىللىرى، ھەرخىل مۇشكىلاتلارغا ئالاقىلىق ھادىسىلەردە توغرا-خاتا، ھالال - ھارامدىن فەتىۋا بېرىش ئىسلام ئۈممىتىگە پايدىلىق بولغاننىڭ ئورنىغا زىيانلىق بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى يۇقىرى. ئۈممەتكە ئالاقىلىق چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە فەتىۋا بېرىش مەخسۇس فەتىۋا ئورگانلىرى، شەرئىي ھەيئەتلەر، فىقھى ئاكادىمىيلەر بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. ئۈممەتنىڭ تەقدىرى تىلىۋىزور قاناللىرى ئارقىلىق بەلگىلىنىشى توغرا ئەمەس.

ئاخىردا ئاللاھ بارچىمىزغا توغرا يولدا مېڭىش، ئازغۇن يوللاردىن يىراق بولۇشنى نىسىپ قىلسۇن. ئالىملارنىمۇ قالايمىقان فەتىۋا بېرىشتە ئاللاھتىن قورقۇش،مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن ئامىن!.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
 كىيىنكى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:8ئادەممېھمان:8ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ