مەرىپەت تور بېكىتى->سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات

سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
ئاپتۇرى:مەرىپەت يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:2/3/2009 كۈرۈلدى:284قېتىم

سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات قىلىشى

 

   بەيتۇلمەقەدىس شەھىرى ھىجرىيە 492- يىلى، مىلادىيە 1099- يىلى ياۋرۇپا تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ قولى بىلەن قانغا بويۇلغان. ياۋرۇپادىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسى ۋە تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە پەرىقلەردىن ئىبارەت ھەر خىل كىرزىسلار تۈپەيلى ياۋرۇپا جەمئىيىتىدە ئوغرۇلۇق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق جىنايەتلىرى يامراپ كەتكەن ۋە ياۋرۇپا  زىندانلىرى جىنايەتچى ياشلار بىلەن تولۇپ كەتكەن، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن بابا (ئىككىنچى ئىربان) بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇشنى نىيەت قىلىپ، زىندانلاردىكى جىنايەتچىلەر ئىچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن بەيتۇلمەقەدىس ئازات قىلىش ئۈچۈن بارغانلارنىڭ گوناھىنى كەچۈرىۋىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بابا (ئىككىنچى ئىربان) بۇ قارارى ئارقىلىق جىنايەتچىلەردىن بىراقلا  قوتۇلۇشنى نىيەت قىلغان. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ئىمپېراتور ئەلىكسىيوس جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى چوڭ  ئەسكەرىي قوشۇن توپلاپ بەيتۇلمۇقەددەس تەرەپكە يۈرۈش قىلغان. ئۇلار بەيتۇلمۇقەددەسكە يىتىپ كەلگەندە  بۇ شەھەرنىڭ تاشقى سېپىللىرىنى ئۆرۈپ، ئىچكى سېپىللىرىگە يامىشىپ، شەھەر خەلقىگە شىددەت بىلەن ھوجۇم قىلغان، شەھەر ئىچىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ۋە خرىستىئاننى ئۆلتۈرۈپ، شەھەر ئىچىدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىغاندىن كىيىن بۇ شەھەرنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى ئىگەللىۋالغان. بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئىلگىرى بۇ شەھەرنىڭ مۇسۇلمان ۋە ناسارالاردىن تەركىپ تاپقان ئاھالىسى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيىنىڭ 12- يىلى، مىلادىيىنىڭ 637- يىلى بەترىرك سەپەرمىنۇستىن بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بىرى مۇھەببەت ۋە دوستانىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەنىدى.

   اﷲ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن سالاھىددىن ئەييۇبى ھىجرىيە 532- يىلى كۇرت شەھىرىدىكى بىر مۇجاھىد ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئۇ كىچىكىدە ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ ياۋرۇپا ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس شەھىرىنى بېسىۋالغانلىقىغا قايغۇرۇپ باشلىرىغا  قارا سەللە ئورىۋالغانلىقىنى كۆرگەنىدى، سالاھىددىن ئورۇغتۇققانلىرى بىلەن بىرگە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلىش تۇيغىسىمۇ كۈچەيگەن ۋە قەلبىگە بەيتۇلمەقەدىس ئازات قىلىش نىيىتىنى پۈتكەن ۋە ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن ۋەدە بىرىلگەن كۈننى كۈتكەن.

 

  كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن سالاھىددىن پادىشاھ مۇجاھىدنىڭ دەۋرىدە ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، پادىشاھ مۇجاھىدنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ھىجرىيە 567- يىلى ئۇنىڭ ئورنىداپادىشاھ بولغان.

   ئۇ ھۆكۈمرانلىقنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن مىسىرنى پايتەخت قىلىشنى قارار قىلغان. مىسىردا چوڭ ئىسلاھات خىزمىتى ئېلىپ بارغان، مىسىرنىڭ سېپىل ۋە قەلئەلىرىنى مۇستەھكەملىگەن، مىسىردا تۈنجى تەلىم تەربىيە مەركىزىنى قۇرغان، خىزمىتىنىڭ شۇنچە ئالدىراش ۋە شۇنچە كۆپ بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ پىكرى داۋاملىق بەيتۇلمەقەدىس ئازات قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان.

   سالاھىددىن ئەييۇبىي مىلادىيە 1182- يىلى 11- مايدا تەخت راۋاقنى تاشلاپ بەيتۇلمەقدىسنى تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەرنى يىغىپ مەشىق قىلدۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ اﷲ يولىدا جىھادقا ئاتلانغان. ئۇ  ھەر قايسى جايلاردىن ياراملىق كىشىلەرنى يىغىپ ھەر تەرەپتىن پوختا تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن كۈچلۈك ئىمان ۋە قەتئى ئىرادە بىلەن ياۋرۇپا پادىشاھلىرىغا قارشى ئورۇش باشلىغان بولۇپ، سالاھىددىن ئەييۇبىي ۋە ئۇنىڭ باتۇر ئەسكەرلىرى تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ ئۇلارغا  قاقشاتقۇچ زەربە  بېرىپ بۇ ئورۇشقا  غەلىبە قىلغان ۋە ھىجرىيە 583- يىلى، مىلادىيە 1187- يىلى 2- ئۆكتەبىر  جۈمە كۈنى تەكبىر، تەھلىل ئېيتىشقان ھالدا بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىپ مەسجىدى ئاقسادا اﷲ تائالاغا شۈكرى قىلىش نامىزى ئوقۇغان. مۇجاھىدلارنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەپ چىركاۋلاردا قوڭغىراقلار چېلىنغان. سالاھىددىن ئەييۇبىي 93 يىل ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان بەيتۇلمەقدىس ئازات قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت، ھۆرمىتىنى قايتا تىكلىگەن. سالاھىددىن ئەييۇبىي بۇ قېتىمقى ئورۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا بەيتۇلمۇقەددەس شەھىرىنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. يول، مەسجىد، مەكتەپ ۋە سەھىيە ئورگىنى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.

 

  سالاھىددىن ئەييۇبىي مال - دۇنيا، نام - شۆھرەتلەرگە  كۆز قىرىنى سالمىغان ھالداپۈتۈن ھاياتىنى ھەقىقەت يولىدا كۆرەش قىلىشقا بېغىشلىغان. ئادالەت بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ خالىق ۋە خالايىق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دەجلە دەرياسىغىچىلىك سوزۇلغان كاتتا بىر دۆلەتنى موسۇلمانلارغا مىراس  قالدۇرۇپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان. سالاھىددىن ئەييۇبىي بەيتۇلمەقەدىس ئازات قىلىپ ئالتە يىلدىن كىيىن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مىلادىيە 1192 - يىلى مارت ئېيىدا دەمەشىققە دەپنە قىلىنغان. ئۇ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ خەزىنىسىدىن پەقەت 1 دىنار، 47 دىرھەم  تېپىلغان. چۈنكى ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى مال - دۇنيانىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان تۆۋەندىكى خۇتبىسىنى كۆپ ئاڭلىغانلىقتىن مال - دۇنياغا كۆز قىرىنى سالماستىن تاپقان تەرگىنىنى ياخشىلىق يوللىرىغا  سەرىپ قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "سىلەرنىڭ نامرات بولۇپ قېلىشىڭلاردىن قورقمايمەن لېكىن سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرگە  مال -  دۇنيا يېيىلىپ كەتكەندەك سىلەرگىمۇ يېيىلىپ كېتىشىدىن، ئۇلار ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتكىنىدەك سىلەرنىڭمۇ بېرىلىپ  كېتىشىڭلاردىن، ئۇلارنى ھالاك قىلغاندەك سىلەرنىمۇ ھالاك قىلىشىدىن قورقىمەن". اﷲ سالاھىددىن ئەييۇبىيگە رەھمەت قىلسۇن. ئامىن.

  

تارىخ يەنە قايتىلانماقتا، تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە 1948 - يىلى بەيتۇلمەقەدىس بېسىۋالغاندىن بىرى پەلەستىن زېمىنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى بىلەن بويالماقتا، ئافغانىستان، ئىراق، لىۋان، پەلەستىن قاتارلىق ئىسلام دۇنياسى تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنىڭ ۋەھشى زولۇملىرىغا  دۇچ كەلمەكتە، پۈتۈن ئالەم يېڭىدىن ئازاتلىق ۋە تىنىچلىقنى كۈتمەكتە.

   اﷲ تائالادىن مۇسۇلمانلارنى ھىدايەت ئۈستىگە جەم قىلىپ بېرىشنى، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، سۆز - ھەرىكەتلىرىنى ئىسلاھ  قىلىپ بېرىشنى، اﷲ نىڭ شەرىئىتى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاشنى نېسىپ قىلىشنى، دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشنى، دىگەن خىلاپ ئىشلاردىن يىراق قىلىشنى تىلەيمىز، ھەقىقەتەن اﷲ شۇنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە بارلىق ساھابىرىلىگە اﷲ تائالا رەھمەت قىلسۇن.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
 كىيىنكى ماقالە :ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ