مەرىپەت تور بېكىتى->بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار

بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
ئاپتۇرى:نامەلۇم يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:2/3/2009 كۈرۈلدى:203قېتىم

    اﷲ تائالاپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بەيتۇلمەقدىس تاللىغان بولۇپ، ئۇ زاتنى مىراج ۋە مىراج كېچىسى مەسجىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن، ئاندىن كىيىن مەسجىدى ئاقسادىن ئاسمانلارغا ئېلىپ چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بۇنىڭدىن باشقا بىر ۋەقەلىك بولمىغان تەقدىردە ھەم بۇ ۋەقە بەيتۇلمەقدىسنىڭ شەرىپىگە، ئولۇغلىقىغا يېتەرلىك بولاتتى. لېكىن بەيتۇلمۇقەددەس ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىكى ۋەقەلەردىن خېلى كۆپ ئىشلار بولغانىدى. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسلىرى بىكىتىلىپ، مەككە مۇكەررەمە پەتھى قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇلمەقدىسنى رىمنىڭ شېرىك ئەقىدىلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ،  بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتكەن. لېكىن كۆتۈلمىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلارغا قارشى ئورۇش قىلىپ بەيتۇلمەقدىسنى ئازات قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن ئوچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىلگەن. بۇ ئۇرۇشتا قوماندان خالىد ئىبىن ۋەلىد قوشۇنلارنى سالامەت چېكىندۈرۈپ چىققان. (بۇ ئۇرۇشتا ئىسلام قوشۇنلىرى چېكىنگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتە، ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ ھەيبىتىنى ئاشۇرۇشتا  ئالاھىدە رول ئوينىغان).

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇل ۋىدا (خوشلىشىش ھەججى) دىن كىيىن شامدىكى روم قوشۇنلىرى بىلەن ئورۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇن تەييارلاپ، بۇ قوشۇنغا ئۇسامە بىن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەمىر قىلىپ بېكىتكەن. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوزۇنغا بارماي ۋاپات بولغان، خەلىپە ئەبۇ بەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا تەييارلىغان بۇ قوشۇننى شامغا ئەۋەتىش نىيىتىنى قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بەزى بەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن يېنىۋېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن بۇ قوشۇن بىلەن ئەۋۋەل مۇرتەدلەرنى باستۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.

  

 خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇرتەدلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كىيىن شامغا ناھايىتى چوڭ قوشۇن ئەۋەتكەن. ھىمسە شەھىرىگەئابا ئۆبەيدىنى، دەمەشىققە يەزىد بىن ئەبۇ سۇپياننى، پەلەستىنگە ئەمرۇ بىن ئاسنى، ئىئوردانىيىگە شۇرەھبىل بىن ھەسەنەنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە پەلەستىننىڭ نابلىس، ئەسقالان، غەززە قاتارلىق شەھەرلىرى ئازات قىلىنىپ ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس تەرىپىگە يۈزلىنىشىكە ئۇل، ئاساس ھازىرلانغان.

  

 خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاپنىڭ بەيتۇلمەقدىسنى ئازات قىلىشى

خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاپ بەيتۇلمەقدىسنى ئازات قىلىش ئۈچۈن ئەبۇئوبەيدە بىن ئەلجەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسئۇل قىلغان، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇئۇبەيدە بىن ئەلجەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جابىيىدىكى ھەربى مەركەزدە بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەلچىسى كىلىپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەندە ئۇ دەرھال خالىد بىن ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باش قىلىپ بەيتۇلمۇقەددەس تەرەپكە يولغا سالغان. ئارقىدىنلا يەزىد بىن ئەبۇ سۇپياننىڭ باشچىلىقىدا بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇن، شۇرەھبىل بىن ھەسەنەنىڭ باشچىلىقىدا يەنە بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇ قوشۇنلار ئەبۇئۇبەيدە بىن ئەلجەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنىغا قېتىلىپ، سوغۇق كۈنلەردە بەيتۇلمۇقەددەس شەھىرىنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالغان. ئىسلام قوشۇنلىرى بۇ شەھەرنى تۆت ئاي مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كىيىن شەھەر خەلقى ئامانلىق بېرىش شەرتى بىلەن شەھەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەبۇئۇبەيدە بىن ئەلجەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە  قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ شەھەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغائەلچى ئەۋەتكەن. ئەبۇئۇبەيدە بىن ئەلجەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان ۋە خرىستىئانلاردىن تەركىپ تاپقان ئەلچىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يىتىپ كىلىپ، باشلىقلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن  مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسۇلمانلار دۆلىتى ئەمىرىنىڭ كۈننىڭ قىزىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرەخ ئاستىدا يەرنى كۆپە قىلىپ ئوخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قېلىشقان.

   خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، بەتۇلمۇقەددەس تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، ھىجرىيىنىڭ ئون ئالتىنچى يىلى ئىسرا ۋە مىراج ئېيىدا بەيتۇلمەقدىسكە يىتىپ كەلگەن. خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىزمەتچىسى بىلەن نۆۋەتلىشىپ قىزىل تۆگىگە مىنىپ كەلگەن بولۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ يېنىغا كەلگەندە خىزمەتچىسىنىڭ تۆگىگە مىنىش نۆۋىتى كەلگەنلىكتىن خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىدىن چۈشۈپ، تۈگىنىڭ يۈگىنىدىن تۇتۇپ تۇرغان ۋە خىزمەتچىسى تۆگىگە مىنگەن. بۇ ئەھۋالنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بىترېك  يىغلاپ تۇرۇپ: دۆلىتىڭلار مەڭگۈلۈك بولىدىكەن، زۇلۇم - زوراۋانلىق ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ، ئەدلى - ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتنىڭ ھاياتى قىيامەتكىچىلىك داۋام قىلىدۇ، دېگەن. ھەزرىتى ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىترېكتىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنىڭ ئورنىغا باشلاشنى تەلەپ قىلغان، ئۇلار بۇ مەسجىدكە يىتىپ كەلگەندە ھەزرىتى ئۆمەر: اﷲ ئەكبەر، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە خەۋەر بەرگەن ھەزرىتى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەسجىددىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغان، دەپ مىھراب تەرەپكە ئۆتۈپ، ساد سۈرىسىنى ئوقۇپ،  ناماز ئۆتەپ، سەجدە قىلغان.

   ئەمەۋىي ۋە ئابباسىيلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس ۋە مەسجىدى قوببەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى

   خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاپ ئۇلۇغ تاشنىڭ ئالدىغا بىنا  قىلغان مەسجىدى قوببە، توغرا يولغا يېتەكلەپ ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ زامانلىرىدا ئۆز پېتى بىلەن ساقلانغان. مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇپياننىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭغا بەيتۇلمۇقەددەستە بەيئەت قىلىنىشقا چاقىرىلغان لېكىن ئۇ پايتەخت قىلىشقا دەمەشىق شەھىرىنى تاللىغان.

  

 كىيىن خەلىپە مەلىك بىن مەرۋان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ۋەلىدنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس شەھرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتنى جاللاندۇرىشى نەتىجىسىدە بۇ شەھەر كاتتا ئىسلام مەركەزلىرىگە ئايلانغان.

   ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتاپ ئۇلۇغ تاشنىڭ ئالدىغا بىنا  قىلغان بۇ مەسجىدى قۇببەنى ئالاھىدە رىمونت قىلدۇرۇپ، ھەر خىل نەقىشلەر بىلەن زىننەتلىگەن. ئابباسىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلار بۇ مەسجىدكە تېخمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ، خاراپ بولغان يەرلىرىنى رىمونت قىلىپ، تاملىرىنى ئىگىزلىتىپ ۋە ھەر خىل نەقىشلەرنى بېرىپ ئاۋۋالقى ھالىتىدىن تېخمۇ  كۆركەم ۋە چىرايلىق قىلىۋەتكەن. بۇ مەسجىدنى رىمونت قىلىش، تاملىرىنى ئىگىزلىتىش ئىشلىرى ھىجرىيە 154-، 157- يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھىجرىيە 656- يىلى ئابباسىيلار خەلپىلىگى موڭغۇللارنىڭ قولىدا  مۇنقەرز بولغانغا قەدەر بەيتۇلمۇقەددەس ئابباسىيە خىلاپىتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنغان.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ئىسرا ۋە مىراج مۆجىزىسى قۇددۇس شەرىپنىڭ
 كىيىنكى ماقالە :سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:8ئادەممېھمان:8ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ