مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
ئاپتۇرى:سىراجىدىن ئەزىزى يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:1/11/2009 كۈرۈلدى:435قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم  قېرىنداشلار تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا مەككە مۇكەررەمەدىكى بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

 جۈمە نامىزى، خۇتبنى ئوقۇغان  مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/سەئۇد بىن ئىبراھىم  ئەششۇرەيم جانابلىرى..

 

  ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"پەلەستىن مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن ياردەمدە بولۇش دىنى ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر" دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

  ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈردى.ئەقلى ۋە قەلبىنى ئولۇقلىدى. بوينىغا زەنجىر ،پۇتىغا چىتەن سېلىپ  باغلاپ قويمىدى. ياخشى،پايدىلىق نەرسىلەرنى ھالال قىلدى. زىيانلىق نەرسىلەرنى چەكلىدى. بەلكى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئوچۇق خىتاپ قىلىپ مۇنداق دىدى:

 "  ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ ئۇ سېنى ياراتتى، ئەزالىرىڭنى بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى. سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى"(ئىنفىتار سۈرىسى)

 ئاللاھ مەخلۇقلىرى ئارىسىدىن ئىنساننى تاللاپ مەرتىۋە، شەرەپ، پەزىلەت ئاتا قىلدى. ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر لەرنى ئەۋەتتى. كىتابلارنى چۈشۈردى. ئاللاھ بۇ دەرىجىدە ئولۇق قىلغان ئىنساننى ئاللاھ  تاشلاپ قويىدۇ دەپ ھېچ ئىنسان گۇمان قىلمىسۇن. ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھىساپ بېرىش ئۈچۈن بېرىشتىن گۇمان قىلمىسۇن. ھەقىقىي مۆمىنلەر باشقا دىندىكى ئىنسانلاردىن نىشان بىرلىكى، مەنبە بىرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىدەك  ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ئىمتىيازدا پەرقلىقتۇر.

 بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىدىن باشقا چىقىش يولى بولمايدۇ.  ئىسلام دىنى مەنسۇپلىرى دىن ئىگىلرىدۇر. بوران-چاپقۇنلار قانچە دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولسىمۇ ئىسلام دىنى ئۆلمەيدۇ. دىن ئەھلى قانچە چارچاپكەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا "دىن" چارچىمايدۇ. ئىسلام دىنى قېرىمايدۇ.ئىسلام  دىنى خۇددى قۇياشقا ئوخشاش. قۇياشمۇ مىليونلارچە يىللاردىن بېرى نۇر چېچىپ، شەرقتىن كۆتۈرلۈپ غەربتە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ نۇرى ئاجىزلاپ قالغىنى يوق. دىن دۈشمەنلىرى بۇ ئولۇق دىننى يوقىتىش، ئاۋازىنى بوغۇشقا تىرىشسىمۇ يېڭىدىن نۇرلىنىپ تۇرىدۇ. دۈشمەنلەر قاچانلا ئۇرۇش ئوتىنى ياندۇرسا ئاللاھ ئۇ ئوتنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدۇ.

 

يېقىنقى ئەسىرلەرتارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۆز زېمىنىدا دەرت-ئەلەمگە دۇچ كەلگەن، زالىملارنىڭ زوراۋانلىقىغا، دۈشمەنلەرنىڭ خىرىسلىرىغا ئۇچرىغانلار مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.

 ھەقىقىي مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى ئولتۇرسا-قوپسا زىكىر قىلىشتىن زېرىكمەيدۇ. چۈنكى دەرت ئەلەم قاچىسى تولۇپ تاشقاندۇر، دۈشمەنلەرنىڭ ئاداۋەت، ئۆچىمەنلىكلىرى ھەرتەرەپتىن كەلگەن بولۇپ، تولغان قاچا يامرايدۇ ئەمەسمۇ!. غەم-قايغۇ ،ئەلەملىرىمىز شۇنچە كۆپ، ئېغىر بولسىمۇ يىغا-زارە ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ. كۆز ياشلىرىمۇ ئارىيەت ئېلىنمايدۇ. قايغۇرۇپ،ئەپسۇسلىنىش يوقالغان نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. لېكىن دەرت-ئەلەمنى يەڭگىللىتىش يولىدا ئەمىلى ھەركەت قىلىشتىن باشقا يول يوق.  بۇ ھەقتە  ئەمىلى ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە قايتىش بىلەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىسلام ئۈممىتى ھەقىقىي قېرىنداشلىقنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقنى ھەق بويىچە، باتىلنى باتىل بويىچە بىتەرەپ قىلغاندا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى زامان مەغلۇبىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ھەيران قالارلىقى يوق. ھەمدە مۇقەددىمە-ئاخىرسىز تاسادىپىلىقمۇ ئەمەس. بەلكى بۇ مۇسۇلمانلاردىكى خاتالىق، تەڭپۇڭسىزلىق، ھەقىقىي مەيداندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇمىغانلىقتىن بولغانلىقىدا شەك يوق. مۇسۇلمانلار قاچانكى دىندىن يىراقلاشتى، كۈچ-قۇۋەتتىن يىراقلاشتى، ئۆز ئارا ياردەملىشىش روھىنى يوقاتتى دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسلىرىغا يولۇقۇشقا باشلىدى.

  دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا تىنچلىق ۋاقتىدا ھىلە-مىكىر بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا رەھىمسىزلەرچە قاتتىق قوللۇق قىلدى. تىنچلىق ۋاقتىدا تۇيدۇرماي زەھەر سالدى. قوپاللىق قىلغاندا ياۋايىلارچە مۇئامىلىدە بولدى.

 يۇقىرىقى مۇقەددىمىلەر قەلبىمىز تولۇپ تاشقانلىقى ئۈچۈن ئېيتىلغاندۇر.

 

مەقسەتكە كەلسەك: مۇسۇلمانلارنىڭ تۈنجى قىبلىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېراجغا چىققان ئورۇن، 3-ھەرەم بولغان پەلەستىن. شۇنداق! دۈشمەنگە باش ئەگمەيدىغان بېشى ئۈستۈن پەلەستىن. مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەشتە نۇقتىلىق مەركەزدۇر. پەلەستىن مەسىلىسى دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدا ئىنسانلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ مۇقەددەس زىمىن تارىختىن بىرى ئىسلام لەشكىرى بىلەن خرىستىيان ۋە يەھۇدلاردىن ئىبارەت مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كۈچ سېلىشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. مۇسۇلمانلار پەلەستىننى فەتھى قىلىپ غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن كىرگەندە  قان تۆكمىگەن، بۇلان-تالان قىلمىغان، قېرى-چۈرى، كىچىك بالا،ئاياللارنى ئۆلتۈرمىگەن.بەلكى ئۆز ۋاقتىدا ئۇمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مەشھۇر خىتاپنامىسىنى ئوقۇغان كىشى ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەرنىڭ ھەقىقىي ئادالەت،ئىنساپ، كەچۈرۈمچانلىقىنى كۆرىدۇ. بەلكى بۇ خىتابنامە  زەپەر قازانغان قوشۇن بىلەن مەغلۇب بولغان تەرەپ ئوتتۇرىدىكى خىتاپلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەھلى سەلىبلار پەلەستىندىن ئىبارەت مۇقەددەس زېمىننى بىر قانچە ئەسىردىن كېيىن ئىشغال قىلغاندا ئەھلى سەلىب قوشۇنىنىڭ قوماندانى جەڭنى شۇنداق سۈپەتلىگەنكى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىدىن ھاسىل بولغان قان دەرياسىنى كېچىپ ئۆتكەنمىش. ئەھلى سەلىب قوشۇنلىرى شۇنداق ۋەھشىيلىك بىلەن قىرغىنچىلىق قىلغانكى، بەيتىلمۇقەددەستىكى شېھىتلەرنىڭ سانى ئونمىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن توپتوغرا بىر ئەسىر كېيىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنى سالاھىدىن ئەييۇبى قوماندانلىقىدا  "ھىتتىن جېڭى" دەپ تونۇلغان مەشھۇر جەڭدە غەلىبە قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن بەيتىلمۇقەددەسكە كىرىدۇ. لېكىن قان تۆكمەيدۇ، بەيتۇلمۇقەدەستىكى بارلىق ئىنسانلارغا ئادالەت، كەچۈرۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى غەربلىك تارىخچىلار ئېتىراپ قىلغاندۇر. ئۇندىن كېيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا قارىغۇلارچە ۋەھشىيلىك بىلەن زىيونىزىمچى جۇھۇدلار مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ۋەھشى قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلدى. بۇ قىرغىنچىلىق دىرىياسىن قىرغىنچىلىق دەپ مەشھۇر دۇر. بۇ1948-يىلقى قىرغىنچىلىق بولۇپ، قەتلىئامنىڭ ئېغىرلىقى، جىنايەتنىڭ ۋەھشىلىكىدىن پەلەستىندە 800مىڭدىن ئارتوق پەلەستىنلىكتىن قېپقالغىنى 160مىڭدىن ئاشمىغان. ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ بىر ئىش شۇكى، ئەنەشۇ قىرغىنچىلىق، قەتلىئام جىنايىتىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان "ئادەم قاسسىپى" نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئاقىللار چىدىماس دۈشمەنلەردە تىنچلىق ئېڭىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىۋېلىشى كېرەك.  ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىكى ھەربى ۋولقان ئاساسلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربى تاجاۋۇزلىرى سەۋەپتىن مۇستەملىكە قىلىپ كەلدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىكى خۇددى سۇ كۆرۈنگەن سەراپقا ئوخشاش بولۇپ قالدى. ئاتالمىش دۇنيا جامائەتچىلىكى، خەلقئارا قانۇنلار ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن تاجاۋۇزغا شىرىك بوپقالدى. بولۇپمۇ ئىش مۇسۇلمانلارغا ئالاقىلىق بولغاندا كۈچلۈك دۆلەتلەر داۋاملىق مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋان تەرەپكە يان بېسىپ كەلدى. بۇنىڭ ئەمىلى مىسالىنى خەۋپسىزلىك كېڭەشتە ئىشلىتىلىۋاتقان "ۋېتۇ" ھۇقۇقلىرىدىن كۆرۈۋالماق ئانچە قىيىن ئەمەس.

 شۇ ھەقىقەتنى بىلىش كېرەككى، جەڭدە غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش ئۆلچىمى قوشۇن سانىنىڭ كۆپلىكى، كۈچىنىڭ زورلىقى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى كۈچى، دىلىدىكى ئىمانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ماددىي كۈچ تەڭپۇڭلىقى ھەقىقىي ئۆلچەم بولالمايدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، بەدىر ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولىشىغا قارىماي غەلىبە قىلغان. ھۇنەيىن ئۇرۇشىدا بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپ تۇرۇقلۇق مەغلۇب بولغان.

 

ھازىرقى مەسىلە غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىگە قىلىنغان جۇھۇدلارنىڭ ۋەھشى تاجاۋۇزىدا. بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ، قەتلى ئام جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بارلىق ئىمكانىيتىمىز بىلەن مەيلى ھاكىم مەيلى مەھكۇم، خەلق ئاممىسى، ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە ھەرتەبىقە ئىنسانلار بىردەك تاقابىل تۇرمىساق، غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مۇكەممەل ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ دۈشمەنلەرنىڭ ۋەھشى تاجاۋۇزىنى توسۇشقا ئاتلانمىساق ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. ھازىرقى ۋەزىيەتتە غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى مۇكەممەل قوللاپ ياردەم بېرىشىمىز ۋاجىپتىنمۇ ئۆتۈپ پەرىزدۇر.

  بۇ قېتىم ھېچقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھورۇنلۇق قىلىپ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئولتۇرساق بىز دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ياشاش ھەققىمىزنى يوقىتىپ قويغان بولىمىز. ئاللاھنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز قالمايدۇ.شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەقىقەت كۈنلەر، ئايلار، ھەتتا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىرىمەيدۇ، يوقالمايدۇ.گەرچە بەزىدە بوران-چاپقۇنغا يولۇقسىمۇ يەنىلا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ھېچقاچان ناھەق ھەق، ھەق ناھەق بولۇپ قالغىنى يوق. پەلەكنىڭ چەرخى ئايلىنىپ ھەقسىزلەر باشقىلارنىڭ زېمىنىدا دۆلەت قۇرىۋالغان بولسىمۇ ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققى بۇنىڭ بىلەن كۆمۈلۈپ كېتەرمۇ؟ ياق مۇمكىن ئەمەس!.

 ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شۇنداق مۇسىبەتلەرگە دۇچ كەلگەن، يەنىلا ئورنىدىن تۇرغان. ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئاللاھ تەرىپىگە قايتقاندىن كېيىن ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان. ئۇچارقۇش قانچە ئىگىز ئۇچسۇن ھامان ئۇچقان يېرىگە چۈشمەي قالمايدۇ. كېچىنىڭ كۈندۈزى بارلىقىدا شەك يوقتۇر.

 ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: " اﷲ  ئۆزى خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ"(سۈرەيۈسۈف 21-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

 

 ئاللاھ غەززىدىكى مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت، سەبرى-تەھەممۇل ئاتا قىلسۇن. ھەددىدىن ئاشقان زالىم جوھۇدلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەتتە خار قىلسۇن ئامىن.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :جۈمە خۇتبىسى
 كىيىنكى ماقالە :ئىسرا ۋە مىراج مۆجىزىسى قۇددۇس شەرىپنىڭ
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:5ئادەممېھمان:5ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ