مەرىپەت تور بېكىتى->دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى

دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
ئاپتۇرى:د. ئابدۇلمۆئتى دالاتىي يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:8/13/2008 كۈرۈلدى:388قېتىم

دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق موسۇلمان بولغانلىقى ھەققىدە قىسسە

ماتېماتىكا ئىلمىدە پىرۇپپىسورلۇققا ئىرىشكەن ئامرىكىلىق دوكتۇر جىفرى موسۇلمان بولغىنىدىن كىيىن، ئۆزىنىڭ موسۇلمان بولغانلىق قىسسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "ئىمان ئۈچۈن كۆرەش" دېگەن كىتاپنى، كىيىن "پەرىشتىلەر ھەم سورايدۇ، ئىسلامنىڭ ئامرىكىغا رىھلەت قىلىشى" قاتارلىق كىتاپلارنى تەلىپ قىلغان.

دوكتۇر جىفرى موسۇلمان بولغانلىق قىسسىسىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇ، قىزىل رەكلىك جاينىمازدىن باشقا ھېچقانداق سەرەمجان يوق، كۈل رەڭ تاملىرىدا نەقىش - زىننەتلەرمۇ بولمىغان ئۆي بولۇپ، بۇ ئۆينىڭ كىچىككىنە دەرىزىسىدىن نور چۈشۈپ توراتتى... ئۆينىڭ ئىچىدىكىلەر بىر قانچە سەپ بولۇپ تىزىلغانئىدۇق، مەن ئۈچىنچى سەپتە ئىدىم، ئۇلاردىن ھېچكىمنى تونىمايتىم، ھەممەيلەن رەتلىك ھالدا سەجدىگە باش قويدۇق، ۋاھالەنكى بۇ ئورۇندا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەنئىدى ... سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىمامغا قارىدىم، ئۇ ئاق تون كەيگەن كىشى بولۇپ، نور چۈشۈپ تورغان دەرىزىنىڭ ئاستىدا تورۇپ بىزگە ئىمام بولىۋاتاتتى ...

ئۇيقۇمدىن ئويغونۇپ كەتتىم!

ئون يىل جەريانىدا مانا بۇ چۈشنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەنئىدىم، ھەر قېتىم بۇ چۈشنى كۆرۇپ ئويغانغىنىمدا ئۆزەمدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر راھەت ھېس قىلاتتىم.

سان فىرانسىسكۇ ئونۋېرسىتېتىدا مەن دەرس ئۈگۈتۈپ قويىدىغان بىر ئەرەپ ئوقۇغىچى بىلەن دوستلۇق ئالاقىمىز بار بولۇپ، ئۇ ماڭا قۇرئان كەرىمدىن بىرنى سوغات قىلغانئىدى, مەن ئۇنى دەسلەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا گويا قۇرئان مېنى ئوقۇۋاتقاندەك ھېس قىلغانئىدىم!.

بىر كۈنى ئونۋېرسىتېتىنىڭ مەسجىدىدە بۇ ئوقۇغىچى دوستۇمنى زىيارەت قىلىشنى نىيەت قىلىپ، مەسجىتنىڭ بوسىغىسىغا پوتىمنى قويدۇم، مەسجىتكە كىرىشتىن ئەيمىنىپ ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تورۇپ قالدىم، يۈرۈكۈم ناھايىتى تىز سوقۇۋاتاتتى، پوت - قوللىرىم تىترەۋاتاتتى، ناھايىتى تەسلىك بىلەن ئىشىكنى ئېچىشقا قول ئوزارتتىم لېكىن پۈتۈن ئەزايىمنى تىترەك بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئىشىكنى چىكىشكە قادىر بولالمىدىم، ئاخىرى ئىشخانەمگە قايتىپ كىتىش قارارىغا كەلدىم ... بۇ ئارىدا سىرلىق توس ئالغان بىر قانچە سىكىنۇتلار ئۆتكەن بولۇپ، بۇ سىكىنۇتلار مېنى ئاسمانغا قارىشىمغا مەجبۇر قىلدى، ۋاھالەنكى مەن ئون نەچچە يىلدىن بويان ئاسمانغا قاراش ۋە دۇئا دېگەنلەرگە قارشى تورۇپ كەلگەنئىدىم. مانا ھازىر بۇ قارشىلىق مەغلۇبىيەتكە ئايلانغانئىدى:

ئى ئاللاھ مېنىڭ مەسجىدكە كىرىشىمنى ئىرادە قىلغان بولساڭ ماڭا كوچ - قوۋۋەت ئاتا قىلغىن.

ئارقامغا يېنىپ ئىشىكنى چەكتىم، مەسجىدتە ئىككى يىگىت سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغانئىكەن، ئۇلار سالامىمنى ئېلىك ئالغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بىرى مەندىن: ئىسلام دىنى توغرولۇق مەلۇمات ئىزدەمسىز؟ دەپ سورىدى. مەن: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردىم. ئارىمىزدا ئوزۇن دىئالۇگلار بولۇپ ئۆتكەندىن كىيىن موسۇلمان بولۇش رىغبىتىمنى بىلدۈردىم، ئىمام ماڭا: ئەشھەدۇ دېگىن دىدى. مەن: ئەشھەدۇ دېدىم. ئۇ: لا ئىلاھە دېدى. مەنمۇ: لا ئىلاھە دېدىم. ھەقىقەتەن مەن پۈتۈن ھاياتىمدا مۇشۇ دەقىقىدىن ئىلگىرى بۇ ئىبارىگە ئىشىنەتتىم (يەنى ئىلاھ يوق دەپ قارايتىم). ئىمام: ئىللەللاھ دېدى. مەنمۇ: ئىللەللاھ دېدىم. ئىمام: ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ دېدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ: ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ دېدىم.

بۇ كەلىمىلەر ھەقىقەتەن ئوسسۇزلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان كىشىنىڭ كۈيۈك كانىيىغا تامچىپ چۈشىۋاتقان سۈزۈك سۇنىڭ تامچىلىرىغا ئوخشايتى.

تۈنجى قېتىم شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان شۇ دەقىقىنى ھەرگىز ئونۇتمايمەن. ئۇ، ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن لېكىن كۇچ – قوۋۋەت، ئازاتلىق جەھەتتە مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۆنۈملىك دەقىقە ئىدى.

ئىككى كۈندىن كىيىن تۈنچى قېتىم جۈمە نامىزىنى ئۈگەندىم، بىز ئىككىنچى رەكئەتتە ئىدۇق، ئىمام قۇرئان ئوقىۋاتاتتى، ۋاھالەنكى بىز ئىمامنىڭ ئارقىسىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ سەپ تۈزگەئىدۇق، ھەممىمىز گويا بىر جەسەتتەك ھەركەت قىلاتتۇق، مەن ئۈچىنچى سەپتە ئىدىم، ھەممەيلەن رەتلىك ھالدا سەجدىگە باش قويدۇق، ۋاھالەنكى بۇ ئورۇندا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەنئىدى ...، ئىمام ئاق تون كەيگەن كىشى بولۇپ، نور چۈشۈپ تورغان دەرىزىنىڭ ئاستىدا تورۇپ بىزگە ئىمام بولىۋاتاتتى ... بۇ باشتىكى چۈشنىڭ ئۆزىغۇ، مەن ھازىر يەنە چۈش كۆرىۋاتىمەنمۇ؟ كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش ئېقىۋاتاتتى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ ... شۇنىڭ بىلەن نامازدىن چىقتىم، پەقەت اﷲ تائالا تەرەپكە ھەقىقى يۈزلەنگەندا ئاندىن ئىرىشكىلى بولىدىغان مۇھەببەتنى تۈنجى قېتىم ھېس قىلغان ۋاقتىمدا پۈتۈن ۋوجۇدۇمنى بىر خىل ئەيمىنىش، قورقۇش ئىگەللىۋالدى".

دوكتۇر جىفرى موسۇلمان بولغانلىقىنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"مېنىڭ ئازاپ - ئەلەم تارتۋاتقانلىقىمنى ۋە مەندىكى ئالاھىدە تەييارلىقنى بىلگەن اﷲ نىڭ ھاياتىمدىكى خاس دەقىقىلەردىن بىر دەقىقىدە ماڭا مەرھەمەت قىلغانلىقىدىن مەن موسۇلمان بولۇش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. مەن موسۇلمان بولىشتىن ئىلگىرى ھاياتىمدا مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتىم، لېكىن قۇرئان ئوقوغان ۋاقتىمدا ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل مېھر - مۇھەببەت قاپلىغانلىقنى ھېس قىلاتتىم. دىمەك، مېنى ئىسلامغا باشلىغان نەرسە اﷲ تائالانىڭ چەكسىز مۇھەببىتىدۇر".

"ئىسلام اﷲ تائالا نىڭ ئىرادىسىگە باش ئىگىش ۋە ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بۇيسونۇش دىمەكتۇر. ئۇ، چەكسىز ئۈستۇنلىككە باشلايدىغان پارلاق يولدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ كۇچ - قۇدرىتىنى ھەركەتلەندۈرگىچىدۇر. جىسىم، ئەقىل، قەلب، روھ ئۈچۈن تۈگىمەس ئىنىرگىيىدۇر".

"قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كىتاپ مېنى پۈتۈنلەي ئەسىرگە ئېلىۋالدى، قەلبىمنى ئىگەللىۋالدى، نەتىجىدە مېنى اﷲ غا بويسونىدىغان قىلدى، قۇرئان ئەقىل يۈرگۈزۈپ ئوقۇغان كىشىگە ياراتقۇچىسىنى تونىتىدۇ. قۇرئاننى كۆڭۈل قويۇپ، ئىھتىمام بىلەن ئوقىمىسىڭىز ئۇنىڭدىن لەززەت ئالالمايسىز، ئۇ سىز بىلەن مۇنازىرلىشىدۇ، سىزنى تەنقىدلەيدۇ، سىزنى خېجىل قىلدۇرىدۇ، سىزگە دۇئىل ئىلان قىلىدۇ ... ئۇنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنى نازىل قىلغۇچىنىڭ مېنى ئۆزەمدىنمۇ بەركراق بىلىدىغانلىقى ئاشكارە بولدى. قۇرئان پىكىردە داۋاملىق مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ كىتەتتى، سۇئاللىرىمغا ئەينەن جاۋاپ بىرەتتى، كىچىلىرى تەييارلىغان سۇئال ۋە ئىتىرازلىرىمغا ئەتىگىنىلا جاۋاپ بىرەتتى، قۇرئاننىڭ سەپھىلىرى ئىچىدە نەپسىم بىلەن يۈمۇ - يۈز ئوچرىشاتتىم".

"مەن موسۇلمان بولغىنىمدىن كىيىن، ئەرەپ تىلىنى بىلمىگەن بولساممۇ قۇرئان كەرىمنىڭ موڭلۇق تىلاۋىتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بارلىق نامازلارنى مەسجىدتە ئوقۇشقا تىرىشاتتىم، بۇنىڭدىن سورالغىنىمدا: بوۋاق ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا نېمە ئۈچۈن راھەتلىنىپ سوكۇت قىلىدۇ؟ دەپ جاۋاپ بىرەتتىم، مەن ئاشۇ ئاۋازنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياشاشنى مەڭگۈ ئارزۇ قىلمەن!".

"ناماز مۆمىننىڭ پەرۋەردىگارىغا باش ئىگىش دەرىجىسىنىڭ كۈندىلىك ئاساسلىق ئۆلچىمىدۇر. ئۇ، ئىنسانغا گۈزەل تويغىلارنى ئاتا قىلىدۇ. سىز سۇباتلىق ھالدا سەجدىگە باش قويغان ۋاقتىڭىزدا گويا سىز جەننەتكە كۆتىرىلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىۋاتقاندەك، يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئالى ۋە بۈيۈك مۇھەببەتنىڭ ئوتتۇرىسدا قويۇلۋاتقاندەك تويغىغا كىلىسىز".

"بامدات نامىزى ئىبادەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ تەسىرى چوڭ ئىبادەتتۇر. بۇ نامازدا، قۇرئان كەرىمنىڭ موڭلۇق تىلاۋىتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھەممە كىشىلەر ئوخلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا سىزنى ئورنىڭىزدىن تورۇشقا ئۈندەيدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچ بار. سىز قۇرئان كەرىمنىڭ موڭلۇق تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ بامدات نامىزىنى ئوقىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا اﷲ تائالا نى ئولۇغلاش ئۈچۈن گويا سىز بۇ ئالەم بىلەن خوشلوشۇپ، پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە سەپەر قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز".

دوكتۇر جىفرى ھەققىدىكى سۆزىمىزنى ئۇنىڭ بۇ مۇناجىتى بىلەن ئاخىرلاشتورىمىز:

"ئى پەرۋەردىگارىم، ھاياتىمدا كۇپرى يولىغا ئىككىنچى قېتىم مايىل بولىدىغان بولسام مېنى شۇنىڭدىن بورۇنراق بۇ دونيادىن ئېلىپ كەتكىن، ئى اﷲ ھەقىقەتەن مەن ساڭا ئىمان ئېيتماستىن بىر كۈن ياشاشقىمۇ قادىر بولالمايمەن".

ترجمە: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 8/8/2008م
 كىيىنكى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 15/8/2008م
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ