مەرىپەت تور بېكىتى->بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن

بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
ئاپتۇرى:پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئوسەيمىن يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:8/7/2008 كۈرۈلدى:423قېتىم

بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن

رامىزانلىق سوۋغات

 

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئوسەيمىن

ۋە پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ بىن جارۇللاھ

قاتارلىق ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇللاھ بىن ئەھمەد ئاللاف

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

جىمى ھەمدۇ سانالار اﷲ تائالاغا خاستۇر، اﷲ تائالانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە دۇئا - سالاملار يوللايمىز.

بۇ ۋاراقچىلاردىكى سۆزلەرنى اﷲ تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھەدىس شېرىف ۋە ئىلگىرى - كىيىن ئۆتكەن ئۆلەمالارنىڭ سۆزلىرىدىن ئالدىم، بۇنىڭغا رامىزانلىق سوۋغات دەپ ئات قويدۇم، بۇ بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈجۈن سوۋغاتتۇر، اﷲ تائالادىن بۇنىڭ قوبۇل بولىشىنى، قىيامەت كۈنى ئۇنى مېنىڭ ياخشى ئەمەللەر مىزانىمدا قىلىشىنى، جەنناتىن نەئىمغا ئىرىشىشىمنىڭ سەۋەپلىرىدىن قىلىپ بىرىشىنى سورايمەن.

كېلەر قېتىم خاتالىقنى تۈزۈتۈپ بېسىش ئۈچۈن خاتالىقنى ئوچراتقۇچلارنىڭ ئەسكەرتىش بىرىشىنى ئۈمىت قىلمەن.

ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇللاھ بىن ئەھمەد ئاللاف غامىدى.

روزا ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر. رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن). روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). اﷲ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن, كېچە بولسۇن), ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار اﷲ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا، پارا بەرمەڭلار». (بەقەرە سۈرىسى 183-، 184-، 185-، 186-، 187-، 188- ئايەتلەر).

رامىزان

رامىزان قەمەرىيە ئايلىرىدىن توققۇزىنچى ئاينىڭ ئىسمىدۇر. قورئان كەرىمدە رامىزان ئېيىنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

روزا توتۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى بەزى ھېكمەتلىرى

روزا توتۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئاخىرەتنىڭ بەخىت - سائادىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن نەپسىنى پاكلاش ۋە تەقۋالاشتورۇشدۇر.

روزىدار كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىشلار

1- شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بارلىق ئىبادەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىش.

2- شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان بارلىق سۆز - ھەركەتلەردىن ئومۇمىيۈزلىك قول يىغىش.

روزىدار كىشىگە موستەھەب بولغان ئىشلار

سوھۇرلۇق يېيىشنى كىچىكتورۇش، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش، قورئان كەرىم، زىكرى - تەسبىھ، دۇئا - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇش، ئىھسان، سەدىقىنى كۆپ قىلىش موستەھەب بولغان ئىشلاردۇر.

رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى

1- قورئان كەرىم رامىزاندا نازىل بولغان. اﷲ تائالا مونداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى».

2- رامىزان ئېيىدا گوناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونداق دەيدۇ: "(رامىزان ئېيىدا روزا توتۇشنىڭ پەرىزلىكىگە) ئىشىنىپ، ئەجرى ئومىت قىلىپ رامىزان ئېيىدا روزا توتقان كىشىنىڭ ئىلگىركى گوناھىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ". (بوخارى رىۋايىتى).

3- رامىزان ئېيىدا دۇئا ئىجابەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتورۇلمايدۇ: روزا توتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زولۇمغا ئوچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".

4- قەدرى كىچىسى رامىزان ئېيىدا بولىدۇ.

5- رامىزان ئېيىدا شەيتانلارنىڭ پوت - قوللىرىغا زەنجىر - كىشەنلەر سېلىنىدۇ.

6- رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە بارۋەر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونداق دەيدۇ: "رامىزاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ".

 

 

روزا

روزا تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ روزا توتۇشنى نىيەت قىلىپ كۈن ئولتۇرغىچىلىك يىيىش - ئىچىشتىن، جىنسى موناسىۋەتتىن ۋە بارلىق ئىپتار قىلدورغۇچى ئامىللاردىن ئۆزىنى ساقلىماغلىقتۇر. روزا ئىسلامنىڭ روكنىلىرىدىن بىر روكنىدۇر.

بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا، روزا توتۇشقا قادىر بولالايدىغان، سەپەرگە چىقمىغان ھەر قانداق موسۇلمانغا رامىزان ئېيىنى كۆرۇش ياكى شەئبان ئېيىنى تولۇق ئوتتۇز كۈن تاماملاش بىلەن روزا توتۇش پەرز بولىدۇ.

روزىدار كىشىگە روخسەت قىلىنغان ئىشلار

مىسۋاك قىلىش، سەپەرگە چىقىش، ھاۋا قىززىپ كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆزىنى سويۇتۇش، ئوكۇل سالدورۇپ داۋالىنىش (غىزلاندۇرىدىغان ئوكۇل بولمىسىلا)، كۆزىگە سۈرمە تارتىش قاتارلىق ئىشلار روزىدار ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردۇر.

روزىنى بوزىدىغان ئامىللار

جىنسى مۇناسىۋەت، يېيىش، ئىچىش، قان ئالدورۇش، زورلاپ ياندورۇش، ھەيز ۋە نىپاس قاتارلىقلار روزىنى بوزىۋىتىدۇ.

بالدۇر ئىپتار قىلىشنىڭ ياخشىلىقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "خەلق ئىپتار قىلىشقا ئالدىرسىلا داۋاملىق ياخشىلىق ئىچىدە بولىدۇ" (بوخارى، مۇسلىم).

نېمە بىلەن ئىپتار قىلىش كىرەك؟

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شام نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ھۆل مىۋىلەر بىلەن، ھۆل مىۋىلەر تېپىلمىسا خورمىلار بىلەن، خورمىلارمۇ تېپىلمىغاندا سو بىلەن ئىپتار قىلاتتى" (تىرمىزى)

ئىپتار دۇئاسى

ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلغاندا: "اﷲ خالىسا ئۇسسۇزلىق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ساۋاپ بىرىلدى" دەيتى. ( ئەبۇ داۋۇد).

ئىپتار ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتورۇلمايدۇ: روزا توتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زولۇمغا ئوچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".

ئىپتارلىق بەرگەن كىشىنىڭ ساۋابى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقىچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقىچىغا ئوخشاش ساۋاپ بىرىلىدۇ لېكىن روزا تۇتقىچىنىڭ ئەجرىدىن ھەرگىز كەمىيتىلمەيدۇ" (تىرمىزى)

تاراۋىھ نامىزى

تاراۋىھ رامىزاننىڭ كىچىلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن بىدار ئۆتكۈزۈشتۇر. ھەر ئىككى رەكئەت ناماز ئوتتۇرىسىدا جامائەت بىر ئاز ئارام ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناماز تاراۋىھ (يەنى ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش) نامىزى دەپ ئاتالغان. تاراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. تاراۋىھ نامىزىنىڭ قانچە رەكئەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلەمالارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشلىرى بار. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەھىسسالامنىڭ يولىغا ئويغۇن سۆز شۇكى، تاراۋىھ نامىزى ۋىترى نامىزىنى قوشماي سەككىز رەكئەت، ۋىترى نامىزىنى قوشقاندا ئون بىر رەكئەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ۋە ياكى باشقا ئايلاردا بولسۇن ئون بىر رەكئەتتىن زىيادە قىلمايتى" (بوخارى).

رامىزان ئېيىنىڭ كىچىلىرىنى ئىبادت بىلەن ئۆتكۈزۈش

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونى كەلسە كىچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئەھلىرىنى ئويقىسىدىن ئويغۇتۇپ قوياتتى، ئىشتان بېغىنى چىگىۋىتەتتى" (بوخارى, مۇسلىم).

نەپلە روزا توتۇش مۇستەھەب بولغان كۈنلەر

1- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا توتۇش. بۇ ئالتە كۈندە روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا توتقان بىلەن باراۋەردۇر.

2- دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا توتۇش. چۈنكى بۇ ئىككى كۈندە ئەمەللەر اﷲ تائالاغا توغرىلىنىدۇ.

3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا توتقان بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەردۇر. بۇ ئۈچ كۈن ھەر ئاينىڭ (يەنى ئاسماندىكى ئاينىڭ) ئون ئۈچ، ئون تۆت ۋە ئون بەشىنچى كۈنلىرىگە توغرا كىلىشى ئەلادۇر.

4- ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى توققۇز كۈنىدە بولۇپمۇ ھەجگە بارمىغانلار ئۈچۈن زۇل ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى روزا توتۇش ئەۋزەلدۇر.

5- مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا توتۇش.

روزا توتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر

1- شەك كۈنى روزا توتۇش. شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى شەك كۈنى ھىساپلىنىدۇ.

2- روزا ھېيت، قوربان ھېيت كونلىرى روزا توتۇش.

3- تەشرىق كۈنلىرى روزا توتۇش. زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 11-، 12-، 13- كۈنلىرى تەشرىق كۈنلىرىدۇر.

4- روزا توتۇشقا جۈمە كۈنىنى خاسلاشتۇرۋېلىش.

5- ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىزنىسىز نەپلە روزا توتىشى.

ئېتىكاف

ئىتىكافتا ئولتورۇش سۈننتتۇر. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىتىكافتا ئولتورۇش ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچىلىك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىتىكافتا ئولتۇراتتى".

سەدىقە پىترە

ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا توتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كاپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە پىترىنى پەرز قىلدى، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد).

سەدىقە پىترىنى ئۆز نامىدىن ۋە جوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال بارلىق ئائىلە ئەزالىرى نامىدىن تولۇق ئادا قىلىنىدۇ.

تەلىماتلار

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداش:

1- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن اﷲ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق توتۇڭ.

2- ئۆزرىسىز رامىزاننىڭ روزىسىنى بوزۋېتىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى روزىنى بوزۇش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

3- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن اﷲ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان كىچىلىرىنى (بولۇپمۇ قەدر كىچىسىنى) تاراۋىھ، تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.

4- ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل، دۇئايىڭىزنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈن يىمەك - ئىچمىكىڭىز ۋە كىيىم - كىچەكلىرىڭىز ھالالدىن بولسۇن.

5- روزى توتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن بەزى روزىدارلارغا ئىپتارلىق بىرىڭ.

6- ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ۋە اﷲ تائالانىڭ سىزنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭ.

7- سەدىقە - ئىھساننى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى رامىزاندىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر.

8- بىھۇدە ئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ. چۈنكى سىز ۋاقتىڭىزدىن بىر - بىرلەپ ھېساپ بىرىسىز.

9- رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلۋېلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا قىلغان ئۆمرە ھەج قىلغانغا بارۋەر بولىدۇ.

10 - روزىنى روھلۇق ھالدا تاماملىشىڭىز ئۈچۈن تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىنراق سوھۇرلۇق يەڭ.

11- اﷲ تائالانىڭ ياخشى كۆرشىگە ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىنلا ئىپتار قىلىشقا ئالدىراڭ.

12- ئىبادەتنى پاك ھالدا ئادا قىلىشىڭىز ئۈچۈن جونۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيىنۋېلىڭ.

13- قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ سىزگە شاپائەتچى بولىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇپ رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىڭ.

14- تىلىڭىزنى غەيبەت - شىكايەتتىن، يالغان سۆزلەشتىن، سوخەنچىلىكتىن، باشقىلارغا ئاراز بىرىشتىن ساقلاڭ.

15- كۆپ پىكىر قىلىپ ئاز سۆزلەيدىغان، خوش چىراي بولۇپ قاپاق تۈرمەيدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ چۈملىسىدىن بولىشىڭىزغا تىرىشىڭ.

16- شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ تەقۋالىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.

17- زىكرى - تەسبىھ، توۋبە - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇڭ، داۋاملىق اﷲ تائالاغا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھلىق تىلەپ، جەننەت ئاتا قىلىشىنى سوراڭ.

18- ئۆزىڭىز، ئاتا - ئانىڭىز، ئەۋلادلىرىڭىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىڭ.

19- ئىلگىركى خاتالىقلىرىڭىزغا پوشايمان ۋە توۋبە قىلىپ، ئىككىنچى ئونداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىڭىز ئۈچۈن قەتئى ئىرادە باغلاڭ.

20- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا توتۇڭ. كىمكى رامىزان ئېيىدا روزا توتقاندىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا توتىدىكەن يىل بويى روزا توتقاندەك بولىدۇ.

21- ئۆتكەن ۋە كىلىدىغان يىلىدىكى گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولشىڭىز ئۈچۈن زول ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى يەنى ئەرەفە كۈنى روزا توتۇڭ (ھەج ئۈستىدە بولمىسىڭىز).

22- بىر يىللىق گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولشىڭىز ئۈچۈن ئاشۇرا كۈنى يەنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا توتۇڭ.

23- ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرغىچىلىق ئىمان، تەقۋا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە داۋام قىلىڭ. «ساڭا ئۆلۈم يېتىپ كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». (قۇرئان كەرىم).

24- ھەقىقى توۋبە قىلىش، شەرىئەتكە مۇخالىپ ئادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى سىزدە روشون بولسۇن.

25- اﷲ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە كۆپ دۇئا - سالاملار ئوقۇڭ.

ئى اﷲ! بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كۈندىزلىرى روزا توتۇپ، كىچىلىرى ناماز ئوقۇپ، ئىلگىر- كىيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن.

ئى اﷲ! بىزنى رامىزان ئېيىدا روزا توتۇپ، تولۇق ئەجرىگە ئىرىشكەن، قەدرى كىچىسىنى تاپقان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇكاپىتىگە ئىرىشكەنلەردىن قىلغىن.

ئى اﷲ! ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى كەچۈرگىن.

ئى اﷲ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملىرىغا رەھمەت قىلغىن. (ئامىن).

 

* * *



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 1/8/2008م
 كىيىنكى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 8/8/2008م
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ