مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
ئاپتۇرى:نامەلۇم يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:7/14/2008 كۈرۈلدى:399قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم  قېرىنداشلار تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا مەككە مۇكەررەمەدىكى بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

 جۈمە نامىزى، خۇتبنى ئوقۇغان  مەسجىدىلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/سەئۇد بىن ئىبراھىم ئەششۇرەيم  جانابلىرى...

 

  ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"ئېھسان (يەنى ئاللاھ مېنى كۆرۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ دېگەن ھېسسىياتتا بولۇش) ئىنساننى يۈكسەك روھىي دۇنياغا كۆتۈرىدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

 

 ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

 

  ئىنسان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۈستىدە ئىنچىكە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولسا، مۆمىننى ئىسلام دىنىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئىنتايىن روشەن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.  ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە قارايدىغان بولساق خۇددى بۈگۈن، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نازىل بولغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئوچۇق، پەلسەپىۋى مۇجمەللىكمۇ يوق. مۇسۇلماننىڭ ھەقىقىتى ئۇ ئىگەللىگەن لەززەت، قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلەر بولماستىن بەلكى، روھىي ئۈستۈنلۈك بولۇپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى يۇقىرى كۆرەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىشنى خەلق ئاممىسى ياخشىلىق، رەھىمدىللىق دەپ چۈشىنىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەرخىل يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىش، خاتىمە بېرىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى  ئاللاھدىن قورقىدىغان، ئىپپەت نومۇسلۇق، ئىشەنچىلىك ياشلارنى يېتىلدۈرۈشتە.

 

كىچىك بالا قانداق تەربىيىلەنسە شۇ ئاساستا چوڭ بولىدۇ. ياخشى تەربىيىلەنسە ياخشى ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەكسىچە بولۇپ، تەربىيە ياخشى بولماي قالسا ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەت بېشىغا  بېشىغا بالايى-ئاپەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدا مۇنداق كەلگەن: " جىبرىل  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئېھسان توغرۇلۇق سوئال سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېھسان: سەن ئاللاھقا قىلىۋاتقان ئىبادىتىڭنى خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتتا قىلىشىڭ كېرەك، سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ." دېگەن. بۇ ئىپادە شۇنداق ئاجايىپ ئىخچام ۋە كۈچلۈك ئىكەنكى، شۇنچە قىسقا بىر قانچە كەلىمە سۆز ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئۇلى قۇرۇلىدىغان بىر بۈيۈك ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ. شەرىئەت ئۆزىنىڭ بارلىق قانۇن-قائىدىلىرى، ھايات مىزانى، يوليورۇقلار، سوت داۋا ئىشلىرى، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئائىلە تۈزۈملىرىنى شۇ ئاساستا بەلگىلەيدۇ.  شۇ ھەقىقەتنى بارلىق ئىنسان بىلىش كېرەككى ئاللاھ بارلىق ئاشكارا-مەخپى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر.

 

ئىنسان ئاللاھنى ئۆزىگە بارلىق ئىشلاردا كۆزەتچى بىلىپ شۇ پرىنسىپ بويىچە ماڭسا داۋاملىق ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بولغان بولىدۇ. ھېچقاچان تۇيۇقسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەيدۇ. ئىنسان ھېسسىياتىدا مېنى ئاللاھ كۆرۈۋاتىدۇ دېگەن تۇيغۇ بىلەن ئىبادەت قىلسا ئەلۋەتتە سەمىمىيلىك، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇنداق بولغاندا بەندىنىڭ ئىبادىتى ئاللاھدىن قاچقان كىشىنىڭ ئەمەس ئاللاھ تەرىپىگە قاچقان كىشىنىڭ ئىبادىتى بولىدۇ. ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەن تۇيغۇ بىزدە بولسا ئاللاھدىن ھەقىقىي قورقۇپ، ئاللاھنى تېخىمۇ ياخشى ئۇلۇغلاپ ئىبادەت قىلىمىز. بۇنداق ئىمان ئەڭ ئەۋزەل ئىمان ھېسابلىنىدۇ. ئېھسان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق تەبىقىسىدە ئوخشاش مەۋجۇت بولىشى كېرەك. مەسىلەن قازى ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەن تۇيغۇدا بولسا ھېچقاچان باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ. بەلكى ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ. ئىش ئەكسىچە بولۇپ قازى ئاللاھدىن قورقمىغان تەقدىردە يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ۋەقپىلەرنى ، مەسئۇللار بىلەن بىرلىشىپ يەيدۇ، پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئۆزى ھارام يېگەندىن سىرت باشقىلارغىمۇ ھارام يېگۈزىدۇ. 

 

شۇڭلاشقا ئېھسان بەك ئوچۇق بىر ئىش بولۇپ، مۇساپىسى ئۇزۇن يولدۇر. ئىنسانلار ئىھساننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنگەن تەقدىردە بارلىق ھاياتىدا كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ. ئەر ئۆيىدىن كۈن، ئاي، يىللاپ غايىپ بولۇپ قالىدۇ، ئەنەشۇ ئېھسان ئەر-ئايال  ھەر ئىككىسىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. ئالىم ئۈچۈن ئېھسان تولىمۇ مۇھىم. ئالىمغا كىشىلەر ئىنتايىن ئۇلۇغ كۆزدە قارايدۇ، شۇنىڭغا لايىق ئالىملاردا ئېھسان ئەڭ يوقىرى پەللىدە بولۇش كېرەك. ئالىم بولغان كىشى ئىلىم ئارقىلىق باشقىلارغا تەكەببۇرلۇق قىلىش، دۇنيادا مەنسەپ، ئىناۋەتكە ئېرىشىنى مەقسەت قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر. ئالىم ھەقىقىي ھالدا ئاللاھ مېنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ  دېگەن تۇيغۇدا خىزمەت قىلىدىغان بولسا ئالدىراپ پەتىۋا بېرىشنى يامان كۆرىدۇ. ئۇنىڭ باشقىلارغا ئۆگەتكەن بىلىمىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن كىشىلەر ھىدايەت تاپىدۇ. ئەكسىچە بولۇپ قالغان تەقدىردە بىر ئۆمۈر ئىلىم يولىدا ئۆتسىمۇ بىلىمى نە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدۇ، نە باشقىلارنى ھىدايەتكە باشلاپ ھەقنى كۆرۈپ، ھىدايەت تېپىشقا سەۋەپ بولا لايدۇ.

 

ئاللاھ بىزلەرنى ئىھساننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن ئامىن!



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5/7/2008م
 كىيىنكى ماقالە :ئىسلامنىڭ بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن بولىشى
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ