مەرىپەت تور بېكىتى->كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا

كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ئاپتۇرى:نامەلۇم يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:7/4/2008 كۈرۈلدى:193قېتىم

   ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرگە، خەلقئارالىق ئىسلام ئويغوتۇش ھەرىكەتلىرىگە نەزەر سالغان كىشى ئىسلامنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، اﷲ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ بىشارىتىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.

غەلبىنىڭ، اﷲ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمىلىلىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىق مۇسۇلمانلار ئاممىسى بولۇپمۇ ئىسلام ياشلىرى "نەبۇۋەت يولى" غا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇلار تەۋھىد ئەقىدىسىنى مۇستەھكەملەش، شىرك ئەقىدىدىن ساقلىنىش، اﷲ تائالانىڭ دوستلىرىنى دوست توتۇش، دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن توتۇشتىن ئىبارەت پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دۇچ كەلگەن بارلىق مەسىلىلىرىگە اﷲ تائالانىڭ كىتابىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشقا، تەپرىقچىلىق، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، اﷲ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىشقا، بىدئەتلەردىن يىراق تورۇشقا چاقىرماقتا. سەلەف سالىھلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، تەۋەررۈك مىراسلىرىغا قونغان چاڭ توزانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا تىرىشماقتا.

   خەلقئارالىق ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ جاللىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى ھەر خىل ھىلە - مىكىرلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ ھەرىكەتكە زەربە بېرىشكە باشلىغان ۋە ئىسلام ئۈممىتى ئەمدى قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ لېكىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەقىقەت يولىدا جان - مېلىنى پىدا قىلىدىغان ئىسلاھاتچى ئالىملار باش كۆكۈرۈپ چىقىپ، دۈشمەنلەرگە جەڭ ئىلان قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن قەلىپلەرگە اﷲ تائالانىڭ تۆۋەندىكى مۇبارەك سۆزلىرى ئارقىلىق قايتىدىن ئۈمىت بېىغىشلىماقتا:

اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

   «اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ». (سۈرە يۈسۈپ 87- ئايەت).

   «اللە قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ». (سۈرە تالاق 7- ئايەت).

   «ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) اللە يامغۇر  ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، اللە (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر». (سۈرە شۇرا 28- ئايەت).

   «اﷲ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ». (سۈرە يۈسۈف 21- ئايەت).

   دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان پىداكار قىز - يىگىتلەر ئىمان كارۋىنىغا قوشۇلۇپ، اﷲ نىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا بارلىقىنى تەقدىم قىلغان، بۇ يولدا يەتكەن ھەر خىل قىيىن - قىستاق، ئازاپ - ئوقۇبەتلەرگە سەبر قىلغان، اﷲ نىڭ غەلىبە ئاتا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا اﷲ نىڭ كىتابىغا، دىنىغا قايتىشقا چاقىرماقتا.

   ئىمان، تەۋھىد قوشۇنلىرىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا پۈتۈن دونيا ئاۋاز قوشماقتا.

   «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن». (سۈرە ئال ئىمران 193- ئايەت).

   مىسىر، تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قەتەر كۇۋەيت، شام، ماراكەش، سۇدان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى، ھەتتا ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى ئىسلام ياشلىرى ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ بولغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، اﷲ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە يۈزلەنمەكتە.

 

ئامېرىكا قوشما شتاتىدىكى سان فرانسىسكۇ مەيدانىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ياشلار

 

 

دېڭىز بويىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ياشلار

   خەلقئارالىق ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا، دۈشمەنلەر بۇ ھەرىكەتنى يوقىتىش يولىدا بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ھەركەت تېخىمۇ جانلىنىپ ئەتراپتىكىلەرگە اﷲ تائالانىڭ مۆمىن بەندىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى بىلەن بىشارەت بەرمەكتە.

   اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

   «مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اللە ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى». (سۈرە سەف 9- ئايەت).

   روشەن بېشارەتلەر:

   شەدداد بىن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "اﷲ تائالا ماڭا زېمىننى قاتلاپ بەردى، مەن زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىنى كۆردۈم، ئۈممىتىم چوقۇمكى، مەن ئۈچۈن قاتلانغان زېمىنلارغا  ئىگە بولىدۇ " (مۇسلىم رىۋايىتى 2889)

   تەمىم بىن ئەۋس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "بۇ ئەمر (يەنى ئىسلام دىنى) چوقۇمكى، كىچە - كۈتكۈز يەتكەن يەرلەرگە يىتىپ بارىدۇ، اﷲ تائالا بۇ دىننى ئەزىزنىڭ ئىززىتى، خارنىڭ خارلىقى بىلەن  خىش ياكى چېدىر ئۆيلەردىن   بىرنىمۇ قويماستىن بارلىق ئۆيلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ تائالا ئەزىز كىشى بىلەن ئىسلامنى ئەزىز قىلىدۇ، خار كىشى بىلەن كۇفرىنى خار قىلىدۇ" (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 4/130).

ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ جددىلىشىشىدىن، ھودۇققىنىدىن ئۇلارنىڭ ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ھالاكەت ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئاشكارە بولماقتا. ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى، مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىتى، ئەقىدىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بىر تۈركۈم رەقىبلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەزى ئورۇنلاردا ئۆز ئارا قىلىشقان سۆزلىرى ئىسلامنىڭ ئىززەتكە ئىرىشىش ۋاقتىنىڭ يېىتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزى سۆزلىرىنى نەقلى قىلىپ كەلتۈرىمىز:

   ئىسرائىلىيە گەۋدىسىنى تەشكىللىگۈچى بىن گوريۇن مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كومىنىستلاردىن، ئىنقىلاپچىلاردىن، دىمۇكراتچىلاردىن قورقمايمىز، بىز پەقەت ئوزۇن زامانلار ئۇخلاپ قالغان لېكىن ھازىر ئويغىنىشقا، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان بۇ پەلۋاندىن - يەنى ئىسلام دىنىدىن قورقىمىز"

 

ئىسرائىلىيە گەۋدىسىنى تەشكىللىگۈچى بىن گوريۇننڭ سۈرىتى

   يازغۇچى يەھۇدى شەئيا بومان ئەندىشە ئىچىدە مۇنداق دەيدۇ: " ياۋرۇپا ئەللىرى مەككە مۇكەررەمەدە زوھۇر قىلىپ، ئەگەشكۈچىلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، تىز سۈرئەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭىيىۋاتقان ئىسلام دىنىگە دىققەت قىلىشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىھاد ئسلامنىڭ مۇھىم رۇكنىلىرىدىندۇر. شۇڭا يارۇپا ئەللىرىنىڭ داۋاملىق ئاگاھ بولىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر".

   سەرىقشۇناس شاتلى مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلامنىڭ شەۋكىتىنى سۇندۇرماقچى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتىنىڭ، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان ئىسلام ئەقىدىسىنى يوقاتماقچى بولساڭلار پۈتۈن كۇچىڭلارنى ئىسلام ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مۇقەددەس كىتابى بىلەن پەخىرلىنىش روھىنى ئۆلتۈرۈشكە قارىتىڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈش ئۆزەڭلەرنىڭ تارىخ، مەدىنىيىتىڭلارنى نەشر قىلىش، ئىباھىيەت (لىبېرالىزىم) روھىنى نەشر قىلىش ۋە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ياشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى يوقۇتۇش قاتارلىقلار بىلەن ھاسىل بولىدۇ"

   ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسلام دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى دوكتۇر لىندۇن ھارىس مۇنداق دەيدۇ: "ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسلام بۇ قىتئەدە خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ۋە ئەڭ ئېغىر تەھدىد بولىۋاتىدۇ".

   ئەرەب ھازارىتى، مىسىر ھازارىتى، ئوندولىستىكى ئەرەب ھازارىتى قاتارلىق بىر قانچە كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان، شەرق ھازارەتلىرى تەتقىقاتچىسى، فرانسىيىلىك دوكتۇر گۇستاف لوبۇن مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەب ھازارىتىمۇ ئىلگىركى ھازارەتلەرگە ئوخشاش ئۆز نوپۇزىنى يوقاتقان بولسىمۇ لېكىن باشقا دىنلار كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نوپۇزىنى ساقلاپ كەلمەكتە. قۇرئان كەرىمنى بىر خىل تىلدا تىلاۋەت قىلش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمەگە يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئسلام مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئۇلاردىكى پائالىيەت بىرلىكى بىر كۈنلەردە ئۇلارنى بىر بايراقنىڭ ئاستىغا قايتا يىغمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ".

   تارىخ تەتقىقاتى دېگەن ئون ئىككى قىسىملىق مەشھۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى

 

  ئەنگىلىيىلىك ئارنولد تويىنبى نىڭ سۈرىتى

 ئەنگىلىيىلىك ئارنولد تويىنبى (Arnold Toynbee) مۇنداق دەيدۇ: "توغرا، ئىسلام بىرلىكى ھازىرچە ئوخلاۋاتىدۇ، ئوخلاپ قالغانلارنىڭ ھامان ئويغىنىدىغانلىقىنى ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم. غەرب نوپۇزىغا قارشى تورۇش چاقرىقى ھامان ئىسلامنىڭ كۆرەش روھىنى ئويغۇتۇپ قويىشى مۇمكىن. ئىسلام بىرلىكى ئەسھابۇلكەھفىدەك ئوخلىغان تەقدىردىمۇ خەلقئارادىكى بۇ چاقىرىق ئىسلام قەھرىمانلىقىنى ئويغۇتۇپ قويىشى تەبىئى. بۇنىڭدىن ئىلگرىمۇ ئىسلام غەرپنىڭ نوپۇزىغا ئىككى قېتىم  تارىخى خارەكتىرلىك زەربە بەرگەنئىدى (ئىسلام، توغرا يول توتۇپ ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدە سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى يۇناننىڭ تەخمىنەن مىڭ يىل داۋاملاشقان ئىشغالىيىتىدىن ئازات قىلغان. ئىككىنچى قېتىم ئىسلام، نورىددىن، سالاھىددىنلەر دەۋرىدە سەلىب ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ھۆجىمى ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەلئەسىنى ساقلاپ قالغان). خەلقئارادا ھازىر يۈز بىرۋاتقان ئېرقى ئورۇشلارنى توختۇتىشتا ئىسلام يەنە بىر قېتىم تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرىشى مۇمكىن".

   تارىخ ئىلمى بوسۇغىسىى ئالدىدا دېگەن بەش توملۇق مەشھۇر كىتاپتىڭ مۇئەللىپى جورج سارتون مۇنداق دەيدۇ: "ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى خەلقلەر يوناندىن ئىلگىرى ئاز دېگەندە ئىككى مىڭ يىل، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۆت يۈز يىل دونياغا ھۆكمىران بولغان خەلقدۇر. شۇڭا ئۇلارنى كىلىچەكتە (مەيلى يېقىن مەيلى يىراق بولسۇن) دونياغا ئىككىنچى قېتىم ھۆكمىران بولالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ".

   ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەب خەلقىنى ئەجدادلىرىنىڭ يولىغا قايتىپ دونياغا يەنە بىر قېتىم ھۆكمىران بولالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دونياغا قايتا ھۆكمىران بولىشى ئاسان ئىش بولمىسىمۇ لېكىن بۇ مۇمكىنچىلىكى بار ئىشتۇر".

   ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ماددى تەرەققىيات ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە باشلايدىغان تەرەققىيات بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ  مۇتلەق تەرەققىيات دېگىلى بولمايدۇ. دىن، ئىلىم - پەن، ئىخلاس، مۇھەببەت، ئادالەت ئۈستىگە ئۈستىگە قورۇلغان تەرەققىيات ھەقىقى توغرا تەرەققىياتتۇر... ".

   مۇھەممەد ۋە قۇرئان، ئىسلامنىڭ ھازىر ۋە كىلىچىكى دېگەن كىتاپلارنىڭ مۇئەللىپى، جەنىف ئورۋېرسسىتىدىكى شەرق تىللىرى ئۇستازى مىسيو مونتە مۇنداق دەيدۇ: "ئافرىقىدا ئىسلام بىلەن رىقابەتلىشەلگىدەك باشقا دىنلار بولمىغانلىقتىن بولسا كىرەك، ئۇ يەردە ئىسلام ناھايىتى تىز سۇرئەت بىلەن كېڭەيمەكتە...".

   يۇقاردىكىلەردىن باشقا  يەنە ئىسلامنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېىتىپ كىلىۋانقانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان نورغۇن ئىشارەتلەر بار بولۇپ، بۇلارمۇ ھەم  كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇنىڭ اﷲ تائالا تەرىپىدىن يەر شارىغا جۈشۈرۈلگۈن ھەق دىن ئىكەنلىكىنى، كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىلمى پاكىتلار بىلەن چۈشۈنگەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئىسلامغا يۈزلەنمەكتە.

   تۆۋەندە مىسال تەرىقىسىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختولۇپ ئۆتىمىز:

   خىرىستىيان ئائىلىسىدە توغۇلۇپ ئۆسكەن، ھاياتدا ئىسلامغا قارشى نورغۇن كىتاپلارنى يېزىپ، نورغۇن سورۇنلاردا ئىسلامنى ئېيىپلەپ نوتۇق سۆزلىگەن خىرىستىيان ئالىمى ئىبراھىم خەلىل فلوبوس مۇنداق دەيدۇ: "بىر كۈنى خىرىستيانلار قورۇلتېيىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىندىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىسلامغا قارشى ئېيتىلغان كونا - يېڭى بارلىق ماقال - تەمسىللەرنى كەلتۈرۇپ، ئوزۇن سۆز قىلدىم، سۆزىمنى ئاخىرلاشتورۇپ، سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن مەندە: مەن بىر ئۇستاز تورۇپ نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلىدىم دېگەن سۇئال پەيدا بولدى. روھى ھالىتىم ياخشى بولمىغانلىقتىن قورۇلتاي تۈگەشتىن بورۇن قايتىشقا ئىزنى سورىدىم، كۆڭلىم غەش ھالدا يىغىن زالىدىن چىقىپ ئۆيىم تەرەپكە ماڭدىم، ئىچىم سىقىلىپ، قەلبىمنىڭ تەۋرىنۋاتقانلىقىنى سەزدىم، ئۆيگە كىلىپ خاس كىتاپخانەمدە قورئان ئوقۇش، پىكىر قىلىش بىلەن بىر كىچىنى  ئۆتكۈزدىم، قۇرئان كەرىمدىكى: «ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ اللەدىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (اللەنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىىمىز» دېگەن ئايەت ئۈستىدە ئوزۇن توختالغاندىن كىيىن شۇ كىچىسى ھايات قارارىمنى قايتىدىن بەلگىلەپ موسۇلمان بولدۇم، كىيىن ئائىلە ئەزالىرىمۇ موسۇلمان بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، پەلسىپىدە دوكتۇرلۇق ئونۋانىگە ئىرىشكەن، سوربۇن ئونۋېرسىتېتىدا ئوستاز بولۇپ ئىشلەۋاتقان چوڭ ئوغلۇم ئوسامە ئىسلامغا ناھايىتى قىزغىن موئامىلىدە بولدى. ئۇلارنىڭ موسۇلمان بولىشى بىلەن مۇسۇلمانلار ئائىلىسىگە يەنە بىر ئائىلە قوشۇلدى".

   ئامرىكىدىكى ئونۋىرسېتېتلارنىڭ بىرىدە قانوندىن دەرس بىرىدىغان مىسىرلىق بىر ئوستاز مۇنداق دەيدۇ: "بىر كۈنى قانون ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانئىدۇق، قانون ئوستازلىرىدىن بىر يەھۇدى ئۇستازمۇ بىز بىلەن بىرگە بۇ سۆھبەتكە قاتناشقانئىدى. ئۇ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە سۆز ئېچىشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى توختۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن: ئامرىكا دەستۇرىدىكى مىراس قانۇنىڭ ھەجمىنى بىلەمسىز دەپ سورىدىم، ئۇ: بىلىمەن ئۇ سەككىز تومدىنمۇ كۆپرەك كىلىدۇ دەپ چاۋاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا: ئون قوردىن ئوشۇق كەلمەيدىغان مىراس قانونىنى سىزگە ئېيتىپ بەرسەم، ئىسلامنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ دېدىم، ئۇ: بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دېدى. مەن ئۇنىڭغا قورئان كەرىمدىكى مىراس ئايەتلىرىنى تەقدىم قىلدىم، ئۇ بىر قانچە كۈندىن كىيىن يېنىمغا كىلىپ: توققانچىلىق ئالاقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ، ھېچكىمنى ئونتۇلۇپ قالماي، ھېچكىمگە زولۇم قىلماي بونداق ئادالەت بىلەن مىراس تەقسىم قىلىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىغە سىغمايدىغان بىر ئىشتۇر دېدى ئاندىن كىيىن بۇ كىشى موسۇلمان بولدى".

   پەقەت مىراس ئايەتلىرىلا بۇ يەھۇدى ئادەمنى ئسلامغا قانائەتلەندۈردى.

   1856- يىلى توغۇلۇپ، 1887- يىلى موسۇلمان بولغان، ئىسلام ئەقىدىسى، ياخشى جاۋاپلار دېگەن كىتاپلارنى تەئلىپ قىلغان، ئەنگىلىيىلىك مۈتەپەككۈر شەيخ ئابدۇللاھ گويلىيام مونداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىم ھىكمەتلىك كىتاپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئوسلۇبلىرىنىڭ بەدئىلىكىگە، ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەرگە ئىنچىكلىك بىلەن نەزەر سالغان كىشى، قۇرئان كەرىم نازىل بولغىلى بىر مىڭ تۆت يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ خۇددى مۇشۇ ئەسىردە  نازىل قىلىنغاندەك ھازىرقى زامانغىمۇ ماس كىلىدىغانلىقىنى، قىسقا ۋە ئاسان بولىشى بىلەن بىرگە مول مەزمۇنلۇق، بالاغەت - پاساھەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر قانداق زامان ۋە ماكانلارغا ماس كىلىدىغانلىقىنى، يېزىقچىلىق سەنئىتى تەرەققى قىلغان زامانلاردىمۇ ئۇنىڭدىكى بالاغەت، پاساھەت قۇدرىتىنىڭ ئاقىللارنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىھتىياجىدىن چىقىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ دونيا - ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ ".

   خىرىستىئان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن، پەلسەپە ئىلمىگە ئاشىق بولۇپ كاناداغا سەپەر قىلغان، ئۇ يەردە ئوقۇش جەريانىدا ئىسلام دىنى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نىجرىيىدىكى ئالى مەكتەپتە مۇدەررىس بولۇپ ئشلىگەن ئائىشە بىرجېت ھونى Honey  Ayesha Bridgetمۇنداق دەيدۇ: "غەرب دونياسى بۈگۈنكى كۈندە زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، غەرب ھازارىتىنىڭ ئىنسانىيەتنى بۇ زۇلمەتتىن قوتقۇزالىشىدىن ئۈمىت يوق. غەرب جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقى ۋەزىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلەر ماددى تەرەققىيات چاقمىقى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خەلقئارالىق بۇ ئەندىشىنى بايقىماقتا. خەلقلەر ئۆزلىرىنى قورشاپ تورىۋاتقان بۇ ئۆتكەللەردىن قوتقازغۇچى ئۈستىدە ئىزدەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى نەتىجە بەرمەيدىغان ئىزدىنىشتۇر... جەسەت بىلەن روھنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىسلام ئوتتۇرغا قويغان تەڭپۇڭلۇق بۈگۈنكى كۈنلەردە كۈچلۈك تەسىر قوزغيالىشى مۇمكىن. غەرب ھازارىتىگە نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە، غەربلىكلەرگە ھاياتنىڭ ھەقىقى سۈرىتىنى تەقدىم قىلىشقا، ئۇلارنى اﷲ رازىلىقى يولىدا كۆرەش قىلىشقا قانائەتلەردۈرۈشكە پەقەت ئىسلام دىنىلا قادىردۇر".

    سەھرا ئەلچىسى، ئەلئەسۋاتۇلئامىرە دېگەن مەشھۇر كىتاپلارنىڭ مۇئەللىپى كوفھى لال گابا  K. Lal Gaba  مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلامدا ھازىرقى ئەسىر ئىنسانلىرىنىڭ بارلىق ئىھتىياجلىرىنى قامداش تاقىتى بار. بۇ يەردە ئىسلامغا ئوخشاش يېڭى ئەسىر مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلىشقا قادىر بولالايدىغان باشقا بىر دىن يوق. مەسەلەن: بۈۇۈنكى كۈندە قېرىنداشلىق، باراۋەرلىككە دونيا ئەڭ ئىھتىياجلىقتۇر، بۇنىڭغا ئوخشىغان پەزىلەتلەر پەقەت ئىسلامدىلا تېپىلىدۇ".

   "شەكسىزكى، ئىسلام ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل دىندۇر. باشقا دىنلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بىكار قېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا مەسجىدلەرنىڭ مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ ياشلار بىلەن كۈندە بەش قېتىم تولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەپ تورىۋاتىمىز. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئىلگىركىدەك ياخشى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئىسلام مۇسۇلمانلار ھاياتىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرگەن, ھەتتا موسۇلمانلارنىڭ بارلىق پائالىياتلىرىنى ئۆز كونتىرۇللىقىغا ئالغان. ھازىرقى ئەسىر ئىنسانلىرىنىڭ بارلىق مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغان ئىسلامدىن باشقا يەنە بىر دىن يوق. بۇ پەقەت ئىسلامنىڭلا ئالاھىدىلىكىدۇر".

   مانا شۇنىڭغا ئوخشاش قورئان كەرىم ئايەتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، كائىناتنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرى، ئىنساپ ئىگىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، قورقۇنچاق ھەسەتخورلارنىڭ دەرد - پەرياتلىرى، تۆھمەتخورلارنىڭ سۆز - چۆچەكلىرى بىزنى شەكسىزكى، كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپدۇر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىرلا نەتىجىگە باشلايدۇ.

   ھەيرانلىق، گاڭگىراش ئىچىدە ياشاپ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە دەيمەنكى، شەكسىزكى، كىلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپدۇر. ئىسلامغا يۈزلىنىڭلار!.

   قورقۇنچاق ھەسەتخورلارغا دەيمەنكى، شەكسىزكى، كىلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپدۇر. نىجاتلىق پەقەت ئىسلامدا. نىجاتلىقىڭلارنى ئىسلامدىن ئىزدەڭلار!.

   كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە چىن ئىشەنگۈچىلەرگە دەيمەنكى، شەكسىزكى، كىلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپدۇر. اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. تەۋرەنمەڭلار، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تورۇڭلار!.

 

                                  مەككە - مۇكەررەمە

                                     2008  - يىلى 10ئىيول



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ئېھسان ۋە بەخت - سائادەت
 كىيىنكى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5/7/2008م
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ