مەرىپەت تور بېكىتى->ئېھسان ۋە بەخت - سائادەت
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→ئېھسان ۋە بەخت - سائادەت

ئېھسان ۋە بەخت - سائادەت
ئاپتۇرى:نامەلۇم يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:7/4/2008 كۈرۈلدى:188قېتىم

   اﷲ تائالانىڭ كىتابىدىكى يوقسىز - موھتاجلارغا ئىھسان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدىغان بۇ ئايەت كەرىم ئىنساننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. اﷲ تائالا بۇ ئايەت كەرىمدە اﷲ يولىدا مال - مۈلكىنى سەرپ قىلغانلارغا قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدىغانلىقىنى يەنى ئۇلارنىڭ بەخىت - سائادەتكە ئىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

   « اﷲ نىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. اﷲ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، (اﷲ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى) بىلگۈچىدۇر. پۇل- مېلىنى اﷲ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىداساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ».[سۈرە بەقەرە: 261-262- ئايەتلەر].

   شۇنىڭغا ئوخشاش ئىھسان بىلەن ئىنساننىڭ دونيا - ئاخىرەتلىك بەخىت سائادىتىنىڭ ئوتتۇرىسىنى باغلايدىغان ئايەتلەر ناھايىتى كۆپدۇر. ئىلمى ژورناللاردا نەشر قىلىنىۋاتقان يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئويغۇنلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بى بى سى تور بېتىدە بۇ ئىلمى خەۋەر ھەققىدە توختولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىھسان بىلەن ئىنساننىڭ دونيا - ئاخىرەتلىك بەخىت سائادىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئالاقىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ يەردە بى بى سى تور بېتىدىكى بۇ ئىلمى خەۋەرنىڭ تىكىستلىرىنى ئەينەن نەقلى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئايەت كەرىم ياكى ھەدىس شېرىفلەر ئارقىلىق بەزى تەلىقلەرنى بىرىپ ئۆتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

   كانادالىق تەتقىقاتچىلار كۆپلەپ مال - دونيا يىغىش بىلەن بەخىت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بەلكى باشقىلارغا خەير - ئىھسان قىلىشنىڭ ئىنساننىڭ بەخىت - سائادەت تويغۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كولۇمبىيە بىرىتىش ئونۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار گورۇپىسى باشقىلارغا بەش دوللار بولسىمۇ خەير ئىھسان قىلىشنىڭ ئىنساندا سائادەت تويغىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

   بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ئاز بولسىمۇ خەير ئىھسان قىلىپ تورىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇنى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭلار" دېگەن سۈزىدە ۋە شەپقەتلىك، مېھرىبان اﷲ تائالا: «باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا (نەپىقە ئىھسان) قىلسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم اللەنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا (نەپىقە ئىھسان) قىلسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). اللە ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، اللە قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)»دېگەن سۈزىدە تەكىتلىگەن ئەمەسمۇ؟!

   تەتقىقات نەتىجىلىرى ئايلىق مائاشلىرىدىن باشقىلارغا خەير ئىھسان قىلمىغان خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا پاشقىلارغا خەير ئىھسان قىلىپ تورغان خىزمەتچىلەرنىڭ  بەخىت - سائادەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

   قېرىنداشلار! مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقات تەنىجىلىرىدۇر. ئىھسان  بىلەن  بەخىت -  سائادەت ئوتتۇرىسىدا قانداق ئالاقە بارلىقى ھەققىدىكى اﷲ تائالانىڭ  خەۋەرلىرىگە قاراڭلار.

  

  «ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير- ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ».  [البقرە: 274]

  

   «ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ».[الرچمن: 60].

   تەتقىقاتچىلار گورۇپىسى مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان 16 كىشىنىڭ كېرىم - چېقىملىرى ئۈستىدە توقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرش نەتىجىسى كېرىمنىڭ مىقدارىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇنىڭ قانداق خىراجەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇلار، تاپقان، تەرگەنلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىھىتىياجىغا سەرىپ قىلغانلارغا قارىغاندا ئىقتىسادىنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارغا  خەير - ئىھسان قىلغانلارنىڭ ئۆز ئىقتىسادلىرىدىن كۆپرەك پايدىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

   بۇ نەتىجە، پۇل - ماللىرىنى خەير - ئىھسان قىلىپ تورغانلارنىڭ ھەرگىز زىيان تارتمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ كەمىيىپ كەتمەيدىغانلىقى بەلكى تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇنى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: " سەدەقە قىلغانلىقتىن مال - مۈلۈك كەمىيىپ كەتمەيدۇ" دېگەن سۆزىدە تەكىتلىگەن ئەمەسمۇ؟!. يەنى خەير - ئىھسان قىلغان مال - مۈلكىڭىز ھەرگىز كەمىيىپ كەتمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. چۈنكى باشقىلارغا خەير ئىھسان قىلىش سىزگە سائادەت تويغىسى بىرىپ، تېخىمۇ ئەۋزەل شەكىلدە مال - دونياغا ئىرىشىش ھەققىدە توغرا پىكىر قىلىش يولىنى تەقدىم قىلىدۇ.

   اﷲ تائالا خەير - ئىھسان قىلغۇچىلارنىڭ مال - مۈلىكلىرىنى كۆپەيتىپ بىرىشكە ۋەدە بىرىپ مۇنداق دەيدۇ:

  

   «كىمكى اﷲ غا قەرزي ھەسەنە بېرىدىكەن ( يەنى اﷲ نىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. اﷲ (سىناش ئۈچۈن, بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلسىلەر». [البقرە: 245].

   دونيادىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرى بولغان بىل گىتس ئەپەندىنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇغان بولىشىمىز مومكىن. ئۇ بايلىقىنىڭ كۆپ بىر قىسمىنى يەنى نەچچە ئون مىليارت مەبلىغىنى ئىھسان قىلىشنى قارار قىلغان. چۈنكى ئۇ، بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلغان.

 

 

 

   تەتقىقاتچىلار يەنە 36 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گورۇپپا تەيىن قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدە نوقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ گورۇپپىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا 20 دوللاردىن مەبلەغ بەرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بىرىلگەن پوللارنى شۇ  كۈنى كەچ سائەت 5 بولغاندا خىراجەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، گورۇپ ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن بىرىلگەن پوللارنى باشقىلارغا ئىھسان قىلىشنى، يەنە بىر يېرىمىدىن بىرىلگەن پوللارنى ئۆزلىرىگە خىراجەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پوللارنى ئۆزلىرىگە خىراجەت قىلغانلارغا قارىغاندا، باشقىلارغا ئىھسان قىلغانلارنىڭ شۇنى كۈننى زور بەخىت ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئىسپاتلانغان.

   بۇ، قايسى ئوسۇلدا مال -  مۈلىككە ئىرىشىشنى بىلىشنىڭ مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش مال -  مۈلكنى قايسى ئوسۇلدا سەرپ قىلىشنى  بىلىشنىڭمۇ  مۇھىم ئىكەنلىكىگە دەلىلىدۇر.

   بۇ يەردە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا، ئۇ بىر قوي ئىھسان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر تاغىقىنى ئېلىپ قويۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! پەقەت بىر تاغىقىدىن باشقا قوينىڭ ھەممە يېرى تۈگىدى دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بەلكى تاغىقىدىن باشقا قوينىڭ ھەممە يېرى قالدى" دېگەنلىكىنى ئىسىمىزگە ئالىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ئۆيدە قالدورۇپ قويغىنىدىن ئۇنى ئىھسان قىلىۋېتىشنى ياخشى كۆرەتتى. مانا بۇ، ئالىملار بۇگۈنكى كۈندە كەشپ قىلغان بەخىت - سائادەت سىرلىرىدىن بىر سىردۇر.

   تەتقىقاتچىلار بۈگۈن مۇھتاجلارغا ئىھسان قىلىش پۇل - مال تېپىشنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئىھسان رىزقىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىندۇر. بۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ ئالاھىدە  تەكىتلىنىدۇ:

   اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

   «ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل- مالدىن (اﷲ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ». [نفال: 3-4].

   پىرەففىسۇر ئىلىزابىس مۇنداق دەيدۇ: "بەخىت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە مال - دونيانى ئۆز نەپسىگە خىراجەت قىلغاندىن باشقىلارغا ئىھسان قىلىشنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ". دوكتۇر جورج فىلدمان مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلارغا خەير ئىھسان قىلىش سىزنىڭ ئەۋزەل شارائىتتا ئەكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۈستۇن بىلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھۆرمەت نەزىرىگە سازاۋەر بولىسىز". ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "خوسۇسى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مېنىڭ سىزگە بىر نەرسە تەقدىم قىلىشىم سىزنىڭ ماڭا  دۈشمەنلىك قىلىش ئىھتىماللىقىڭىزنى ئازايتىپ، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىھتىماللىقىڭىزنى كۆپەيتىدۇ".

   ئىلگىركىلەر ئىخچام بىر نەسىھەتنى قالدورۇپ مۇنداق دېگەن: "سىزگە نەسىھەتكى، (ھەققىنى ئادا قىلماستىن) مال - دونيا  يىغماڭ". بۇ يەردە ئىلاھىي ئاگاھلاندورۇشنى ئسىمىزگە ئالمىز:

   اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئالتۇن- كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى اﷲ نىڭ يولىداسەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: « بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلار ( سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن- كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار » دېيىلىدۇ». [التوبە: 34-35].

   شەپقەتلىك، مېھرىبان اﷲ بىزنىڭ بەخىت – سائادەتىمىزنى كۆزدە تەتۇپ، مال - مۈلكىمىزنىڭ زاكىتىنى بىرىشنى پەرز قىلدى. ياخشىلىق ۋە ئىلىم يوللىرىغا سەرپ قىلىنمايدىغان مال - مۈلىك يىغىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى. قېرىنداشلار! بۇ دىننىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئولۇغلىقىنى ئىزھار قىلىشنى نىشان قىلىدىغان قۇرئان كەرىم تەتقىقات ئىشلىرىغا خىراجەت قىلىشىمىز بۇ ئەسىردىكى خىراجەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھېساپلىنىدۇ.

   بۇ ئايەتلەرگە نەزەر سالايلى:

   «ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (اللەنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى اللە تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»». [سبۆ: 39].

   «اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، اللە سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ». (سۈرە ھەدىد 7- ئايەت).

ــــــــــــــ

بقلم ىبد الداېم الكچيل

www.kaheel7.com



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 28/6/2008م
 كىيىنكى ماقالە :كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:9ئادەممېھمان:9ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ