مەرىپەت تور بېكىتى->ناماز ھەققىدە سوئال - جاۋابلار
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→ناماز ھەققىدە سوئال - جاۋابلار

ناماز ھەققىدە سوئال - جاۋابلار
ئاپتۇرى:نامەلۇم يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:6/12/2008 كۈرۈلدى:286قېتىم

1- قىبلىنى تاپالمىغان چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: سەپەر ئۈستىدە قاراڭغۇلۇق ياكى ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن قىبلە تەرىپىنى بىلەلمىگەن كىشى قىبلىنى سوراپ بىلىشكە ئادەم تاپالمىغان ياكى كومپاسقا ئوخشاش تەرەپلەرنى كۆرسەتكۈچ سايمانلىرىمۇ بولمىغان شارائىتتا، قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئۆز قانائىتىگە كۆرە قىبلە تەرەپنى بەلگىلەپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ »قىبلە« دەپ ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرىپى قىبلە ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان ھالدىمۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇستۇر. ئۇنى قايتا ئوقۇمايدۇ.

ئەمما ئۇ كىشى، ئۆز قانائىتىگە كۆرە قىبلە دەپ بەلگىلەپ ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇۋاتقان ئەسنادا، قاراپ ناماز ئوقۇۋاتقان بۇ تەرەپنىڭ قىبلە ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىپ، ھەقىقىي قىبلە ئۇ كىشىگە ئايان بولغان شارائىتتا، ئۇ، نامىزىنى بۇزماستىن، نامازدا تۇرۇپ، »قىبلە« دەپ بىلىنگەن تەرەپكە چۆرۈلىدۇ. ئەگەر قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنمەستىن، قايسىبىر تەرەپنى »قىبلە« دەپ گۇمان قىلىپ ناماز ئوقۇغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرىپىنىڭ قىبلە ئەمەسلىكى بىلنسە، ئۇنىڭ نامىزى باتىلدۇ. قايتا ئادا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. [نور الإيگاچ ونجاە الۆرواچ 18 - بەت]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېينمۇ ― مەككىدىكى ئادىتى بويىچە ― ئون يەتتە ئاي پەلەستىندىكى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. يەھۇدىيلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى »ئۇ بىزگە ئەگىشىدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قىبلىمىزگە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ« دەپ ئەيىبلەشكە باشلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى پەرىشان بولىدۇ. كېىچىلىرى سىرتقا چىقىپ ئۇپۇققا قاراپ، قىبلە ھەققىدە ئاللاھ تائالادىن بىرەر ۋەھىي كۈتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن مەدىنىدىكى بەنى سەلىمە مەسچىدىدە پىشىن نامازدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغان ۋاقىتتا، پەرىشتە جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى نامازدا تۇرغان ھالىتىدە كەبە تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدۇ: تەرجىمىسى: »بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشنى تىلەپ) قايتا - قايتا ئاسمانغا قارىغانلىغىڭنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز.(نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن.« [بەقەر سۈرىسى 144 - ئايەت]

2- تەشەھھۇد دېگەن نېمە؟

جاۋاب: تەشەھھۇد ― نامازدا تەھىيات دۇئاسىنى ئوقۇش دېمەكتۇر. تەھىيات(ئەتتەھىياتۇ)دۇئاسى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقلىقىنى جاكارلىغان شاھادەت كەلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن»تەشەھھۇد ― گۇۋاھلىق بېرىش« دەپ ئاتالغان.

3- نامازنى توختىتىش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى ۋاجىب قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟

جاۋاب:

1 - بىرەر زالىمنىڭ ياكى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۈچراش، سۇغا چۆكۈپ كېتىش، بوغۇلۇپ قېلىش، ئوت ئىچىدە قېلىش تۈپەيلى ھالاكەتلىك ئەھۋالدا قىلىپ ياردەم سورىغانلارغا ياردەم بېرىش زۆرۈرىىيتى تۇغۇلسا نامازنى دەرھال توختىتىش ۋاجىبتۇر.

2 - ئاتا - ئانىسنىڭ بىرەرسى جىددىي ياردەمگە ئېھتىياج بولۇپ چاقىرغان بولسا، پەرز نامازدا تۇرغان بولسىمۇ ئۇنى توختىتىش ۋاجىبتۇر.

ئەمما ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن چاقىرغان بولسا، پەرز نامازدىن باشقا نامازلارنى توختىتىشقا بولىدۇ.

3 - بالسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى بېشىغا بىرەر ھادىسە كېلىشىدىن قورققان ئاتا - ئانىنىڭمۇ نامازنى توختىتىشى ياكى كەينىگە سۈرۈشى ۋاجىبتۇر.

4 - يىرتقۇچلارنىڭ ماللارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ياكى بىرەر ئەمانىڭ قۇدۇققا ياكى تامدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق تەخمىن قىلغان كىشىنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نامازنى توختىتىشى ۋاجىبتۇر.

ئەمما ھالاكەت ئېھتىمالى كۈچلۈك بولمىسا، نامازنى توختىتىش ۋاجىب ئەمەس، بەلكى جائىز بولىدۇ، يەنى خالىسا توختىتىدۇ، خالىسا توختاتمايدۇ.

4- نامازنى توختىتىش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى جائىز قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟

1 - مال ـ مۈلكىنىڭ ئوغۇرلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشىنىڭ (گەرچە مال باشقىلارنىڭ بولسىمۇ) نامازنى توختىتىشى جائىزدۇر.

2 - ئوغرىدىن، قاراقچىدىن، كەلكۈندىن قورققان يولوچىنىڭ ناماز ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىشى جائىزدۇر.

3 - قازىنى قايناپ تېشىپ كېتىشىدىن ياكى تاماقنىڭ كۆيۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئايال كىشىنىڭ نامازنى توختىتىشى جائىزدۇر.

4 - قېچىپ كېتىۋاتقان ھايۋاننى تۇتۇۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن نامازنى توختىتىش جائىزدۇر.

5 - نامازدا تەرىتى قىستاپ قالغان كىشىنىڭ، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتىدىن ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنى توختىتىشى جائىزدۇر.

6 – نەپلى نامازلارنى ئاتا – ئانىسىدىن بىرەرسىنىڭ قانداقلا بىر ئىش ئۈچۈن چاقىرىشى بىلەن توختىتىش جائىزدۇر.

7 - ئوغرى ياكى قاراقچىنىڭ شەپىسىنى ھېس قىلغان مۇساپىرنىڭ نامىزىنى توختىتىشى جائىزدۇر. [مراقي الفلاچ 60 - بەت]

5- ناماز رەكئەتلىرىدە شەكلىنىپ قالغان كىشى نېمە قىلىدۇ؟

جاۋاب: نامازنى قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى بىلەلمەي، ئىككىلىنىپ قالغان كىشى، ئەگەر بۇ ھالەت ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم ياكى قىسمەن يۈز بەرگەن بولسا، نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك. مۇبادا، بۇ ھالەت ئۇ كىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ياكى ئۇ ھەمىشە شۇنداق ناماز رەكئەتلىرىدە خاتالىشىدىغان كىشى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلىدە قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا شۇ رەكئەت ھېسابقا ئېلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: يەنى »سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامىزىدا(قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقى توغرۇلۇق) شەك قىلىپ قالسا، توغرىسىنى ئېنىقلاپ شۇنىڭغا كۆرە نامىزىنى تاماملىسۇن، ئاندىن سەجدە سەھۋى قىلسۇن.« [مۇسلىم رىۋايىتى]

ئەگەر قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى كۆڭلىدىمۇ بەلگىلىيەلمىسە، ئازنى ھېسابقا ئالىدۇ. مەسىلەن: تۆت رەكئەتلىك نامازدا، بىر رەكئەت ئوقۇدىمۇ ياكى ئىككى رەكئەت ئوقۇدىمۇ، بۇنى بىلەلمىسە، ئوقۇغىنىنى بىر رەكئەت دەپ ھېسابلاپ، يەنە ئۈچ رەكئەت ئوقۇشى لازىم. ئىككى رەكئەت ئوقۇدىمۇ ياكى ئۈچ رەكئەتمۇ بىلەلمىسە، ئوقۇغىنىنى ئىككى رەكئەت دەپ ھېسابلاپ، يەنە ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. بۇ ھالەتتىكى كىشى پەرز ياكى ۋاجىب بولغان ئولتۇرۇشنى(نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش پەرز. ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلاردىكى ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇش ۋاجىبتۇر) تاشلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرىدۇ ۋە ناماز ئاخىرىدا سەجدە سەھۋى قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: »َ يەنى »سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامىزىدا ئۈچ رەكئەت ئوقۇدۇممۇ ياكى تۆت رەكئەتمۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالسا، شەكنى تاشلاپ ئازنى ھېسابقا ئالسۇن، ئاندىن سالامدىن ئاۋۋال سەجدە سەھۋى قىلسۇن.« [مۇسلىم رىۋايىتى]

شۈبھە ناماز ئارىلىقىدا ئەمەس، سالامغا ئولتۇرغاندىن ياكى سالامدىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ قالسا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. نامىزى دۇرۇستۇر. سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سىرتتىن بىرسى ئۇنىڭ نامازنى كەم ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە سالسا، ئۆزى تولۇق ئوقۇغانلىقىدا قانائەتلىك بولسا، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نامازنى كەم ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە سالغان كىشىلەر ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

نامازنى كەم ئوقۇغانلىق ھەققىدە ئىمام بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ چىقىپ، ئىمام تولۇق ئوقۇغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل بولسا، جامائەتنىڭ سۆزى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. ئەگەر ئىمامنىڭمۇ ئىشەنچىسى كامىل بولمسا جامائەتنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ. جامائەت ئىچىدە ئىختىلاپ چىقسا ئىمام قۇشۇلغان تەرەپنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. [ تچفە الفقھاء 68 - بەت].

6- ئىسلام دىنىدا تەلەب قىلىنغان ناماز قايسى؟

جاۋاب: ئىسلام دىنىدا تەلەب قىلىنغان ناماز ئەقىل بىلەن قەلب پەرۋاسىز ھالدا تىل بىلەن بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەنلا ئورۇندىلىدىغان ھەرىكەت ئەمەس. بەلكى ھەقىقىي مەقبۇل ناماز ــ ئۇنىڭدا ئەقىل، قەلب ۋە پۈتۈن ھېسسىي ۋە غەيرى ھېسسىي ئەزالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت بولغان ئۆز نېسىۋىسىنى ئالالىغان نامازدۇر. ناماز ئوقۇشتىن ــ ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن ــ ئاساسلىق مەقسەت ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتۇر.

ئاللاھ تائالا موسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ۋەھىسىنى قۇرئان كەرىمدە ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «مېنى ياد قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن.» [تاھا سۈرىسى 14 - ئايەت]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى، ھەجنىڭ بۇيرۇلىشى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ بەلگىلىنىشى پەقەت ئاللاھ تائالانى ياد قىلىش ئۈچۈندۇر.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى]

يوقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت بىلەن ھەدىس نامازدا قەلبنىڭ ئويغاق تۇرۇشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن دېگەن ئېتىقاد بىلەن، سەگەك تۇرۇشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە. نامازدا ئەقىلنىڭ ھۇشيار ۋە ئويغاق تۇرۇشى ھەققىدە مۇنۇ ئايەت يېتەرلىك: تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەس بولساڭلار نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگەنگە قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار.» [نىسا سۈرىسى 43 – ئايەت]

قانچىلىغان كىشىلەر نامازلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقلىرى ۋە قانداق پائالىيەتلەرگە يۆتكەلگەنلىكلىرىدىن غاپىل ھالدا، بىپەرۋالىق بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالمىغان بولسىمۇ، بىپەرۋالىق، غەپلەت ۋە مال ـ دۇنيانىڭ سۆيگۈسى ياكى غەم ـ ئەندىشىسى ئۇلارنى مەس قىلىۋاتقان. ئىسلام دىنىدا تەلەب قىلىنغان ھەقىقىي مەقبۇل نامازدا ئەقىل، قەلب، ھېسسى ۋە ھېستىن تاشقىرى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا بىرگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەقىلنىڭ ئەمەللىرى

1 - نامازدا ئەقىل ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا، پۈتۈن خىيالىنى يىغىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلاپ تۇرىدۇ.

2 ـ نامازدا ئەقىل بارلىق ھىممىتى ۋە كۈچىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى بۇ ئۇلۇغ مۇلاقاتقا بېغىشلاپ تۇرىدۇ.

3 ـ نامازدا ئەقىل ئاللاھتىن باشقا ھەممىدىن ئايرىلغان ھالدا كەمتەرلىك بىلەن تۇرىدۇ.

4 ـ نامازدا ئەقىل دۇنيالىق ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۆزگەن ھالدا، بىر ئاللاھقىلا قاراپ تۇرغاندەك ھېس - تۇيغۇ بىلەن ئەيمىنىپ تۇرىدۇ.

قەلبنىڭ ئەمەللىرى

نامازدا قەلب ئاللاھقىلا بېغىشلانغان ھالدا، ئۇنىڭ بىلەنلا بولىدۇ.

2 - نامازدا قەلب ئاللاھ تائالانىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.

3 - نامازدا قەلب ئاللاھ تائالاغا يېلىنىش ۋە يالۋۇرۇش بىلەن تۇرىدۇ.

4 - نامازدا قەلب ئاللاھ بىلەن بىۋاسىتە مۇلاقاتتا بولۇپ تۇرىدۇ.

ھېسسى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى

1 - نامازدا تىل ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرىدۇ.

2 - نامازدا كۆز پۈتۈن ھەرىكەتلىرىنى يىغىپ، سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ دىققەت بىلەن تۇرىدۇ.

3 - نامازدا قۇلاقلار نامازدىكى قىرائەتتىن باشقا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن گاس بولغان ھالدا تۇرىدۇ.

4 - نامازدا ئىككى قول ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىكنى ئىپادىلىگەن ھالدا كىندىكنىڭ ئۈستىدە باغلىنپ تۇرىدۇ.

تاشقى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى

1 - نامازدا ئىككى پۇت، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق پەرمانىغا ھازىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھالدا تۈپتۈز ۋە راۋۇرۇس تۇرىدۇ.

2 - نامازدا باش ئاللاھ تائالاغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھالدا كەمتەرلىكتىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن رۇكۇدا ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۆۋەنگە ئىگىلىدۇ. ئاندىن سەجدىدە يەرگە تېگىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا بولغان قۇلچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ.

3 - نامازدا يۈز ئاللاھ تائالانىڭ مەنىۋى مۇلاقاتىغا يۈزلىنپ تۇرىدۇ. سەجدىدە بولسا، ئاللاھ تائالانى ئەڭ كۆرۈنەرلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاش ۋە ھەقىقىي قۇلچىلىقنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بۇ ھۆرمەتلىك يۈز ئالتە ئەزا بىلەن بىرلىكتە يەرگە قويۇلىدۇ.

4 - نامازدا رۇكۇ قىلغاندا بەل ئاللاھ تائالاغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىگىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئىنساندىكى پۈتۈن ئورگانلارمۇ نامازدا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئىتائەتچانلىق بىلەن تۇرۇپ يۇقىرىقى ئەزالارغا ئىشتىراك قىلىدۇ.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :زاكات توغرىلىق سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار
 كىيىنكى ماقالە :چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ