مەرىپەت تور بېكىتى->ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار

ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
ئاپتۇرى:نامەلۇم يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:6/12/2008 كۈرۈلدى:401قېتىم

. سوئال: ناماز ئوقۇيدىغان، دىيانەتلىك ئۆسكەن قىزلارنى ناماز ئوقۇمايدىغان، دىيانەتتىن يىراق ئۆسكەن ئەرلەرگە ياتلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئاللاھنى تونۇپ، دىيانەت بىلە ئەخلاقلانغان ۋە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان قىزلارنى دىيانەتسىز، ناماز ئوقۇمايدىغان ئەرلەرنىڭ بايلىقىنى ياكى ئابرۇيىنى ياكى مەنسىبىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۇلارغا ياتلىق قىلىش خاتادۇر. چۈنكى ئايال كىشىلەر ئومۇمەن ئېرىنىڭ مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. ئاۋامنىڭ ”ئايال كىشىنىڭ مەزھىبى يوق“ دېگەن سۆزىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئاياللىرىنى غەيرى مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ئىدى. ئوغۇللارنىمۇ ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىغان ئۆزى پارقىراق، كۆڭلى قارا، دىيانەتسىز گۈزەللەرگە ئۆيلەندۈرمەسلىك كېرەك. بۈنداق قىلغان ئاتا ـ ئانا بۇ خاتالىقىنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چوقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر قىزـ ئوغۇللار شۇنداقلارنى تاللىغان بولسىمۇ ئاتا ـ ئانىلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىشى ۋە رەت قىلىشى لازىم. گەرچە بالىلار ئاتا ـ ئانىسىغا نىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق ۋە بىلىم سەۋىيەلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تەجرىبىسىگە ۋە يول كۆرسىتىشىگە ھەر زامان مۇھتاجدۇر. چۈنكى ياشلار كۆپرەك ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ. ئەمما ئاتا ـ ئانىلار سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ ئىش كۆرىدۇ. قىز ـ ئوغۇللار بۇ ماۋزۇدا ئاتا ـ ئانىسىنىڭ سۆزىنى كۆپرەك ئاڭلىشى كېرەك. چۈنكى دۇنيادا ھېچ قانداق بىر ئاتا ياكى ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ بەختسىز بولۇشىنى خالىمايدۇ. بەلكى ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا ـ ئانىلار كۆپنى بىلىدۇ ۋە ياخشى ـ ياماننى پەرق ئېتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش كېرەك.

2. سوئال: ئاۋامنىڭ ئېتىقادىدا: بىراۋ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئىككىسى ئۆيلەنمەكچى بولسا، بۇ ئىككىسىنىڭ قىلماقچى بولغان نىكاھى چۈشمەيدۇ ، دەيدىغان چۈشەنجە بار، بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ئاز ساندىكى بەزى ئالىملار بۇنداق نىكاھنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ۋە باشقىمۇ ئالىملار نىكاھلىنىشنىڭ شەرتلىرى (يەنى قىز ـ يىگىتنىڭ رازىلىقى، گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولۇشى قاتارلىق شەرتلىرى) تولۇق بولغان ئىكەن، بۈنداق نىكاھ دۇرۇس ۋە چۈشىدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاندا: «زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تئگىدۇ» دېگەن. (نۇر سۈرىسى 3 ـ ئايەت)

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، زىنا قىلغۇچى ئەر بىلەن زىنا قىلغۇچى ئايال بىر ـ بىرى بىلەن بولسۇن ياكى باشقىسى بىلەن بولسۇن نىكاھنىڭ شەرتلىرىنىڭ تولۇق بولۇش شەرتى بىلەن نىكاھلىنالايدۇ. بەلكى بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، بىر ـ بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرى بىلەنلا ئۆيلىنىشى كېرەكلىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما زىنا قىلغۇچى ئەر ياكى ئايال ئەگەر مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ مۇشرىك (بۇتپەرەس) بىلەن ئۆيلىنىشى ياكى ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشى دۇرۇس ئەمەستۇر.

3. ئۆيلنىشىتىن بۇرۇن بىر ـ بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر ـ ئايالنىڭ بۇ ئۆيلىنىشى ئۇلارنىڭ قىلغان زىنالىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كاپارەت (يەنى كەچۈرۈم) سانىلامدۇ؟

جاۋاب: ياق، ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىشى ئۇلارنىڭ بۇرۇن قىلغان زىنالىرىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كاپارەت سانالمايدۇ. بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى ئۈچۈن ئايرىم تەۋبە قىلىشى لازىم. ئۇلار زىنادىن ساقلىنىش نىيىتى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئايرىم ساۋاب تاپىدۇ. چۈنكى، ھارامدىن ساقلىنىش ساۋاپلىق ئىشتۇر.

.4سوئال: ئايال ئۆزىنىڭ مەشغۇلىيىتى ياكى ھارغىنلىقى سەۋەبىدىن ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ئۇنىمىسا توغرا بۇلامدۇ؟

جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ مەشغۇلىيىتى قانچىلىك مۇھىم بولىشىدىن، قانچىلىك ھارغىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئېرىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشى مۇھىمدۇر. ئەگەر ئايال ئۇنداق قىلمىغاندا، ئېرىنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولىدۇ. نەتىجىدە، زىياننى ئايال كىشى تارتقان بولىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاك بولمىغان ھالەتتە بولسا، ئېرىنىڭ ئۇنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە زورلىشى توغرا ئەمەس. بۇنداق ئەركىشىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

5. سوئال: ئادەت ياكى تۇغۇتنىڭ ئۆزرىسىنى باھانە قىلىپ ئايال كىشىنىڭ ئېرىدىن يىراقلىشىپ، ئايرىم يېتىۋېلىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: توغرا ئەمەس، چۈنكى ئەر كىشىنىڭ، ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتلۇق بولغان ھاللىرىدىمۇ، (كىيىمىنى يەشمەستىن) ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېتىشى، كۆڭۈل ئېچىشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا يېقىنچىلىقلارنى قىلىشى ھەققىدۇر. مۇنداق قىلىش ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ياخشى. ئەمما ئەركىشى ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى ئىدارە قىلالماستىن، مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئىشلەپ قويۇشىدىن قورقسا بىرگە ياتمىغىنى ۋە ئايالىغا ئارتۇقچە يېقىنلاشمىغىنى ياخشىدۇر.

6. سوئال: ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتلۇق بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشى ئۈچۈن كاپارەت كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ئەر ـ ئايال ھەرئىككىسى بۇ ھالەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر ئېرى ئايالىنىڭ ئىختىيارىسىز ھالدا بۇئىشنى زورلۇق بىلەن قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېرىلا گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشى لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت(ماددىي جازا) توغرۇلۇق بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا كاپارەت يوق، پەقەت تەۋبە قىلىشى لازىم كېلىدۇ، دىسە، بەزى ئالىملار تەۋبە بىلەن كاپارەت بىرگە لازىم كېلىدۇ، دەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ گۇناھنى ئىشلىگەن كىشى تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە مال دۇنياسىدىن مەلۇم مىقداردا سەدەقە بىرىپ كاپارىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

7.سوئال: ئەر خوتۇنلار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش ئۈچۈن جىنسىي فىلىملەرنى كۆرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ئەر ـ ئايال بولمىغان ئىككى جىنسنىڭ بىر ـ بىرىگە تىكىلىپ قارىشى قۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن قەتئىي ھارام بولغان يەردە، فىلىملاردا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئوچۈق بەدەنلىرىگە قاراش قانداقمۇ جائىز بولسۇن؟! بەزىلەر فىلىم دېگەن رەسىم ۋە خىيالدىن ئىبارەت نەرسە بولغاچقا، ئۇنى كۆرسە بولمامدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن ، لېكىن فىلىم رەسىم بولسىمۇ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆز سۈرىتىدۇر. ئۇنى كۆرۈش ھارامدۇر. ئۇ خىيالمۇ ئەمەس، بەلكى ئەينەن سۈرەتتۇر.

8. سوئال: ئۆيلىنىشكە پۈتۈشكەن قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمىگىنى ئۈچۈن قىزنى ئېلىپ قېچىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مۇنداق قىلىش گەرچە نىكاھنىڭ شەرتلىرىگە نوقسان يەتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئەخلاقىغا ۋە تەلىماتىغا خىلاپ ئىشتۇر. قىزلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىش دىنىمىزنىڭ ئەخلاقىدىندۇر.

9. سوئال: ئاتا ـ ئانىسى مۇۋاپىق كەلمەسلىكتە چىڭ تۇرىۋالسا نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: يۇرتنىڭ موتىۋەرلىرىنى، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى، ئۆلۈمالارنى ئارىغا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ۋەز ـ نەسھەت ئېيتقۇزۇش ــ ئەگەر ئىككىسى توي قىلمىغاندا، بىر ـ بىرىدىن ۋازكىچەلمىگەنلىكتىن يولسىز، بىنورمال ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن، ئاتا ـ ئانىنىڭ ئاخىرى پۇشايمان تارتىپ قالىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىش، سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

10.سوئال: بەزى كشىلەر تىز مەنى تۆكۈلىشىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ۋاقتىدا خىيالىنى باشقا يەرگە بېرىشى، ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىقى، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ھاياجانلانماسلىقى ۋە ئالدىراپ كەتمەسلىكى ئارقىلىق بۇ ھالەتكە تاقابىل تۇرالايدۇ.

11.جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئېھتىلامدىن باشقا ھاللاردا تۆكۇلگەن مەنىنىڭ زىيىنى بارمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە زىيىنى بار. ئۇ، كىشىنىڭ جىسمىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۈنداق ھالەتنىڭ ئىنساننىڭ ساغلاملىقىغا زىيىنى بارلىقىنى تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ئېيتماقتا.

12.سوئال: ئۆيلىنىشكە شەرت ـ شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ئۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، روزا تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى روزا تۇتۇش جىنسىي شەھۋەتنى ئازايتىدۇ. مۇندىن باشقا چارىلەرمۇ بار، مەسىلەن: نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىق، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش، جىنسىي ھېكايە، ژۇرناللارنى ئوقۇماسلىق ۋە جىنسىي فىلىملارنى كۆرمەسلىك، ئەڭ مۇھىمى پىكىر ـ خىيالىنى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىش، ئاياللار توغرۇلۇق ئويلانماسلىق قاتارلىقلار ئۇلارغا سەۋىر ــ تاقەت ئاتا قىلىدۇ.

13.سوئال: تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايال كىشى شەھىدلىق دەرىجىسىدە ئۆلگەن بولىدۇ، دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنى كۆپلىگەن ئالىملار شەھىدلار قاتارىدىن سانايدۇ. بۇمۇ ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بولىدۇ.

14. سوئال: قىز ـ يىگىتلەر ئۆيلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپسا ئۇلار نېمە قىلىدۇ؟

جاۋاب: ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامان نىكاھتىن ئايرىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئۆتكۈزگەن ئەر ـ خوتۇنچىلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولمىسىمۇ ، بىلگەندىن كېيىن نىكاھى بۇزۇلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى ئىشەنچىلىك دەلىل ـ ئىسپاتلار ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىنمۇ، نىكاھتىن ئايرىلماي داۋام قىلىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى زىنا قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋاقىتلىرىدىكى تاپقان بالىلىرى زىنا بالىلىرى ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئاتا ـ ئانىسىنىڭ نەسىبىگە قوشۇلىدۇ.

15.سوئال: ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشتىن مەنئى قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. ئائىلىسىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلىگەن ئەر كىشى ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشكە چىقارماستىن، بەلكى ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. ئېرى ئەگەر ئايالىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نورمال دەرىجىدە قامداپ بېرەلمىگەن بولسا، بۇۋاقىتتا ئايالىنى سىرتتا، ئۆزىگە مۇناسىپ، شەرەپلىك ئىشتا ئىشلەشتىن توسالمايدۇ.

16.سوئال: بەزى ئاياللار تىرناقلىرىنى بۇيىۋالىدۇ، بۇ بۇياق ئۇلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ۋە غۇسلە قىلىشىغا توسقۇن بۇلامدۇ؟

جاۋڭ: ئەلۋەتتە توسقۇن بولىدۇ. چۈنكى تاھارەت ۋە غوسۇلدا سۇنى يۇيۇلغان ئەزالارغا ئۆتكۈزۈش شەرتتۇر. ھالبۈكى، تىرناقلىرىنى بۇيىۋالغان ئايال كىشى تاھارەت ئالسا ياكى يۇيۇنسا سۇ ئۇنىڭ تىرناقلىرىغا ئۆتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار تاھارەت ئېلىش ياكى غوسلە قىلىشتىن بۇرۇن تىرناقلىرىدىكى بۇياقلىرىنى تازىلاپ چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن تاھارەت ئېلىشى ياكى يۇيۇنۇشى كېرەك.

17. سوئال: تۇغۇلماقچى بولغان بالىنىڭ ساغلىق تەرەپتىن كەمتۈك تۇغۇلىدىغانلىقى دۇختۇرلار تەرىپىدىن بىلىنسە، ئۇنى چۈشۈرىۋېتىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: توغرا بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش بىر جانغا جىنايەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنى خۇددى بېجىرىم تۇغۇلىدىغان بالىنى كۈتىۋالغاندەك، كۈتىۋېلىش، قالغىنىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش كېرەك.

18. سوئال: نىكاھنى يۇرتنىڭ موتىۋەر ئۆلۈماسى ياكى مەسچىتنىڭ ئىمامى قىلىشى شەرتمۇ؟

جاۋاب: نىكاھنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولۇشى شەرتى بىلەن نىكاھنى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشى ئوقۇسا بولىدۇ. ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچىنى ھازىرقىلىپ تۇرۇپ ئەر ـ خوتۇن بولماقچى بولغان ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ نىكاھلىرىنى ”ئالدىم“ ۋە ”تەگدىم“ دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئۇرۇندىسىمۇ بولىدۇ. نىكاھنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرى دېگىنىمىز يوقۇرىدا ”نىكاھنىڭ شەرتلىرى“ دېگەن بابتا ئېيتىلغاندەك، ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ رازىلىقى ۋە مۇسۇلمان ئىككى ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر.

19. سوئال: ئەر ـ ئاياللار تۇرمۇشتا بەختلىك بولالمىغانلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئاجراشقاندا، ئەرنىڭ ئايالىغا بۇرۇن بەرگەن تويلىقى ياكى مېھىرىدىن بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىشى ياكى تەلەپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالىغا بەرگەن نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشى ياكى ئۇنى تەلەپ قىلىشى جائىز ئەمەستۇر. چۈنكى ئايالىغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۇنىڭغا نىكاھنىڭ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن ھەقتۇر. ئاجراشقان سەۋەبتىن ئۇنى ئېلىۋېلىش ياكى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش توغرا ئەمەس. بەرگەن نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە زورلاپ ئايالىنىڭ خېتىنى بەرمەي ئارقىغا سۈرۈشمۇ ھەددىدىن ئاشقان نامەرتلىك ۋە چۇپەيلىكتۇر. ئاياللار ئاجىز ۋە شەپقەتكە ئېھتىياجلىق بىر جىنس. ئۇلارغا شەپقەتلىك ۋە كەڭ قۇرساقلىق بولۇش كېرەك. ئەگەر ئايال كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھېچبىر زورلۇقسىز ھالدا، تويلاقتىن ياكى مېھىردىن بىر قىسىم نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىسا، ئۇنى ئالسا بولىدۇ. چۈنكى ئايال كىشى بۇ ۋاقىتتا ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆز ھەققىدىن كەچكەن بولىدۇ. ئەمما ئەخلاقلىق، ئېسىل كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇنى قوبۇل قىلىشمۇ ئۇڭايغا توختىمايدۇ، ئەلۋەتتە.

20. سوئال: ئايال كىشى بېشىنى يۆرگەش نىيىتىدە چېچىنىڭ ئۈستىگە ياسىما چاچ كىيىۋالسا، بۇ ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئىسلامىي قىياپەتتىكى رومال قاتارىغا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ئاياللارنىڭ بېشىغا چاچ كىيىۋېلىشى رومال قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلامىي قىياپەتتىكى رومال ئارتىپ بېشىنى ئۇنىڭ بىلەن يۆرگىسە، بۇ ۋاقىتتا ئۇ، ئىسلامىي رومال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بېشى ئوچۇقلا تۇرىدىكەن، ئۇ، ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان

سۇئاللارغا جاۋابلار

1- روزا تۇتۇش ئۈچۈن كالىندار ئەمەس، بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

2- رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.

3- نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.

4- نەپلى روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاقتىگىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر.

5- ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ، ھەتتا بىرەر دانە نۇقۇت ياكى بىرتامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.

6- روزا تۇتقىنى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ، ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

7- روزا تۇتقان كىشىنىڭ گېلىغا چىۋىن ياكى چاڭ- توزان كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

8- ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

9- ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم كېلىدۇ.

10- ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزلىرىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا روزا تۇتمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

11- رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسۇل قىلىش پەرز بولىدۇ. شۇھامان غۇسۇل قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

12- روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.

13- شەك كۈنىدە (يەنى كىشىلەر شەبانغا تەۋەمۇ ياكى رامىزانغىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن- شەباننىڭ 30- كۈنىدە) روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

14- دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھ سانالمايدۇ.

15- رامىزان كۈندۈزىدە ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

16- رامىزان كۈندۈزىدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

17- رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە تۆت مەزھەبنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە بۇنداق كىشىگە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

18- كاپارەت- بىر قۇل ئازات قىلىش، ئەگەر تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئاتمىش مىسكىنگە بىرۋاخ تاماق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

19- رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ھەنەپىي مەزھىبى بويىچە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

20- ھەيز ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ئاياللار كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بىراق ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.

21- ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ.

22- رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

23- سۇھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا ھامان يېيشنى توختىتىپ نىيەت قىلىش كېرەك. تۇتقان روزا دۇرۇستۇر.

24- جىنابەتتىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرتتۇر. ئەمما جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستۇر.

25- مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەمما تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.

26- روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنىڭ90 كىلومېتىردىن كۆپ بولۇشى شەرتتۇر.

27- روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يېنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر.

28- زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان سەپەرلەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر.

29- رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئەگەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغان بولسا، ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىختىيارى بولماستىن مەجبۇرى قىلغان بولسا، ئەر كىشىگىلا كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

30- رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشتا ئارقا - ئارقىدىن ئۈزمەي تۇتۇش شەرت ئەمەس. بەلكى پارچە- پارچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.

31- كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت روزىسى قازا روزا ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ.

32- نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما باشقا ئۈچ مەزھەبكە كۆرە، بۇ روزا ئىختىيارى روزا بولغانلىقتىن قازا لازىم كەلمەيدۇ.

33- روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تۆتىنجى كۈنىگىچىلىك روزا تۇتۇش ھارامدۇر.

34- يالغۇز جۈمە كۈنىدە ۋە يالغۇز شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

35- ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

36- روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۈيۈشى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىشى مەكرۇھتۇر.

37- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئۆز تۈكرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

38- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدىنىگە ئۇكۇل سالدۇرۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

39- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئېغىزىغا، بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭدەك ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قويۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

40- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە قايسى بىر سەۋەب بىلەن يۇيۇنۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
 كىيىنكى ماقالە :زاكات توغرىلىق سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
     √ يوللىغۇچى:مۇلجارلى ۋاقتى: 3/3/2009 4:35:49 PM IP:217.208.136.8
     اسسالامۇ اليكۇم. 19٠٠ س نىك جاۋابىغا مىخرى توغرىسىدا بىرار دېلىل ىزاخات بىرىلماپتۇ. مۇسۇلمانلار تور بىكىتىدا بۇ سۇالغىمۇ باشفىچا ىزاخات بىرىلىپتۇ تېپسىلىراك چۇشانچا بېرسىگىز. اللا رازى بولسۇن.
     √ يوللىغۇچى:مۇلجارلى ۋاقتى: 3/3/2009 4:30:56 PM IP:217.208.136.8
     اسسالامۇ اليكۇم. 18 ٠٠ س نىك جاۋابىغا بىرار دېلىل ىزاخات بىرىلماپتۇ. مۇسۇلمانلار تور بىكىتىدا بۇ سۇالغا باشفىچا ىزاخات بىرىلىپتۇ چۇشانچا بېرسىگىز.
     √ يوللىغۇچى:مۇلجارلى ۋاقتى: 3/3/2009 4:22:21 PM IP:217.208.136.8
     اسسالام اليكۇم 10..سۇالغا،.برگان جاۋاپنىك دېلىلى بارمۇ_ ياكى ؛ىوز خىسسىياتىگىزمۇ٠-
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ