مەرىپەت تور بېكىتى->دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى

دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
ئاپتۇرى:ئابدۇل ئەھەد ھاپىز يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:6/2/2008 كۈرۈلدى:464قېتىم

دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى:

تەييارلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

 

بىرىنچى قېتىم دۇنيانىڭ ئەڭ توغرا خەرىتىسىنى سىزغان، مۇسۇلمان جۇغرافىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭى شېرىپ ئىدرىسىدۇر. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىس سەقەللى بولۇپ، نەسىبى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن شېرىپ ئىدىرىسى، دەپ مەشھۇر بولغان. ئىدرىسى ھىجرى 493ـ 560 (1100-1166) يىللىرى ئارىسىدا ئۆتكەن بولۇپ، ئەندولۇسنىڭ سەقەللىي شەھىرىدە ياشىغاندۇر.

ئىدرىسى جۇغرافيە، تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىر، ئۆسۈملۈك، پەلسەپە، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە ئىلىملىرىدە پىشىپ يېتىلگەن ۋە مەزكۇر پەنلەردە ئەسەرلەر يازغان. ئىدرىسى ئەينى زاماندىكى ئاۋات يەرلەر بولغان ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئاپرىقا قىتئەلىرىنى ئايلىنىپ، ئاخىرىدا سەقەللىيە پادىشاھى ئىككىنچى روجر (ياكى روگر) نورمانىنىڭ يېنىدا قارار تاپقان. ئىدرىسى نورمانىنىڭ تەلىۋى بىلەن 15 يىل جاپالىق ئىشلەپ دۇنيا جۇغرافىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. كىتابنىڭ ئىسمى "ئاپاقلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە مۇشتاق بولغانلارنىڭ باغچىسى" بولۇپ، ئۇنىڭدا يەتمىش نەچچە خەرىتە باردۇر. بۇ كىتاب 1154ـ يىلى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، 300 يىلدىن كۆپرەك مۇددەت ياۋرۇپا ئالىملىرىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغاندۇر. بۇ كىتاب فرانسۇزچە، ئېنگىلىزچە، ئىسپانچە، نېمىسچە ۋە لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ بىر نەچچە قېتىم بېسىلغان.

ئىدرىسى ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۇنيانىڭ ئەڭ توغرا خەرىتىسىنى سىزىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ئۇ بىر نەچچە يىل ئىشلەپ زامانىسىدىكى ئىلمىي ئۇسۇلغا ئۇيغۇن بىر خەرىتە سىزىپ چىقىپ، مۇسۇلمانلار ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى خاتا مەلۇماتلىرىنى تۈزەتكەن. ئىدرىسىنىڭ سىزغان خەرىتىسى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىلغان بولۇپ، مەملىكەتلەرنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكىنى ناھايىتى توغرا ھېسابلاپ چىققان. پاۋرۇپالىقلار يېڭى كەشپىيات ۋە قېزىشلىرىدا ئىدرىسىنىڭ خەرىتىسىگە تايانغان.

سەقەللىيەنىڭ پادىشاھى ئىككىنچى روجر ئىدرىسىنىڭ خەرىتىسىنى يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن كۆمۈش تەختىگە سىزىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 400 كىلوگرام كۈمۈشتە بىر توپ شەكلى ياساپ. ئىدرىسى بۇ كۈمۈش توپقا دۇنيانى يەتتە ئىقلىمغا ئايرىپ، ئۇنىڭ چەك ـ چىگرالىرىنى، دېڭىز ـ دەريالىرىنى، دەريالانىڭ سۈيىنىڭ قەيەردىن باشلىنىپ، قەيەردە تۈگەيدىغانلىقىنى، ئاۋات يەرلىرىنى، چۆل ـ باياۋانلىرىنى ۋە يوللىرىنى نەقىشلىگەن.

 

قۇياشنىڭ ھەرىكىتىنى كەشپ قىلغانلار مۇسۇلمانلار:

مىلادى 9ـ ئەسىردە ياشىغان تۈركىستانلىق ماتېماتىكا ۋە ئاستىرنومىيە ئالىمى پەرغانىي، كائىناتتىكى سەييارىلەرنىڭ ھەجمىنى ۋە بىر ـ بىرلىر ئارىسىدىكى مەساپىنى تەتقىق قىلدى. پەرغانىي ئېلىپ بارغان تەقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، بىرىنچى قېتىم قۇياشنىڭ ئۆزىگە خاس ئوربىتىسى بارلىقى ۋە ئۆز ئەتراپىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىدىغانلىقىنى كەشپ قىلدى. پەرغانى 41 يىللىق ئۈزلۈكسىز تەتقىقاتى نەتىجىسىدە يەر شارىنىڭ ئېكۋاتور بىلەن پاراللىللارنىڭ ئارىلىقىدىكى مەساپىسىنى تېپىپ چىقتى.

پەرغانىي يەنەقۇياشنىڭ تۇتۇلۇشىنى ئالدىنئالا بەلگىلەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، 842ـ يىلى قۇياشنىڭ تۇتۇلۇشىنى ئالدىنئالا كەشپ قىلغاندۇر. پەرغانىنىڭ ئاسترونومىي ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىن پەقەت ئالتىسى كۈنىمىزگە قەدەر ئۇلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە "ئاسترونۇمى ئىلمى ۋە ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەتلىرى ئانسىكلوپىدىسى" ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسى ئوكسفورد، پارىژ، قاھىرە ۋە ئامېرىكىدىكى پرىنكىتون ئۈنىۋېرسىتىتى كۈتۈبخانىسىدە مەۋجودتۇر.

 

ئاۋازلار سىستېمىسىنى مۇسۇلمانلار ئىزاھلىدى:

ماتېماتىكا، ئۆسۈملۈك، مېدىتسىنا، مۇزىكا، پەلسەپە ۋە لوگىكا ساھەسىدە دۇنياۋى بۈيۈك ئالىم فارابى بىرىنچى قېتىم ئىلىملەرنى تۈرگە بۆلۈپ رەتلىگەن. ئۇ ئىلىمنى تىل، لوگىكا، ماتېماتىكا، فىزىكا، مېتافىزىك شەكلىدە بەش پەنگە ئايرىدى.

فىزىكا ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان فارابى ئاۋازنىڭ فىزىكىلىق سىستېمىسىنى ئىزاھلىغان بىرىنچى ئالىمدۇر. ئۇ ئېلىپ بارغان تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئاۋاز تىترىشىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىغا كۆرە ئازىيىپ ـ كۆپەيگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

 

مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ پىشىۋاسى ئىبنى سىنا:

دۇنيادىكى پۈتكۈل ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالىم ھېسابلانغان ئىبنى سىينا، 18 يېشىغا باسقاندا ئۆز زامانىسىدىكى پۈتۈن ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغان. ئىبنى سىنا مېدىتسىنا ھەققىدە "مېدىتسىنا قانۇنى" ناملىق ئەسەرنى يىزىش بىلەن تىب دۇنياسىغا كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ كىتاب بەش توم بولۇپ، 13ـ ئەسىردىن باشلاپ ياۋرۇپادا ئۈنىۋېرسىتىت دەرسلىكى قىلىپ ئوقۇتۇلۇشقا باشلىغان.

ئىبنى سىنا دۇنيادا مېدىتسىنا ۋە ئوپراتسىيەنى ئىككىگە ئايرىپ چۈشەندۈرگەن ۋە خەتەرلىك دەپ قورقۇپ يېقىنلىشالمىغان ئوپراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنى كۆرسەتكەن بىرىنچى ئالىمدۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىبنى سىنانىڭ پەلسەپە ئىلمىدىكى ئۈستۈنلىكى بۈگۈنگىچە پۈتۈن دۇنيادا مەشھۇردۇر. ياۋرۇپالىقلار گرتسىيە پەلسەپىسىنى ئىبنى سىنانىڭ ئىزاھاتى ۋاسىتىسى بىلەن ئۆگەنگەن.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :مەتبە ھەرپلىرىنى مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان
 كىيىنكى ماقالە :ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ