مەرىپەت تور بېكىتى->كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر

كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
ئاپتۇرى:ئابدۇل ئەھەد ھاپىز يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت  يوللىغان ۋاقتى:6/2/2008 كۈرۈلدى:404قېتىم

كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر

تەييارلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

 

غەرب ئالىملىرى ئالگىبرا ئىلمىدە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئالىملار ئالگىبرا ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالغان، ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن ۋە ئۇ ھەقتە كۆپلىگەن كىتاب ۋە رىسالىلەر تەلىپ قىلغان. مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن ئالگىبرا ئىلمىنىڭ ئۇستازىدۇر. چۈنكى ئۇلاردىن بۇرۇن دۇنيادا ئالگىبرا ئىلمى دەيدىغان مۇستەقىل بىر پەن تۈرى يوق ئىدى. ئالگىبرا ئىلمى تىلغا ئېلىنىدىكەن مۇھەممەد ئىبنى مۇسا خارەزمىي تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئالگىبرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ ئالگىبرا، ماتېماتىكا ۋە ئاسماندىكى ئوربىتىلار جەدۋەللىرى ھەققىدە كىتاب يازغان بىرىنچى ئالىمدۇر. خارەزمىيي ئالگىبرا ئىلمىنى ماتېماتىكىدىن ئايرىپ، ئىلمىي فورمىلا دائىرىسىدە مۇستەقىل پەن قىلىپ ئىشلەتكەن بىرىنچى ئالىمدۇر.

مۇھەممەد ئىبنى مۇسا خارەزمىي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خارەزىم ۋىلايىتىدە ھىجرىيە 164، مىلادىيە 780ـ يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىراق پايتەختى باغدادتا ياشاپ، ھىجرىيە 235، مىلادىيە 850ـ يىلى ۋاپات بولغان. ياۋرۇپالىق ئالىملار ھىجرى ئۈچۈنچى ئەسىرنى "خارزەم ئەسرى" دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ماتېماتىكا ئالىمىدۇر. بەلكى غەرب ئالىملىرى خارەزمىيينى پۈتۈن ئەسىرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ماتېماتىكا ئالىملىرىدىن بىرى، دەپ ھېسابلايدۇ.

خارەزمىيينىڭ "ھېسابۇلجىبر ۋەلمۇقابەلە (ئالگىبرا ھېسابى ۋە قارشىلاشتۇرۇش)" ناملىق ئەسىرى ئالىملارنىڭ ئالگىبرا ئىلمىنى تەتقىق قىلىشتا تايىنىدىغان بىردىنبىر مۇھىم ئەسەردۇر. خارەزمىيي ماتېماتىكا ئىلمىدىمۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە ئىلمىي كىتاب يازغان. خارەزمىيينىڭ "ھېسابۇلجىبر ۋەلمۇقابەلە" ناملىق ئەسىرى ياۋرۇپاغا كىرگەن بىرىنچى كىتاب بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن زامانلار ئالىملار، سودىگەرلەر ۋە بوغالتىرلارنىڭ قوللانمىسى بولغاندۇر.

خارەزمىي دۇنيادىكى پۈتكۈل يېڭى ئىلىملارنىڭ ئاساسچىسى دەپ ئاتىلىشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇ كۈنىمىزگىچە ئىشلىتىلىۋاتقان ئەرەبچە (يەنى ھازىر خەلقئارادا ئىشلىتىلىۋاتقان سان) ۋە ھىندىچە سانلارنى ئىجاد قىلغان. چۈنكى خارەزمىيي سانلارنى ئىجاد قىلىشتىن ئاۋۋال ھەرپلەر سان ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى. مەسىلەن: ئەرەبلەر ئەبجەد ھېسابى دەپ ئاتاب، (ۆ) بىرنى (1)نى (ب) ئىككى (2)نى كۆرسىتىدۇ، دەپ پۈتۈن ھەرپلەرنى مۇشۇنداق بىر سانغا بەلگە قىلاتتى. لېكىن بۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرەتتى. خارەزمىيي بىردىن توققۇزغىچە بولغان سانلارنى ئىجاد قىلىش بىلەن ھېساب ئىشى ناھايىتى ئاسانلاشتى. خارەزمىيينىڭ دۇنيا ھەزارىتىگە قوشقان تۆھپىسى سان ئىجاد قىلىش بىلەن توختاپ قالمىدى. بەلكى نۆل (0)نى ئىجاد قىلىپ، بىرنىڭ ئارقىسىغا بىر نۆل كەلسە ئون بولىدۇ، ئىككى نۆل كەلسە يۈز بولىدۇ دەپ بېكىتتى. نۆلنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن ئىلىم ـ پەن ناھايىتى تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى پۈتۈن ئىلىم ـ تەجرىبىلەر سانغا تايىنىدۇ. نۆل ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار 20 يازماقچى بولسا ئىككى ئون، 30 يازماقچى بولسا ئۈچ ئون يازاتتى. مۇشۇنداق قىلىپ سان كۆپەيگەنسىرى بىر سەتىرگە سىغمايدىغان ئەھۋاللار بولغاچقا كۆپ قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد ئىدى.

خارەزمىيي يەنە "نەزەرىيەتۇل مۇھەددەدات (بەلگىلەر نەزەرىيىسى)" دېگەن ئىلىمنى ئىجاد قىلغان. ئۇ بولسا،مەلۇم مىقتاردىكى جۈملىلەرنى قاتار ۋە سۇتۇن شەكلىدە تىزىشتىن ئىبارەت بولۇپ، سۇتۇنلار بىلەن قاتارلارنىڭ سانى تەڭ بولىدۇ ۋە بۇ قاتارلار بىلەن سۇتۇنلار ئىككى ئانا سىزىق ئارىسىدا بولىدۇ. خارەزمىيينىڭ مۇشۇ نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، ياپۇنىيىلىك ماتېماتىكا ئالىملىرى، غەربنىڭ زامانىۋىي ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى، دەپ پەخرىلىنىدىغان كومپيوترنىڭ ئىلمىي لايىھىسىنى ئىشلەپ چىققان. ياپۇنىيىلىك چوڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولغان سىكى كاۋ ئەپەندى: "خارەزمىيي ھىجرى ئۈچۈنچى ئەسىردە كومپيوتر ئىجاد قىلىشنى ئويلىغان بىرىنچى كىشىدۇر" دەيدۇ.

 



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :مۇھىت ئاسراش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
 كىيىنكى ماقالە :ھېسابلاش جىھازلىرى ئىسلامىي ئىجادىيەتتۇر
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ