مەرىپەت تور بېكىتى->ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ماقالىلەر→ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!

ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
ئاپتۇرى:مەرىپەت يوللىغۇچى:مەرىپەت مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:5/30/2008 كۈرۈلدى:330قېتىم

ئۆيدە بالىلىرىمىز بىلەن بىرگە بولغاندا ئۇلارغا: كىشىلەر ئالدىدا جانلىق سۆزلە! تارتىچاق بولما! ئۆزۈڭنى ئەركىن تۇت! باشقىلارغا بۆزەك بولما! .." دېگەندەك سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىمىز. بالىلىرىمىزنى كىچىكلىكىدە يىغلىسا يىغلىما، نېمە لازىم؟ دەيمىز. بالىلار ئەتراپىنى چۈشۈنۈپ، ئاق-قارىنى پەرقئەتكۈدەك بولغاندا مەكتەپتە بولسۇن، رەستىدە بولسۇن باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن تەلەپ قىلىدىغان نەرسىمىز بىز كۆزلىگەن ئەركىنلىككە ئىنتىلىش.

بالىلىر ىمىزنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى بولسۇن،سايلام ھوقۇقى بولسۇن، سىياسىي ھوقۇقى بولسۇن كەلگۈسى ھاياتىدا جەمئىيەتتىكى مۇئەييەن ئورنىنى تېپىش ئۈچۈن تەربىيە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ئەمەسمۇ؟.. بىز بالىلارغا تەربىيە قىلىشتا سايلامغا قاتناشقان ھالەتتە خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئادەمنى سايلاش، بارلىق تۇرمۇشىمىزدا يۈكسىلىشكە قاراپ ئىلگىرلەشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز نورمال بىر ئەھۋال.

بىز نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى بارلىق ساھەدە قانۇنلۇق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش لازىملىقىنى مېڭىسىگە سىڭدۈرۈش ئارقىىلىق يىتىلدۈرۈپ تەربىيلەيمىز؟! ئەمما سىياسىي مەيدانغا كەلگەندە بالىلار تېخى كىچىك ئىكەنلىكى، سىياسىيغا ئارلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز، ئەتر اپىدىكى بىپايان دۇنيا بىلەن ئىچكىرلەپ تونوشۇپ چىقىشتىن چەكلەيمىز.

سىياسىي تەربىيە

ئىنساننىڭ سىياسىي ھاياتى توغۇلغاندىن تارتىپ باشلىنىدۇ، سىياسىيغا ئارلىشىش ھەربىر ئىنساننىڭ ھەققى، بەلكى ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئىنساننىڭ سىساسىي ھاياتى داۋاملىشىدۇ. ئۇنداقتا ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ شەخسىيتى، ئەخلاقى، بارلىق مەنبە ۋە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق سىياسىي ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي مەيدانىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىنساندىكى سىياسىي سەزگۈرلۈك،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي تۇيغۇ ئۆزلىكىدىن پىشىپ،يىتىلىپ قالمايدۇ. ئىنسان كىچىكىدىن پىشىپ يىتىلىپ، تەربىيلىنىپ، مۇستەقىل ئىدىيە، روشەن مەيدان،ساغلام ئەقىدە ھاسىل قىلغاندا جەمئىيەتتىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇندىن كېيىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىياسىي مەيدانلاردا ئىگىلىك تىكلەپ مۇھىم شەخسىيەتكە ئايلىنالايدۇ، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرستەلەيدىغان سەۋىيىگە يىتىدۇ.

بۇيەردە ھەربىر بالىغا كىچىكىدىنلا سىياسىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنىڭ سىرى ئېچىلىدۇ. ئىنساندا سىياسىي ئاڭ يېتىلگەندە ئۆزىنىڭ كىملىكى،ۋەزنى، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، بۇ يولدا قۇربان بېرىش ئېڭى، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى پىشىپ يېتىلىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدا ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ. ئائىلە تەربىيسىدە ھايات قىممىتى، ئەخلاق، ئەقىدە، مەيدان قىممەت قارىشى پىشىپ يېتىلىدۇ. كىچىك بالا ئاتا-ئانىسى سىزىپ بەرگەن سىزىق بويىچە ئۆزىنىڭ شەخسىيتى، كىملىكىنىڭ سىماسىنى سىزىپ چىقىدۇ. كىچىك تەبىئىتىدە ئەگەشمىچىلىك(چوڭلارنى دوراشقا مايىل) كېلىدۇ. چوڭلاردا ئىجابىي ئۆرنەكلىك سالاھىيەت بولغاندىلا بالىلار شۇ تەرەپنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. تەبىئىتىدە چولپانلارنى(گەرچە ئۇلار ياخشى كىشىلەر بولمىسىمۇ) ئۆزىگە سىمىۋۇل قىلىشقا مايىل كېلىدۇ.

بالىلارنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۆنۈملۈك ئۇسۇلى دۆلەتلەرھەققىدە مەلۈمات بىرىدىغان قىسسە-ھىكايىلەرنى ئۆگۈتۈش، دۆلەتلەر جوغراپىيسى، خەرىتىسى، دۆلەت ناملىرى، پايتەخت ناملىرى، ئاھالە سانى، سىياسىي شەخسلەرنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى دېگەندەك مەلۈماتلارنى ئۆگېتىشكە توغرا كېلىدۇ. كىچىك بالىلارغا سىياسىي بىلىملەرنى ئۆگېتىش ئۈچۈن ئامىرىكىدا چىقىدىغان مەشھۇر ژورنال( TIME ) مەخسۇس سان ھازىرلاپ دۇنيا تارىخى، جوغراپىيسى، سىياسىي ۋەزىيتى ھەققىدە قىزىقارلىق ۋە ئاددى ئۇسۇلدا مەخسۇس سان تەييارلاپ بېسىپ تارقاتتى. گەرچە ئۇ ژورنال ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي غايىسىنى تارقىتىشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، ھەرمىللەت ۋە دۆلەت ئۆز پۇخرا لىرىنىڭ بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كېلىدىغان بىلىملەرنى ئۆگەتسە بولىۋىرىدۇ.

بالدۇر باشلىنىش

بۈگۈننىڭ بوۋىقى ئەتىنىڭ ئەزىمىتى. شۇڭلاشقا بالىلارنى كىچىكىدىنلا دۆلەت باشقۇرالايدىغان، سىياسىي مەيدانلاردا مۇستەھكەم قەدەم بىلەن خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئادەم بولوش ئۇچۈن تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر بىر شەخسنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھەققى بولىشى تەبىئى ئەھۋال. بالىلار كىچىكلىكىدىن كىملەرنىڭ سايلىنىش، كىملەرنىڭ سايلاش سالاھىيتى بار، كىملەر ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدى، كىملەر ئادا قىلالمىدى بۇنى بىلىش ھەققى بارلىقى تەبىئىي. ھەقىقىي ئەركىن ۋە دىموكراتىك دۆلەتلەردە ھەربىر شەخسنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەش كۈچىگە ئىگە. ئىش بۇنداق ئىكەن بالىلار كىچىكىدىنلا ئاۋاز بىرىشتە قانداق شەخسكە ئاۋاز بىرىش قانداق شەخسكە ئاۋاز بەرمەسلىك لازىملىقىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك.

كىچىك بالا ئون ياشقا كىرگەندە ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنەلەيدىغان تۇيغۇغا ئېگە بولىدۇ. شۇنداق ۋاقىتتىن باشلاپ تەربىيلەشكە توغرا كىلىدۇ، بۇ يولدا بالىلارنى سىياسىي جەھەتتىن يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىمەن:

1- بالىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ كۈندە بىر قانچە مىنوت بولسىمۇ دۇنيا خەۋىرىنى كۆرۈش. بەزى ئائىلىلەر ھەركۈنى ئاخشامدا كەچلىك خەۋەرنى تولۇق كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، شۇنداق ۋاقىتلاردا بالىلارنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ دۇنيادا بولاۋاتقان بەزى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك. بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ خەۋەر كۆرگەندىن كېيىن بالىلاردا كۆرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا ھەرخىل سوئاللار پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ قانائەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. كىچىك بالىلار كۆرگەن، ئاڭلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى،سىرىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ.

2- ئۆيدىمۇ خۇددى دۆلەت سايلىمىغا ئوخشاش، ئائىلە ئىشلىرى بولسۇن، سىرتقا ساياھەتكە چىقىدىغان ئىشلار بولسۇن ئارىدىن مۇناسىپ بىرىنى ئائىلە ئەزالىرى ئاۋازبېرىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىشنى تەجرىبە قىلىپ كۆرۈپ، بالىلارنىڭ ئىدىيەسىدە سايلام ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ كۆرىشى كېرەك. بۇنداق ئاددىي ئىشلارنىمۇ كىچىك چاغلىماستىن بالىلار بىلەن بىرتەرەپتىن تۇرمۇش لەززىتىنى تېتىسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولىسىز.

3- شەھەردە سايلام بولغاندا بالىلارنى سايلام ساندۇقلىرىغىچە بىرگە ھەمراقىلىپ ئېلىپ بېرىپ، سىز ئاۋاز بەرگەن كىشىگە نېمە ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەنلىكىڭىزنى، سايلام ۋە سايلامغا ئاۋاز بېرىشنىڭ ئەھمىيتىنى چۈشەندۈرۈشىڭىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق بالىلارغا دۆلەتنىڭ قورۇلۇش تارىخى، كىملەرنىڭ رەئىس بولغانلىقى، قايسى باشلىق نېمە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالغانلىقى، قايسى ياخشى ئىش قىلالمىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

4- بالىلار بىلەن ئۆزىنى سايلامغا نامزەتلىككە تەقدىم قىلغانلارنىڭ كىملىكى، ئىقتىدارى، پۇرسىتى توغۇرلۇق دە تالاش قىلىڭ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس دەرس بولۇپ قالىدۇ.

5- بالىلارنىڭ مەكتەپتە نېمە دەرسلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تورۇش كېرەك. ئۇلارغا بېرىلىۋاتقان تەربىيە دىنى، مىللىي، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەرەپلەردە يېتەرلىكمۇ ئەمەسمۇ؟ يېتەرلىك بولمىسا بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك.

يېشى چوڭ بالىلارنېمە قىلىشى كېرەك

بالىلارنىڭ يېشى چوڭۇپ بارغانسىرى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلى كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى،خەلقىگەنېمە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. سىياسەت، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن مەخسەت ياش بالا ئۆزىنىڭ پىكىر ئەركىنىلىكى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىسى بۇ دۇنيا رىقابەت دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ ياخشى سەۋىيىگە يېتىشكەتىرىشىدۇ. ئاتا-ئانىلار ياشلارنىڭ سىياسىي مەيدانغا قەدەم قويۇش چۈشىنى ئۇلارنى كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى ئوقۇش، سىياسىي بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش، سايلام پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تورۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىنسانىي ھوقۇق، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ياشاۋاتقان بەزى جەمئىيەتلەرنى كۆزىتىدىغان بولساق، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر كىچىك بالىلارنىلا ئەمەس، چوڭ ئادەملەر بەلكى بارلىق خەلقنى سياسىيغا يېقىنلاشماسلىق، سىياسەتتىن سۆز ئاچماسلىق ھەققىدە تەشەببۇس قىلغاندىن سىرت سىياسىيغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ئاگالاندۇرۇپ قاچۇرۇپ تۇرىدۇ.مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنى ئاددىي بىر ئىجتىمائىي خالىق سادىر قىلسىمۇ سىياسىيغا باغلاپ زىندانغا ئاتىدۇ. خۇددى سىياسىي، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر ئۇچۇم چىرىك، پارىخور، زالىم باشلىقلارغا ئاتا-بوۋىسى ياكى پارتىيەدىن قالغان مىراستەك، خەلقنىڭ سىياسەت، ئەمەل، مەنسەپتىن نېسىۋىسى يوقتەكلا مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەردە ئىنتايىن رۇشەن كۆرۈلمەكتە. ھەقىقەت، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنماقتا.

ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارغا قىلىدىغان تەۋسىيە: بالىلىرىڭلارنى كىچىكىدىنلا سىياسىي مەيداندا ياخشى تەربىيلەپ، كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئۈمىتلىرىنى قاندۇرغۇدەك ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشقا يول ھازىرلىشىڭلار، سىياسىينىڭ ھاكىمىيەتتىكى شەخسىيەتچى باشلىقلارغا ئاتا مىراس ئەمەسلىكى، ھەربىر پۇخرانىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشكە، مەنسەپ تۇتۇشقا، باشلىق بولۇشقا مۇكەممەل ھەققى بارلىقى، قانۇنلۇق يول بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، سىياسىيغا ئارلىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسلىتىپ تەربىيلىشىڭلار كېرەك.

مەرىپەت توربىكىتى ئۈچۈن : ئەركىن ئالىم تەييارلىدى

بۇ ماقالە تەيسىير زايىدىنىڭ ئەلمۇجتەمە ژورنلىنىڭ 1802-سان 2008-23ماي ئىلان قىلىنغان "ئەۋلاتلىرىمىز.. سىياسىي تۇرمۇش" ناملىق ماقالىسىغا ئاساسەن تەييارلاندى.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
 كىيىنكى ماقالە :يېڭى ئىجادىيەتلەرنىڭ ئاساسچىسى مۇسۇلمانلار
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:7ئادەممېھمان:7ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ