مەرىپەت تور بېكىتى->ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  مەرىپەت تور بېكىتى
باش بەت
تەھلىل
ژورناللار
سۈرەتلەر
كىتابلار
ئاۋازلىق
ئۇلىنىش
مۇنبەر
 ئورنىڭىز: مەرىپەت تورىماقالىلەر →ھەرەم خۇتبىلىرى→ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28

ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
ئاپتۇرى:شەيخ دوكتور/ئابدۇرەھمان ئەسسۇدەيس  يوللىغۇچى:مەرىپەت تور بىكىتى گۇرۇپپىسى مەنبەسى: ئىجادىيەت يوللىغان ۋاقتى:5/26/2008 كۈرۈلدى:489قېتىم


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم  قېرىنداشلار تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا مەككە مۇكەررەمەدىكى بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.
 جۈمە نامىزى، خۇتبنى ئوقۇغان  مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ئابدۇرەھمان ئەسسۇدەيس  جىنابلىرى...
 
  ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مىڭلارچە مۇسۇلمانغا: 
"ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا ھىدايەت قىلىپ ئەۋەتىلىشى ئىنسانىيەتنى جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيانى زۇلمەتتىن نۇرغا چىقارغان" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:
 ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلا! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلا! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
 پۈتۈن دۇنيا مۇھەممەد مۇستافا ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن بورۇن جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ، ئىجتىمائىي رىشتە ئۈزۈلگەن، ئازغۇنلۇق، بۇتپەرەسلىك، تەڭسىزلىك، زولۇم قايناملىرىدا ياشىغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرلىك نۇرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. دۇنيانى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەزلى كەرەمى بىلەن قۇتقۇزۇپ تەۋھىد نىڭ ئاساسىنى قۇردى. دۇنيادا ئىنسانىي ھايات قىممىتى ئۆزلەشتى. ئىلاھىي ئادالەت تۇرغۇزۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىدايەت نۇرى پۈتۈن دۇنياغا يورۇقىنى چاچتى. ئىسلام دۆلىتى دۇنياغا ھەقىقەتنىڭ جامالى، تىنچلىق،ئادالەت، ھىدايەت، شەرەپ، ئىززەتنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتتى. ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلۇق ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. 
   دۇنيانىڭ يىڭى بىر ھاياتقا كۆز ئېچىشىغا ئاللاھ جەللە جالالنىڭ ھېكمىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى، ئۈستۈن ماقام ئىگىسى مۇھەممەد مۇستافا غا ۋەھىي ئەۋەتىش ئارقىلىق شەرەپلەندۈرۈلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلەت ۋە مەرتىۋىلىرىنى شۇنچە ئولۇق قىلغانكى، ئۇنىڭ ئىسمى شەرىپى، مۇبارەك ئىش - ئىزلىرى زىكىر قىلىنسا مۇنبەرلەر تىترەپ كېتىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەرمان قىلغان:  "بىز سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈردۇق".
 ئاللاھ ئولۇق پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى شۇنچە يوقۇرى قىلغانكى،  دۈشمەنلەر بۇ ماقامغا چىداپ تۇرالماي، قەلبى ھەسەتتىن لاۋۇلداپ يانغان سەۋەپتىن ھېچ ئامال تاپالماستىن ئاساسسىز، مەنتىقىسىز ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. 
 دۇنيا  بۈگۈنكىدەك ماددىغا بېرىلىپ، روھىي ئىپلاسلىق، ئەخلاقىي چېرىكلىك، ئەقىدە بوزۇقلىقىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن جەمئىيەتلەر ساماۋىي دىنلارغا ئىنكار قىلىپ، ئەخلاق، دىن دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان بىر زاماندا ئىسلام دىنىغا قارىتا ئىنسانىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، دىنغا بولغان قىزىقىشلارنىڭ كۈنسىرى ئېشىشى  دىن دۈشمەنلىرىنى راھەتسىز قىلىپ، بىر بۈلۈك ھەسەتخورلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، ئىدېئولوگىيە چىرىكلىكى تۈپەيلى ئۈممەتنىڭ بېشىغا قادالغان قىلىچلارغا ئايلاندى. ئىسلام دۈشمەنلىرى ھەر تەرەپتىن خىرىس قىلىشقا باشلىدى.
  بۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە ھەقىقەتنى چۈشەنگەن دىللار، دۆلەت، شەھەر، تىل، رەڭ پەرقىنى قىلماستىن رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەخلاقى، ئىنسانىيتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدا مۇنداق دېگەن تۇرسا:" بىز سىزنى دۇنيا غا رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق"
 دۈشمەنلەرنىڭ چىدىماسلىقى تۈپەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىۋاتقان ھوجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى، ئەخلاقى، ئىنسانىيتىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش بىزنىڭ ئاخىرقى نەپىسىمىزگە قەدەر مەجبۇرىيتىمىزدۇر. ئۈممەت دىنىغا قارشى ھوجۇملارغا  قارىتا ھاياجانلىق بىلەن ئەمەس تەمكىنلىك بىلەن ۋە مۇنتىزىم ھالدا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدا مۇنداق دېگەن:" سىلەر ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۆرنەك ۋە يولباشچىدۇر". 
  بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەنكى رىشتىمىز، ۋەقەلىك ۋە مۇناسىۋەتلەرگە  باغلىق بولماستىن  دايىمى ۋە توغرا ئاساس ئۈستىگە قورۇلغان رەۋىشتە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
 بىزنىڭ ئىمانىمىز نىڭ قوبۇل قىلىنىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ. يىڭى نەسىل ئەۋلاتلارغا رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى، پەزىلەتلىرى، ئېسىل ئەخلاقى ھەمدەئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بارلىق ئىنسانىيەتكە توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ.
  بۇئىشلار ھەممىسى ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىنى ئۆزىمىزدە، سۆز- ھەركەتلىرىمىزدە، تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئەمىللەشتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى، ئىش ئىزلىرى، ئەمەلىي ھاياتىنى پىرىنسىپال ھالدا ياخشى ئۆگىنىپ، باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق دىنىمىزنى ھىمايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى مەكتەپ- مەدرىسىلەر، ئىنىستىتوت-ئۈنۋەرستىتلەر، مۇئەسسەسە ۋە جەمئىيەتلەر ئارقىلىق بارلىق ئىنسانىيەتكە يەتكۈزىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش -ئىزلىرى توغرۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، خەلقئارالىق يىغىلىشلار، قورۇلتايلارنى ئويۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بارلىق مىللەت ۋە قوملەر ئالدىدا بىز ئۆز دىنىمىز، پەيغەمبىرىمىز، قۇرئانىمىزدىن پەخىرلىنىش كېرەك. ئاللاھقا يېقىنلىشىش، تائەت -ئىبادەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى رەھمەتەن لىلئالەمىن مۇھەممەد مۇستافا ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دۇشمەنلەرنىڭ يامان غەرىزىدىن مۇداپىئە قىلىشتۇر. 
 دۈشمەنلەرنىڭ غەرەزلىك ھالدا پەيغەمبىرىمىزگە تىل ئۇزارتىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى تېخىمۇ كۆتۈردى. باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇردى. شۈبھىسىزكى، بۇ كۈنلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈشكە ئورۇنغانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئىسلام ئۈممىتىگە ئۇرۇلغان خەنجەردۇر.
   لېكىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى  دۈشمەنلەر، غەيرى دىندىكىلەرنىلا ئەمەس مۇسۇلمانلارنىمۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى. كۆرۈۋاتىمىز، پۈتۈن دۇنيامۇسۇلمانلىرى پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ مونۇ ئايىتىنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ:" سىلە بۇ ئىشنى سىلەر ئۈچۈن يامانلىق دەپ گۇمان قىلماڭلار، بەلكى بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر".
  بۇھەقتە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىردىن بىر يول دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇكەممەل ئەگىشىش، ھەقىقىي مۇسۇلمانچىلىقىنى ئەمىلىي ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. 
 ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:" دەڭ ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام؛ـ  ئەمەل قىلىڭلار!ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مۆمىنلەر كۆرىدۇ.  ئىززەت- شەرەپ ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپتۇر".
 مۇھتەرەم قېرىنداشلار كىلەر ھەپتە مەسجىدىل ھەرەمدە ئوقۇلغان يىڭى خۇتبە بىلەن ئۇچراشقۇچە سىلەرنى ئاللاغا  تاپشۇردۇم.
 ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.



خەت نۇسخىسى: چوڭ     نورمال     كىچىك    【كۆچۈرۈش】  【بېسىپ چىقىرىش】 

 ئالدىنقى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008/3/21
 كىيىنكى ماقالە :ھەرەم جۈمە خۇتبىسى2008-4
 كۆپ كۈرۈلگەن تىمىلار
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 2008-03-28
  • 5/26/2008
  • دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 9/1/2009م
  • 1/11/2009
  • بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن
  • 8/7/2008
  • ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال ـ جاۋابلار
  • 6/12/2008
  • كومپيوتر ئسلامىي ئىجادىيەتتۇر
  • 6/2/2008
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 11/7/2008م
  • 7/14/2008
  • نىكاھلىنىش مۆجىزىسى
  • 5/30/2008
  • دوكتۇر جىفرى لاڭنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى
  • 8/13/2008
  • ئەۋلاتلاردا سىياسىي ئاڭنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟!
  • 5/30/2008
     بىكەت تەۋىسيىسى
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 27/2/2009م
  • 3/1/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 20/2/2009م
  • 2/23/2009
  • ئىبىرەتلىك ئۆلۈم
  • 2/19/2009
  • بەش بارمىقىنى كۆيدۈرۈش
  • 2/19/2009
  • بەلگىلەر يوقايدۇ دەپ كىم دېدى ساڭا؟!
  • 2/16/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 13/2/2009م
  • 2/15/2009
  • ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 6/2/2009م
  • 2/10/2009
  • ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى
  • 2/10/2009
  • سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بەيتۇلمەقەدىسنى ئازات
  • 2/3/2009
  • بەيتۇلمۇقەددەس تارىخىدىن پارچىلار
  • 2/3/2009
     پىكىرلــەر
    كۆرسەتمە: تېخى پىكىر يوق
     تورداشلارنىڭ پىكىرى                                             ھەممە پىكىر–تەكلىپلەر
     ئىسمى:
     پىكرى:
     ئەڭ كۆپ:  ئىشلەتكىنى  ئېشىنچە
     پەرق كود: 
    • يوللانغان پىكىرلەر يوللىغۇچىنىڭ شەخسى پىكىرى.
    • يوللىغان يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق
    • يوللىغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىمىز.
    • يوللانمىدا ئەدەپ ئەخلاق، قانۇن تۈزۈمگە زىت سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
    • يوللانمىلار بېكىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
    E-mail: merifet@merifet.net /merifetjornili@yahoo.com  
    توردىكىلەر:6ئادەممېھمان:6ئادەمئەزالار:0ئادەم
    مېھمىنى

    hit counter

    سىز تور بېكىتىمىزنىڭ