ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلگەن چاغدا دۇنيا بىزنى تونۇشى مۇمكىن

ئۇيغۇرلار ئىسلام نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، قىممەتلىك مىللەت ۋە قىممەت ياراتقان مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلار ياراتقان تۆت چوڭ كەشپىيات ۋە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى ئىسلام ھاكىمىيىتى ھېسابلىنىدىغان قاراخانىيلار دۆلىتى بۇنىڭ مىسالى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى شەھەرلەشكەن خەلق. ئەمما ئەپسۇسكى، كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرىزىسلار ۋە بەختسىزلىكلەر ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزىدىكى جەۋھەرلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغان.

ئەرەبلەردە «مەغلۇب بولغانلار غالىبلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. ھازىرقى دۇنيانىڭ ھالىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۆزىنى مەغلۇبلار قاتارىدىن ساناپ سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ تۇرغان مىللەتلەر راستتىنلا ئارقىدا قالغان. ئەمما ئۆزىنى غالىبلارنىڭ قاتارىدىن ساناپ سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ھەر تەرەپتىن غالىب كەلمەكتە. چۈنكى مەغلۇب مىللەت روھىي جەھەتتىن مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆزى بەلگىلەپ بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە غالىبلارنىڭ ئارقىسىدا مېڭىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىكەن. ئەمما غالىبلار ئۆزىنىڭ غالىبىيىتىنى ئۆزى سىزىپ، سۇ يولدا ماڭىدىكەن. ئىسلام دۇنياسى 16- ئەسىردىن كېيىن، دۇنيادا غالىبلىق رولىنى ۋە تەرەققىيات روھىنى ياۋروپالىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ھەر تەرەپتىن مەغلۇب خەلقلەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن بېرى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزلىرىدىكى جەۋھەرلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار دەل شۇنداق بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭغا مىسال ناھايىتى كۆپ. ئاددىي بىر مىسالنى ئالايلى، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغان كۈنىمىزدىن باشلاپ باشقىلارنى چوڭ بىلىدىغان، ئۇلارغا تەلپۈنىدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى بىزنىڭكىدىن مۇكەممەل ۋە ياخشى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىرىنى، ئالىملىرىنى ۋە ھۈنەر- سەنئەت ئىگىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان قەھرىمانلاردىن، ئالىملاردىن، ھۈنەر – سەنئەت ئىگىلىرىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ يامان خاھىش ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بولدى، ئاندىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەسمىي ئومۇملاشتى. ئەگەر بىز ئۆز زامانىسىدا دۇنياغا تونۇشتۇرالىغان بولساق، ئابدۇلقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسىدا مىسلى تېپىلمايدىغان دەرىجىدىكى ئىسلاھاتچى ئالىم ئىدى. ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ئويغىتىشقا تىرىشقان ۋە شۇ زامانلارغا نىسبەتەن دۇنيادا تەڭدىشى بولمىغان بىر ۋەتەنپەرۋەر زات ئىدى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمىدۇق، ئۇلارنى دۇنياغا تونۇشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى جىمىقتۇردۇق. ھازىرمۇ بىرەر دىنىي ياكى ئىلمىي ماۋزۇنى ئۆزىمىزدىن چىققان بىرەر ئالىم ناھايىتى يېتەرلىك يورۇتۇپ بېرەلىسىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك سەۋىيەدىكى بىرەر ئەرەبنىڭ، بىرەر تۈركنىڭ ۋە بىرەر ئۆزبېكنىڭ دەۋىتىنى ياكى لېكسىيەسىنى ئاڭلاشنى ئەۋزەل كۆرىمىز. مانا بۇ بىزدىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ باشقىلارنى چوڭ بىلىش ياكى ئۆزىدىكى قىممەتلەرنى تونۇماي، باشقىلاردىن قىممەت ئىزدەش خاھىشىمىزنىڭ بىر مىسالى.

تۈركىيە خەلقى بىلەن بىز قانداش. ئەمما ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىش مەسىلىسىدىكى ئەھۋالىمىز بىر-بىرىمىزگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. تۈركىيە تۈركلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، باشقىلارنى چوڭ بىلمەيدۇ، ئۆزىنى چوڭ بىلىدۇ، ئۆزىنى، ئۆز خەلقىنى، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرنى ۋە ئۆزىدىن يېتىشىپ چىققان ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنى باشقىلارغا تەڭ قىلمايدۇ. تۈركلەردىكى مىللىي ئاڭ بىزدىن ئالاھىدە يۇقىرى، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىدىن چىققانلارنى ھىمايە قىلىش روھى ناھايىتى مۇكەممەل. ئۇلار ئۆزىدىكى ھەر نەرسىنى قەدىرلەيدۇ، باشقىلارنىڭكىنى ئۆزلىرىنىڭكىگە ئۈستۈن قىلمايدۇ. ئاددىيسى،  باشقا مىللەتنىڭ ئالىملىرىنى ئۆزىنىڭ ئالىملىرىدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، باشقىلارنىڭ سەنئەتچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتچىلىرىدىن ئۈستۈن بىلمەيدۇ. تۈرلەردىكى ئۆزىدىكىنى قەدىرلەش خاھىشى شۇنىڭغا يېتىپ بارغانكى، كۆپ ساندىكى تۈركلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى»دە بېسىلغان ۋە دۇنيادا ئومۇملىشىۋاتقان قۇرئان كەرىم نۇسخىسىنى ئوقۇماي، ئۆز دۆلىتىدە بېسىلغان قۇرئان نۇسخىسىنى ئوقۇيدۇ، ھەتتا ھەج ۋە ئۆمرەگە كەلگەنلەر ئۆزى ئوقۇيدىغان قۇرئاننى ئېلىپ كېلىپ، مەسجىدى ھەرەمدە شۇنى ئوقۇيدۇ. مەن بۇنداق قىلىشنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلمىدىم، پەقەت تۈركلەردىكى «ئۆزىنىڭكىنى قەدىرلەش روھى» غا مىسال ئۈچۈن كەلتۈردۈم، خالاس.

ئىنسان ئۆزىنى قانچىلىك قەدىرلىسە، باشقىلارمۇ ئۇنى قەدىرلەيدىكەن. مىللەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە باشقىلار قانداق بىلىدۇ؟ بىر مىللەت ئۆزىنى قەدىرلىمىسە، باشقىلار قانداق قەدىرلەيدۇ؟

بىز مۇستەملىكىدە قېلىپ ئەركىنلىكىمىزنى يوقاتقان بىر خەلق بولساقمۇ، ئىززىتىمىزنى، قىممىتىمىزنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىمىزنى يوقاتمىدۇق. بىز خېلى- خېلى مىللەتلەردىن ئەۋزەل ۋە قىممەتلىك مىللەتمىز. ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنەيلى، ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ