ئىسلامىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مۇھەممەد يۈسۈپ

دىنىي ماۋزۇلاردا بىر نەرسە يازىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغان ۋە نۇتۇق سۆزلەيدىغان دوستلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك بەزى ئاتالغۇلار:

  1. «إستجارة» سېغىنىش ئەمەس، سىغىنىش، پاناھلىق تىلەشتۇر. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، پاناھلىق تىلەشنى: سىغىنماق، تېۋىنماق، ئىلتىجا قىلماق، ئىنتىلمەك، ئىلتىماس قىلماق، چوقۇنماق، باش ئۇرماق، سەجدە قىلماق، ئىشەنمەك، دەپ ئىزاھلانغان[1]. شۇڭا، «ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىش» دېگەننى «ئاللاھقا سىغىنىش» دەيمىز. بۇ تۈركچىدىكى siginmak دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما سېغىنىشنى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە: ياخشى كۆرگەن نەرسىنى يېگۈسى، يېقىن كىشىسىنى، يۇرت، ۋەتىنىنى ناھايىتى بەك كۆگۈسى كەلمەك، سېغىنىش ھېس قىلماق، دەپ ئىزاھلىغان[2]. دېمەك، سىغىنىش بىلەن سېغىنىش بىر گەپ ئەمەس.
  2. «نسب إليه» نىسبەت بېرىش ئەمەس، مەنسۇپ قىلىشتۇر. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە نىسبەت: نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن چوڭ – كىچىكلىكى، ئاز- كۆپلۈكى ۋە شۇ قاتارلىقلار، دەپ ئىزاھلانغان[3]. شۇڭا، خىرىستىيانلار ئاللاھ تائالاغا بالىنى نىسبەت بېرىدۇ، دېمەيمىز، ئاللاھ تائالاغا بالىنى مەنسۇپ قىلىدۇ، دەيمىز. مەسىلەن: «النصارى ينسبون الى الله ولداً» يەنى «خىرىستىيانلار ئاللاھقا بالىنى مەنسۇپ قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش.
  3. «حسن الظن» ياخشى گۇمان قىلىش ئەمەس، توغرا قاراشتا بولۇش. چۈنكى گۇماننىڭ ياخشىسى يوق. ئىنسانلارغا توغرا قاراشتا بولۇش: ئۇلار ھەققىدە يامان ئويدا بولماسلىق، ئىجابى قاراشتا بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالاغا توغرا قاراشتا بولۇش: ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەت قىلغاندا قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا، دۇئا قىلغاندا ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا، تەۋبە قىلغاندا مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا چىن كۆڭۈلدىن ئىشەنچ قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، ياخشى گۇماندا بولۇش دېمەيمىز، توغرا قاراشتا، ياخشى ئويدا بولۇش دەيمىز.
  4. «استجابة دعوة الله» ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى ئىجابەت قىلىش ئەمەس، قوبۇل قىلىش ياكى ئاۋاز قوشۇشتۇر. بىزدە ئىجابەت كاتتىدىن تۆۋەنگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىجابەت قىلىدۇ، بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدۇ. مەسىلەن: ) يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ( يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ھايات بېغىشلايدىغان نەرسىگە (يەنى ئىمانغا) چاقىرغان چاغدا، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار»[4].
  5. «الدين النصيحة» دېگەن سۆزنى «دىن نەسىھەتتۇر» دېمەيمىز، بەلكى «دىن _ سەمىمىيەتتۇر» دەيمىز. ئىمام مۇسلىم تەمىم ئەددارىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «الدين النصيحة» يەنى «دىن – سەمىمىيلىكتۇر» دېۋىدى، بىز «يارەسۇلۇللاھ! بۇ سەمىمىيلىك كىمگە؟» دەپ سورىدوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لله ، ولكتابه ، ولرسوله ، ولأئمة المسلمين وعامتهم» يەنى ئاللاھقا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، موسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ۋە ئۇمۇمىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشتۇر»[5] دەپ جاۋاپ بەردى.

ئۆلىمالار بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

 ئەرەب تىلىدىكى«النصيحة» دېگەن سۆز چىن ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى «نصح» دېگەن «خلص» دېگەنلىك بولۇپ، ساپلىقنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئەرەبلەر ھەسەلنىڭ ساپ ھالىتىنى «نصح العسل» يەنى (ھەسەل ساپ بولدى) دەيدۇ. بىراۋنىڭ خالىس تەۋبە قىلغانلىقىنى «نصحت توبته» دەيدۇ. تەھرىم سۈرىسىدىكى )ياأَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا( دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار» دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمەل_ ئىبادەتلەردە ئىخلاس شۇ ئەمەل_ئىبادەتلەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئىخلاسسىز ئەمەل _ ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. ئىخلاس بولسا سەمىمىيەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلامدا ھەربىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىخلاسى ۋە سەمىمىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن: قۇرئان ئوقۇشنىڭ سەممىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇش، نامازنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ئوقۇشتۇر، زاكات ۋە سەدىقىنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى چىن كۆڭلىدىن راز بولغان ھالدا، مەمنۇنىيەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر، شۇنىڭدەك، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى قېتىرقىنىپ قىلىشتۇر.

  1. «التقوى» يەنى (تەقۋادارلىق) تاشقى كۆرۈنۈشكە قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەمەلىدۇر. تەقۋادارلىق — ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا، ئىنسانىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش دېگەنلىك بولۇپ، قەلبنىڭ ئەمەلىدۇ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەمەلىدۇر. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەقۋالىق تاشقى ئەمەل بولۇپ قالغان. دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىسلاھات ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ، ئىچكى دۇنياسى چىرايلىق بولۇش تاشقى دۇنياسىنىڭ پارلاق بولۇشىدىن مۇھىمدۇر.

    دېمەك، ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى بىلىپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە تولۇق ئورۇندىغان ئادەم تەقۋا ئادەم دېيىلىدۇ. چۈنكى تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى ساقلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. شۇڭا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق_ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: «بىر_بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر_بىر_بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر_بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، بىز بىلىدىغان ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى سانىمىغان، پەقەت ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرنى تىلغا ئالغان. بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، تەقۋادارلىق مۇئامىلىدە بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ. دېمەك، بىراۋغا ئۇنىڭ ئىبادىتىنىڭ كۆپلۈكىگە ياكى تەقى-تۇرقىغا قاراپ «تەقۋادار» دەپ باھا بېرىش توغرا ئەمەس، بىراۋغا باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ مۇئامىلىسىگە قاراپ باھا بېرىش كېرەك. چۈنكى ئىبادەت قىلماق ئوڭاي، ئۇنىڭغا كۆنمەكمۇ ئوڭاي، ئەمما مۇئامىلىدە ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇش ئوڭاي ئەمەس.

7. «الصبر»  يەنى (سەۋر).  سەۋر لۇغەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا  چىدامچانلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەقدىرگە تەن بېرىش قاتارلىق ئۈچ مەنىدە كېلىدۇ. سەۋر «قۇرئان كەرىم»دىمۇ مۇشۇ ئۈچ مەنىدە كەلگەن.

بىرىنچىسى، چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر

چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر — ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە ۋە ھەق يولىدىكى كۈرەشلەردە مەزمۇت قەدەم بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. )رَبُّ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ( يەنى «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. شۇڭا، سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىن«[6]، )وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ( يەنى «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ چىداملىق بولغىن»[7]، )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ( يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمەنلەرگە قارشى) چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار»[8] دېگەن ئايەتلەردە كەلگەن «صبر» چىدامچانلىق مەنىسىدە كەلگەن.  بۇ خىلدىكى سەۋرگە ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت – تىت بولمايدۇ، گاڭگىراپ قالمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ چۈشىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر— ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.  )فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن»[9]، ) وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ( يەنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[10] دېگەن ئايەتلەردىكى سەۋر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدە كەلگەن. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر — ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كۆڭۈل گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ۋە ئەقىلنىڭ نىداسىغا قولاق سالغان ھالدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، يامان ئىشلاردىن، گۇناھ_مەسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىش، ئۆزىنىڭ نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداق سەۋرنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ خۇددى رامىزاندا روزا تۇتقان مۇسۇلمان ئادەم كۈننىڭ ئوتتەك ئىسسىقى ۋە ئۇزۇن كۈنلىرىدە كۆڭلى مۇزدەك سۇنى قاتتىق ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى يىغىپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، كۆز ئالدىدىكى مۇزدەك سۇنى ئىچىپ راھەتلىنىشتىن ۋازكەچكىنىگە، بىراۋنىڭ نەپسىي گۇناھ_مەسىيەت ئىشلەشنى تەلەب قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرۇپ، يامان ئىشتىن ساقلانغىنىغا ئوخشاش ئىشتۇر.

ئۈچىنچىسى، تەقدىرگە تەن بېرىش

تەقدىرگە تەن بېرىش مەنىسىكى سەۋر— ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇپ، بالا-قازاغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىك، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش دېگەنلىكتۇر.) وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ * الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ(يەنى« ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[11]،  )فَاصْبِرْ صَبْراً جَمِيلاً( يەنى «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن»[12]. بۇ ئايەتلەردىكى سەۋر بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر سەۋەبلىك ئۆزىنى يوقىتىۋەتمەسلىك ۋە تەقدىرگە تەن بېرىش مەنىسىدە كەلگەن. بالا-قازانى ۋە قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر — ئۆلۈم _ يېتىمگە، بالايىئاپەتكە ئوخشىغان تەقدىرگە تەن بېرىشتىن باشقا چارىسى بولمىغان مۇسىبەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋەتمەي، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئارقىلىق ھاياتىنى ھەسرەت ۋە نادامەتسىز داۋام قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا  ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى كۈلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا چىداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقاتماسلىقمۇ بۇ تۈردىكى سەۋرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. 

سەۋر بىزنىڭ تىلىمىزدا ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ

ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر— بىرەر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تىزلا كۆرۈشكە ئالدىراپ ئۇ ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ساقلاش ۋە كۈتۈشلەر دۇنيا قانۇنىيىتى ۋە رەت تەرتىبىدۇر. مەسىلەن: يەرگە ئۇرۇق سېلىپ بولغۇچىلا ئۈنمەيدۇ. ئۈنسىمۇ ھامان ھوسۇل بەرمەيدۇ. بەلكى ئۈنۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ پىشقىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆرەلمىمۇ تولۇق ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىدا بىر قانچە ئاي تۇرىدۇ. ۋاقىت دۇنيادىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە جىملىقنىڭ كىيىمى. ئەگەر بىز ۋاقىتتىن ھالقىپ چىدامسىزلىق قىلساق، چىدىماسلىقنىڭ ئوتىدا ئازابلانغاندىن باشقا قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.

  1. )الرحمن( دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى([13]) بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دىمۇ كۆپ ئايەتلەردە ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. بەزىدە سۈپەت مەنىسىدىمۇ كەلگەن. شۇڭا )الرحمن( دېگەن بۇ سۆزنى ھەممىلا يەردە سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىسىم مەنىسى ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. مەسىلەن: مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگەن ئەمەس«([14]) دېگەن سۆزىدىكى )الرحمن( ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. )الرحمن( دېگەن سۆز خۇددى )الله ( دېگەن سۆزگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ خاس ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنى «قۇرئان كەرىم» قارار قىلغان. ھەتتا «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانى: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ » ([15]) دەپ ئوچۇق جاكارلىغان. شۇڭا  )الرحمن( دېگەن سۆزنى ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن ئورۇنلاردا، ئىسىم مەنىسىدە «رەھمان » ياكى «رەھمان ئاللاھ» دەپ تەرجىمە قىلىش، سۈپەت مەنىسىدە كەلگەن جايلاردا بولسا «مەرھەمەتلىك ئاللاھ» دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلىش كېرەك.

) بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ( دېگەن ئايەتتە )الرَّحْمَنِ ( دېگەن كەلىمە )اللَّه( دېگەن كەلىمىنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن. يەنە نۇرغۇن ئايەتلەردە شۇنداق سۈپەت مەنىسىدە كەلگەن. ئەمما ھەمملا يەردە سۈپەت مەنىسىدە كەلمىگەن، ئىسىم بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن: )قَالُوا مَا أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَمَا أَنْزَلَ الرَّحْمَنُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ( يەنى « ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر» دېدى»[16] دېگەن ئايەتتىكى )الرَّحْمَنُ( دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەن. ئۇنى بۇ يەردە سۈپەت دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى كاپىرلار ئاللاھ تائالانى «مېھرىبان ئاللاھ» دەپ سۈپەتلىمەيدۇ. ئەگەر ئۇلاردا ئاللاھ تائالا قارىتا شۇنچىلىك ھۆرمەت بولسا ئىمان ئېيتقان بولاتتى. شۇڭا، تەرجىمىنى لۇغەت مەنىسىگە قاراپلا قىلىش توغرا ئەمەس، ئۇنىڭ مەنىسىگە ۋە سىياقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  1. «التوكل» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بىراۋغا ئۆزىنى تاپشۇرۇش»، «تايىنىش» ۋە «يۆلىنىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ ([17]). ئىسلام ئاتالغۇسىدا «التوكل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن يۈرەكتىن ئىشەنچ باغلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا تايىنىشنى، ئۆزىنى ۋە بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەۋەككۈل» دېگەن سۆز: كۆپ ئويلىمايلا، نېمە بولسا بولار، دەپ قىلىنغان ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدۇ ([18]). ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل نېمە بولسا بولار، دەپ تەۋەككۈل قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ ياردىمىگە ۋە قۇدرىتىگە چىن ئىشىنىپ ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تايىنىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئەرەب تىلىدىكى، خۇسۇسەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى «التوكل» دېگەن سۆزنى «تەۋەككۈل»دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغاندا ئايەتتىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.

      «قۇرئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ بىلەن تايىنىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. مەسىلەن: ) وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ ﱠ، فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ﱠ، ﱡ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ( دېگەن ئايەتلەردە كەلگەن «توكل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشەنچ قىلىپ ئۇنىڭغا تايىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، كاتتا ئىبادەتتۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالاغا «نېمە بولسا بولار» ياكى «قېنى باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز» دېگەن مەنىدە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر. مۇنداق تەۋەككۈلنى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل ئورنىدا ساناش چوڭ خاتالىقتۇر. شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە كەلگەن: «توكل» دېگەن سۆزنى « ئاللاھقا تايىنىش» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

  1. «الإحسان» دىننىڭ ئۈچ مەرتىۋىسى بولۇپ، ئۇلار: ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھساندىن ئىبارەتتۇر. ئەرەب تىلىدىكى «ئېھسان» دېگەن سۆز «ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ۋە مۇكەممەل قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆز «ياخشىلىق قىلىش» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەمما «ئېھسان» ئىماننىڭ مەرتىۋىسى قاتارىدا كەلگەندە ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: )الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ( يەنى ﴿ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر( [19] دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. «ِاحْسَان» (ئېھسان) دېگەن سۆز «إِتْقَان» (ئىتقان) يەنى ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، پۇختا ئورۇنداش، كامالەتكە يەتكۈزۈش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام مۇسلىم ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئالدىمىزغا ھېچقايسىمىز تونۇمايدىغان بىر ئادەم كەلدى. ئۇنىڭ كىيىمى ئاپپاق، چېچى قاپقارا ئىدى، ئۇ ئۇزۇن يولدىن كەلگەندەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىزىغا چاپلاپ ئولتۇردى ۋە ئىككى قولىنى ئۇنىڭ يۇتىسىغا قويۇپ تۇرۇپ، ‹ئى مۇھەممەد! ئىسلام دېگەن نېمە؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئىسلام —ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، رامىزاندا روزا تۇتۇش ۋە قۇربى يەتسە ھەج قىلىشتۇر› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹توغرا دېدىڭ› دېدى. بىز ئۇنىڭ ئۆزى سوراپ يەنە ئۆزىنىڭ تەستىقلىغانلىقىغا ھەيران قالدۇق. ئاندىن ‹ئىمان دېگەن نېمە؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئىمان— ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق – يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹توغرا دېدىڭ› دېدى. ئاندىن ‹ئېھسان دېگەن نېمە؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئېھسان — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىتۇر. گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹قىيامەت قاچان بولىدۇ؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹سورالغۇچى سورىغۇچىدىن بەك مەلۇماتلىق ئەمەس› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹ئۇنداقتا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى ۋە يالىڭاياق قويچىلارنىڭ ئىگىز بىنالارغا ئىگە بولۇشىدۇر› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم كېتىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرئاز ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ‹ئى ئۆمەر! مەندىن سوئال سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟› دەپ سورىدى. مەن ‹ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلىدۇ› دېدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇ جىبرىل ئىدى، سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى› دېدى»[20].

بۇ ھەدىس ناھايىتى مۇھىم بىر ھەدىس بولۇپ، دىنىمىزنى ئىنتايىن ئىخچام سۆزلەر بىلەن تولىمۇ روشەن بايانلار بىلەن ئوچۇقلىغان. بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇ جىبرىل ئىدى، سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى» دېگەن سۆزىدىنمۇ مۇكەممەل سۈپەتلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئىخچام تەرىپى ئىدى.

قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «احسان»، «محسن»، «محسنين» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن كەلگەن ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياخشىلىق قىلىش مەنىسىدە ئەمەس، ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن قىلىش ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش مەنىسىدە كەلگەن. مەسىلەن: ) بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ( يەنى ) ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. كىمكى ۋايىغا يەتكەن ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ھېچبىر قورقۇنچ ۋە غەم _ قايغۇ بولمايدۇ([21]، )وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ وَأَحْسِنُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىڭلار، (بېخىللىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، (پۇل-مال سەرپ قىلىشتا) ۋايىغا يەتكۈزۈڭلار، ئاللاھ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ([22]. ئەگەر بىز بۇ ئايەتتىكى «أحسنوا» دېگەن سۆزنى «ياخشىلىق قىلىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلساق، ئاللاھ يولىدا پۇل – مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ياخشىلىق قىلىڭلار دېگەنلىك بولۇپ قالمامدۇ؟ ئاللاھ تائالا نىڭ بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزغا ئېھتىياجى بارمۇ؟ ياق، ئەسلىدە بىز ئاللاھ تائالاغا موھتاجمىز. شۇڭا، مۆتىۋەر تەپسىرلەردە «أحسنوا» دېگەن سۆزگە «ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىڭلار» دەپ مەنە ئېيتىلغان.

تەپسىرى مۇيەسسەردە بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: « ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن پۇل _ مال سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار،  ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ۋە ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىشتىن باش تارتىپ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى، ئۇنىڭ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈڭلار، بارلىق ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ خالىس قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھ قېتىرقىنىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ،  ئىخلاس بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»[23].

 ) الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرەلەيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[24](، )فَآَتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآَخِرَةِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ([25] «ئېھسان» دېگەن سۆز ئاتا_ ئانا ھەققىدە كەلگەندە، ئالدى بىلەن « قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئايەتتىكى )إحسان( دېگەن سۆزنى« ئاتا_ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش»  دەپ چۈشىنىش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئاتا_ ئانىلار ھەققىدە كەلگەن «ئىھسان»نى ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاددىي مەنىدە چۈشىنىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن،  «ئاتا_ ئانىغا ئىھسان قىلىش» دېگەننى «ئاتا_ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دەپلا چۈشىنىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن خالىسانە ياردەم قىلىپ قويۇش، خەير_ ساخاۋەت قىلىپ قويۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاتا_ئانىغا ئىھسان قىلىش( يەنى قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش) پەرزدۇر. پەرز بولغاندىمۇ ئادەتتىكى پەرزلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ پەرزدۇر. يۇقىرىقى: ) وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ( يەنى: «رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى » دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.  ئاتا-ئانىغا قىلىندىغان ئىھسان باشقىلارغا قىلىپ قويىدىغان خەير-ئىھسانغا ۋە خالىسانە يادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى خالىسانە ياردەم ۋە خەير-ئىھسان دېگەن باشقىلارغا بەدەلسىز قىلىپ قويىدىغان نەرسە. ئەمما ئاتا-ئانىغا قىلىنىدىغان ئىھسان ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرۇش يولىدىكى بۇرچ ۋە قەرزدۇر. شۇڭا بۇنداق بىر قەرزنى ئادا قىلىش يولىدىكى خىزمەت بۇرچىنى ئاددى مەنىدە «ياخشىلىق قىلىش» دەپ چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس.

  1. «النفس والروح»

نەپس ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

نەپس سۆزى «قۇرئان كەرىم»دە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ  ئىنساننىڭ يۈرۈش _ تۇرۇشلىرىدا تەسىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆپلىگەن ئىنسانىي سۈپەتلەر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىدۇر. نەپسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىنسانلارغا ئېنىق مەلۇم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىنساننىڭ يۈرۈش _ تۇرۇشلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئۆزىنى راھەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىستەكلىرىگە قاندۇرىدىغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىش، قىزىقىش، تەلەپ قىلىش، راھەت ۋە جاپانى ھېس قىلىش، شادلىنىش ۋە غەمكىن بولۇش، سۆيۈش ۋە نەپرەتلىنىش، ياقتۇرۇش ۋە يامان كۆرۈش، تەسىرلىك  سۆزلەردىن  ھېسسىياتقا كېلىش قاتارلىق ۋىجدانىي سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى نەپسنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن سانىلىدۇ. شۇنىڭدەك، توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىش، ئۆزىنى پاكلاش ياكى بۇلغاش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ نەپسىدە بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ياخشىلىق _ يامانلىقتىن خالىغانلىرىنى قىلىش قابىلىيىتى نەپسىدە باردۇر.

نەپس ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى قىلىشقا قادىر بولۇپ، قىلغانلىرىنى بىلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر. شۇڭا نەپسنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىشلار ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ياكى سۈپەتلىرىدىن سانالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نەپس قىلغانلىرىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ياخشى قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، يامان قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان.

مۇكاپات بىلەن جازا مەسئۇلىيەتنىڭ مېۋىسى بولۇپ،  مەسئۇلىيەت بولمىغان ئىشتا مۇكاپات ياكى جازا دېگەنلەر بولمايدۇ. شۇڭا نەپس يامان قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن مالامەتكە، ياخشى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيەگە لايىق بولىدۇ.

نەپس قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياخشى _ يامان بارلىق ئىشلىرى خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ قىيامەت كۈنىدە بۇ دۇنيادا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلىنىپ يېزىلغان ھالەتتە كۆرىدۇ.

نەپستە ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ تۈرتكىلىرى، شۇنداقلا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى ۋە بۇلارنىڭ قايسىسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ياخشى قىلغان ئىشلىرىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىش، يامان قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن بىئارام بولۇپ، ئۆزىگە مالامەت قىلىش خۇسۇسىيىتى بار. چۈنكى نەپس قانداقلا بىر يامانلىقنى قىلىشقا باشلىغاندا، ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى، ھەۋەسلىرىنى ۋە شەھۋەتلىرىنى تېزرەك قاندۇرۇش ۋە بۇ لەززەتلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىش تۈرتكىسى نەتىجىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەندەك، قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلىشقا يۈزلەنگىنىدە، ئۆزىدىكى ئىجابىي تۈرتكىلەر — ۋىجدانىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئارقىلىق جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش قىزغىنلىقى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.

ۋىجدان نەپسنى ھەمىشە ياخشىلىققا چاقىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما نەپس ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش ئىشىدا ئىختىيار ئىگىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن نەپس ئۆز قىلمىشلىرىدىن جاۋابكار بولىدۇ.

نەپسنىڭ تەلەپلىرى

نەپسنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسى سۆكۈلگۈچى ئەمەس. چۈنكى نەپسنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى ۋە يولسىز تەلەپلىرى بار.

نەپسنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى __ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زىيان _ زەخمەتكە ئۇچراتمىغان ئاساستا، قائىدە _ يوسۇن بويىچە، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

نەپسنىڭ يولسىز تەلەپلىرى __ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زىيان _ زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەۋەسلىرىنى قائىدە _ يوسۇنغا يات بىر شەكىلدە قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

روھ ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

روھنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: )وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوْحِ قُلِ الرُّوْحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّيْ( يەنى «ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. دېگىنكى‹روھ (نىڭ ماھىيىتىنى بىلىش) رەببىمنىڭ ئىشىدۇر› » ([26])

ئەمما روھنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ۋۇجۇدنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ، ھۇجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ ماددىي ۋۇجۇدتا روھنىڭ بولۇشى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتچان، ئۆسىدىغان ۋە ياشايدىغان قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى روھ ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى جانلىقلارغا تارقىتىۋەتكەن ئېنېرگىيە بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىش، كۆپىيىش ۋە بۆلۈنۈش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.([27])

روھنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. روھنى ئۆزىنى كۆرگىلى ياكى قىياس قىلغىلى بولمايدىغان، پەقەت نەتىجىسىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان ھاۋا دولقۇنلىرىغا، ياكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ۋۇجۇدىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسە شۇ روھتۇر.

بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ بىراۋنىڭ بىردىنلا پائالىيەتچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى «روھلىنىپ كەتتى» دەيمىز. ۋەز _ نەسىھەت، ياكى تەسىرلىك شېئىر، ياكى بىرەر سۆزنى ئاڭلاپ، ياكى كىتاب ئوقۇپ تەسىرلەنگەن كىشىنى «روھىي ئوزۇق ئالدى» دەيمىز. بۇ ئىپادىلەرنىڭ ھەممىسى روھنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قىسقىسى، روھ ئىنسان ۋۇجۇدىدا ماشىنىنىڭ ماتورىغا ئوخشىسا، نەپس ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشايدۇ. نەپس ۋۇجۇدنى ئۇنىڭدىكى روھ بىلەن بىرگە يا ئامانلىققا، ياكى ھالاكەتكە باشلاپ مېڭىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»دە نەپسنى «يامانلىققا باشلىغۇچى» دەپ سۈپەتلىگەن: )إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوْءِ إِلاَّ مَا رَحِمَ رَبِّيْ﴾ يەنى ﴿نەپس ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ. پەقەت رەببىم رەھىم قىلغان ئادەملا بۇنىڭدىن مۇستەسنا(([28]) .

ئەرەب تىلىدا «روح» سۆزى بىلەن«نفس» سۆزى گاھ  ئىككىسى بىر مەنىدە، گاھ بىر _ بىرىگە يېقىن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «جان» سۆزىنى ئەرەبلەر «روھ» ياكى« نەپس» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىككى سوز كۆپ ھاللاردا  ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلسىمۇ، گاھىدا پەرقلىق مەنىلەردە كېلىدۇ. مەسىلەن: «نفس» يەنە «ئۆز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق «روح» بۇ مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىراۋ ئۆلسە، ئۇنىڭ جېنى چىقتى، دېگەننى «فاضت روحه» ياكى «خرجت روحه» دەپ ئىپادىلەيدۇ، ئەرەبلەر بىرەر قېتىم بولسىمۇ «فاضت نفسه» ياكى «خرجت نفسه» يەنى «نەپسى چىقىپ كەتتى» دېمەيدۇ. شۇڭا روھنى __ قوزغاتقۇچى كۈچ، ياكى ئېنېرگىيە دېيىش ئەڭ لايىق بولسا كېرەك.

شۇڭا ئىسلام مەنبەلىرىدە كەلگەن «تطهير النفس» يەنى «نەپسنى پاكلاش» دېگەن ئىبارىنى «روھنى پاكلاش» دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا بولمىسا كېرەك. چۈنكى روھ ئۆزى پاك نەرسە، ئۇنى پاكلاشقا ھاجەت يوق. پاكلاشقا تېگىشلىك نەرسە نەپستۇر. چۈنكى نەپس ئادەمنى يامان ئىشلارغا ئۈندەيدۇ، ھەتتا باشلاپ ماڭىدۇ. ئەمما روھ ئادەمنى ھەرىكەتكە سېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئۇنى باشلىيالمايدۇ.

12. «العمل الصالح» شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق يوسۇندا قىلىنغان توغرا ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمىي مەنىسى : بارچە ياخشى ئەمەللەرنى ئورۇنداش، ئىنسانلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈش، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. )إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ(  يەنى «شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ياخشىسىدۇر». ياخشى ئەمەل دىننىڭ ئۈچىنچى مەرتىۋىسى بولغان ئىھساننىڭ شەكىللىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن پەرز ئەيىن سانىلىدۇ. مەلۇمكى، دىننىڭ بىرىنچى مەرتىۋىسى ئىمان، ئىككىنچىسى ئىسلام، ئۈچىنچىسى ئىھساندۇر. ئىھسان— ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش دېگەنلىكتۇر.

13. «الرجل الصالح» قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى تولۇق ئورۇندايدىغان توغرا ۋە دۇرۇس ئادەم دېگەنلىك بولۇپ، ئومۇمەن، ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك، ھەر ئىشقا ياراملىق، توغرا ۋە دۇرۇس ئىش قىلىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.

14. «الفاسق» دېگەن سۆز «الفسق» يەنى «چىقىش» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ،  ھەرقانداق بىر نەرسىدىن چىقىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا )فاسق( دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدىن چىققۇچى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ([29]). مەسىلەن: كەھف سۈرىسىدىكى )وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآَدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ( يەنى )ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى( ([30])  دېگەن ئايەتكە ئوخشاش. بۇ ئايەتتە «فَسَقَ» دېگەن سۆز «چىقتى»دېگەن مەنىدە كەلگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئايەتلىرىدە كەلگەن )فاسقون( دېگەن سۆز «ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار» ياكى «توغرا يولدىن ئاداشقانلار» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ

ئەمما فاسقوندېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا «پاسىقلار» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، بۇ سۆزدىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى«پاسىق» دېگەن سۆز ئەسلى مەنىسىدە «بۇزۇلغان»، «چىرىگەن»، «سېسىغان»، «پاسكىنا» دېگەن مەنىلەرنى، كۆچمە مەنىسىدە «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ([31]). خەلق ئارىسىدا، پاكىزلىققا ئېتىبار بەرمەيدىغان ياكى گۇناھ _ مەئسىيەتنى كۆپ قىلىدىغان ئادەملەر «پاسىقلار» دېيىلىدۇ. شۇڭا ئەرەب تىلىدىكىفاسق دېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا «پاسىق» دەپ تەرجىمە قىلماستىن، ئايەتتە كەلگەن ئورنىغا قاراپ كۆپرەك «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىش لازىم.

15. «العبادة » يەنى «ئىبادەت» دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن «بويسۇنۇش»، «ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە([32])، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئىبادەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىسىمدۇر([33]). ئىبادەت ئاللاھ تائالاغىلا قىلىنىدۇ. بۇ تەرىپكە ئاساسلانغاندا، «ئىبادەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى كەڭ بولۇپ، ئىبادەتنى ئىسلامدا ۋاقتى ۋە ئادا قىلىش ئۇسۇلى ئېنىق بەلگىلەنگەن ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرگىلا قارىتىپ قويغاندا، ئىسلامدا كۆزدە تۇتۇلغان ئىبادەتنىڭ مەنىسى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلار مەزكۇر ئىبادەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن: ) اعْبُدُوا رَبَّكُمُ ( يەنى )رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار( ([34]) دېگەن ئايەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە ئىش قىلىڭلار دېگەنلىك بولۇپ، ھاياتىڭلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ بۇيرىغىنى ۋە تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشاڭلار دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشىغان ئىبادەتلەر بىز تەرىپلىگەن ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. قىسقىسى، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ياشىغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

داۋامى بار...

 


[1] «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 348- بەت.

[2] «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 640- بەت.

[3] «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 1069- بەت.

[4] ئەنفال سۈرىسى: 24-ئايەت.

[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[6] مەريەم سۈرىسى: 65- ئايەت.

[7] تاھا سۈرىسى: 132- ئايەت.

[8] ئال ئىمران سۈرىسى: 200- ئايەت.

[9] قاف سۈرىسى: 39- ئايەت.

[10] نەھل سۈرىسى: 126- ئايەت.

[11] بەقەرە سۈرىسى: 155- ئايەت.

[12] مەئارىج سۈرىسى:5- ئايەت.

([13]) ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ «ئەيسەرۇتتەفاسىر» ناملىق تەپسىرى1-توم،11-بەت.

([14]) ياسىن سۈرىسى: 15-ئايەت.

([15]) ئىسرا سۈرىسى:110-ئايەت.

[16] ياسىن سۈرىسى:15-ئايەت.

([17]) «لىسانۇل ئەرەب» 11-توم، 734- بەت.

([18]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 289-بەت.

[19]  سەجدە سۈرىسى: 7- ئايەت

[20] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ئىمام بۇخارىمۇ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئوخشاش لەۋز بىلەن رىۋايەت قىلغان.

[21] بەقەرە سۈرىسى: 112-ئايەت.

[22] بەقەرە سۈرىسى: 195- ئايەت.

[23] «التفسير الميسر» 30- بەت.

[24] ئال ئىمران سۈرىسى: 134- ئايەت.

[25] ئال ئىمران سۈرىسى: 148- ئايەت.

([26])  ئىسرا سۈرىسى: 85- ئايەت

([27]) مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەيدانىينىڭ «الأخلاق الإسلامية» يەنى( ئىسلام ئەخلاقى) ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

([28])يۇسۇف سۈرىسى: 53- ئايەت

([29]) «تفسير القرطبي»1-توم 245-بەتتە، «تفسير الألوسي» 1-توم210- بەتتە، «تفسير ابن عطية»1-توم 155-بەتتە «فسق» دېگەن سۆز  «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان» دەپ تەپسىر قىلىنغان.

([30]) كەھف سۈرىسى: 50-ئايەت.

([31]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 189-بەت.

([32]) «لسان العرب» 5-توم، 2776- بەت.

([33]) شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيەنىڭ «العبودية» ناملىق ئەسىرى1-بەت.

([34]) بەقەرە سۈرىسى:23_ ئايەت.