• «قۇرئان كەرىم»دىكى «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دېگەن ئايەت ھەققىدە

ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە شارائىتنىڭ تەسىرىدىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالالىشى ناتايىن. گەرچە بۇ بىر مۇقەررەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىمىز «ئىنسان بارچە مەۋجۇتلۇقنىڭ مەركىزى، ئىنسان تۈزەلسە ھەممە نەرسە تۈزۈلۈپ كېتىدۇ، ئىنسان بۇزۇلسا ھەممە نەرسە بۇزۇلىدۇ» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ مۇھىتنىڭ يامان ئاسارەتلىرىدىن مۇمكىنقەدەر يىراق تۇرۇشنى، بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، ساپلاشتۇرۇش، سۈزۈلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تەكتلەپ كەلمەكتە.‏شۇنداقلا ئاللاھنىڭ پەزلى-ئېھسانلىرىغا تۇزكورلۇق قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلمىغان كىشلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز شۇ پەزلى-مەرھەمەتلەرگە نائىل بولالايدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەر بەرمەكتە. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر مىللەتكە نېئمەت بەرگەن، ياخشىلىق ئاتا قىلغان بولسا، بۇلار ئاسىيلىق قىلىپ بۇ نېئمەت ۋە ياخشىلىقنى يوقىتىپ قويىدىغان ئىشنى قىلمىسا، ئاللا بۇ نېئمەتنى ئۇلاردىن تارتىۋالمايدۇ».[1]

«ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دەيدۇ.[2]

«(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟»[3]دەيدۇ.

ئەگەر ئاللاھقا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن رەۋىشتە ئىتائەتقىلىدىغان بولساق، ئۇ بىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ ۋە بىز ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى بىزدىن دەپئىي قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلساق، ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە بىزنى بىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئاقىۋەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىر ھەدىس قۇدۇسىيدا مۇنداق دېگەن: «مەن پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، پادىشاھلارنىڭ قەلبى مېنىڭ قۇلۇمدا. ئەگەر ئىنسانلار ئىتائەت قىلسا، پادىشاھ ۋە رەئىسلەرنىڭ قەلبىنى ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىشقا ئۆزگەرتىمەن. ئەگەر ئاسىيلىق قىلسا، پادىشاھلارنىڭ قەلبىنى ئۇلارنى يامان كۆرىدىغان ۋە ئازابلايدىغان قىلىپ قويىمەن. شۇڭا سىلەر پادىشاھلارنى تىللاپ ئۆزۈڭلەرنى ئاۋارە قىلماي، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ياخشى بولۇشى سىلەرنىڭ تۈزۈلۈپ توغرا يولدا مېڭىشىڭلارغا باغلىق».[4]

ئۆزۈڭنى تۈزەت، ھالىڭنى ئىسلاھ قىل. سەن ئۆزگەرمىگىچە ئاللاھ ئۆزگەرتمەيدۇ. مەسىلەن: سەن خاتىرجەم ئەركىن تۇرمۇش ئىچىدە بەخىتلىك ياشاۋاتقىنىڭدا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ نېئمەتكە تۇزكورلۇق قىلمىساڭ ئاللاھ سەندىن بۇ بەختنى تارتىۋالمايدۇ، بەختىڭ داۋام ئېتىدۇ. شۇنىڭدەك سەن يامان بىر ھالەتتە بولساڭ شۇ ھالىڭنى تۈزەش ئۈچۈن ياكى ياخشى بىر ھالەتتە بولساڭ شۇ ھالىڭنى تېخىمۇ ياخشىلاش ياكى ئىزچىل ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەپسىڭ بىلەن كۆرەش قىلىشىڭ كېرەك. ‏بىر ئادەم ئۆزى چۈشۈپ قالغان كرىزسلاردىن خالاس بولۇشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ ھالىنى ئۆزگەرتمىسە ئاللاھ ئۇنىڭدىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ.

 بىز يورۇتماقچى بولغان يۇقىرىقى ئايەتكە مۇنداق ئىككى خىل مەنە بېرىش مۇمكىن: بىرى، سەن ئۆزگەرمىگىچە ئاللاھ ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ. ئىتائەتتىن گۇناھقا چەتنەپ كەتمىسەڭ، ھالىڭنى ياخشىلىقتىن يامانلىققا ئۆرۈپ قويمايدۇ. يەنە بىرى، گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئىتائەت ئىشلارغا ئاتلانمىساڭ، ھالىڭنى يامانلىقتىن ياخشىلىققا ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.

سەن ئۆزگەرمىگىچە ئۆزگەرتمەيدۇ. مەسىلىنىڭ نېگىزى يەنىلا سەن. سەن ئۆزگىرىش تەرىپىگە يۈزلەنسەڭلا ئاللاھ ئۆزگەرتىدۇ، ئۆزگىرىشنى خالىمىساڭ ياكى ئۆزگىرىش تەرىپىگە يۈزلەنمىسەڭ ئاللاھ ئۆزگەرتمەيدۇ.

ئىنساندا ھەرقانچە كۆپ ئېقتىدار، ئىمكانىيەت ۋە قولاي شارائىتلا بولسىمۇ، يەنىلا ئاللاھنىڭ تەقدىر دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە شۇ ئارقىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم بار كۈچى بىلەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە شۇ يۆنىلىش بويىچە ئۆزىدىكى ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشقا كۈچىشى كېرەك. ئىمكانىيەتلەرنى توغرا بايقاپ، بار كۈچى بىلەن تېرىشچانلىق كۆرسىتىش خەۋپ ۋە خېرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.

يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى مۇنۇ ھەدىس ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ بىزگە:
ـ ھەممىڭلارنىڭ جەننەتتىكى ۋە دوزاختىكى ئورنى پۈتۈلۈپ بولدى، ـ دېدى. بىز:
ــ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنداق بولسا، بىز شۇنىڭغا تايانساق بولمامدۇ؟ ـ دېگەنىدۇق. ئۇ: 
ــ ياق، ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىڭلار. ھەر ئادەمنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى ئۇنىڭغا ئاسان قىلىنىدۇ، ـ دېدى. ئاندىن: ﴿(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز. بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز﴾ دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى.»[5]

كۆنۈككەن بىر ئادەت ياكى مۇھىتتىن ئايرىلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق بەدىلى بولىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزۈش، ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خالاس بولۇشمۇ ئېغىزدا ئېيتقاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئەمما ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىنى ۋە رازىلىقىنى كۆزلىگەن بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن ياكى جاپا چېكىپ بەدەل تۆلەيمىز ياكى ئۆزىمىزنى تۈزەتمىگەنلىكنىڭ جازاسىنى تارتىمىز. بۇ ئېنىق مۇقەررەرلىك. 

ئۆزىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىرادە قانچىلىك مۇھىم بولسا، توغرا ئاڭ تېخىمۇ مۇھىم. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، بىز ئىرادە قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلمەيمىز. بەزىدە ئېرىشكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پايدىمىزغا بولمايمۇ قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدە مۇستەھكەم ئىرادە تۇرغۇزۇشىمىز، ئاندىن ئىشلارنىڭ ئەڭ توغرا ۋە شەرئىي يوللۇق بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا ناۋادا بىز ئىرادىمىز بويىچە كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشەلمەي قالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا شەرىئەت تەرىپىگە يۈزلەنگەنلىكىمىزنىڭ ئەجرىگە ئىرىشەلەيمىز. 

ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى بىر قانچە پىرىنسىپ:
1. ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتا چىدامچانلىق روھى بولۇش كېرەك!
ماددىي ئىسلاھات مەنىۋىي ئىسلاھاتتىن كۆپ ئاسان بولىدۇ. ئادەت، ئىستىل، چۈشەنچە ۋە ئىدىيىنى ئۆزگەرتىش زور سەۋرچانلىق ۋە چىدامچانلىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

2. مۇناسىپ پۇرسەت ئىزدەش ۋە قولغا كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك! 
كېچە ھەرقانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ ھامان تاڭ ئاتىدۇ. شۇنداق، بەزىدە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشتا نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا يولۇقىدىغان ئىشلار بولىدۇ. لېكىن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىمىزلا دەيدىكەنمىز «شارائىت ھەر قانچە يامانلىشىپ، يوللار ھەر قانچە تارىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە يۈكسىلىش پۇرسىتى ھامان تېپىلىدۇ» دەيدىغان ئىشەنچكە كېلىشىمىز لازىم.

ۋەزىيەت، شارائىت دائىم بىز كۈتكەندەك بولىۋەرمەيدۇ. لېكىن چىن ئىرادە ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن ئىسلاھات تەرىپىگە يۈزلىنىمەنلا دەيدىكەنمىز مۇناسىپ پۇرسەت تېپىلىپ تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى قېلچە باھانە تاپماسلىق، يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەر بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىقتۇر. 
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ئىشلاردا بەسلىشىدىغانلار بەسلەشسۇن».[6]دېمەك، ياخشىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ساھەلىرى بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش مەيدانى بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ. بۇ ساھەدە ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىگە يارىشا ئورۇن ۋە پۇرسەت بار. 

3. دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىنى ئىزچىل ئىسلاھ قىلىشتۇر
ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزىتىش مەسىلىسى قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئادەتتىكى بىر ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە، قەدىر-قىممەتكە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. مەسىلەن: بىر ئادەم ئىسراپخورلۇق سەۋەبىدىن ئېغىر قەرزدار بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ مۇناسىپ چىقىش يولى چىقىم قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، تىجەشلىك بولۇش. بۇنداق قىلغاندا شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان ئىسراپچىلىققا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززىتىنىمۇ ياخشى قوغداپ قالالايدۇ. دېمەك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قەدىر-قىممەت، بۇ دۇنيادىكى غورۇر ۋە ئىززەتنىڭ بىردىنبىر ئاساسى ئىزچىل ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ۋاقتىدا ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇشتۇر. 

پەقەت ئۈمىدسىز، قەدىر-قىممەتكە قىزىقمايدىغان، شەرەپ-نومۇس تۇيغۇسى يوق كىشىلەرلا ئۆزىنى تۈزىتىشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. 
شەخس سۈپىتىدە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش بىر پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ھەر ئادەم جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىمارەتتىكى بىر كېسەكتۇر. ئىمارەتنىڭ كۆركەم، ھەيۋەتلىك، گۈزەل پۈتۈپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم چوقۇمكى ھەر بىر تال كېسەكنى ياخشى تاللىشى لازىم. 

4. ئىلىم-مەرىپەت ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ 
كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۇلارنى ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھاتقا ئۈندەيدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىللارنىڭ بىرى. قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئىلىم بىلەن خەلقنى ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىستىكىدە بارلىق ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى دىنىي، مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، دىن بىلەن پەن بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە مائارىپنى گۈللەندۈرۈشكە سەرپ قىلغان مەشھۇر ئۆلىما، ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللامنى خوراپات ۋە نادانلىق ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشتا ئاۋانگارت بولۇشقا ئۈندىگىنى، خەتەرلەرگە تەۋەككۇل قىلدۇرغىنى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادى، چىن مەنىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، توغرا ھەزىم قىلىنغان ئىلىم-مەرىپىتى، مۇكەممەل يېتىلگەن ئادىمىيىتى ئىدى. 

قايسى بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ مەرىپەت ۋە ھەزارىتىدە كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىش بارلىققا كېلىدىكەن، چوقۇمكى شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدە نەتىجە يارىتىش، ئالغا ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشكە بولغان تەلپۈنۈشلەر كۈچىيىشكە باشلايدۇ. يۈكسىلىشكە ئىنتىلىش كىشىلەردە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش سېغىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىش يولىدىكى زور بەدەللەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.
ساۋاتسىزلىق، قالاقلىق ۋە نادانلىق ھەرقانچە خار-زەبۇنلۇققىمۇ غىڭ قىلماي تەسلىم بولىدىغان روھىي مەغلۇبىيەتچىلىككە زېمىن ھازىرلايدۇ. 
بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر داموللام مۇنداق مىسرالارنى يازىدۇ:

بىلىمسىزلىك نومۇستۇر بىشەك،
رازىدۇر ئۇنىڭغا پەقەتلا ئېشەك.
ئادەم قانچىكى كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانسېرى ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھاتقا شۇنچە كەڭ زېمىن ھازىرلانغان بولىدۇ. چۈنكى، كۆپ قىرلىق مەلۇمات ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قىممەتقارىشى ۋە نەزەر دائىرىسىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

5. ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشتا ئىنچىكە سەزگۈرلۈك بولۇشى كېرەك!
ناچار ئادەت ۋە غەيرىي ئىستىللار ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ چوقۇم مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە ئەڭ ئاۋۋال مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشىمىز، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرىپى بىلەن، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك تەرىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈۋېلىشىمىز كېرەك. ناۋادا ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھاتتىكى ئۇسۇلغا دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا ئىسلاھات قىلغۇچىلىق سالاھىيەتنى يوقىتىپ بۇزغۇنچى بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئىنسان ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەۋجۇتلۇق. ئۇنىڭ بىز كۆرۈۋاتقان زاھىرى بىلەن ئىچكى دۇنياسى تامامەن ئوخشاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بىز بەزىدە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىللەتلەرنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆزگەرتەلەيدىغاندەك، بىر قېتىم ياكى بىر قانچە قېتىملىق تەبلىغ، دەۋەتلەر ئارقىلىق تۈزىۋەتكىلى بولىدىغاندەك ئويغا كېلىپ قالىمىز. ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەسىلە بۇنداق ئاددىي بولماي قالىدۇ. 

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەر بىر كۈندىلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس سەۋەبى ۋە جەريانى بولىدۇ. ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش ئىشلىرىدا ئاۋانگارت بولماقچى بولغانلار ھەر بىر مەسىلىگە نىسبەتەن سەزگۈر ئىنكاستا بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ زاھىرى تەرىپىدىن بەكرەك ماھىيىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.

6. ئىزچىللىق ۋە مۇستەھكەم ئىرادە ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ يادروسى
ئەگەر بىزدە ئىزچىللىق ۋە پولاتتەك ئىرادە بولمايدىكەن ھەر قانداق ياخشى مۇھىت ۋە ئەۋزەل شارائىتلارمۇ ھېچ ئىشقا يارىماي قالىدۇ. 
نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلار ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدۇ. كېچە-كۈندۈز ئۆزىنى بۈيۈك ئىسلاھاتلارغا ساھىبخانلىق قىلسامكەن دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزى ئارزۇ قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىنى چۈشەنمىگەچكە بىھۇدە بەدەل تۆلىگەننى ئاز دەپ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. بۇ خىل روھىي كىرىزىسقا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىشلارغا يارايدىغانلىقىمىزنى ئوبدان مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىشىمىز، قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەۋىسىنى قىلىپلا يۈرگىچە قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى توغرا نىيەت ۋە مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مانا شۇ چاغدىلا ئۆزىمىزدە ئىشەنچ ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئىشەنچ ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن غايىمىز تەرىپىگە قاراپ ئىزچىل ئىلگىرىلىگەندىلا ھامان بىر كۈنى نەتىجىگە ئىرىشەلەيمىز.

7. «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش» لازىم
ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى ئادەمدە ھەرخىل ئىزتىراپ ۋە خەۋپسېرەش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئادەمدە ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزلۈك خاھىشى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە مۇستەھكەم ئىرادە بولمىسىلا ئىش باشلىنا-باشلانماي مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتىدىغان گەپ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كەمچىل، ئۆزلۈكى ئاجىز ئادەملەردە ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەلمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر كۆپىنچە ئۆزىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا ئۇلار «سىڭگەن نېنىنى يېيىش» تەرەپدارى بولۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، نىشان، غايە قانچىكى بۈيۈك بولسا ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدەلمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. غايىگە يېتىش يولىدا گاڭگىراش، ئىزتىراپ چېكىش بىر بولسا مەنىۋىيەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن، يەنە بىر بولسا غايىنىڭ ئەمەلىي رېئاللىققا ماسلاشمىغانلىقتىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى، يېتەرسىزلىكلىرىنى بىر قۇر تونۇۋېلىش؛ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىمۇ شۇ جەمئىيەتتىكى ساقلاپ قىلىشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاتىمە بېرىشكە تېگىشلىك ئىللەتلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، ئىسلاھ قىلىش ۋە ساقلاپ قېلىش يوللىرىنى ياخشى تەھلىل قىلىش لازىم. ئۆزىنى تۈزىتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش شەخسىي مەسىلە بولغان بىلەن جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزىتىش بىر پۈتۈن خەلقنىڭ مەسىلىسى. بۇنداق چوڭ مەسىلىلەردە ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىغا تاينىپلا ھەر مۇقامدا يورغىلىماستىن، ھەر ئىشتا كېڭەشلىك بولۇپ، تارىختىن دەرس ۋە ساۋاق ئېلىپ ئىشلارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تەڭ نەزەرگە ئېلىشى ۋە قىلماقچى بولغان ھەر ئىشىدا «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشى» لازىم. 

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى  (ئاپتور مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)

مەرىپەت ژورنىلى 2015-يىلى 1-سان

[1]ئەنفال سۈرىسى 53-ئايەت
[2]رەئد سۈرىسى 11-ئايەت
[3]نۇھ سۈرىسى 10-12-ئايەتلەر
[4]تەبەرانى رىۋايىتى 
[5]بۇخارى رىۋايىتى 4947-ھەدىس
[6]سۈرە مۇتەففىفىن 26-ئايەت