بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

(وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آَمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ (8) يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ (9) فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ (10) وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ (11) أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَكِنْ لَا يَشْعُرُونَ (12) وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آَمِنُوا كَمَا آَمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آَمَنَ السُّفَهَاءُ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَكِنْ لَا يَعْلَمُونَ (13) وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آَمَنُوا قَالُوا آَمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَى شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ (14) اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ (15) أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَى فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ( (16).

تەرجىمىسى:

8-بەزىبىر ئادەملەر باركى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئىشەنمەي تۇرۇپ «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەپ قويۇشىدۇ.

9-ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.

10-ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئېيتىۋاتقان يالغانلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب بار.

11-ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.

12-بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ.

13-ئۇلارغا: «سىلەرمۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئىيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ھەقىقىي ئەخمەقلەر ئۇلارنىڭ ئۆزىدۇر، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ.

14-ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، (ئۆزلىرىنى ئازدۇرغان ئادىمىي) شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللىمىز، بىز پەقەت (ئىمان ئېيتقانلارنى) مەسخىرە قىلىۋاتىمىز» دەيدۇ.

15-ئاللاھ ئۇلارنى (قىلمىشى سەۋەبتىن) جازالايدۇ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇق (پاتقاقلىرى)غا تاشلاپ قويىدۇ، ئۇلار بولسا تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.

16-ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى. زادى ئۇلار ھىدايەت تاپقان كىشىلەر ئەمەس ئىدى.

تەپسىرى:

كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى تۈردىكىلىرى مۇناپىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولىدىغان خەتىرى كاپىرلارنىڭ خەتىرىدىن ياماندۇر، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئاللاھ تائالا 13 ئايەتتە مۇناپىقلار توغرۇلۇق تەپسىلى خەۋەر بەرگەن. يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى مۇناپىقلاردىن كۆزدە تۇتۇلغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇناپىقلارلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق جايلاردىكى ۋە ھەر قانداق ۋاقىتلاردىكى يۇقىرىقى سۈپەتلەر تېپىلغان مۇناپىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېغىزىدا سۆزلەپ قويۇپ كىشىلەرنى بۇ نەيرىڭىگە ئىشەندۈرمەكچى بولۇشىدۇ. دىللىرى كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇققا تولغان بۇ مۇناپىقلار شۇنداق ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇنداق يالغان بىلجىرلاشلىرىغا رەددىيە بېرىپ، ئۇلار قانچىلىك ئىمان دەۋاسى قىلغان بىلەنمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرگىز مۇئمىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىنى يوشۇرۇپ، مۇسۇلمانلىقىنى كۆرسىتىشلىرى ئاللاھ تائالانى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولغان نەيرەڭۋازلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇناپىقلار ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناپىقلارنىڭ زىيىنى ۋە خەتىرى كاپىرلارنىڭكىدىن چوڭدۇر. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىدە كۆرسەتكەنلىكتىن كىشىلەر ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنداشلىرى قاتارىدىن ساناپ قالىدۇ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ، نەتىجىدە بۇ مۇناپىقلار تۇيدۇرماستىن مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى قۇرۇق ئىمان دەۋاسىغا ئىشەنمەسلىكنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە مۇناپىقلارنىڭ ئالدامچىلىقى پەقەت ئۆزلىرىنى ئالداشتىن باشقىسىغا يارىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئالداۋاتىمىز، دەپ قىلغان بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھالاكەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرى ئۆزلىرىنى بەربات قىلىشقا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابلارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇمكى، مۇناپىقلار قايسى زاماندا ۋە قايسى جايدا بولسۇن، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ زىيىنىغا ئىشلەيدىغان زەھەرلىك مەخلۇقلاردۇر. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇناپىقلارنىڭ زىيانلىرىغا كۆپ ئۇچرىغان. مۇناپىقلىق بىلەن يەھۇدىيلىقتىن ئىبارەت ئىككى سۈپەت بىر-بىرىگە تولىمۇ يېقىندۇر. چۈنكى، قورقۇنچاقلىق ۋە نامەردلىك يەھۇدىيلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بولغىنىدەك، مۇناپىقلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورقۇنچاقلىقى ۋە نامەردلىكىدۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمايدۇ. مۇناپىقلارنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كەلتۈرىدىغان زىيان-زەخمەتلىرى ھەقىقەتەن چوڭ ۋە خەتەرلىكتۇر.

ئەگەر ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى شۇ بويىچە دادىل، ئاشكارا قىلىدىغان ۋە ئۆز بۇرچىنى ئالدامچىلىق قىلماستىن سەمىمىيلىك بىلەن ئورۇندايدىغان بولسا، بۈگۈنكى ئىنسانلار جەمئىيىتى بەختكە ئېرىشكەن ۋە ھەممە مىللەت ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى مۇستەھكەم تىكلىيەلىگەن بولاتتى.

مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى شۇنداقكى، ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشىڭلار، كاپىرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشىڭلار ۋە دۈشمەنلەرنى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتىشىڭلار چوڭ بۇزغۇنچىلىقتۇر. شۇڭا سىلەر بۇنداق قىلىشتىن يېنىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار دەيدۇكى: «ئىش ھەرگىز سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، بىز ئەمەلىيەتتە ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ خەتەرلىك بۇزغۇنچىلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدۇ ياكى ھېس قىلسىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق پەقەت مۇناپىقلاردىن كېلىدىغانلىقىنى ئەڭ ئوبرازلىق شەكىلدە ئىپادىلەپ: )بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ( دەيدۇ. مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەھۋالىنى ۋە كېيىنكى ئىبرەتلىك ئاقىۋەتلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. زادى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بۇنداق مۇناپىقلاردىن خالىي بولالمىدى. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمانلار ئۇلارنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىمانغا دەۋەت قىلىپ كەلدى.

مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، ئۇلارغا: «سىلەرمۇ مۇسۇلمانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاماقەتلىكى ۋە چېكىدىن ئاشقان تەكەببۇرلىقى بىلەن: «بىز ئاشۇ قۇللار، ئەقىلسىزلار، ئاجىز-ئۇرۇقلار ۋە پېقىرلار ئىمان ئېيتقاندەك، ئىمان ئېيتىپ مۇھەممەدكە ۋە قۇرئانغا ئىشىنەمدۇق؟» دەيدۇ. ئۇلار شۇنى ئۇنۇتقانكى، ئەقىلسىز دېگەن-- توغرا يولنى تاپقان ۋە ئالدىدا نۇرنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئەخمەقلەردۇر. توغرا يولغا ئەگىشىپ، ھەقىقەتكە ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئەقلىنى ئىشلەتكەن، ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان كىشىلەردۇر. شۇڭا، ھەقىقىي مەنىدىكى ئەقىلسىزلار مۇناپىقلارنىڭ ئۆزىدۇر!

بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئەلى قاتارلىق كاتتا ساھابىلەر ئۇبەييە ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان مۇناپىقلار توپىغا قاراپ كېلىۋاتقاندا، ئۇبەييە ئۆزىنڭ يېنىدىكىلىرىگە خىتاب قىلىپ: «قاراڭلار! ئاۋۇ ئەقىلسىزلار بىز تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى چىرايلىق نەيرەڭلىرىم بىلەن قانداق قايىل قىلىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار» دەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى خۇددى ئۇلارنىڭ سېپىدىكى مۇئمىن كىشىدەك كۆرسىتىپ ئۇلارنى ماختاشقا باشلايدۇ. ئۇلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىچە ماختىنىپ: «كۆردۈڭلارمۇ ئۇ ئەخمەقلەرنى قانداق قايتۇرۇۋەتتىم؟» دەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقىرىقى ئايەت چۈشىدۇ.

يۇقىرىقى ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانداشلىرى بولغان مۇناپىقلارنىڭ ۋە ھەر زاماندا، ھەر ماكاندا دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ئومۇمىي سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان. مۇناپىقلار شەيتانلاردىنمۇ ئۇستا نەيرەڭۋازلار بولۇپ، مۇناپىقلار ھەر زامان باشقىلارنى ئالداش ۋە ياخشىلارنىڭ سېپىگە كىرىۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، ئۇلارغا زىيان سېلىش بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغان مۇناپىقلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ رەزىل سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇكى، بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق-ئاشكارا دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرگەن ۋە ھەممىنى تولۇق بىلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ھەقىقەتكە دۈشمەن بولغانلىقى پەقەت ئۇلاردىكى ھەسەتخورلۇق، كۆڭلى-كۆكسىنىڭ تارلىقى ۋە تەبىئىتىدە يەرلەشكەن رەزىللىكتىن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھىدايەتنى بېرىپ ئازغۇنلۇقنى، بەخت-سائادەتنى بېرىپ بەختسىزلىكنى سېتىۋالغانلىقىدۇر. شۇڭا ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتى يېغىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تىجارىتى-- ھىدايەتنىڭ بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى سېتىپ ئالغانلىق تىجارىتى-- پايدا بەرمىدى ۋە ھەرگىز پايدا بەرمەيدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ توغرا ئىش قىلمىدى، زادى ئۇلار ھىدايەت تاپقان ئادەملەر ئەمەس ئىدى.

مۇھىم نۇقتىلىرى:

1. مۇناپىقلار، ئالدامچىلار ۋە يالغانچىلار ئاخىرقى ھېسابتا چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ ۋە ئۆزلىرىدىن باشقىسىنى ئالدىيالمايدۇ.

2. مۇناپىقلارنىڭ خەتىرى كاپىرلارنىڭكىدىنمۇ يامان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ئۇچرايدىغان جازاسىمۇ كاپىرلارنىڭكىدىن ئېغىر ۋە قاتتىقتۇر.

3. يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش توغرا قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش ۋە توغرا يوسۇندا ئىشلەش بىلەن بولىدۇ.

4. بۇزغۇنچىلار ھەمىشە ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.

5. مۇناپىقلار ئەڭ رەزىل مەخلۇقلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «إِنَّ شَرَّ النَّاسِ ذُو الوَجْهَيْنِ، الَّذِي يَأْتِي هَؤُلاَءِ بِوَجْهٍ، وَهَؤُلاَءِ بِوَجْهٍ» يەنى«كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى ئىككى يۈزلىمىچىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا بىر يۈزى بىلەن، بۇنىڭغا يەنە بىر يۈزى بىلەن كۆرۈنىدۇ» ([1]).

6. مۇناپىقلار ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ۋابالىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشتا ھۇشيارلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

مۇناپىقلارنىڭ خاراكتېرىنى پاش قىلىدىغان مىساللار:

مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ (17) صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ (18) أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آَذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ (19) يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (20).

تەرجىمىسى:

17-ئۇلار گوياكى (قاراڭغۇ كېچىدە) مەشئەل([2]) ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، مەشئەل ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى.

18-ئۇلار گاستۇر (ھەق سۆزنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (ھەق سۆزنى قىلمايدۇ)، كوردۇر (توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (ئازغۇنلۇقىدىن) قايتمايدۇ.

19-ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى ئەتراپلىق بىلگۈچىدۇر.

20-چاقماق ئۇلارنى كۆز نۇرىدىن ئايرىپ قويغىلى تاس قالىدۇ، چاقماق ئۇلارغا ھەربىر يورۇق چۈشۈرگىنىدە، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ. (چاقماق ئۆچۈپ) قاراڭغۇلۇق باسقاندا بولسا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوق قىلىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

تەپسىرى:

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلەردە، مۇناپىقلار ئۈچۈن ئىككى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.

بىرىنچى مىسال: مۇناپىقلار ئازراق ۋاقىت ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىچاقىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى ۋاقىتلىق كاپالەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، كۆڭلىدە ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ ۋە پۇرسەت تاپسىلا ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ۋاقىتلىق ئالدىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانى قەتئىي ئالدىيالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەق دىننى كۈچلەندۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغان زامانلاردا ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىق نەيرەڭلىرى ئىشقا ئاشمايدۇ، ئۇلار چوقۇم خارلىققا دۇچار بولىدۇ. بۇ خۇددى كېچىدە يورۇقلۇق ھاسىل قىلىپ يولىنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن مەشئەل ياققان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەشئەل ئۆچۈپ قېلىپ قاراڭغۇلۇقتا گاڭگىراپ قالغان ئادەملەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ.

شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن، ئۇنى كۆرۈشتىن ۋە ئۇنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم قالغان مەخلۇقلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى مۇناپىقلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ھەزەر ئەيلىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن ساقلانسۇن دەپ، مۇناپىقلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسالنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىل سۈپەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلغان.

ئىككىنچى مىسال: ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغان «قۇرئان كەرىم»گە مۇناپىقلار شەك كەلتۈرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن خۇش بېشارەتنىڭ، ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئازابنىڭ خەۋىرى بار. ئۇنىڭدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار بار. ئۇنىڭدا يەنە مۇناپىقلارنى پاش قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئايەتلەر بار. «قۇرئان كەرىم»دە غەنىيمەت ۋە باشقا مەنپەئەتلەر توغرۇلۇق ئايەت چۈشكەن ھامان مۇناپىقلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ئايرىلمايدۇ. ئەمما جىھاد توغرۇلۇق ئايەت چۈشسە، مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئوڭايلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىقلىقىنى يوشۇرالمايدۇ.

مۇناپىقلارنىڭ بۇنداق خاراكتېرى خۇددى قاتتىق يامغۇر يېغىش ئالدىدىكى گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق ئاۋازى بىلەن قۇلاقلىرى گاس بولۇپ قالغان ۋە قورقۇنچتىن قۇلاقلىرىنى مەھكەم ئىتىۋالغان، چاقماقنىڭ يورۇقىدا ئازراق ماڭالىغاندىن كېيىن، چاقماقنىڭ نۇرى ئۆچۈشى بىلەن قاراڭغۇدا قېلىپ، ھەيرانلىق ھەم ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇپ قالغان ئادەملەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. بۇ مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىللىكلىرىنى پاش قىلىدىغان ئايەتلەر چۈشكەن ۋاقتىدا قورقۇپ كېتىپ قۇلاقلىرىنى ھىم ئىتىۋالىدۇ، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ۋە ئىسلامنىڭ كەڭچىلىكىدىن پايدىلىنىپ بىرئاز ئارام تاپقان بولۇپ، جىھاد ئايەتلىرى چۈشكەن ھامان يەنە غەمگە چۆكىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولوپ قالىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خۇددى چاقماق سوققاندەك بىراقلا يوق قىلىۋېتىشكىمۇ قادىردۇر. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى مۇناپىقلارغا مۆھلەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىشتۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى:

1. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن مىساللار ۋە ئوخشىتىشلار بايان قىلماقچى بولغان مەسىلىلەرنى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بەدىئىي ئۇسلۇبتۇر.

2. «قۇرئان كەرىم» مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىنى يورۇتىدىغان مەشئەلدۇر.

3. ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلار ھەرگىز مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

4. كاپىرلارنىڭ ئەڭ يامىنى مۇناپىقلاردۇر.

5. ئايەتتە «قۇرئان كەرىم» يامغۇرغا ئوخشىتىلغان. چۈنكى، خۇددى يامغۇر قۇرغاق زېمىننى ياشارتىپ تىرىلدۈرگەندەك، «قۇرئان كەرىم» مەنىۋىياتقا تەشنا دىللارنى تىرىلدۈرىدۇ.

6. «قۇرئان كەرىم»دىكى ۋەدىلەر، ئاگاھلاندۇرۇشلار كەسكىنلىكتە ۋە قاتتىقلىقتا چاقماق بىلەن گۈلدۈرمىغا ئوخشىتىلغان[3]

مەرىپەت ژورنىلى 2018-يىلى 3-سان


([1])«صحيح البخاري» 9-توم، 71-بەت، 7179-ھەدىس.

([2]) بۇ ئورۇندىكى «نَار» يەنى «ئوت» دېگەن سۆزدىن مەشئەل مەقسەت قىلىنغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يورۇقلۇق ھاسىل قىلىپ يولنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوتتۇر. شۇڭا ئۇنى «ئوت» دەپ تەرجىمە قىلغاندىن كۆرە، «مەشئەل» دەپ تەرجىمە قىلىشنى ئەۋزەل كۆردۇق.

[3] يېقىندا نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان «تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن.