قازا ۋە قەدەر

 كۆپىنچە كىشىلەر "قازا ۋە قەدەر"نى چۈشىنىش ئىنتايىن قېيىن، مۇرەككەپ بىر ئۇقۇم دەپ قارايدۇ. ئەمما چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ ھەقتە تولۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندا، قازا ۋە قەدەر ئادەمگە تولىمۇ يېقىملىق ۋە راھەتبەخىش بىر مەزمۇن ئاتا قىلىدۇ ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

 ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىدىغانلىقىغا قەلبىڭىزدە شەك بارمۇ!؟

ئاللاھنىڭ بۇ كەڭ كائىناتنى ياراتقانلىقىغا ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا دەلىللىك ھالدا جەزىم قىلىپ ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق شەيئىنىڭ ھەتتاكى كىچىك زەررىچىنىڭ ماھىيىتىنى مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىغا، دۇنيانىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى، كائىناتنىڭ سىرلىرىنى تامامەن بىلىدىغانلىقىغا شەك قىلمايسىز!



 "بىلىگىنكى، ئاللاھ ئۆزى ياراتقان نەرسىنىڭ سىرىنى ياخشى بىلىدۇ، ئاللاھ مېھرىبان ۋە ھەممە ئىشتىن خەۋەرداردۇر. "[1]

پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ئۆزى ياراتقان بارلىق شەيئىلەرنىڭ سىرىنى بىلىشى ھەرگىزمۇ چۈشەنمىگۈدەك ئىش ئەمەس. قەلبىمىز دۇنيا ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى بىلىشتە يورۇغانسېرى شۇنداق جەزمىيەتكە كېلىمىزكى، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھىي ئىلىم ئالدىدا بىزنىڭ بىلگەنلىرىمىز ۋە تەجرىبىلىمىز ھېچنەرسە ئەمەس. ئىلىم-پەن قانچىلىك راۋاجلىنىپ، قانچىكى يۇقىرى پەللىلەرگە يەتسىمۇ، يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىلمى ئالدىدا ئاجىزدۇر.

 "ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئاسمان-زېمىندىكى تېرىقنىڭ دانىسىدەك كىچىك ياكى چوڭ نەرسىلەر ئۆزىنى دالدىغا ئالالمايدۇ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ دەپتىرىدە يېزىلغاندۇر". [2]

 ئاللاھنىڭ دەپتىرى دېگىنىمىز نېمە؟ ئۇ پۈتۈن كائىناتنى، ھەتتا ئىلگىرى ئۆتكەن، كەلگۈسىدە بولىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى تونۇشتۇرۇلغان دەپتەر بولۇپ، ئۇ دەپتەر كىتابتۇر!

 ئاللاھنى خالايىقلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلمەي قالىدۇ دەپ قاراش تولىمۇ ئەخمەقلىق. ئاللاھ دۇنيانىڭ سىرىنى، دۇنياغا كەلگەن بىرىنچى ئەۋلاتتىن تارتىپ قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان بارلىق مەخلۇقاتنىڭ پۈتۈن سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇنداق بولمىغاندا ئاللاھ ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ياخشى-يامانغا جازا بەرگۈچى قۇدرەتكە ئىگە بولمىغان بولىدۇ.

 "خالايىقنىڭ پۈتۈن قىلمىشى ئاللاھنىڭ دەپتىرىدە باردۇر. ھەممە چوڭ-كىچىك ئىشلار يېزىلغاندۇر. "[3]

 شۇنداق، ھەممە نەرسە ئىلاھىي دەپتەردە ناھايىتى ئىنچىكە، پۇختا ۋە ئەتراپلىق يېزىلغاندۇر.

 بۇ ھەقىقەتنى قۇرئان كەرىم تەكىتلىگەن:

 "يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھفۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش) ئاللاھقا ئاساندۇر. "[4]

بۇ يەردە بىزنىڭ كاللىمىزدا مۇنداق بىر سوئال پەيدا بولىدۇ: ئۇنداقتا بۇ ئىلىم بىلەن بىزنىڭ نېمە ئالاقىمىز بار؟ توغرىلىقىدا شەك بولمىغان بۇ ئىلىم بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ۋە ئىرادىمىزگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ياق! ناۋادا بىرسى ئاللاھنىڭ ئىلمى كىشىلەرگە بەزى ئىشلارنى قىلىپ، بەزىلىرىنى قىلماسلىق ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدۇ دېسە ئۇ خاتالاشقان بولىدۇ.

 ئىلاھىي ئىلىمنىڭ بىزنىڭ ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى قىلغان قىلمىشلىرىمىزدا تەسىر كۆرسىتىش ياكى سەۋەبچى بولۇش ۋەزىپىسى يوق. ئىلاھىي ئىلىمنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت بىر نەزەرىيە سۈپىتىدە ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش، مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىشتىن، شۇنداقلا ئۇ ئىلاھىي كامالەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس. ئىلاھىي ئىلىمنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئەزىمىتىنى ئۆز لايىقىدا ئېتىراپ قىلىشتۇر.

ناۋادا بەزىلەر "ئىلاھىي ئىلىمنىڭ ۋە بىز ئىمان كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىلاھىي كىتابنىڭ كىشىلەرنىڭ ياخشى-يامان ئىشلارنى قىلىشى بىلەن ئالاقىسى بولمىسا، ئۇنداقتا "ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ شەكسىز ئىجرا بولىدىغانلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئىلاھىي بۇيرۇق دائىرسى چەكسىز ئىلاھىي ئىلىمگە قوشۇلسا يەنە "پۈتۈن نەرسە ئاللاھنىڭدۇر" دېگەن ھەقىقەتنى مۇئەييەنلەشتۈرمەمدۇ؟ ! ئاللاھ بۇ ئالەمنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياراتتى. ئېلېمىنتلىرىنى ئۆزى خالىغان تەرزدە تەرتىپلىدى. خەلقنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ئۆزى خالىغان تەرزدە ئورۇنلاشتۇردى. ئاللاھ خالىغاننى قىلالايدىغان چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىدۇر. دېمەك، ئىنسان ئىرادە بىلەن قۇدرەت بارماقلىرى ئارىسىدا بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەممىدىن بۇرۇن. ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق ئىختىيارى يوق. ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇپمۇ تۇرالمايدىغۇ! دەپ سورىسا بىز دەيمىزكى: ناۋادا ئىلاھىي ئىرادە بۇنداق چۈشىنىلسە بۇ گويا بالىلارچە چۈشەنچە بولىدۇ. بۇنداق چۈشەنچە ئەقىللەرنى نۇردىن قاراڭغۇلۇققا باشلايدۇ، خالاس!

 ئۇلار ئاللاھ بىر نەرسىنى خالىسا پەقەتلا "بول" دەيدۇ-دە، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قاقاسلىق بۈك-باراقسانلىققا، نامرات بايغا، تۇغماس توغۇمچانغا، مەغلۇپ غالىبقا ئايلىنىدۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇ بىز دېگەندەك بالىلارچە چۈشەنچىدۇر. ئىلاھى ئىرادە ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتى بولۇپ، بارچە مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلار شۇ قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.

 ئەگەر ئاللاھ بىر ئادەمنى يارىتىشنى خالىسا، ھەرگىزمۇ بىر بۇيرۇق بىلەنلا "ھەر جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن مۇكەممەل ئادەم بول!" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرمەيدۇ. بەلكى ئىشلار ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ئاساسىدا مېڭىشقا باشلايدۇ. ئاللاھ "بول" دەپ بۇيرۇق قىلغان ھېلىقى ئىنسان ئىلاھىي قانۇنىيەت بويىچە ئاۋۋال ئىسپېرما ھالىتىدە، ئاندىن گۆش ھالىتىدە، ئاندىن بوۋاق، ئاندىن ئۆسمۈر...قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

 ئەگەر ئاللاھ بىر مېۋىنى يارىتىشنى خالىسا، بۇ ئىرادە ئۆز تەبىئىتى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇرۇق تىكىلىدۇ، سۇغۇرۇلىدۇ، ئىسسىق-سوغۇق پەسىللەر ھەمدە پەرۋىشكارلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن پىشىپ يېتىلىپ مېۋە بولۇپ چىقىدۇ.

 ئاللاھ ئىنساننى ئەخلاقىي، ماددى ۋە مەنىۋى خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئالاھىدە ياراتقان. ئۇنىڭغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان، ئەقىل بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ ئادەم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى. ئاللاھ خالىسا ئادەمنى باشقا خىلدا ياراتقان بولاتتى.

 ئۇلۇغ ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتتى، ئەمما ئۇلارنى بىرلا يولدا ماڭىدىغان قىلىپ، ئىرادىسىنى چەكلىك قىلىپ قويدى ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلدى. ئەمما ئىنساننى ئوخشاش بولمىغان ھاۋايى-ھەۋەس، ئېقىم-كۆزقاراشلار بىلەن ياراتتى. ئۇنى خالىغان تەرىقىدە ئوڭ-سول، ياخشى-يامان يوللاردا ماڭالايدىغان قۇدرەت بىلەن ياراتتى. بۇمۇ ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، مەجبۇرلاشمۇ يوق زورلاشمۇ يوق. بەزى نادان كىشىلەر ئىلاھىي ئىرادىنى چولتا چۈشىنىۋېلىپ، ئۇنى بىر تاسادىپىيلىق ياكى باش-ئاخىرى بولمىغان بىر تۈركۈم جەريانلار يېغىندىسىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزىچە بۇخىل چولتا تەسەۋۇرلىرىنى قازا ۋە قەدەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئىسلامدىكى قازا ۋە قەدەر بۇ تەسەۋۋۇرلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

 ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ھەر شەيئىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئەمما ئۇ ھېچكىمنى بىر ئىشقا زورلىمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەقىل ئىگىلىرى بۇ ئىرادىنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، يارىتىلمىشلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مەزكۇر ئۇلۇغ ئىرادىنىڭ ھېكمەتلىك، ئۆزگەرمەس كۆرۈنۈشلىرىدۇر.

 ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھايۋاننى سۆزلىيەلمەيدىغان قىلىپ ياراتقان. بۇ، ھايۋاننىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تۈركۈم خۇسۇسىيەتلەر دائىرىسىدە چەكلىنىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.

 ئىنساننىڭ ئەقىللىق قىلىپ يارىتىلىشى ۋە تاللاش ئەركىنلىكىنىڭ ئەقلىگە تاپشۇرۇلىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى. بۇ، ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن تۇغما قابىلىيەت دائىرىسىدە چەكلىك، دېگەنلىكتۇر.

ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلغان ئىنسان، ئۆزىنى تىلسىز ھايۋانغا ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ياكى ئۆزىنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىر قاتاردا سانىغان ئادەمدۇر. شۇنداقلا پەرۋەردىگارىغا تانغان ئادەمدۇر.

 بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنى "بۇ دۇنيادا بىزنىڭ ھېچقانداق رول ۋە فونكىسىسيەرىمىز يوق، بىزنىڭ قۇدرىتىمىز يوق، ئىرادىمىز يوق" دەپ قارايدۇ-دە، ھېچ ئىشقا ئەمەك بولماي بىھاجەتلىكنى ئىختىيار قىلىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ھەممە نەرسە پۈتۈلگەن، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇ بولىدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟ بۇ دىنىمىزنىڭ قىلىنغان تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم-سۈپەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

قازى ئەبۇبەكرى ئەل ئەرەبى مۇنداق دېگەن:

 «ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى ئىچىدە ئىنسان ئەڭ ئۇلۇغ. ئاللاھ ئۇنى تېرىك، قۇدرەتلىك، سۆزلىيەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان، كۆرەلەيدىغان، تەدبىر قوللىنالايدىغان، ھېكمەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان قىلىپ ياراتتى. بۇلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. »

 ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ بېقىڭ، ئىنساننى ئاجايىپ شەكىلدە ياراتتى:

 «شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنى (يەنى ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئىسپىرمىسى) دىن ياراتتۇق. ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق». [5]

 شۇنداق تۇرۇقلۇق، بەزى كىشلەر ئىنساننىڭ فۇنكىسىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. تەقدىر پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ئىلكىدە دەپلا ئىنسانىي ئىختىيار ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىنى چەتكە قاقىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىقتىدار ۋە ئىرادىسىنى بىكار تاشلاپ قويىدۇ.

 بۇ مەغلۇبىيەتلىك سەلبىي تەپەككۇر، شۇنداقلا چولتا پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسلامدا بۇنداق مەنىدىكى «قازا ۋە قەدەر» مەۋجۇت ئەمەس. قازا ۋە قەدەر دېگىنىمىز ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى تونۇپ، ھەر قانداق ئىش-پائالىيەتلەرنى شۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. پۈتۈن قۇدرەت، ئىرادە، تەدبىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە دەپلا ئىنسانلارغا خاس بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن قېچىش تەقدىرنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

 ھەر ئىشقا ئاۋۋال سەۋەپ قىلساق، ئاندىن نەتىجىنى ئاللاھنىڭ مۇتلەق ھۆكمىگە ۋە تەقدىرىگە قويساق ئەڭ توغرا بولىدۇ. بىز پۈتۈن ئىقتىدارىمىزنى سەرپ قىلىپ سەۋەب قىلساقلا ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز. چۈنكى، بىز سەۋەپ قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئىشىمىزنىڭ نەتىجىسى بىز خالىغاندەك چىقسا خۇشاللىنىمىز ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىمىز. ئەگەر بىز ئويلىغاندەك چىقماي قالسا ئاللاھنىڭ ئىرادىسگە بويسۇنىمىز ۋە قايغۇرۇپ كەتمەيمىز.

 قازا ۋە قەدەر دېگەن ئاللاھ ئۈچۈن ۋاجىپ بولىدىغان ۋە خەلقنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولىدىغان نەرسە ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بەلگىلەيدىغان ئەقىدىدۇر. ئەكسىچە ئىنسان بەزىدە ھەددىدىن ئاشىدۇ، ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ئادەملەر بەزىدە ئۆزىنى ھەممىگە قادىر چاغلاپ ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئۆزىنىڭ چەكسىز بىر قۇدرەتنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىشىدۇ. لېكىن بۇ كائىنات يەككە-يىگانە بىر ياراتقۇچىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ھەر ئىش ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ. ناۋادا بىز بارلىق ئىشلاردا غالىپ ۋە قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەت قولىنى ھېس قىلالايدىغانلا بولساق، ھېچقاچان ئۇنىڭ باشقۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەشلىرىنىڭ پۇختىلىقىغا شەك قىلمىغان بولاتتۇق ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ شۇ زاتنىڭ ئىرادە دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغان بولاتتۇق. بىز ئىنسانلار تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلساق مۇكاپاتلىنىمىز. يامان ئىش قىلساق جازالىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ھېكمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنىڭ بىر پارچىسى خالاس. ئۇ پىلاننىڭ كونكرېت جەريانىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بىز مەزكۇر پىلاننىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھاياتنىڭ ئىسسىق-سوغۇق ۋە ئاچچىق-ساۋاقلىرىنى ۋە راھەت پاراغەتلىرىنى تېتىشقا مەجبۇرمىز. بىز ئۆز ئىختىيارىمىزدا بولمىغان ئىشلاردىن سوئال-سوراق قىلىنمايمىز.

«سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ) ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر. »[6]

قۇرئان كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەر قارىماققا مەجبۇرىي بۇيرۇق ئۇقۇمىنى بىلدۈرگەندەك ۋە بەزى ئايەتلەر ئىختىيارىي تاللاشقا رۇخسەت قىلىنغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىتلىق يوق. ھەممە ئايەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتبىقلىنىش ئورنى بار. بارلىق ئايەتلەر ئۆز ئورنىدا، مۇناسىپ رەۋىشتە چۈشىنىلسە پۈتۈن بىر ھەقىقەتنى نامايان قىلىدۇ.

يارىتىلىش، پەيغەمبەرللەرنىڭ ئەۋەتىلىشى، ساۋاپ، جازا، ئىلاھىي ئادالەت دېگەنلەرگە مۇتلەق ئىشىنىش ۋە بويسۇنۇشتىن ئۆزگە چارە يوق. بۇلاردا ئىنسانلارنىڭ تاللاش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ.

 بۇلارنى ئىنكار قىلىش ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ رىئاللىقتىن ھېچ تەڭلىمىسى يوق بىر قاتار قالايمىقان جەريانلار دۆۋىسى دەپ چۈشىنىۋالغانلىق بولىدۇ.

 "ئاللاھ ئۆزى بىر ئىشنى تەقدىر قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن كىشلەرنى شۇنىڭغا قارىتا جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ" دەپ قاراش ئېنىقكى ئىلاھىي ئىرادە ۋە ھېكمەتكە قىلىنغان تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن پاكتۇر. بىز ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىمىز ۋە كىتىشىمىز ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ. بىز پەقەت كېلىپ-كېتىش ئارىلىقىدىكى جەريانلاردا ئىقتىدارىمىزدا بولغان بارلىق ماددىي مەنىۋىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسەكلا ۋەزىپىمىز ئادا بولىدۇ. چۈنكى بىزگە بىرىلگەن تاللاش ۋە ئىختىيار قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك يۈكسەك ئىلاھىي قانۇنىيەت رامكىسىدا بولىدۇ. ئىنسان گەرچە ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، مەلۇم تەدبىر ۋە پىلانلارغا ساھىب بولسىمۇ، ئەمما خالىغاننى قىلالايدىغان ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە.

دېمەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسى ئىچىدە ئەركىن، ئەمما ياراتقۇچى بولغان ئاللاھقا بويسۇنۇشتا، بۈيۈك كائىنات دائىرسى ئىچىدە قۇلدۇر.

مەرىپەت ژورنىلى 2017-يىلى 4-سان


[1] سۈرە مۇلك 14-ئايەت

[2] سۈرە سەبەئ 3-ئايەت

[3] سۈرە قەمەر 52-، 53-ئايەتلەر

[4] سۈرە ھەدىد 22-ئايەت

[5] سۈرە ئىنسان 2-ئايەت

[6] سۇرە ئەھزاپ 5-ئايەت