ئىسلامدا ھىممەتنىڭ ئورنى

ئابدۇلئەھەد ئۇجات

‹‹ھىممەت›› سۆزى كۈچلۈك ئىرادە، بىر ئىشنى قىلىشقا قەتئىي بەل باغلاش دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ.[1]

ھىممەت كىشىنى بىر ئىشنى قىلىشقا ئۈندىگۈچى كۈچ بولۇپ، ئالىي ھىممەت ۋە تۆۋەن ھىممەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ھىممىتى ئاسمان بويى يۈكسەك بولسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ھىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.

ھىممەت تەبىئىي ھىممەت ۋە يېتىلدۈرۈلگەن ھىممەت دەپمۇ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھىممەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى، تەبىئىي ھىممەت، يەنە بىرى يېتىلدۈرۈلگەن ھىممەت يەنى تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ھىممەتتۇر. تەبىئىي ھىممەت ئالىي بولسۇن، تۆۋەن بولسۇن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ھىممەت بولۇپ، ئۇنى تىرىشچانلىق بىلەن ئۆستۈرۈش مۇمكىن بولغاندەك، بىپەرۋالىق بىلەن ئاجىزلاپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئىگىسىنىڭ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ھىممەت دەرىجە قازىنىپ يۈكسىلىپ ئالىي ھىممەتكە ئايلانغاندەك، پەرۋىش قىلماستىن تاشلىۋېتىش بىلەن يوقىلىدۇ. ھىممەت بۇ جەھەتتە ئەقىل پاراسەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە باشقا سۈپەتلەرگە ئوخشاشتۇر.

ھىممەت ھەققىدە مىمشاد ئەددىينۇر مۇنداق دېگەن: ھەر دائىم ھىممەتلىك بول، چۈنكى ھىممەت ھەممە نەرسىنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ، قانداقلا بىر كىشىنىڭ ھىممىتى يۈكسەك ياكى ئالىي بولىدىكەن، كېيىنكى ئىشلىرىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.

ھىممەت قەلب ئىشى بولۇپ كىشىنىڭ قەلبىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ.

ئالىي ھىممەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېئمىتى ۋە پەزلى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئالىي ھىممەت ئاتا قىلغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى ئۈچۈن شۈكرى قىلىشى لازىم.

كىمىكى ئۆزىنىڭ بۇ نېمەتتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن، ئاۋۋال ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشى ۋە ئاللاھ تائالادىن ئالىي ھىممەت تەلەپ قىلىشى كېرەك.

چۈنكى ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ھىممەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ. ھىممەتسىزلىككە، ھۇرۇنلۇققا ۋە تەييارتاپلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئالىي ھىممەت ھەر بىر كىشىدە تېپىلىشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك سۈپەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھەر قانداق مىللەتتە ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەر كۆپ بولىدىكەن، ئۇ مىللەت تەرەققىياتتا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتەلەيدۇ. قۇش ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچقاندەك، كىشىمۇ پەقەت ئۆز ھممىتى بىلەنلا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە قەدەر ئۆرلىيەلەيدۇ. 

<<ئالىي ھىممەت>> ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر:

قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە قارايدىغان بولساق مۇئمىنلەرنى ئۇلۇغ، يۇقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلىشقا ۋە ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىشكە چاقىرغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرلەر ۋە ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەرنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: <<(ئى پەيغەمبەر!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن.>> [2]

ئاللاھ تائالا يەنە قيىن ۋە ئېغىر كۈنلەردە ھىممىتى ۋە ئىرادىسى كۈچەيگەن دوستلىرىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: <<مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق.>>[3]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: <<پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. >>[4]

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى ئۆزىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىنى تەلەپ قىلىشقا، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە كىرىشكە ئالدىراشقا بۇيرۇيدۇ. ئەھۋال ئۇنداق ئېكەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تەييارلانغان مۇكاپاتقا ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان بوشاڭلىق قىلماسلىقى، بەلكى ئالىي ھىممەت ۋە كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

<<ھىممەت>> ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر:

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايتىشىدا بىر بەدەۋىينىڭ چېدىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ بەدەۋىي (سەھرالىق ئەرەب) نىڭ چېدىرغا كىردى. بەدەۋىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈت، نان، خورما دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن مېھمان قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: بەدەۋىيگە مەدىنىگە يولۇڭ چۈشسە بىزنىڭ ئۆيگە كەلگىن دېدى. بەدەۋىي ئۇزۇن ئۆتمەي مەدىنىگە كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدەۋىينى مېھمان قىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىر نەرسە ھەدىيە قىلىشنى ئويلاپ بىرەر تەلىپىڭ بولسا سورىغىن دېدى. بەدەۋىي مىنىشىم ئۈچۈن بىر ئۇلاغ بەرسەڭ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدەۋىيگە بىر ئۇلاغ بەردى. ئاندىن يەنە باشقا نېمە تەلىپىڭ بار؟ دېدى. ئائىلەمنىڭ سېغىپ ئىچىشى ئۈچۈن بىر ئۆچكە بەرسەڭ دېدى. ئۆچكىنىمۇ بەردى. ئاندىن بەنى ئىسرائىللىك مومايچىلىكمۇ بۇلالمامسىلەر؟ دېدى. ساھابىلەر بەنى ئىسرائىللىك موماي ھەققىدە سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل بىلەن مىسىردا كېتىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت قاراڭغۇلۇق باستى ۋە يولدىن ئېزىپ قالدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەجەبلىنىپ نېمە ئىش بۇ دەپ سورىدى. بەنى ئىسرائىل ئى مۇسا يۈسۈپ دۇنيادىن كېتىشتىن بۇرۇن، يۈسۈپنىڭ قەبرىسىنى يۆتكىمەستىن مىسىردىن چىقماسىلىقىمىزغا ۋەدە ئالغان ئىدى، دېدى. مۇسا ئەلەيھسسالام <<يۈسۈپنىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنى كىم بىلىدۇ؟>> دەپ سورىدى. ئۇلار: <<مۇسانىڭ قەۋمىدىن بولغان بەنى ئىسرائىللىك بىر موماي بىلىدۇ، >> دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام موماينى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلدى. موماي مۇسا ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىندى. مۇسا ئەلەيھىسسالام مومايدىن يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى. موماي: <<مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىر شەرتىم بار شۇنى قوبۇل قىلساڭ كۆرسىتىپ قويىمەن، >> دېدى. مۇسا ئەلەيھسسالام <<قېنى شەرتىڭنى دېگىن>> دېدى. موماي سەن بىلەن جەننەتتە بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىمەن دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام موماينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قېلىپ <<موماينىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلغىن، >> دېدى. موماي، مۇسا ۋە قەۋمىنى سۇ يېغىلىپ قالغان بىر ساسلىق يەرگە باشلاپ كېلىپ <<بۇ سۇنى تارتىۋېتىڭلار» دېدى. سۇ تارتىلغاندىن كىيىن، <<يەرنى كولاڭلار>> دېدى. يەر كولىنىپ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈڭەكلىرى يۆتكەلگەندىن كىيىن ئالەم كۈندۈزدەك يۇرۇپ كەتتى. [5]

يۇقىرىدىكى ھەدىستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدەۋىينىڭ ھىممەتسىزلىكىگە ۋە دۇنيالىق نەرسىلەرنى سوراش بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقىغا بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق دارىتىپ كايىغانلىقىنى، ساھابىلارنى ئالىي ھىممەتلىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىققانلىقىنى، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننەتكە ئېرىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە ھەدىسىدىنمۇ ساھابىلارنى ئالىي ھىممەت ئۈستىگە تەربىيلەپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: <<سىلەر ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورىساڭلار، پىردەۋس دېگەن جەننەتنى سوراڭلار. ھەقىقەتەن فىردەۋس جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئالىيسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە راھمان تائالانىڭ ئەرشى باردۇر، جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئاشۇنىڭدىن پىردەۋستىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.>>[6]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: <<ئاللاھ تائالا ئالىي ئشىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. تۆۋەن، ئەرزىمەس ئىشلارنى ياقتۇرمايدۇ.>>[7]

رەبىئە ئىبنى كەئب ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن بەزىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت سۈيىنى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بېرەتتىم. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن بىرەر تىلىكىڭ بولسا، سورىغىن» دېدى. مەن: سەندىن جەننەتتىمۇ ساڭا ھەمراھ بولۇشنى سورايمەن، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «باشقا تىلىكىڭ يوقمۇ؟» دېدى. مەن پەقەت مۇشۇ تىلىكىم بار، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا ئۆزەڭ سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن ماڭا ياردەم بەرگىن»، دېدى. [8]

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: <<كىمىكى پۈتۈن غېمىنى بىرلا غەمگە (يەنى ئاخىرەتنىڭ غېمىغىلا) مەركەزلەشتۈرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ دۇنيالىق غەملىرىگە ئاللاھ تائالا كۇپايە قىلىدۇ. كىمىكى دۇنيانىڭ غېمىنى كۆپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەنلا مەشغۇل بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قايسى سايدا ھالاك بولغانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.>> [9]

ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ئۆزى تەر-تۆكۈش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ھالال يول بىلەن رىزىق تەلەپ قىلىشقا تەرغىپ قىلىش بىلەن بىرگە، زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋاللاردا باشقىلاردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا تەرغىپ قىلىدۇ. ھەر دائىم بەرگەن قولنىڭ سورىغان قولدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئۇرۋە ئاتىسى زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ ئۇچىسىغا بىر باغلام ئۇتۇننى يۈدۈپ كېلىپ ئۇنى سېتىپ (تىرىكچىلىك قىلغىنى)، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى خارلىقتىن ساقلاپ قالغىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن يا بېرىدىغان، يا بەرمەيدىغان كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر».[10]

ھىممەت ھەققىدە ئالىملارنىڭ سۆزلىرى:

ئىمام ئىبنى قەييىم ئالىي ھىممەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: <<ئالىي ھىممەتلىك كىشى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئىرىشمىگۈچە قەتئىي توختىمايدۇ. ئاللاھ رىزاسىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسنى ئىزدىمەيدۇ ۋە رازى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئالىدىغان نېسىۋىسى، ئاللاھ بىلەن بولغان يېقىنلىقى، ئۈلپەت ۋە خۇشاللىقىنى پانى دۇنيانىڭ ھېچقانداق نەرسىسىگە تېگىشمەيدۇ.>>

 ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: <<ئالىي ھىممەتنىڭ ئادەتتىكى ھىممەتلەرگە نىسبەتەن ئۈستۈنلۈكى خۇددى ئەڭ يوقىرى ئۇپۇقتا جەۋلان قىلغان قوشنىڭ باشقا قۇشلارغا بولغان ئۈستۈنلۈكىگە ئوخشاش بولۇپ، تۆۋەندىكى قۇشلارغا يەتكەن بەختسىزلىكلەر يوقىرى ئۇپۇقتىكى قۇشقا يەتمەيدۇ. ئۇ يوقىرى ئۇپۇقتا قانچىلىك ئۆرلىگەنسېرى بالايى ئاپەتلەردىن شۇنچىلىك يىراق بولغىنىدەك، قانچىلىك تۆۋەنلىگەنسېرى بەختسىزلىكلەر ئۇنى شۇنچىلىك تېز تىپىۋالىدۇ.>>

شەيىخ ئابدۇلقادىر جەيلانى ئوغلىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغلۇم، غېمىڭ پەقەتلا يەپ ئىچىش، گۈزەل كىيىنىش، ئۆيلىنىش، ئۆي ئىمارەت سېلىش ۋە مال دۇنيا توپلاش بولمىسۇن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى نەپسىنىڭ ۋە ئىنسان تەبئىيىتنىڭ ئىشىدۇر. قەلبنىڭ ئىشى قېنى؟ غېمىڭ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسۇن.»

ھىممەتسىزلىكنىڭ ئالامەتلىرى:

ھىممەتسىز كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن كۈرۈنۈشلىرى بولۇپ تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:

1-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ:

 ھىممەتسىز كىشىلەر ئىبادەتلەرنى ناھايىتى ئېغىر خۇددى ئاللاھ قۇرئاندا سۈپەتلىگەن مۇناپىقلارغا ئوخشاش خوش ياقماستىن ھۇرۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك كىچە نامىزى، ۋىتىر ۋە نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ. بولۇپمۇ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ئۆتۈپ كېتىپ قالغاندا شۇنداق قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: <<ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ.>>[11]

2-مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ: ھىممەتسىز كىشىلەر مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن ئۆزرىسى بارلىقىنى، ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقى، تاپشۇرۇلماقچى بولغان ۋەزىپىنى ئادا قىلالىغۇدەك قابىلىيىتىنىڭ يوقلىقىدەك سەۋەپلەرنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئىش قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇش ئۈچۈن ئىشنى ھەددىدىن زىيادە قىيىن مۇرەككەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنىڭ باش ئاغرىق ياكى ئاۋارىچىلىقنى خالىمايدىغانلىقىغا ھىممىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئىرادىسىزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

3-تاشقى كۆرۈنۈشكە بەكراق ئەھمىيەت بېرىدۇ: ھىممەتسىز ۋە ئىرادىسىز كىشىلەر ئىشنىڭ جەۋھىرىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن بەكرەك، تاشقى قىياپەت ۋە كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

4-ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ۋە پايدىسىز ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى زايا قىلىدۇ.

5-باياشات ۋە پاراۋان تۇرمۇشقا ھەددىدىن زىيادە قىززىقىدۇ: يېمەك-ئىچمەك، كېىيم-كېچەككە بېرىلىش، كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلار كىشىدىكى ھىممەتنى ئۆلتۈرۈپ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئاللاھتائالاغا تائەت ئىبادەت قېلىشتىن توسىدۇ ياكى سۇسلۇققا ئېلىپ بارىدۇ.

6-ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. چىرايلىق كىيىنىش، ماشىنىنىڭ ئالىيسىنى مىنىش، سەنئەتچى ۋە پۇتبۇلچىلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قىزىقىش، دوقمۇش ۋە يول ياقىلىرىدا ئولتۇرۇپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىش بىلەن ۋاقتىنى زايا قىلىدۇ.

7-ھەر دائىم چوڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇ بىلەن ياشايدۇ، لېكىن ئۇ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ تىرىشمايدۇ. پەقەت قۇرۇق خىياللار بىلەن ۋاقىتنى زايا قىلىدۇ.

8-ئۆتكەن ئىشلارغا ۋە پۇرسەتلەرگە ھەسرەت نادامەت چېكىش بىلەن بولۇپ، ھازىر قولىدا بولغان شەرت شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى زايا قىلىدۇ.

_ داۋامى كېيىنكى ساندا...

مەرىپەت ژورنىلى 2015- يىلى 4-سان


([1]) لسان العرب

([2]) سۈرە ئەھقاف 35-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

(2) سۈرە ئەھزاب 23-ئايەت

(3) سۈرە ئال ئىمران 133-ئايەت

([5]) ھاكىم ئەلمۇستەدرەكتە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دېگەن

(2) بۇخارىدا كەلگەن ھەدسنىڭ بىر قىسمى

(3) تابرانى رىۋايىتى

(4) مۇسلىم رىۋايىتى

(5)بۇ ھەدىسنى ئەلبانى ھەسەن دېگەن

(6) بۇخارى رىۋايىتى

([11]) سۈرە نىسا 142-ئايەتنىڭ بىر قىسمى