ئۆلىمالارغا تىل ئۇزاتمايلى!

مەھمۇد مۇھەممەد

بىزدە ئۆلىما ئاتالغۇسى ھە دېگەندە كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىلىپ، ئۆلىما بىلەن دەۋەتچىنىڭ، دەۋەتچى بىلەن گەپچىنىڭ ئارىسى پەرقلەندۈرۈلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغاچقا، نىھايەت بىر تۈركۈم ئۆلىمالىق تونىغا ئورۇنۇۋالغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىنىمىزنىڭ ئىلىم بىلەن ئەمەلگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك ئېسىل تەشەببۇسلىرىنى ئۇنتۇپ، ھە دېگەندە نەچچە ئون يىل دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، دىنىي خىزمەتكە ئۆزىنى ئاتىغان ۋە ئاۋام ئۈچۈن توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆزىگە ھايات نىشانى قىلغان، راھىتىدىن كۈلپىتى تولا بۇ يولدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىۋاتقان قەدىرلىك ئۆلىمالىرىمىزغا ھېچ ئىككىلەنمەي، بەدىنى تىكەنلەشمەيلا تىل تەگكۈزەلەيدىغان، ھەتتا ئېغىزىنى بۇزۇپ ھاقارەت قىلالايدىغان ھالغا كەلدى. ئۇلاردىكى بۇ ئىنساپسىزلىق ھەتتا شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، جاھاندا تۈزەيدىغان، ئۇچۇغداپ قويىدىغان باشقا ئادەم قالمىغاندەك، دىن ۋە ئۇممەت يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى دىن يولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئادەتتىكى بىر نۇقسانلىرى ياكى شۇلار نۇقسان دەپ قارىۋالغان بىر ئىشلار تۈپەيلى ئۇلارغا چېشىنى  بىلەپمۇ ئۈلگۈردى. ۋاھالەنكى، دىنىمىزدا ئۆلىمالارنىڭ ۋە تالىبۇل ئىلىملەرنىڭ مەرتىۋىسى ئالاھىدە كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.»[1]

سۈنەنى تىرمىزىدا مۇنداق بىر ھەدىس بايان قىلىنغان: ئەبۇ ئۇمامە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى تۈرلۈك ئادەم توغرۇلۇق سورالدى. ئۇنىڭ بىرى ئابىد (ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى)، يەنە بىرى ئالىم ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالىمنىڭ ئابىدتىن ئارتۇقچىلىقى مېنىڭ سىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىڭلاردىن ئارتۇق بولغىنىمغا ئوخشاش» دېدى. ئاندىن: «ئىلىم ئۆگەتكۈچىگە ئاللاھ رەھمەت يوللايدۇ، ئۇنىڭغا پەرىشتىلەردىن تارتىپ ئاسمان-زېمىندىكى مەخلۇقاتلار، ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلىلەر ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلارغىچە ھەممىسى مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.[2]

ئۆلىمالار ئۇممەتنىڭ قۇياشىدۇر. ئۇممەتنى بىر قۇش دەپ پەرەز قىلساق، ئۆلىمالار گوياكى ئۇنىڭ يۈرىكىدۇر. يۈرەكنىڭ ھەر بىر سوقۇشى ئۆز ساھىبى ئۈچۈن ھاياتتىن دېرەك بېرىدۇ. ناۋادا يۈرەك ئۆزىگە تېگىشلىك رەۋىشتە قوغدالمىسا، كۈتۈشكە ئىرىشەلمىسە، ئاسرالمىسا، چوقۇمكى ئۇنىڭدا بىنورماللىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. يۈرەكتىكى بىنورماللىق سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. خۇددى پەيغەمبىرىمىز «ئاگاھ بولۇڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش يۈرەكتۇر» دەپ كۆرسەتكەندەك، ئۇممەت ئىچىدىكى بۇ يۈرەكلەر تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن (يەنى ئۇممەت) تۈزىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن (يەنى ئۇممەت) بۇزۇلىدۇ.

بەرھەق، خەلق ئۆز ئىچىدىكى ھەقىقى ئۆلىمالارنى توغرا بايقاپ، ئىبادەتلەر ۋە ھاياتىي پائالىيەتلەرنى ئۇلارنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئېلىپ بارغاندىلا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە قايناق دىنىي كەيپىياتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.

ئەپسۇسكى، بۇ كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيادا، خۇسۇسەن دىيارىمىزدا ھەقىقىي سالاھىيەتلىك ئۆلىمالار رىيا ۋە كۆز-كۆز قىلىشلاردىن ساقلىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئاشكارىلىيالمايۋاتقان بىر پەيتتە، ھە دېگەندە «يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ» بولۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

ئەلۋەتتە، ئومۇمى خەلقنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا «ئاۋازى چوڭ بىلەن بىلىمى چوڭنى» پەرقلەندۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. دەل مۇشۇنداق شارائىتتا بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاۋام-خەلقنى قالايمىقان قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقلاردا نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل، ساددا ئادەملەر ئاق-قارىنى، سېمىز-ئېششىقنى پەرق قىلالماي قالىدۇ-دە، ساغلام ئەقىدە-ئېتىقادقا ۋە توغرا ئاڭ-پىكىرگە ئىرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى بۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز بىر ھەدىسىدە «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دەپ كۆرسەتكەنىدى. ھەممىگە ئايانكى، ۋارىسلار بىلەن مىراس قالدۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئورتاقلىق بولىدۇ. ئۆلىمالار بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىكى ئورتاقلىق دەل ئۇلارنىڭ ئۇممەت ئۈچۈن باش قاتۇرۇش، ئۇممەتنىڭ، خۇسۇسەن ئۆزى تەۋە بولغان ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىدا قويۇش، ئۇممەتكە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا يېتەكچىلىك قىلىش... قاتارلىق بىر تالاي باشقا كىشىلەردە ھازىرلانمىغان سالاھىيەتلەردۇر.

بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ھازىر مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارغا يارايدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلالىغان، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدىغان چىن مەنىدىكى ئىلىم ئادەملىرىدۇر. بۇلارنىڭ يۇقىرىسى مۇجتەھىد، فەقىھ ئۆلىمالاردىن باشلاپ، دەۋەتچى، مۇدەررىس، مۇجاھىد، تالىپ ۋە ئادەتتىكى بىر كىشىلىك سالاھىيەتلىك مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ.

بىزدە ھازىرغىچە ئۆلىما، مۇدەررىس، مۇبەللىغ (دەۋەتچى) دېگەن ئۇقۇملار ناھايىتى چۇۋالچاق چۈشىنىپ كېلىنگەن. شۇنداق بولغاچقا ھەقىقى ئۆلىمالار بىلەن ئۆلىمالار سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان «ئىلىم لۈكچەكلىرى»نى پەرقلەندۈرۈشمۇ ناھايىتى قىيىنغا توختاۋاتىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز «ئىش ئۆز ئەھلىگە تاپشۇرۇلمىغاندا قىيامەتنى كۈتكىن» دېگەنىدى. قىيامەت دېگەن قىلىپلاشقان قانۇنىيەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدۇر. دېمەك، مەيلى پەتىۋا، ھۆكۈم، ئىجتىھاد، دەۋەت، دەرس ئۆگىتىش ۋە ياكى ئاللىقانداق بىر مەسئۇلىيەت سالاھىيەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇلمىغاندا، شۇ ئىشنىڭ قىيامىتى بولغان بولىدۇ. يەنى ئۇ ئىشلاردا زور قالايمىقانچىلىق كۆرۈلىدۇ، سۇيئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇ خىل قالايمىقانچىلىق ئۇممەتنى دەل ھازىرقىدەك خاتىرجەم ھالدا بىرەر پېشىۋانىڭ پېشىنى تۇتالمايدىغان باشسىز بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمنىڭ ئۈنى ئۈنلۈك بولسا شۇنىڭ گېپىنى ھەق دەپ قاراپ قالىدىغان يەڭگىللىكلەردىن ساقلىنىپ، توغرا-خاتانى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تەڭ نەزەرگە ئېلىپ، ھەر بىر مەسىلىدە، خۇسۇسەن ئۆلىمالارغا بولغان مۇئامىلىدە ناھايىتى سوغۇققان، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز لازىم.

ئۆلىمالارنى ئەيبلەش ۋە ئۇلارغا تەنە قىلىش ئازغۇنلارنىڭ يولىدۇر. چۈنكى ئۆلىمالارغا تەنە قىلغانلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەنە قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى دىنغا، ئۇلار ئۈستىگە ئالغان دەۋەتكە، شۇنداقلا ئۇلار تەۋە ئەقىدىگە تەنە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۆلىمالارغا تەنە قىلىش ھارامدۇر. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان، مۇسۇلماننىڭ ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزۈش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى مۇشۇ كۈنۈڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مۇشۇ ئېيىڭلاردا، مۇشۇ شەھرىڭلاردا دەپسەندە قىلىش ھارام بولغانغا ئوخشاش، بىر–بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكۈش، ماللىرىغا چىقىلىش، يۈز–ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش سىلەرگە ھارامدۇر.»[3]

دىنىي ئۆلىمالارنى، تالىبۇل ئىلىملەرنى ۋە دىنىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى مەسخىرە قىلىش، ھاقارەت قىلىش، ئۇلارغا قارىتا يامان غەرەزلەردە بولۇش پاسىقلىققا ئېلىپ بارىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. بۇ ئىشلار دىندا ئېغىر ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دىندا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان ئىشلار ھارامدۇر. دىنىمىزدا ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان، ھارامغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەت قاتتىق چەكلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەر مەقسەتكە ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھارام ئىشلار ۋە گۇناھ–مەئسىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىلىرىنى يامان كۆرۈش ۋە توسۇشتا، بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ گۇناھلارغا قانچىلىك سەۋەب بولىدىغانلىقىغا قارىلىدۇ. شۇنىڭدەك، تائەت–ئىبادەتلەرنى ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاسىتىلەرنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشتىمۇ، شۇ ۋاسىتىلەرنىڭ تائەت–ئىبادەتلەرگە قانچىلىك سەۋەب بولىدىغانلىقىغا قارىلىدۇ. ھەر قانداق ئىشنىڭ ۋاسىتىسى شۇ ئىش بىلەن ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ۋاسىتە پەقەت شۇ ئىش سەۋەبىدىنلا قوللىنىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بىرەر ئىشنى ھارام قىلسا، شۇ ئىشقا سەۋەب بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنىمۇ قوشۇپ ھارام قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنىمۇ قاتتىق چەكلىگەن. ۋاسىتىلەرنى ھارام قىلىش شۇ ئىشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ھارام ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان ۋاسىتىلەرنى دۇرۇس قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ھارام قىلىشقا زىت بولۇپ قالاتتى، ھەم نەپسلەرنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغانلىق بولاتتى. شۇڭا ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ئۇنداق قىلمىدى.»[4]

ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۆلىمالار، مۇجتەھىدلەر، مۇدەررىسلەر، مۇبەللىغلەر، مۇجاھىدلار... قاتارلىق دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان، دىنغا تۆھپە قوشۇۋاتقان كىشىلەرگە ئورۇنسىز ئەزىيەت يەتكۈزۈش دىن ۋە ئۇممەتكە قىلىنغان زىيانكەشلىك ھېسابلىنىدۇ.

سەلەپ سالىھلار دەۋرىدە ساھابىلەرنى كەمسىتكۈچىلەر ۋە ئۇلارغا تىل ئۇزاتقانلار زىندىق دەپ قارالغان. چۈنكى ساھابىلەرنى كەمسىتكەنلىك دىنغا تەنە قىلغانلىق، پەيغەمبەرلەر سەردارى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى كەمسۇندۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئەبۇ زۇرئە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «سەن بىرەر ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر ساھابىسىنى كەمسىتكەنلىكىنى كۆرسەڭ، بىلگىنكى، ئۇ ئادەم چوقۇم زىندىقتۇر. چۈنكى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەق! قۇرئانمۇ ھەق! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەق! بىزگە قۇرئان ۋە سۈننەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى يەتكۈزگەن. ئېنىقكى، ساھابىلەرنى كەمسىتكۈچىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ مەرتىۋىسىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغۇچىلاردۇر.»[5]

شۇنداق، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ۋە ھەمراھ بولغان بولغاچقا، ئۇلار دىننى ئەڭ توغرا چۈشەنگۈچىلەر ۋە بىزگە يەتكۈزگۈچىلەردۇر. ئۆلىمالار گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ مەنا-مەزمۇنلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىشكە تېرىشقۇچى كىشىلەردۇر. دىننى چوڭقۇرلاپ ئۆگەنگۈچىلەردۇر.

ئۆلىمالارنى مەسخىرە قىلغۇچىلار ۋە ئىلىمنى ئىنكار قىلغۇچىلار، تالىبۇل ئىلىملەرگە ھاقارەت قىلغۇچىلار شەكسىزكى، بۇلار دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيغۇچىلاردۇر. ئۇلار ھەر قانچە ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىپ كەتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىغان، كالتە پەم، ئەقلى چولتا كىشىلەر دېمەكتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى، دىن ئىشى ئىلىم ئىشىدۇر. دىندا ھەر قانداق بىر ئىش نەقلى ئاساس بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۆلىمالار ۋە باشقا ئاۋام مۇسۇلمانلارنى سەۋەبسىزلا ھېسسىياتىغا تايىنىپ ھاقارەتلەش، مەسخىرە قىلىش، قارى قۇرئانلارنى چەتكە قېقىش، كۆزگە ئېلماسلىق ئېغىر خاتالىقتۇر. بۇلار شەيتان مەغرۇرلاندۇرغان كىشىلەردۇر. بىر ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شەيتاننىڭ ئادەمنى ئازدۇرۇش ۋاستىسى ھەر خىل بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنى گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە باشلاش ئارقىلىق ئازدۇرسا، يەنە بەزى كىشىلەرنى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۆزىگە چوڭ كۆرسىتىش ئارقىلىق تەكەببۇرلۇققا، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىققا باشلاپ ئازدۇرىدۇ.»

تەكەببۇرلۇق دېگىنىمىز مەيلى دىنىي ئىشلاردا ياكى ئىجتىمائىي ئىشلاردا بولسۇن ئۆزىنى باشقىلاردىن قالتىس چاغلاش، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەش قىلىش، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۇلارنى ئىنكار قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىپ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى ئۆزىنى چوڭ چاغلىسا ياكى (تەكەببۇرلۇق قىلىپ) غادىيىپ ماڭسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇچرىشىدۇ.»[6]

ئۆلىمالار ۋە تالىبۇل ئىلىملەر ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇنۇ ئايىتىگە ئەمەل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئادەملەردۇر: «مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟!.»[7]

ئۆلىمالارغا ھاقارەت قىلغۇچىلار، تالىبۇل ئىلىملەرنى كەمسىتكۈچىلەر، ئىلىمنى ئىنكار قىلغۇچىلار، «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق، ھازىر ئوقۇپ نېمە كەپتۇ؟» دەيدىغان ئادەملەر بۇ ئايەتكە نېمە دەيدىغاندىغۇ؟! ئۆزىنى دىنىي سەپتە خىزمەت قىلىۋاتىمەن دەپ قارايدىغان بىر كىشىنىڭ ھە دېگەندە ئۆلىمالارغا تىل ئۇزارتىشى، تالىبۇل ئىلىملەرنى ھاقارەت قىلىشى، ھەتتا تېخى تەھدىت سېلىشى دىنىمىزنىڭ ھېچقانداق قىممەتقاراش، پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەقلىي جەھەتتىن قىلىپ ئېيتقاندىمۇ ھېچقانداق قىلىپ چۈشەنگىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس. بۇ گوياكى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنىڭ كاچىتىغا ئۇرغاندەكلا بىر ئىش.

تەقۋادار ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ دوستىلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ئازار بېرىش ئىنتايىن خەتەرلىك. چۈنكى ئاللاھ تائالا دوستلىرىنى دۈشمەن تۇتقۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق بىر ھەدىس قۇدۇسىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ كىمكى مېنىڭ دوستلىرىمنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن دېدى.»[8]

دىنىمىزدا ئۆلىمالارلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق كىشىنى مەسخىرە قىلىش، چېقىۋېلىش، زىتىغا تېگىش، ئورۇنسىز ئازار بېرىش ئىنتايىن قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىپلىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشماڭلار، ئىماندىن كېيىن فىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۇئمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (بۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر.»[9]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: بىز (راست ئەمەس) پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. بۇ (مۇناپىقلارغا) سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. سىلەر يالغان قەسەم ئىچىپ ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز».[10]

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى، ساھابىلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاللاھنى مەسخىرە قىلغانلىق دەپ ھېسابلىدى. مانا بۇلار ئۆلىمالارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۆلىمالارنى مەسخىرە قىلىشتىن، ئۇلارغا تەنە قىلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىغان ئىدى. ساھابىلەر: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قېرىندىشىڭنىڭ ئەيبىنى سۆزلىشىڭ غەيۋەتتۇر، دېدى. بىرەيلەن: ئۇنىڭدا بارنى دېسەمچۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئۇنىڭدا بارنى دېگەن بولساڭ، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن. ئەگەر ئۇنىڭدا يوقنى دېگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا بوھتان چاپلىغان بولىسەن، دېدى.»[11]

ئۆلىمالارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش باشقا كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ئېغىرراق گۇناھتۇر. ئىمام ھاپىز ئىبنى ئەساكىر مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىزنى ۋە سېنى ئۆز رازىلىقىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. بىزنى ئۆزىدىن ھەقىقىي قورقىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن: ئى قېرىندىشىم! بىلگىنكى، ئۆلىمالارنىڭ گۆشى زەھەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى كەمسىتكۈچىلەرنى رەسۋا قىلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم! چۈنكى ئۆلىمالارغا بوھتان چاپلاش خەتەرلىكتۇر. ئۇلارغا قارا چاپلاپ نامىغا داغ تەگكۈزۈش ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇقتۇر. ئاللاھ ئىلىم تارقىتىشقا تاللىغان ئۆلىمالار بىلەن ئىختىلاپلىشىش ئەخلاقسىزلىقتۇر.»[12]

چۈنكى، ئاۋام خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆلىمالارنىڭ ئوبرازى بىلەن دىن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ھە دېگەندە ئۆلىمالارنى ھاقارەتلەپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغىلى تۇرسا، بۇنى كۆرگەن ئاۋام كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. ھاقارەتلىگەن، مەسخىرە قىلغان ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىغا قايىل بولمىغاچقا ئۇلارغىمۇ ئەگەشمەيدۇ، ھاقارەتلەنگۈچىگە قارىتا كۆڭلىدە شۈبھى پەيدا بولغاچقا ئۇلارغىمۇ ئەگەشمەيدۇ. ئاخىرىدا دىندا پېشىۋاسى يوق، باشباشتاق بىر قەۋم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقلارغا ئۆلىمالارنى ھاقارەتلىگەن، ئورۇنسىز تەنقىدلىگەن، كۆزگە ئىلمىغان، مەسخىرە قىلغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

بىر قىسىم دىتسىز، چولتا ئەقىل، كالتا پەم ئادەملەر دىن نامىدىن ئۆلىمالارنى ھاقارەتلەپ، كەمسىتىپ: «پالانى ئۆلىمانىڭ سۆزىنى ھېسابقا ئالغىلى بولمايدۇ! پالانى ئۆلىمانىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ!» دەپ جار سالىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ گېپى توغرا بولغان تەقدىردە ھەم بۇنداق سۆزلەرنى ئاۋام خەلقنىڭ ۋە گەپ-سۆزلەرنىڭ ئەركەك-چىشىسىنى چۈشەنمەيدىغان نادان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئېيتماسلىق كېرەك! چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئاشۇ سۆزلەرنى شۇ پىتى قوبۇل قىلىۋېلىپ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم دېگەن دەبدەبىلىك شوئار ئاستىدا، ئۆلىمالار ۋە پىشقەدەم ئۇستازلار ھەققىدە ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىغىلى تۇرىدۇ.

مەيلى ئۆلىمالارغا بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ئاۋامغا بولسۇن خالىغانچە ئازار بېرىش، مەسخىرە قىلىش مۇسۇلمانلىق سۈپىتىگە زىت ئىشلاردۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇسۇلمان دېگەن تىلى ۋە قولى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر. مۇئمىن دېگەن، باشقىلارنىڭ جېنى ۋە مېلىغا زامىن بولمايدىغان كىشىدۇر.»[13]

ئۆلىمالار ھەقىقەتەن ئۈممەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر. مۇشۇ ئاساس بويىچە ئېيىتقاندا، ئۆلىمارلاردىن ياخشى گۇمان قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆزرە ئىزدەش ۋاجىپدۇر. چۈنكى دىيانەتلىك، ئىمانلىق، سالىھ كىشىلەر ھەققىدە ئۆسەك-تۆھمەت گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇلارغا قارىتا ياخشى گۇماندا بولۇش مۇئمىنغا ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت چاپلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر-ئايال مۇئمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟»[14]

بىر مۇئمىن ھەققىدە بولمىغۇر گەپ-سۆزلەر تارقالغاندا مۇمكىنقەدەر ئۇنى تارقاتماسلىق، ئىشنىڭ تەگ-تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ياخشى گۇماندا بولۇش مۇسۇلمانلارغا خاس سۈپەتتۇر.

خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان قېرىندىشىڭنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزنى ئىمكان قەدەر ياخشى تەرەپكە بۇرا، يامان گۇمان قىلما.»[15]

ئەبۇ قىلابە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «قېرىنىدىشىڭ ھەققىدە سەن ياقتۇرمايدىغان بىرەر گەپ قۇلىقىڭغا يەتسە، ئۇنىڭغا ئۆزرە ئىزدە، ئۆزرە تاپالمىساڭ، ئۇنىڭ مەن بىلمەيدىغان ئۆزرىسى بولۇشى مۇمكىن دېگىن.»[16]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.»[17]

 ئىمام ئىبنى جەرىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىگۇناھ ئادەملەرگە ناھەق گۇناھ ئارتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن خەۋەرنىڭ راستلىقىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئالدىرىماڭلار...»[18]

بىز يۇقىرىدا ئايەت، ھەدىس ۋە ئەسەرلەر نۇرى ئاستىدا باشقىلارغا ئازار بېرىشنىڭ، خۇسۇسەن ئۆلىمالارغا ئازار بېرىش ۋە دۈشمەن تۇتۇشنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇق. ئەمدى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە پېشىۋا ئۇستازلارنىڭ «ئۆلىما» ئاتالغۇسى توغرىسىدىكى ئوچۇقلىمىلىرىنى بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتىمىز:

ئۆلىما، پەقىھ ۋە مۇجتەھىد دېگەنلەر شەرئى ئۇقۇم بولۇپ، شەرئىي ھۆكۈملەرنى بىلىدىغان ۋە ئايەت-ھەدىسلەردىن شەرئىي ھۆكۈم خۇلاسىلەش ئېقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر. يۈزەكى بىلىم قۇرۇلمىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى ناملار بىلەن ناملىنىۋېلىشى ۋە دىنى ھۆكۈملەرگە خالىغانچە چات كېرىۋېلىشى ئېغىر خاتالىقتۇر.

ئىمام شەۋكانىي «ئۆلىما»لىق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بەش خىل شەرتنى ھازىرلاش لازىم، دەيدۇ.

 1) قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئالاقىدار بىلىملەرنى ياخشى بىلىش. بۇنىڭدا بارلىق ھەدىسلەرنى يادقا بىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. بەلكى ھەدىسلەرنىڭ مەنبەلىرىنى، قايسى توپلامدا بايان قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ زەئىپ-سەھىھلىرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش.

 2) ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىلەردىن خەۋەردار بولۇش.

 3) دىنى ئىلىم مەنبەلىرى ئەرەب تىلىدا بولغاچقا، ئەرەب تىلىنى پۇختا بىلىش.

 4) پىقھى ۋە پىقھى قائىدىلىرىنى ياخشى بىلىش.

 5) قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكۈم ئايەتلىرى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتلەر... قاتارلىق قۇرئانغا ئائىت زۆرۈر بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش.

 يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەرنى ئۆزىگە ھازىرلىغان كىشىلەر ئۆلىما دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئۇ سەۋىيىگە يەتمىگەن كىشىلەرنى ئالىم-ئۆلىما دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. مانا بۇ، دىنىي پېشىۋالارنىڭ ئۆلىمالارغا قويغان شەرتلىرى. بۇ، ھەرگىزمۇ يۇقىرىقى شەرتلەرنى پۈتۈنلەي ھازىرلىمىغانلار، بۇ سەۋىيەگە يەتمىگەنلەر ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە كىمكى شەرئىي كۆرسەتمىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا، قولىدىن كېلىشىچە ئاللاھ يولىدا خىزمەت قىلسا، ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئەجرىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.» ئەمما ئۆزىنىڭ مۇئەييەن خىزمەتلەرنى جاندىل بىلەن ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپلا ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان ئاتالغۇلارنى قوللىنىۋالسا ياكى ئۆزى چۈشەنمىگەن ساھەلەرگە چات كېرىۋالسا بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلسا ئىنساپسىزلىق قىلغاننىڭ ئۈستىگە ئېغىر قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆلىمالىق سالاھىيىتى ئادەتتىكى سالاھىيەت ئەمەس. ئۇ پەقەت ئانچە-مۇنچە سۆزلەپ قويۇش بىلەنلا ھازىرلىنىپ قالمايدۇ. ئۆلىمالىق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن نەچچە ئون يىللاپ تېرىشىشقا، غۇربەتچىلىك، مۇساپىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ نۇرى بولغان ئىلىمگە لايىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغاندا ئاندىن ئىلىم يۇقىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەندى-نەسىھەت ئالىدۇ.»[19]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ.»[20]

ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى مەرتىۋىلىرى مانا مۇشۇنداق يۈكسەك. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بۇ قەدەر كۆككە كۆتۈرۈلگەن، تەرىپلەنگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە دۈشمەن سايلىۋېلىش، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۇلارنى ھېچ ئىش قىلمىغانغا چىقىرىپ دەشنام قىلىش چېكىدىن ئاشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئادىمىگەرچىلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، كۆپىنچە تالىبۇل ئىلىملەر مۇساپىرچىلىقتا، غۇربەتچىلىكتە، يېگىلى يوق، كېيگىلى يوق ھالدا ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ دىلى نازۇك، قەلبى يۇمشاق كېلىدۇ. بۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھە دېگەندە ئۇلارغا زەربە بېرىش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇچىغا چىققان ئىنساپسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.

ناۋادا ئۆلىمالار ۋە تالىبۇل ئىلىملەرگە ئەسلىتىش زۆرۈر بولغان مەلۇماتلار ياكى ئورتاقلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا چىرايلىق ئۇسۇلدا بىر يەرگە كېلىشىپ، ھەر ئادەم ئۆز سالاھىيىتى بىلەن پىكىر بايان قىلىشى، ئوخشاش قاراشلاردا ھەمكارلىشىپ، ئوخشىمىغان قاراشلاردا بىر-بىرىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ۋەھىي نازىل بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدىمۇ چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشلاردا پىكىر-قاراشلار بىرلىككە كەلگەن ئەمەس. پەقەت ھۆكۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە نەقىللەرگە ئاساسلىنىپ بىرلىككە كېلىنگەن بولسا، باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۆزئارا كېڭەش قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. ئادەتتىكى ئۇششاق ئىشلاردا ھەر ئادەم ئۆز چۈشەنچىسىنى ساقلاپ قالغان ئىشمۇ بولغان. كېڭەش قىلىنغاندىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ساھابىلەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغان، بەزىلىرىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە مۇناسىپ چۈشەنچە بەرگەن، لېكىن ھېچ بىر ساھابىنى پىكىر قاتناشتۇرغانلىقى ياكى ئوخشىمىغان قاراشتا بولغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلىگەن ياكى جازالىغان ئىش يوق. يەنە كېلىپ بىراۋ مەلۇم بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا ئۇنىڭغا دەماللىققا ئەگىشىدىغانلارمۇ ۋە ئىككىلىنىدىغانلارمۇ چىقىدۇ. بۇ ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. بەزى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىككە كېلىش ۋە چۈشەنچتە ئورتاقلىققا ئىرىشىش مەلۇم ۋاقتقا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى توختىتىۋېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

ئادەملەردىكى بۇ خىل روھىي-كەيپىياتنى چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى شەرتسىز بويسۇنۇش كېرەك بولغان ھەقىقەت ھېسابلىۋېلىپ، ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتا بولغانلارنى كەلسە-كەلمەس كاپىرغا، مۇناپىققا، نائەھلىلىككە چىقرىۋېتىش ئىلىمسىزلىكتىن، تەدبىرسىزلىكتىن، دىتسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دىنىي خىزمەت ساھەسى ناھايىتى كەڭرى بىر ساھە. بىر ئادەم ياكى مەلۇم بىر توپنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلارنى قامداپ بولۇشى ناتايىن. ئىلىم ئۆگىنىش ۋە دىندا ئالىم بولۇش ھېچبولمىغاندا نەچچە ئون يىل ۋاقت تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان. بۇ جەرياندا ئۇلار زېھنىنى بەكرەك ئىلىمگە مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنى كۆرۈپلا ئۇلارنى «كىتاب خالتىسى، كىتابتىن باشقىنى بىلمەيدۇ» دەپ چەتكە قېقىش ئالدىراڭغۇلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى، تاۋلىنىشى، پېشىپ-يېتىلىشىگە پۇرسەت بېرىش، كەمچىل جايلىرى بولسا چىرايلىق شەكىلدە تولۇقلاش كېرەك.

ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالادىن ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشىنى، ئۆزئارا ھەمكارلىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئۈنسى-ئۈلپەت ئاساسىدا قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشكە، شۇنداقلار ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىپ، ئەرزىمەس نىزا-تەپرىقلەردىن يېراق تۇرۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ دىنىمىزنىڭ داغدام يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز. (ئامىن)

مەرىپەت ژورنىلى 2015- يىلى 4-سان


([1]) سۈرە فاتىر 28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

(2) ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

([3]) «بۇخارى» 2-توم 191-بەت. «مۇسلىم» 2-توم 889-بەت

(2) «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين» 3-توم 147-بەت

([5]) «ئەل كىفايەتۇ فى ئىلمىر رىۋايەت» 49-بەت

(2) جامىئۇسسەھىھتە بايان قىلىنغان. ئەلبانى سەھىھ دېگەن

(3) سۈرە تەۋبە 122-ئايەت

([8]) «بۇخارى» 7 \ 190-بەت

(2) سۈرە ھۇجۇرات 11-ئايەت

(3) سۈرە تەۋبە 65-66-ئايەتلەر

([11]) «مۇسلىم»

(2) «تەبيىنۇ كىزبىل مۇفتىرى» 28-بەت

(3)  ئەلبانى (2118) ھەسەن ۋە سەھىھ،-دېگەن.

(4) سۇرە نۇر 12-ئايەت

 ([15]) «تەفسىر ئىبنى كەسىر» 4-توم 213-بەت

 (2)  ئەبۇ نۇئەيم «ئەلھۇليە» 2-توم 285-بەت

 (3) سۈرە ھۇجۇرات 6-ئايەت

 (4)  «جامىئۇلبايان» 26 –توم 123-125-بەت

([19]) سۈرە بەقەرە 269-ئايەت

(2) ئەلبانى سەھىھ دېگەن.