فاتىھە سۈرىسى ھەققىدە تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزە

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى



«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالادىن ئىنسانغا ئەۋەتىلگەن يوليورۇق بولۇپ، ئىنسانغا نەتىجە قازىنىش يولىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ ۋە نەتىجە قازىنىشقا كېپىللىك قىلىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بېكەتلىرى توغرىسىدا ئىنسانغا خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئىككى دۇنيانىڭ ئالاقىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان يول خەرىتىسىدۇر. شۇنداقلا ئىنسانغا ھايات سەپىرىدە لازىم بولىدىغان مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغان كىتابتۇر.

 فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى، كامالىي سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، قىيامەت كۈنى، ئىبادەت ۋە ئىخلاس، ئىبادەتنىڭ كەڭرى ئۇقۇمى، ھاياتنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىش، توغرا يولنى تونۇغاندىن كېيىن توغرا يولدىن ئايرىلماسلىق، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ياخشىلارنىڭ يولى ۋە ئىش_ ئىزلىرى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ قارشى تۇرغانلار ۋە ھىدايەتنى تاپالماي ئېزىپ كەتكەن ئازغۇن ئېقىملار قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغان.

 يەتتە ئايەتلىك فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ھەر كۈنلۈكى ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم ئىبادەت بولغان نامازلاردا تەكرار ئوقۇلىدۇ. فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر قانچە نىشانى ۋە ئاچقۇچى بار بولۇپ، تۆۋەندە بۇ نىشان ۋە ئاچقۇچلار توغرىسىدا بىر ئاز پىكىر ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.

 1. «بىسمىللاھ» ۋە مەۋجۇدىيەت سوئالى:

 «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»[1]

 قايسى بىر ئىنسانىي جەمئىيەت دىن، تىل ۋە تۈرلۈك ھۈنەر-سانائەتتىن خالىي بولغان ئەمەس. بۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئورتاق ئامىللاردۇر. ئىنسان ئۆزى ۋە مەۋجۇدىيەت ھەققىدە ئويلىنىدىغان بىردىنبىر مەخلۇق. ئىنسان ھاياتلىق، ئۆلۈم ۋە ئەتراپىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىلگۈسى كېلىدىغان ۋە ھېس قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان مەخلۇق. ئىنسان پەقەتلا يەپ-ئىچىش بىلەنلا قانائەتلەنمەيدىغان مەخلۇق بولۇپ، يارىتىلىش غايىسى توغرىسىدا ئويلىنىدۇ. ھەتتا ئاتېئىزمچى ئىنسانمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش سىرىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.

 ئەقىللىق سەزگۈر ئىنسان كائىنات بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ مەۋجۇدىيەت نەدىن كەلدى؟ قەيەرگە بارىدۇ؟ يوقىلامدۇ ياكى يېڭىلىنامدۇ؟ دېگەن سوئاللارنى بىلگۈسى كېلىدۇ. ئۆزى توغرىسىدا: نېمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ قەيەرگە كېتىپ بارىمەن؟ مېنىڭ بۇ دۇنيادا يارىتىلىشىمنىڭ مەنىسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟ مەۋجۇدىيەت ئۆزىنى ئۆزى يارىتىۋالدىمۇ ياكى بىر ياراتقۇچى ياراتتىمۇ؟ بۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش ئەقىل ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن نۇرغۇن سوئاللارنى سورايدۇ. فاتىھە سۈرىسى دەل بۇ سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىدۇ.

 بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا «بىسمىللاھ» دېگەن ئايەتتىن تېز ئۆتۈپ كېتىمىز. بىراق بىز بۇ ئايەتنىڭ چوڭقۇر مەنىسىگە چۆكىدىغان بولساق، ھايات نەزەرىيىسى توغرىسىدا يەنى كائىناتنىڭ چوڭقۇر كۆز قارىشى ھەققىدە توختىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ئايەت كائىناتنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە توختالماقتا. بۇ ئايەتنى ئېتىراپ قىلىش ئاللاھنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر. شۇنداقلا بۇ كائىناتنى پەيدا قىلغان مېھرىبان بىر زاتنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر. «بىسمىللاھ» دېيىش ياراتقۇچى زات بىلەن مەخلۇقاتلار ئارىسىدا تەبىئىي ئالاقىنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 «بىسمىللاھ» دېگەن ئايەت فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ روھىي ۋە كائىناتقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك كۆز قارىشىدۇر. ئۇ، ئىسلامنىڭ مەرىپەت نەزەرىيىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى. چۈنكى مۇسۇلمان كائىناتنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقىقىتى ۋە مېھرىبانلىق كۆرۈنۈشى ئىچىدە چۈشىنىدۇ. تەبىئەتتىن كائىناتنىڭ سىرلىرىنى چۈشەنگەن مۇسۇلمان: «ياراتقۇچى ئەيىب-نۇقساندىن پاكتۇر» دەيدۇ. ئاتىئزمچىلار بولسا كائىنات سىرلىرىنى بايقىغانلىرىدا: «بۇ نېمىدېگەن چوڭ تاسادىپىيلىق ھە!» دەيدۇ. مۇسۇلماننىڭ غايىسى ئېنىق، دىنسىزنىڭ غايىسى ئېنىق ئەمەس. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى، ئەخلاقى ۋە ئىستىلىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان چوڭ تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان پىكىر ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە ئىلگىرى بىلمىگەن نۇرغۇن سىرلارنى بىلىپ يېتىدۇ. كائىنات، ھايات ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرى ۋە مەخلۇقلىرىغا مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

 «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېيىش تاسادىپىيلىق نەزەرىيىسىگە كەسكىن رەددىيەدىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئاللاھ كائىناتنى يارىتىپ قويۇپ كارى بولماي تاشلىۋەتكەن، دەپ قارايدىغان نەزىرىيەنىڭمۇ قارىمۇ-قارشىسىدۇر.

 «مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن ئايەت ياراتقۇچىنى كەڭرى رەھىمدىللىكى ۋە بارلىق مەخلۇقلارغا ئۇلىشىپ تۇرىدىغان مېھرىبانلىقىغا باغلىغاندا، بىزگە بىلىم-مەرىپەت ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر تاشلاش روھىنى ئاتا قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەبىئەتتىكى يارىتىلىشنىڭ گۈزەللىكى ۋە ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەرىپەتكە ۋاسىتە بولىدۇ: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.»[2]

 2. مېھرىبانلىقنى مەركەز قىلغان كائىنات چۈشەنچىسى:

 «جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر»[3]

 «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر» دېگەن ئايەت كائىنات چۈشەنچىسى بولۇپ، بۇ چۈشەنچىنىڭ مەركىزى مېھرىبانلىقتۇر، ئۇنىڭ ۋىجدان ۋە ئىستىلغا تەسىرى بار.

 «بىسىمللاھ» دېگەن ئايەت ياراتقۇچى زات بىلەن مەخلۇق ئارىسىدىكى ئالاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئالاقىنىڭ تېمىسى كەڭرى مېھرىبانلىق ۋە ئۈزۈلمەيدىغان كۆيۈنۈشتۇر. دىنىمىزنىڭ غايىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مېھرىبانلىق قىلىش ۋە كۆيۈنۈشتۇر، پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارمۇ ئىنسانىيەت ۋە مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.

 «ئاللاھ پۈتۈن ئالەم ۋە بارلىق مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگەن ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنى بىزگە تونۇشتۇرماقتا. ئاللاھ پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولۇپ قالماستىن، پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ شۇنداق مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك زاتتۇر.

 بىز ئىنسان ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقىنى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقىنى چۈشەنسەك، دىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى يۈزلەنگەن خاتا چۈشەنچىلەردىن تازىلىغان بولىمىز. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئالەم ئۈچۈن مېھرىبانلىقى تەرەققىي قىلغان ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. مېھرىبانلىق بولماي مەدەنىيەت ھاسىل بولمايدۇ. كىمنىڭ مەخلۇقلارغا كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىش بىلەن ئىچى سىقىلىدىكەن مېھرىبانلىق بىلەن قوغدىلىۋاتقان دۇنيانى يېتەكلەشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا قارىتا مېھرىبانلىق چۈشەنچىسىنى ۋە ماھىيىتىنى ئەزالىرىنىڭ ئېڭى ۋە قىلمىشلىرىدا ئۆزلەشتۈرەلىگەن ئۈممەت ئىنسانىيەتنى يېتەكلەشكە سالاھىيىتى توشقان بولىدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق.»[4] ئەۋزەللىك قۇرۇق دەۋا بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، بەلكى «قۇرئان كەرىم» نى چۈشىنىش، قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە قۇرئان كۆرسەتمىسى ئاساسىدىكى ئىستىل بىلەن رېئاللىققا ئاشىدۇ. مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ چۈشەنچىگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز؟ ئىدىيە، تەپەككۇر دائىرىمىزگە قاراپ چىقايلى ۋە بۇ چۈشەنچىنى خاتا ئۇقۇملاردىن تازىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

 رەھىمدىللىك ۋە مېھرىبانلىق قىممەت-قاراش بولۇپ، ئاشكارا جانلىق ئىستىل شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىي ھاياتتا پىرىنسىپقا ئايلانمىغان قىممەت-قاراشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، ئىستىلغا ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتكە ئايلانمىغان پىرىنسىپنىڭمۇ مەنىسى بولمايدۇ.

 رەھىمدىللىك ۋە مېھرىبانلىق دىننىڭ ئىنساننى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەقىقى ئۆلچەم. چۈنكى ئۇ بۇزغۇنچىلىق، قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توختىتىشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىنساننى يېتىلدۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. بۈگۈنكى مەدەنىيەت ھەر قايسى ساھەلەردە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، مېھرىبانلىقتا نەمۇنە خاراكتېرلىك ئىنساننى يېتىلدۈرۈشتىن ئاجىز كەلمەكتە.

 3. قىيامەت كۈنى ۋە ئىنساننىڭ ئىستىلىنى قائىدىگە سېلىش:

 «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر»[5]

 قىيامەت كۈنى ئۇقۇمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پائالىيەتچان بولۇش ئۇقۇمىدىن ئىبارەت. يەنى ئىنسان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، ئىشلارنى ئۆلچەملىك پۇختا قىلىشى، ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى ۋە باشقىلار قەيەرگە باشلىسا كېتىۋېرىدىغان قويغا ئوخشاپ قالماستىن ئىش-ھەرىكەتلىرىدە مۇستەقىللىقىنى ھېس قىلىشى قىيامەت كۈنى ئۇقۇمىغا چېتىشلىقتۇر.

 قىيامەت كۈنى ئىنسان ھاياتىدىكى سەپەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھېساب-كىتاب قىلىدىغان كۈن. ئۇ، بۇ دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئادالەتكە ئېرىشىدىغان ۋە ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدىغان كۈندۇر.

 مۇسۇلماننىڭ ئەقلى ياراتقۇچىنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بىراق باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بەزىدە كەمبەغەللىك، زۇلۇم، نادانلىق، كېسەل ۋە ئۇرۇشلار ئۇنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مانا مۇشۇ يەردە ھېساب-كىتاب قىلىدىغان قىيامەت كۈنى ئەقىدىسى ئىنسان كۆڭلىدە ئادالەت ئۇقۇمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن مۇھىم شەرتتۇر.

 قىيامەت كۈنى ئادالەت ۋە مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك زۆرۈر. ئىنساننىڭ بۇ ھاياتلىقتىكى پۈتۈن ھەرىكەتلىرى ھېساب ئالىدىغان خاتىرىگە خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھېساب خاتىرىسى ئىنسانغا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەۋزەل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئىنسان ھەر بىر ياخشىلىقنى قىلسا ئۇنىڭغا ئون ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ، ھەر بىر خاتالىقنى سادىر قىلسا پەقەتلا بىر خاتالىقنىڭ گۇناھى ۋە جىنايىتى خاتىرىلىنىدۇ. خاتالىقلىرى تەۋبە قىلسا ئۆچۈرۈلىدۇ، ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن يامان قىلمىشلىرى ئۆچۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى، ئۇ كۈندىكى ھېساب-كىتاب ئىدىيىسى ئىنسان كۆڭلىدە ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسى ۋە ئاللاھ كۆزىتىپ تۇرىدۇ، دېگەن ئاڭنى ھاسىل قىلىدۇ.

 قىيامەت كۈنى ئۇقۇمى ئەقىلنى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغان چوڭقۇر ئۇقۇم. قۇرئاندىكى بىرىنچى سۈرە بولغان فاتىھە سۈرىسىدە ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئادالىتى، ھېساب ئېلىشتىكى رەھمىدىللىكى، ئىنساننىڭ شەخسى مەسئۇلىيىتى، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئىستىلىنى باشقۇرۇش ئۇقۇملىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىمە نۇقتىنى يىلتىزلاشتۇرىدۇ. بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: قىيامەت كۈنى ئۇقۇمىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قانچىلىك چۈشەندۇق؟ ئاللاھ بىلەن، كائىنات بىلەن ۋە ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىمىزدە بۇ ئاڭ يوق بولۇپ قالسا ئەخلاقى جەھەتتىن ھاياتىمىزغا، ئىستىلىمىزغا ۋە ئالاقىمىزغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇنى سوراپ كۆرۈشىمىز كېرەك.

 4. «ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»[6]

 «ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز» ئىبادەت دېگەن ئايەت گۈزەل ھايات بەرپا قىلالايدىغان ۋە يارىتالايدىغان مەقسەتلىك ئىش-ھەرىكەتتۇر.

 فاتىھە سۈرىسى يۇقىرىدا مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ياراتقۇچى ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنى ھەققىدە توختالدى. ئەمدى ئۈچىنچى قىلىپ ئىنسان ۋە مەقسەتلىك ئىش-ھەرىكەت ھەققىدە توختالماقتا.

 يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان باشقا مىللەتلەر ئىشلارنى پۇختا قىلىپ سانائەت، يېزا-ئىگىلىك ۋە ئىنتىزام ئىشلىرىدا ئىجادىيەت ياراتماقتا. بىز بولساق باشقىلارغا گاداي بولۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭ ھالقىلىق سەۋەبى مۇسۇلمان ئىنساننىڭ «قۇرئان كەرىم» گە قارىتا ئاڭ قۇرۇلمىسىغا چېتىشلىقتۇر. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىغا قارايدىغان بولساق، ئىنساننىڭ زېمىندىكى ۋەزىپىسىنى ئىبادەت، ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كائىناتنى گۈللەندۈرۈشتۇر. كائىناتنى ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش لازىم، مانا بۇ ئىبادەتنىڭ مەنىسى. ئىبادەت دېگەن ئاللاھنى ئەسلەش ۋە پۇختا ئىش قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى يۈزلۈك پۇلغا ئوخشايدۇ. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى قۇرۇلمىسىغا قارىساق، ئىبادەت ئۇقۇمى كائىناتنى گۈللەندۈرۈش ئۇقۇمىدىن ئايرىلىپ قالغان.

 ئىسلامدىكى ئىبادەت ئۇقۇمى پەقەتلا ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇلار شوئار خاراكتېرلىك ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمىدۇر. ھايات، يول ۋە ئىستىل شەكىللەندۈرىدىغان نەرسىلەرمۇ ئىبادەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبادەت دېگەن ئومۇمى ئۇقۇمى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان بارلىق ئاشكارا-يوشۇرۇن سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ئىبادەتلىرىم) ۋە ماماتىم (ھەقىقەت يولىدا ئۆلۈپ كىتىشىممۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.»[7] ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك ئىبادەت ئۇقۇمى يوقالغاندا زاۋۇت، يېزا-ئىگىلىك، سانائەت، سودا-سېتىق، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدىكى پائالىيەت يوقىلىدۇ ياكى «قۇرئان كەرىم» بۇيرۇغان ئومۇمىي ئۇقۇمى بىلەن ئىبادەتنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ.

 بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتقا ئالاقىدار سانائەتلىرىدىن غايىب بولۇشنىڭ سەۋەبى «قۇرئان كەرىم»دىكى چوڭ چۈشەنچىلەردىن چەتنەپ كەتكەنلىكتۇر. قۇرئاندىكى بۈيۈك ئۇقۇملارنىڭ بىرى ئىبادەت ئۇقۇمىدۇر. بۇ ئۇقۇمنىڭ ھاياتتىكى دائىرىسىنى خاتا چۈشەنچىلەر تارايتىپ قويغان ھەم قويماقتا. ئىبادەتنى زېمىننى گۈللەندۈرۈش، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق، ناھەقچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا قارىشى تۇرۇش ئۇقۇمىدىن ئايرىپ تاشلىغان. زېمىننى گۈللەندۈرۈش سانائىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تاشلاپ بەرگەن.

 خىزمەت ئۇقۇمى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردە ئىشلارنى پۇختا قىلىش ئىش-ھەرىكەتنىڭ تېمىسغا ئايلانغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھايات سانائەتلىرىدە ئۇتۇق قازانغان، بىز بولساق باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارقىدا قالدۇق، نەتىجىدە ئۆزىمىزگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان ياكى دۈشمەنگە زەربە بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق. بىز ھاياتلىققا قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا قاراشتا بولماي ھاياتلىقنى مەنىسىدىن ۋە ئىنسانىي ئىش-ھەرىكەتلەردىنمۇ قۇرۇقداپ قويدۇق. چۈنكى ئىبادەت ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىۋالغان مۇسۇلمان سانائەت، يېزا-ئىگىلىك ۋە ئىلمىي كەشپىياتلارنى ئىبادەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇم ۋە چۈشەنچىلىرى قاتارىدىن كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان. بولمىسا يۇقىرىقى ئىشلار كائىناتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. ئىبادەت ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىسى بىلەن توغرا چۈشىنىلمىسە مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت تراگېدىيەسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىدىيە، ئاڭ ۋە خىتابلىرىمىزدا ئىبادەت ئۇقۇمى ئەسلىگە كەلمەيدىكەن ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىرادە ۋە ئۈمىد قىلىۋاتقان تەرەققىييات ۋە خاتىرجەم گۈزەل ھاياتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

 ئىبادەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىندىغان ئىش-ھەرىكەت، ئىبادەتتىن پەقەتلا ئىنسان پايدىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە ئېھتىياجى يوق. ئىنسان تەپەككۇر قىلالايدىغان مەخلۇق بولۇپ، ماددى سەۋەب-چارىلەر دۇنياسىدا ئىزدىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلالايدۇ، شۇڭا زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنساننىڭ گەدىنىگە چۈشكەن ۋەزىپىدۇر. مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ تۇرغان ئاجىز ئىنسان ياردەمچى ۋە خاتىرجەم قىلغۇچى ئامىللارغا مۇھتاج بولىدۇ. ۋەزىپىسى بىلەن ئىقتىدارى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى ئېتىدىغان ئىمانغا مۇھتاج بولىدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە مەنىۋى ۋە نەپسى ياردەم شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە: «سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھدىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھدىن قورققۇچىلار (يەنى كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھغا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر.»[8] دېمەك، ياردەم تىلەش مەقسەتلىك ئىبادەتكە چېتىلىدۇ. ئىبادەت ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ھاياتنى ئىسلاھ قىلىش بولسا، ئومۇمىي ئۇقۇمى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا ھاياتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىنتىزامغا سالىدۇ. شۇڭا ئىنسانغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئېغىر، ئىنسان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا چوڭ ياردەمگە مۇھتاج. چوڭ ياردەمگە ئېرىشىشتە ئاللاھدىن باشقا كىمدىن ياردەم تىكلىگىلى بولسۇن؟!

 دېمەك، ئىبادەت دېگەن: مەسچىتنىڭ مېھرابىدا ۋە ھايات كەچۈرۈش كۇچىلىرىدا بولىدۇ. ئىبادەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 5. «توغرا يول» دېگەن ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت:

 «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).»[9]

 توغرا يول دېگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىش يولى دېمەكتۇر. توغرا يول ماڭغۇچىلار بىلەن تونۇلىدۇ، توغرا يولدا ماڭغانلارنى تونۇماي تۇرۇپ ئىنسان ساغلام كومپاسقا ئىگە بولالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» توغرا يولدا ماڭغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مىسال ۋە كۆرۈنۈشلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. توغرا يولدا ماڭغانلار ئىككى خىل سۈرەت بىلەن كۆرۈنىدۇ.

 بىرىنچى: توغرا يولدا ماڭغانلار ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئىبادەتلىرى ئارقىلىق ئاللاھقا باغلانغانلاردۇر.

 ئىككىنچى: زېمىننى ماددىي جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشتە ھەسسە قوشقۇچىلار. بۇ تەرەپ بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا كەم بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئىشلەپچىقىرىش ۋە پائالىيەتچانلىقى تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا.

 ھىدايەتنىڭ رېئاللىققا چىقىشى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ئىش كېرەك:

‏ بىرىنچىسى: توغرا كۆز قاراشنى بىلىش، يەنى بۇ مەسىلىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ توغرا كۆز قاراش قايسى؟ دېگەننى بىلىش،

‏ ئىككىنچىسى: كۈچلۈك ئىمان ئاساسىدا مۇشۇ توغرا كۆز قاراشنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئەمەل قىلىش.

‏ ئىنسان «بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلسىلا» دېگەندە، پەرۋەردىگارىدىن: ئى پەرۋەردىگارىمىز ھايات ئىشلىرىمىزدا بىزگە سىلى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسىلا، ئاندىن كۈچ_ قۇۋۋەت ئاتا قىلسىلا ۋە ياردەم بەرسىلە، دەپ تىلەيدۇ.

 6. مىسال كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى:

 «قۇرئان كەرىم» دە ئاللاھ بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشقۇچىلاردىن ئۆرنەك:

 ئادەم ۋە ھاۋا ئىنسان تۈرىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەسسە قوشقان.

 ھابىل قان تۆكۈشتىن ساقلانغان.

 نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ياسىغان.

 زۇلقەرنەيىن توسما سالغان.

 داۋۇت ئەلەيھىسسالام قورال-ياراق ۋە ھەربىي فورمىلارنى ياسىغان.

 سۇلايمان ئەلەيھىسسالام سىياسەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

 يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرغان.

 مۇسا ئەلەيھىسسالام زالىملارنىڭ زۇلمى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىشى تۇرغان.

 «قۇرئان كەرىم»دە ئىدىيەسى تەڭپۇڭ بولغان ۋە ۋەزىپىلىرى تۈرلۈك بولغان ئەر-ئاياللارنىڭ مىساللىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلىرى خالىس ئىبادەتلەرنى گۈزەل يوسۇندا قىلىشىنى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى ۋە قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەقەززا قىلغان.

 دېمەك، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنى مۇنداق ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئارقىلىق ئىنسان خەتەرلىك ئىككى ئىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

 بىرىنچى: ساغلاملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىبىرلىك ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىن ھەقىقەتكە تانغان ۋە ئىنكار قىلغانلارنىڭ يولى.

 ئىككىنچى: ھەقىقەتنى كۆرگەن، بىراق خاتا چۈشىنىپ قالغانلارنىڭ يولى.

 فاتىھە سۈرىسىنى چۈشىنىش يولنى قىسقارتىدۇ، دىننى خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن ۋە ئازغۇنلارغا قوشۇلۇپ كېتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

مەرىپەت ژورنىلى 4-سان


([1]) سۈرە فاتىھە 1-ئايەت

([2]) فاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت

(2) سۈرە فاتىھە 2،-3-ئايەتلەر

([4])سۈرە ئەنبىيا 107-ئايەت

(2) سۈرە فاتىھە 4-ئايەت

([6]) سۈرە فاتىھە 5-ئايەت

([7]) ئەنئام سۈرىسى، 162-ئايەت

(2) بەقەرە سۈرىسى، 45-ئايەت

([9]) فاتىھە سۈرىسى، 6-7-ئايەتلەر