ئۈچ ئەۋلاد سوت ئالدىدا

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز

ئىتالىيە مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى ئالدىدا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، غۇرۇر بىلەن تىك تۇرغان ئۈچ گۇماندارغا ئىنچىكىلەپ قارىدى. ئۇلار: بىرى بوۋاي، بىرى ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر كىشى، بىرى ئۆمرىنىڭ باھارىدىكى بىر ياش يىگىت ئىدى. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بۇلار بىر ئائىلىدىن ئىدى. يەنى بوۋاي، ئوغلى ۋە نەۋرىسى.

بۇلار ناھايىتى يىراق يەردىن، مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقتىن-تۈركىيەدىن لىۋىيەنىڭ بېنغازى رايونىغا كەلگەن ئىدى. ئۇلارنى بۇنچىلىك يىراق يوللارنى بېسىپ لىۋىيەگە كېلىشكە نېمە سەۋەب بولغان؟! باش سوتچى ئۇلارنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلەتتى... ئۇلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسە مۇسۇلمانلار مۇقەددەس بىلىدىغان جىھاد ئىدى. ئۇلار لىۋىيەدە ۋەتىنىنى بېسىۋالغان ئىشغالىيەتچى ئىتالىيەگە قارشى جىھاد قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىش ۋە بىرگە جىھاد قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

بوۋاي پىنسىيىگە چىققان گېنېرال مۇھەممەد پاشا، ئوتتۇرا ياشلىق كىشى بوۋاينىڭ ئوغلى ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ ئەسكىرى پولكوۋنىك ئەھمەد ئالائىددىن، ياش يىگىت ئەھمەد ئالائىددىننىڭ ئوغلى، بوۋاينىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد... چوڭ دادا، دادا ۋە نەۋرىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مۇجاھىدنىڭ ھېكايىسى مۇنداق:

ئىتالىيە غەربىي تىرابلوس بىلەن بېنغازىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئوسمانىيە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، 1909-يىلى بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىسى سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇل ھەمىدنى تەختتىن چۈشۈرگەن ۋاقىت ئىدى. 1911-يىلى ئىتالىيە تۇيۇقسىز لىۋىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا كۈچى يەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بەزى مۇجاھىدلارنى ئەۋەتمەكچى بولدى. مانا مۇشۇ ئۈچ كىشى ئىككىلەنمەستىن، لىۋىيەگە بېرىشقا ئۆزىنى تىزىملاتقان ۋە لىۋىيەگە بارىدىغان مۇجاھىدلار گۇرۇپپىسىغا قوشۇلغان ئىدى. بۇ مۇجاھىدلار «پىدائىي ئوفىتسېرلار» دەپ ئاتىلاتتى.

بۇ پىدائىيلار ۋەزىيەتنىڭ يامانلىقى، سانىنىڭ ئازلىقى، يولنىڭ يىراقلىقى، ئوزۇقلىرىنىڭ كەملىكى ۋە ئىلغار قوراللىرىنىڭ يوقلۇقىغا قارىماي جىھادقا ئاتلاندى. ئۇلار مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن لىۋىيەگە يوشۇرۇن كىرىپ، ئۇ يەردىكى قەبىلە باشلىقلىرى، يۇرت چوڭلىرى ۋە بەزى نوپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ياشلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆگەتتى. بۇ مۇجاھىدلارنىڭ قولىدا ئېغىر تىپتىكى قوراللار، داپولار، تانكىلار، پىلىمۇتلار يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى پەقەت بىر نەچچە كونا مىلتىقتىن ئىبارەت ئىدى. تۈرك ئوفىتسېرلار ۋە لىۋىيەلىك قەبىلىلەردىن توپلانغان كىشىلەر ئازغىنە كىشىلەر ئىدى. ئۇلاردىن ئېغىر تىپتىكى ئەسلىھەلەر، ئىلغار تانكىلار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن قوراللانغان، سان ۋە تەييارلىق جەھەتتە ئۆزلىرىدىن يۈزلەرچە ھەسسە كۆپ بولغان ئىتالىيە ئىشغالچى قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىناتتى. مۇجاھىدلار دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ، قاچقان ۋە ئۆلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن ئولجا ئالغان قوراللارغىلا تايىناتتى.

ھۇجۇملارنىڭ بىرىدە مۇجاھىدلار دۈشمەننى قاتتىق زىيانغا ئۇچراتقان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن قوشۇنى ئىتالىيەدىن ياردەمگە كەلگەن يېڭى قوشۇن بىلەن بىرلىشىپ مۇجاھىدلارنى قورشىۋالغان ۋە نەتىجىدە بىر نەچچە مۇجاھىد ئەسىر چۈشكەن ئىدى. ئەنە شۇلار بۈگۈن ئىتالىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىۋاتىدۇ.

بۇ كىشىلەرنىڭ قوللىرى ئارغامچا بىلەن شۇنداق قاتتىق باغلانغان بولۇپ، بارماقلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە لىۋىيە خەلقىنىڭ يەرلىك كىيىملىرى بار ئىدى. بېشىدا تۈركلەرنىڭ تەربوشى (جىيەكسىز قىزىل سوكنا قالپاق) بار ئىدى. باش سوتچىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار سوتقا ئېلىپ كېلىنىشتىن ئاۋۋال ھۆكۈم بېرىلىپ بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇرۇشۇۋاتقان ھالدا نەخ مەيداندا ئەسىر ئېلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن مىلتىق دورىسىنىڭ پۇراقلىرى كېلىپ تۇراتتى. لېكىن باش سوتچىنى بىئارام قىلىۋاتقان نەرسە، بىرى ئەنگلىيىلىك، يەنە بىرى فرانسىيەلىك ئىككى مۇخبىرنىڭ مەھكىمىدە بولۇشى ئىدى.

- كىم سىلەر؟ سورىدى، باش سوتچى.

تەرجىمان سوتچىنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلىپ بولغىچە، ئوتتۇرا ياشلىق كىشى بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ، ساغلام ئىتالىيەچى سۆزلەشكە باشلىدى:

- مەن پولكوۋنىك ئەھمەد ئالائىددىن، ئوسمانىيە سۇلتانىنىڭ خىزمىتىدىكى ئەسكەر بولىمەن. ماۋۇ كىشى (دادىسىنى كۆرسىتىپ) مېنىڭ دادام پىيىنسىيگە چىققان گېنېرال مۇھەممەد پاشا، بۇ (ئوغلىنى كۆرسىتىپ) مېنىڭ ئوغلۇم مۇھەممەد، ئوسمانىيە ئارمىيىسىدە پىدائىي ئەسكەر.

مەھكىمە ئەزالىرى تاڭ قېتىپ قالدى. چەتئەللىك ئىككى مۇخبىرمۇ ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە قاراشتى. پىيىنسىگە چىققان گېنېرال ئۆز ئوغلىنىڭ قولى ئاستىدا ئىختىيارى ئەسكەر بولۇپ، ئادەتتىكى ئەسكەردەك دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشقان ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاي، ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىرلىكتە ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ، يىراق يەرلەردىن كېلىپ، ئۈمىدسىز بىر ئۇرۇشقا قېتىلىدىغان قانداق ئائىلە بۇ!؟

باش سوتچى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ھالغا كەلگەنلىكىنى، ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىسيانچى ئەمەس، بەلكى ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ رەسمىي ئەسكىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ ئەسكەر بولغانلىقىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن سوراقنى داۋاملاشتۇردى:

- سۆزۈڭنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججىتىڭ بارمۇ؟

- بار، دېگەندىن كېيىن؛ پولكوۋنىك باغلاغلىق قوللىرى بىلەن ناھايىتى تەسلىكتە كىيىمىنىڭ ئارىسىدىن بىر قەغەزنى چىقىرىپ «بۇ ماڭا بېرىلگەن رەسمىي بۇيرۇق» دېدى.

كاتىپ رەسمىي ھۆججەتنى پولكوۋنىكنىڭ قولىدىن ئېلىپ باش سوتچىغا بەردى. سوتچى قەغەزگە دىققەت بىلەن قاراشقا باشلىدى. پولكوۋنىك:

- تەرجىمانىڭىز بۇ رەسمىي ھۆججەتنى تەرجىمە قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ ئوسمانىيە خەلىپىلىكى ئۇرۇش ۋەزىرىنىڭ ماڭا چۈشۈرگەن رەسمىي بۇيرۇقى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز، دېدى، تەمكىنلىك بىلەن.

بۇنداق ئەھۋالدا مەھكىمىنىڭ سوتلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى سوتلىنىۋاتقانلار ئىتالىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان ئوغرىلار ئەمەس، بەلكى ئەسكەر ئەسىرلەرنى سوتلاش خەلقئارا قانۇنىي بويىچە سوتلىنىشى لازىم بولغان رەسمىي ئەسكەرلەر ئىدى، لېكىن ئەسكەرلەرنى سوتلاش خەلقئارا قانۇنىغا رىئايە قىلىش بۇ مەھكىمىدىن تولىمۇ يىراق ئىدى. چۈنكى مەھكىمە سوت ئېچىشتىن بۇرۇن ھۆكۈم قىلىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن باش سوتچى مەھكۇملارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەن بولۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۇرۇش ئەسىرى دەپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭغا ئۇلار ئەسىر ئېلىنغاندا ئۈستىدە ھەربىي فورما بولماستىن يەرلىكلەرنىڭ كىيىمى بولغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭغا تۈرك پولكوۋنىك مۇنداق جاۋاب بەردى:

- مەن قوماندانلىق قىلغان مۇجاھىدلار ھەربىي فورما كىيمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەنمۇ ئۇلاردەك كىيىنىشنى تاللىدىم، تۈرك ئەسكىرىنىڭ فورمىسىنى كىيمىدىم.

قارىلىغۇچى ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتنى ئوقۇدى. ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئەينى يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 26-كۈنى ئىتالىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئارقىدىن خائىنلارچە ئۇرۇش ئىدى.

پولكوۋنىك ئەھمەد ئالائىددىن بۇ جىنايەتنى رەت قىلىپ:

- سىلەرنى ئارقاڭلاردىن ئۇرمىدىم، بەلكى سىلەرگە ھۇجۇم قىلدىم، بولغان ئىش مۇشۇ، ھەم بىزنىڭ سانىمىز ئاز ئىدى، دېدى.

- سىلەر ئاز ئەمەس ئىدىڭلار، كۆپلۈك ھالەتتە ھۇجۇم قىلدىڭلار، دېدى، باش سوتچى.

- بىز ئاز ئىدۇق، بىزدە پەقەت 400 دانە مىلتىق بار ئىدى، دېدى، پولكوۋنىك كەسكىن قىلىپ.

- بۇ مىلتىقلار قەيەردە؟ سورىدى، سوتچى.

- بۇ توغرىدا ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلماڭ، يېقىندا 350 مىلتىق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. قالغان 50 مىلتىقتىن 15 مىلتىقنى كۆتۈرگەن مۇجاھىد شېھىد بولدى، 35 مۇجاھىد مىلتىقلىرى بىلەن ئەسىر چۈشتى ۋە مەھكىمىڭىز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، دېدى.

باش سوتچى: بۇ گۇماندارلار ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئاسىيلار، دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇراتتى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئالدىنئالا چىقىرىپ قويغان ھۆكۈم يوللۇق بولاتتى، لېكىن تۈرك پولكوۋنىك ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ:

- بىز ھېچ قاچان سىلەرگە تەۋە بولمىدۇق... مېنىڭ قوماندانلىقىم ئاستىدىكى ئەرەب مۇجاھىدلارمۇ سىلەرگە تەۋە بولغىنى يوق. بىز ئوسمانىيە خەلىپىلىكى پۇقرالىرى، شۇڭلاشقا سىلەرنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايمىز، دېدى.

باش سوتچىنىڭ ئوڭايسىزلانغانلىقى چىرايىدىن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. شۇڭلاشقا ئۇ سوراقنى قىسقا جاۋاب تەلەپ قىلىدىغان سوئاللارغا يۆتكەپ:

- بۇ يىل يەنى 1911-يىلى 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ھۇجۇمغا قېىتىلدىڭلارمۇ يوق؟ دېدى.

- ئۇ ھۇجۇمنى مەن ئېلىپ بارغان.

- ماۋۇ ئىككىسىمۇ قاتناشتىمۇ؟ دېدى، سوتچى ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئوغلىنى كۆرسىتىپ.

- ئەلۋەتتە، ئوغلۇم مېنىڭ قول ئاستىمدىكى ئەسكەر. دادام بولسا ئوسمانىيە گېنېرالى، پىنسىيىگە چىققان، مېنىڭ پىدائىي ئەسكەرلىرىمدىن بىرى.

- ھەممىڭلار ھەربى فورمىسىز ئۇرۇشتۇڭلارمۇ؟

- ھەئە، بۇنىڭ سەۋەبىنى يۇقىرىدا بايان قىلدىم.

- تىرابلوسنىڭ يەرلىك پۇقرالىرىدىن بىرەرسىنى قوماندانلىقىڭ ئاستىدا ئۇرۇشقا قاتناشتۇردۇڭمۇ؟ ئۇلارنى چېنىقتۇردۇڭمۇ؟

- تىرابلوس ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ۋىلايىتى، تىرابلوس خەلقى ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ پۇقرالىرى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى قوشۇنۇمغا قوشۇپ، چېنىقتۇرۇپ، ئۇرۇشقا قاتناشتۇردۇم.

- بولدى بەس، دېدى سوتچى. شۇنداق قىلىپ سوت ئاخىرلاشتى. ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

مەھكىمىنىڭ كاتىپى ئورنىدىن تۇردى-ئۇ ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى ئانتونيو ئاۋانكلى ئىدى-سوت باشلاشتىن بۇرۇن يېزىپ تەييارلاپ قويغان مەھكىمە قارارىنى ئوقۇپ، ئاخىرىدا: «ھازىر چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى قارارى دېلوغا يېزىلدى، جىنايەتكارلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەققى يوق» دېدى.

مەھكىمىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان چەتئەللىك ئىككى مۇخبىرنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: «قارار ئېلان قىلىنغاندا، قارىلانغۇچىلارنىڭ يۈزىدىن تەبەسسۇم يوق بولمىدى. ئەكسىچە پولكوۋنىك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

- ياشىسۇن سۇلتان! دېدى. ئەمما دادىسى پىيىنسىيونىر گېنېرال:

- ئاللاھۇ ئەكبەر! دەپ توۋلىدى. نەۋرە يىگىت بولسا بوۋىسى بىلەن دادىسىغا ھۆرمەت قىلىپ جىم تۇردى.

جاللاتلار بۇلارنى مەھكىمە زالىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئازغىنە مۇددەتتىن كېيىن ئۈچ پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. ھۆكۈم تىز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىپ، ئۇلار مەھكىمە زالىدىن چىقىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

باش سوتچى يۇتقۇنغان ھالدا:

- باشقا گۇماندارلارنى ئېلىپ كىرىڭلار! دېدى.»

باش سوتچى قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى، ئۆلتۈرۈلۈش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان گۇناھسىز مەھكۇملار ئالدىدىن ئۆتكەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، باشلىرىدىكى شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ، سالام بەرگەن چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن قاچۇرۇپ باشقا تەرەپكە قارىۋالدى. مۇخبىرلار شەپكىلىرىنى باشلىرىغا كىيىپ، باش سوتچىغا ئارقىسىنى قىلىپ، مەھكىمىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار چىقىۋېتىپ مەھكىمىنىڭ بوسۇغىسىغا تۈكۈردى.

(بۇ تارىخىي ھېكايىنى ئىراقتا چىقىدىغان «ئىسلام تەربىيىسى» ژۇرنىلى 2015-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلدىم. بۇ ھىكايە فرانسىيەلىك يازغۇچى كىلاۋد فىرارنىڭ «تۈركلەرنىڭ مەنىۋى كۈچى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان ھەقىقىي ۋەقە)

مەرىپەت ژورنىلى 4-سان