ئىسلامدىكى ئېقىم ۋە ئىزىملار

ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن

تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق قانلىق ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنچىكىلەيدىغان بولساق، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مەزھەپ پەرقى، چۈشەنچە پەرقى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا تارقىتىلغان پىتنە-پاساتلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى توغرا ئانالىز قىلىش، زامانىمىزدىكى پىكرىي ئېقىملارنىڭ ھەقىقىتىنى ياخشى چۈشنىش ۋە ئەڭ ياخشى چىقىش يولى تاللاش ئۈچۈن 14 ئەسىرلىك ئىسلام تارىخىمىزنىڭ سەھىپىلىرىگە نەزەر سېلىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر پىكرىي ئېقىملارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە چوڭ پىتنىلەر ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى كۈنىمىزگىچە ئۈزلۈكسىز ھالدا داۋام قىلماقتا ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەرخىل قايمۇقۇش پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى روھىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



ئاللاھ تائالا «والفتنة أكبر من القتل» «پىتنە دېگەن ئۆلتۇرگەندىنمۇ يامان» دېيىش ئارقىلىق پىكرىي ئۇرۇشنىڭ قوراللىق ئۇرۇشتىن يامان ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندەك، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن باشلانغان پىتنىلەر، ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە ئاممىۋى قىرغىنچىلىقتىنمۇ يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەبچى بولۇش بىلەن بىرگە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىۋالغان قاتىللارغا قاراتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى:

 

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر مىنى ئۆلتۈرسەڭلار، مەندىن كېيىن بىر-بىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت باغلىيالمايسىلەر، ھەممىڭلار دۈشمەنلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئارا بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشسىلەر».[1]

 

يەھۇدىيلىقتىن يالغاندىن مۇسۇلمان بولۇۋالغان چوڭ پىتنىخور ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم مۇناپىقلار «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەنسەپلەرنى ۋە خەزىنە ماللىرىنى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تارقاتتى» دېگەندەك ئۇچۇق ئاشكارا يالغان تۆھمەتلەرنى دەستەك قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى ئىچكى جەھەتتىن پىتنە قوزغىغان بولۇپ، نەتىجىدە يەمەن، مىسىر ۋە باشقا بىر نەچچە ۋىلايەتلەردىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى بىرلەشكەن 2 مىڭدىن ئارتۇق تەقۋالىق دەۋاسى قىلغۇچى، ئەمما قەلبىگە مۇناپىقلىق ۋە كۇپرى يوشۇرۇنغان كىشىلەر ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن مەدىنىگە كېلىدۇ ۋە بىر كېچىدىلا ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ 42 كۈنگىچە يېمەك-ئىچمەكتىن مەھرۇم قويغاندىن كېيىن، ھىجرىيىنىڭ 35-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 18-كۈنى شېھىت قىلىۋېتىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى نائىلە بىنت فەراپىسە ئۇنىڭ قانلىق كۆينىكى، يۇلۇنغان ساقىلى ۋە ئۇنى قوغداش جەريانىدا كېسىلگەن 5 تال بارمىقى بىلەن بىرگە شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ قاتىللىرىدىن ئىنتىقام ئىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزكۇر مەكتۇپ دەمەشىق چوڭ جامەسىدە ئوقۇلغاندا جامەگە يېغىلغان 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆزلىرىنى تۇتالماي ئۈن سېلىپ يىغا-زارە قىلىشىدۇ.[2]

 

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، گەرچە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالتە كۈنگىچە خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە باشقا چوڭ ساھابە كىراملارنىڭ «ئەگەر سەن خەلىپىلىكنى قوبۇل قىلمىساڭ، ئۇنى پىتنىخورلار ئىگىلەيدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق قاتتىق تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە خەلىپىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئامانلىقنى كۈچەيتىش يۈزىسىدىن پايتەختنى مەدىنىدىن ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىگە يۆتكەشنى قارار قىلىدۇ.

 

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بىرنەچچە قەبىلە كاتىۋاشلىرىنى تىز ۋاقىت ئىچىدە جازالاشنىڭ تىخىمۇ كۆپ پىتنە-پاساتقا سەۋەبچى بولىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا ئەڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ۋالىيلاردىن بەيئەت ئېلىشنى، ئىككىنچى قەدەمدە ھازىرقى ئىستانبۇل (شۇ ۋاقتىدىكى كونىستانتىنىيە)دىن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان رۇم ئەسكەرلىرىنىڭ خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكى ۋە تاشقى مۇقىملىقنى كۈچەيتىشنى، ئۈچىنچى قەدەمدە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان قەبىلىلەر كاتىۋاشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما شام ۋالىيسى ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى مۇئاۋىيە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى جازالاپ بولۇشىنى شەرت قىلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتىن باش تارتىدۇ.[3]

 

ئۇ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بارلىق ئاياللىرى ھەج قىلغان بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز ئۇلار بىلەن بىرگە مەككە مۇكەررەمەدە ئىدى. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ۋە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام قاتارلىق ساھابە كىراملارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئائىشە ئانىمىز مەككىدىن ئۇدۇل ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىگە بېرىپ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى تىز ۋاقىت ئىچىدە جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقچى بولىدۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بەسرە شەھىرىگە كېلىپ ھىجرىنىڭ 36-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخشىمى ئائىشە ئانىمىز تەرەپ بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئەتىسى ئەتتىگەندە بۇ مەسىلىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئۆز ئارا كېلىشىم ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كېلىشكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆلۈم ھېسابلىغان ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ باشچىلىقىدىكى 2000 غا يېقىن مۇناپىق قوشۇن، مۇسۇلمانلار سېپىدە پىتنە چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، يېرىم كېچىدىن كېيىن ئائىشە ئانىمىز ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن گۇمانلانغان ھالدا بىر-بىرىگە قارشى مۇداپىئەلىنىش ھۇجۇمىغا ئۆتىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈتۈلمىگەن قانلىق ئۇرۇش يۈز بېرىدۇ. ئائىشە ئانىمىز ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر ئىككىسى قېلىچ ئاۋازى بىلەن ئۇيقۇلىرىدىن ئويغانغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئائىشە ئانىمىز تۆگە ئۈستىگە مېنىپ تۇرۇپ ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئىسمى «جەمەل ئۇرۇشى» يەنى (تۆگە ئۇرۇشى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى تىزگىنلەش مۇمكىن بولمايدىغان بىر باسقۇچقا كىرىپ بولغان ئۇرۇشنى توختىتىشقا يەتمەي قالىدۇ. ئاخىرىدا بۇ ئۇرۇش ئائىشە ئانىمىز تەرەپنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز ئىززىتى، ھۆرمىتى بىلەن مەدىنە شەھىرىگە يولغا سېلىنىدۇ.[4]

 

ئىسلام تارىخىدىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ پىتنە تۆگە ئۇرۇشىدىن سەككىز ئاي كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان ئوتتۇرىسىدا سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان سىففىين دېگەن جايدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن «سىففىين» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۈچ كۈن داۋام قىلغاندىن كېيىن ئارىدىكى مەسىلىنى مۇرەسسە قىلىش (قۇرئاننىڭ ھۆكمى بويىچە كېلىشىش) ئارقىلىق ھەل قىلىش قارارى ئارقىلىق ئاخىرلىشىدۇ.

 

قۇرئان ھۆكمى بويىچە مۇرەسسە قىلىش قارارىنىڭ قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ ساندا ئۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شام لەشكەرلىرى باش قۇماندانى ئەمرى ئبنى ئاس ھېلە ئىشلەتكەن ھالدا بۇندىن كېيىن ئارىمىزدا «قۇرئان ھۆكۈم قىلسۇن» دېگەن ئوقۇمنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز قوشۇنلىرىنى نەيزىلىرىنىڭ ئۇچچىغا قۇرئاننى تېڭىپ ئۇرۇش مەيدانىغا چىقىشقا بۇيرۇيدۇ، نەتىجىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارى قۇرئان لەشكەرلىرىدىن 20 مىڭ كىشى ئەمدى بىز قۇرئان كۆتۈرگەنلەر بىلەن ئۇرۇشمايمىز دېمەكچى بولۇپ، قىلىچلىرىنى دولىسىغا قويغان ھالدا ئۇرۇش مەيدانىغا چىقىدۇ ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خىتاب قىلىپ يا ئەلى! بۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە چاقىرىۋاتقانلارغا جاۋاپ بەر، بولمىسا بىز سېنى ئوسمان ئىبنى ئەففاننى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈرىمىز دەيدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر تەرەپتىن مۇئاۋىيە بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۈچۈن مەجبۇرى ھالدا مۇرەسسە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇرۇش توختىتىلىدۇ.

 

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرەپتىن ئەمرى ئىبنى ئاس ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرەپتىن ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى مۇرەسسە قىلغۇچى ھەيئەتنىڭ باش ۋەكىللىرى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپتىن 10 كىشى بىلەن بىرگە دەۋمەتۇل جەندەل دېگەن يەردە ئولتۇرۇپ مۇرەسسە كېلىشمىنى يېزىشقا باشلايدۇ، كېلىشىمىنىڭ بېشىغا يېزىلغان «ئەمىرۇلمۇئمىنىن» دېگەن ئاتالغۇغا ئېتىراز بىلدۈرگەن مۇئاۋىيە تەرەپ ۋەكىللىرى بىز ئەلىنىڭ «ئەمىرۇلمۇئمىنىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دەپ، ئۇنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ماقۇللىقى ئېلىنغاندىن كېيىن پەقەتلا «ئەلى ۋە مۇئاۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە كېلىشىمى» دەپ يېزىلىدۇ. بۇ كېلىشىم سەپەر ئېيىدا يېزىلغان بولۇپ، رامىزان ئېيدا (يەنى 8 ئايدىن كېيىن) بۇ ھەقتە تەپسىلىي مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۇش قارار قىلىنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن مەزكۇر مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ قارارلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىزچىل رېئايە قىلىش ھەققىدە ئەھدىنامە ئىمزالىنىدۇ. مۇرەسسە كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنلا ھەر ئىككى تەرەپ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ، شېھىتلەر دەپنە قىلىنىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەشكەرلىرى كۇفە شەھىرىگە ۋە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەشكەرلىرى شام تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ.[5]

 

مۇرەسسە كېلىشىمىدىن بۇرۇن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇرئان ھۆكمى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان ھېلىقى قارى قۇرئان لەشكەرلەردىن 12000 كىشى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بۇ كېلىشىمنى رەت قىلىپ، مۇئاۋىيەگە قارشى ئۇرۇشنى داۋام قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قۇرئان كەرىمدىكى: «إن الحكم إلا لله» «ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق» دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلىپ، مۇرەسسە ھەيئىتى تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ھۆكۈملەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سېپىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى (يەنى خاۋارىجلار بولغانلىقىنى) ۋە ئۆزلىرىگە ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب ئەل راسىبىنى ئەمىر تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ ھۇرۇرىييە كەنتىگە كېتىدۇ.[6]

 

خاۋارىجلار:

 

«خاۋارىج» دېگەن ئەرەپچىدىكى «خارىج» (يەنى چىققۇچى) دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىققۇچى، ئىسلام دىنىغا قارشى چىققۇچى، ئىسلام ئۈممىتىگە قارشى چىققۇچى دېگەن ئۇقۇملارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ قىلمىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ دەل ئاشۇ خاۋارىجلار ۋە ئۇلار بىلەن ھەم پىكىر بولغان بارلىق ئېقىمدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز. ئەبۇ سەئىد خۇدرى ۋە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ئىختىلاپ بولىدۇ، ئۇلار ئېقىملارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئېقىمنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن ياخشى، ئەمما قىلىقلىرى ئىنتايىن قەبىھ بولىدۇ. ئۇلار قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇ تىلاۋەت ئۇلارنىڭ گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە يېتىپ بارمايدۇ). ئۇلار دىندىن ئوق يادىن چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەڭ ئوسال كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەرگە مۇبارەك بولسۇن، بۇ ئېقىمدىكى كىشلەر باشقىلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا چاقىرىدۇ، ئەمما ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماستىن، باشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ ۋەھالەنكى ئۆلتۇرۇلگۇچىلەر ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ياخشى ۋە ئاللاھقا يېقىن كىشىلەر بولىدۇ.»

 

خاۋارىجلار ئۆزلىرىنى ھەقىقى  مۇئمىنلەر جامائىتى ۋە تەقۋادار مۇسۇلمانلار دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن شەخسىيىتى ئاجىز ۋە يا گۇناھ-مەسىيەتكە ئارىلىشىپ قالغان بارلىق دۆلەت باشلىقلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش پەرز دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىمۇ مۇرەسسە كېلىشىمىدىن كېيىن كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىمامەت (دۆلەتكە باشلىق بولۇش) دېگەن ھازىرقى دېموكراتىك سايلامغا ئوخشاش ئىرقى، مەزھىبى ۋە باشقا تەرەپلىرى بىلەن ھېسابلاشماستىن تەرەپسىز ھالدىكى سايلام ئارقىلىق تەيىنلىنىشى كېرەك بولغىنى ئۈچۈن، مىراس يولى ئارقىلىق خەلىپە بولغان بارلىق خەلىپىلەرنىڭ ھەممىگە قارشى چىقىش پەرز دەپ قارايدۇ.

[7]

خاۋارىجلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى باھانە قىلغان بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا شۇنچە ياخشى ۋە قانائەتلىنەرلىك چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ خاتا پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ.

 

بىرىنچىسى، «تۆگە ئۇرۇشى» جەريانىدا مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ غەنىمەت تارقىتىشقا، ئاياللىرى بىلەن كىچىك بالىلىرىنى قۇل ۋە دېدەك قىلىشقا رۇخسەت قىلمىدى، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «تۆگە ئۇرۇشى»دا مەغلۇب بولغۇچىلار ئىسلام دىيارىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قول ئىلكىدىكى مال-مۈلۈك دۆلەت خەزىنىسىگە ئائىت بولغىنى ئۈچۈن ئۇ ماللار غەنىمەت ئېلىنسا بولمايدۇ. ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھامۇ بار بولغىنى ئۈچۈن، ئاياللارنى دېدەك ھېسابىدا باشقىلارغا تەقسىم قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

 

ئىككىنچىسى، «سىففىين ئۇرۇشى»دىن كېيىنكى مۇرەسسە كېلىشىمى جەريانىدا كېلىشىمنامە ماۋزۇسىدىن «ئەمىرۇل مۇئمىنىن» دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق ئىسلام خەلىپسىنىڭ شەۋكىتىنى چۈشۈردى دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھۇدەيبىيە كېلىشىمى جەريانىدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېگەن سۆزنىمۇ ئۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

 

ئۈچىنچىسى، قۇرئان كەرىمىدىكى: «إن الحكم إلا لله» يەنى «ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھەققى يوق» دېگەن ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈپ مۇرەسسە ھەيئىتى تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ھۆكۈملەرنى رەت قىلىش مەسىلىسىدە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا بۇ سۆز ئۆزى ھەق سۆز، ئەمما مۇسۇلمانلار سېپىدە پىتنە تۇغدۇرۇشتەك باتىل مەقسەت ئۈچۈن ئىستېمال قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمىدىن بۇرۇن ئەمرى ئىبنى ئاس ۋە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىلەر باشچىلىقىدىكى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ كېلىشم قارارلىرىغا ئىزچىل رېئايە قىلىش ھەققىدە بەرگەن ئەھدىمىزدە چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك دەيدۇ.[8]

 

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن خاۋارىجلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق ئۇرۇش 38-ھىجرىيە يىلى باغدات بىلەن ھەلۋان ئوتتۇرىسىدىكى نەھرىۋان دەرياسى بويىدا بولغان بولۇپ، نەھرىۋان ئۇرۇشىدىن بۇرۇن بىرنەچچە چوڭ ساھابە كىراملارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالغان بىر قىسىم خاۋارىجلار تەۋبە قىلغان ھالدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سېپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، كۆپىنچىلىرى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، كاپىر خەلىپىگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى كاپىر بولىدۇ، دېگەندەك سەپسەتىلەر ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن كۇفە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىچكى جەھەتتىن تەييارلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ پىكرىگە قارشى تۇرغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى پۇرسەت تاپسىلا قىرغىن قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ھەتتا ھەددىن ئاشقان ھالدا نەھرىۋان ۋالىيسى خەبباب ئىبنى ئەرەتنىمۇ ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەھرىۋانغا تۇيۇقسىز لەشكەر تارتىپ بېرپ پۈتۈن خاۋارىجلارنى تەۋبە قىلىشقا ۋە ئۆز سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىرىدۇ. مەزكۇر چاقىرىققا ئاساسەن تۆت مىڭغا يېقىن خاۋارىچ راست ۋە يا يالغان ھالەتتە تەۋبە قىلىپ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سېپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، قالغان تۆت مىڭغا يېقىن خاۋارىچ يەنىلا ئۆز پىكىرلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئۆلتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر رىۋايەتتە توققۇز كىشى ۋە يەنە بىر رىۋايەتتە قىرىق كىشى قېچىپ قۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلار يالغاندىن تەۋبە قىلغان خاۋارىجلار بىلەن ئەتراپتىكى خاۋارىجلىق ئىدېيىسىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنى يىغىپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى سەككىز قېتىم ئىسيان قوزغىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە خاۋارىجلار مەغلۇب بولىدۇ.

 

خاۋارىجلارنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېھىت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئەمەۋى خەلىپەلىرىگە ۋە ھەتتا ئابباسىي خەلىپەلىرىگىمۇ قارشى قوراللىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، زامانىمىزغىچە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ئارقىلىق ئىسلام ئۈممىتىگە زىيان سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى يەنە بىر ئاچچىق ھەقىقەتتۇر.

 

ھىجرىيە 64-يىلى نافىئ ئىبنى ئەلئەزارىق ئىسىملىك چوڭ خاۋارىجنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئەزارىقە ئېقىمىنى پەيدا قىلغانغا قەدەر، پۈتۈن خاۋارىجلار ھەم پىكىر ۋە ئوخشاش بىر ئەقىدە-ئېتىقادتا بولغان بولسىمۇ، ئەزارىقە ئېقىمى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن خاۋارىجلار ئىچىدە پارچىلىنىش يۇز بېرىدۇ ۋە زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئوتتۇزدىن ئارتۇق خاۋارىج ئېقىملىرى بارلىققا كېلىدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە ئوخشاش بولمىغان ئېقىملار ھالىتىدە تارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر مەزھەپ، مۇرەسسە كېلىشىمى تۈزگۈچى ھەيئەتكە قوپاللىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق مەشھۇر بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى يەھيا ئىبنى ئەبازېيەگە ئەگەشكەن «ئەبازىيەلەر» بولۇپ، ئۇلار «ھەپسىيە»، «يەزىدىيە»، «ھارسىيە» ۋە «ئىتائەتچىلەر» قاتارلىق بىرنەچچە كىچىك ئېقىملارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار ماراكەش، ئالجىرىيە، زەنجىبار، ئوممان ۋە يەمەن قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدا ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھاكىمىيەت تىكلىگەن ۋە يا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغانلىقى ئۈچۈن «ئەبازېيەلەر»نىڭ قالدۇقلىرى مەزكۇر رايونلاردا كۆپ تېپىلىدۇ.[9] ئەينى ۋاقىتتا خاۋارىجلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۆزلىرىنى ئەڭ تەقۋادار  مۇئمىنلەر ھېسابلاپ، ئۆزلىرىدىن باشقا پۈتۈن ئېقىملارنى «كاپىرلىققا» ھۆكۈم قىلىدىغان ئېقىملارنى ھەر يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

 

تۆتىنچى خەلىپە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيىنىڭ 40-يىلى (661-مىلادىيە) ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەم دېگەن خاۋارىجنىڭ قولىدا شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىسقا مۇددەت خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن تەخت ئۈچۈن مۇسۇلمان قېنى ئاققۇزماسلىق ۋە ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە بىرلىكنى ساقلاپ قىلىش يۈزىسىدىن تەختنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيانغا ئۆتۈنۈپ بېرىش بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا چوڭ بىرلىك تۇرغۇزۇش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۆيۈملۈك نەۋرىسى ھەققىدە «مېنىڭ بۇ ئوغلۇم سەييىد، ئاللاھ بۇ ئوغلۇم ئارقىلىق ئىككىگە بۆلۈنۇپ كەتكەن مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىن دېگەن» سۆزىنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى شۇنچە كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنىلا ئاشۇ پىتنىخورلارنىڭ ھېلە مېكىرى نەتىجىسىدە ھىجرىيە 49- يىلى زەھەرلىنىپ شېھىت قىلىنىدۇ.

ھىجرىيىنىڭ 40-يىلى مەزكۇر چوڭ بىرلىك نەتىجىسىدە خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغان مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفياننىڭ خەلىپىلىكى 19 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا، ئۇنىڭ ئوغلى يەزىدنىڭ تەخت ۋارىسى سۈپىتىدە تەخىتكە چىقىرىلىشى ئىسلام دۇنياسىدا چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى باھانە قىلىدىغان گۇرۇپپىلار خىلاپەتنىڭ يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەدىن ئېلىنىپ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىچىك ئوغلى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆتكۈزۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تەرەپ-تەرەپتە ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ. تەختىنىڭ قولىدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن يەزىد، ھىجرىيىنىڭ 61-يىلى (680-مىلادىيە) پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك نەۋرىسى بولغان ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ شامغا چاقىرىدۇ ۋە ئىراقنىڭ كەربالا چۆللىرىگە كەلگىنىدە نارەسىدە بالىلىرى، ئائىلىسى ۋە ھەمراھلىرى بىلەن قوشۇپ جەمئىي 40 كىشىنى بىرلا ۋاقىتتا ۋەھشىلەرچە شېھىت قىلدۇرۇۋېتىدۇ.

 

بۇ ئېچىنىشلىق قانلىق ۋەقە شىئە ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 14 ئەسىردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ قانلىق ئۇرۇشلار ۋە ھەرخىل كىرىزىسلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. زامانىمىزدىكى ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، يەمەن ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىئە-سۈننىي دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ئەنە ئاشۇ چوڭ پىتنىلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.

 

يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ شۇنچە كۆپ قان ئاققۇزۇش بەدىلىگە ئېرىشكەن خەلىپىلىك تەختى ئۇنىڭغا پەقەتلا تۆت يىل ۋاپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەخىتتە ئولتۇرۇۋالغان ئوغلى مۇئاۋىيە ئىبنى يەزىدنىڭ خەلىپىلىكىمۇ ئاران ئۈچ ئاي ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىكى تۈپەيلى خەلىپە سۈپىتىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىغا بىر قېتىممۇ چىقالماي بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ.

 

شىئە دېگەن سۆز ياردەمچى، ئەگەشگۈچى دېگەن ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگەشكۈچى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچى دەپ  قارىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شىئە دەپ ئاتىلىدۇ. شىئەلىك دېگەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى كىشلەر تەرىپىدىن، ئەقلىي دەلىللەرگە تايانغان ھالدا يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان بىر ئېقىم بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ پىتنىلەر ۋە ئىختىلاپلار شىئەلەر ئىچىدە تېپىلىدۇ. بۇ ئېقىم ئىچىگە خالىغان كىشى ئۆزىنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىنى، كۆڭۈل خاھىشلىرى ۋە ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى دىنى ئەھكام سۈپىتىدە كىرگۈزەلەيدۇ. بەزىلەر ئەھلى بەيتنى ۋە ئىماملارنى ھۆرمەتلەشتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتسە، يەنە بەزىلىرى مۆتىدىللىككە چاقىرىدۇ، بەزىلىرى ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ بىر ۋەكىلى بولىدۇ، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەكىلى ئەلى ئەلەيھسسالام ئىدى دېسە، يەنە بەزىلىرى جىبرىئىلنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن پەيغەمبەرلىك ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا كېلىدىغاننىڭ ئورنىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ قالغان دەيدۇ. بەزىلىرى ئۇنى پەيغەمبەرلىكتە مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بىلەن شېرىك ئىدى دېسە، يەنە بەزىلىرى ئۇنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. شىئەلەر 70 تىن كۆپرەك پىرقىغا بۆلۈنىدۇ. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىمى شەھرىستانى شىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمام، زەيدىيە، ئىسمائىلىيە، دۇرۇزىيە ۋە ئەلەۋىيە دەپ 5 چوڭ ئېقىمغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى، قالغانلىرى بولسا ئۇلارنىڭ شاخچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلايدۇ.

 

شىئەلەرنىڭ مەشھۇر پىرقىلىرىنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

 

1- 12 ئىمامغا ئېتىقاد قىلغۇچى شىئەلەر «ئىمامچىلار» ۋە «جەئفەرىيەلەر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى ئۆزىدىن كېيىن تۆۋەندىكى 12 ئىمامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىماملار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەسەن ئىبنى ئەلى، ئىمام ھۈسەين ئىبنى ئەلى، ھەسەننىڭ ئوغلى ئەلى، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلباقىر، جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد سادىق، مۇسا ئىبنى جەئفەر ئەلكازىم، ئەلى ئىبنى مۇسا ئەلرىزا، مۇھەممەد ئەلى ئەلجەۋاد، ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلھادى، ھەسەن ئىبنى ئەلى ئەلئەسكەر، مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئەلمەھدى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئاخىرقى ئىمام «ئەلمەھدى» كىچىك ۋاقتىدىلا ئىراقنىڭ سامەررا شەھىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنچە تېخىچە چىقمىدى، ئەمما يېقىندا «ئىمام ئەلمەھدى» سۈپىتىدە چىقىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

 

2- زەيدىيەلەر ئىمام ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شىئەلەرنىڭ 5-ئىمامى زەيد ئىبنى زەينۇل ئابىدىننىڭ ئەمەۋىلەر ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن «زەيدىيەلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلار ئەھلى سۈننىي ۋەلجامائەگە ئەڭ يېقىن بولۇپ، ھېچبىر ساھابىنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ ۋە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمان قاتارلىق 3 خەلپىنىڭ خەلىپىلىكىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.

 

3- ئىسمائىلىيەلەر ئىمامچىلاردىن قالسا ئەڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىر پىرقە بولۇپ، بىر قىسىم شىئەلەر ئۆزلىرىنىڭ 6-ئىمامى جەئفەر سادىقنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىماملىق ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇبارەككە قالىدۇ دېسە، يەنە بەزىلىرى ئىسمائىل دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىماملىق ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى مۇسا ئەلكازىمغا قالىدۇ، دەپ ئىختىلاپلىشىش ئارقىلىق ئىسمائىلىيە مەزھىبى بارلىققا كېلىدۇ.

 

4- «ئەلەۋىيەلەر» تۈركىيەدە ياشايدىغان ئەلەۋىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چوقۇنىدۇ، قىيامەت، جەننەت، دوزاخنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ناماز، روزا ۋە ھەجنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار ھىندىي دىنىدىكىلەرگە ئوخشاش «بىر ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ روھىي يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق سۈپىتىدە قايتىدىن دۇنياغا كېلىدۇ (روھلار ئالمىشىپ تۇرىدۇ)» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئىبادەت شەكىللىرى بولۇپ، مەزكۇر ئىبادەتخانىلار «جەم ئۆيلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

 

5- «نۇسەيرىييەلەر» سۇرىيەنى مەركەز قىلغان مۇھەممەد ئىبنى ئەلنۇسەيرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، فرانسىيە سۈرىيەنى مۇستەملىكە قىلغان ۋاقىتلاردا فرانسۇزلار بۇ پىرقىنى «ئەلەۋىيلەر» دەپ ئاتىغان. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ قېتىم مەخپى ۋە تۆتىنچى قېتىمدا ئاشكارا ھالدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى خەلىپە تەيىنلىگەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىدە-ئېىتقادنى يوشۇرۇش ئىماننىڭ كامىللىقنىڭ ئالامىتىدۇر، دەپ قارايدۇ.

 

6- يەھۇدىيلىكتىن يېنىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان ۋە شىئە مەزھىپىگە ئاساس سالغان ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ دېگەن مۇناپىققا ئەگەشكەن شىئەلەر «سەبەئىيەلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەھلى بەيت ھەققىدىكى چېكىدىن ئاشۇرىۋاتقان خۇراپاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرگە، يۇرتمۇ-يۇرت كېزىپ يۈرۈپ پىتنە-پاسات تارقىتىش ئارقىلىق ئىسلام تارىخىدىكى شۇنچە كۆپ چوڭ پىتنىلەرگە سەۋەب بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەھۇدىيلىقتىكى بارلىق خۇراپىي ئېتىقاد ۋە كۆز قاراشلارنى شىئەلەر ئارىسىغا كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.

 

7- «كىسانىيەلەر» ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك تەختىنى مۇئاۋىيەگە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىققانلار بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەۋلە بىنتى جەئفەر ئىسىملىك ئايالىدىن بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەنەفىيەنى خەلىفە دەپ ئېلان قىلىدۇ. كىسانى دېگەن ئىسىم ئىبنى ھەنەفىينىڭ شاگىرتىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى «كىسانىيەلەر» دەپ ئاتىلىدۇ.

 

8- «مۇختارىيەلەر» مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئۇبەيدە ئەلسەقەفىگە ئەگەشكەنلەر بولۇپ، بۇ ئېقىمدىكىلەر ئىبنى ھەنەفىينىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ۋە يېقىندا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ.

9- «رافىزەلەر» ساھابە كىراملارنىڭ كۆپىنچىسىنى رەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن «رافىزە» يەنى رەت قىلغۇچىلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەمەۋىلەر ۋە ھەتتا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىمۇ رەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىمامسىز قوراللىق ئۇرۇش قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەنگە قارشى ياغاچلار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇلار «ياغاچچىلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

10- «دۇرۇزىلەر» گەرچە فاتىمىيەلەر ھاكىمىيىتى جەريانىدا شىئەلەرنىڭ ھاكىمى ئەمرۇللا ئەلفاتىمىيەگە ئەگەشكەن شىئە ئېقىمىغا تەۋە كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن دىنلارنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىدۇ.

 

شىئەلەرنىڭ بىر قىسىم غەلىتە ئېتىقادلىرى:

 

1- شىئەلەر پۈتۈن ئىماملارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتتىن پاك ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتكە ئارىلىشىپ قىلىش ئېھتىمالى بار، ئەمما ئىماملارنىڭ يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

2- بىر قىسىم شىئەلەر ئەبۇبەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمان، ئائىشە، ھەفسە قاتارلىق كاتتا ساھابىلەرنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدۇ.

3- شىئەلەر ئەقىدە-ئېتىقادنى يوشۇرۇش ئىماننىڭ كامىللىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، كۆڭلىدە باشقا بىرنەرسە ئويلاپ تۇرۇپ، ئاغزىدا ئۇنىڭ تەتۈرسىنى سۆزلەشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ.

4- شىئەلەر ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنى دۇرۇس دەپلا توختىماستىن، بەلكى ساۋابلىق ئىش دەپ قارايدۇ.

5- شىئەلەر ھەر يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى ئىمام ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىغا ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىچاقلار بىلەن ئۇرۇپ بەدەنلىرىدىن قان ئاققۇزىدۇ.

6- شىئەلەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تائالادىن ئەسلى نازىل بولغان چېغىدا 7000 ئايەت ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە ساھابىلەرنىڭ ئەلى ھەققىدە كەلگەن بارلىق ئايەتلەرنى يوق قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ھازىرقى «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى 6263 ئايەتكە قالغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شىئەلەر قۇرئاننى كامىل يادلاشقا ئەھمىيەت بەرمەي، قۇرئاننىڭ ئەھلى بەيت قولىدىكى ئاتالمىش ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلايدۇ.

7- شىئەلەر، ئەھلى بەيتتىن باشقىلار تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان پۈتۈن ھەدىسلەرنى رەت قىلىدۇ. (ئەھلى بەيت پەيغەمبەر ئائىلىسىدىكىلەر دېگەنلىكتۇر).

8- شىئەلەر ئىسلامدا ئىمامسىز جىھاد بولمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئىسلامىي جىھادلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدۇ.

9- بەزى شىئەلەر ئىمام بولمىغان ئۈچۈن جۈمە نامىزى ئوقۇش ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ.

10- شىئەلەر ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 18-كۈنى پەيغەمبىرىمىز خەلىپىلىكنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاپشۇرغان كۈن ئىدى، دېگەن ئېتىقاد بىلەن بايرام ئۆتكۈزىدۇ.

دېمەك: شىئەلەر روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 18-كۈنى بولۇپ، يىلدا جەمئى 3 قېتىم بايرام ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سايلاپ قويغان خەلىفە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەمما ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ داۋانى ئېتىراپ قىلمايتتى، ئۇ ئۆزىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەگەر مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا خەلىپىلىككە تەيىنلىگەن بولسا ئىدى، مەن ئەبۇبەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا بەيئەت قىلمىغان بولاتتىم، دېگەن.

11- شىئەلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش ۋە ئۇلارنى مەسچىتلەرگە ئېسىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ.

12- شىئەلەر تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇماي يالاڭ ئاياق پۇتنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ.

13- شىئەلەر پىشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى، ناماز شام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ.

14- شىئەلەر ئىمام ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېھىت قىلىنغان كەربالا دېگەن جاينىڭ توپىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن، ناماز ئوقۇغاندا شۇ توپىنىڭ ئۇستىگە سەجدە قىلىش كېرەك، دېگەن ئېتىقاد بىلەن مەزكۇر كەربالا توپىسى بىلەن ياساپ پىشۇرۇلغان خىشنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىدۇ.

15- بەزى شىئەلەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە يېقىندا قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىدۇ.

16- يەنە بەزى شىئەلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامىنىڭمۇ تىرىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

17- شىئەلەرنىڭ پېشۋالىرى ئىسلام دىنىنىڭ 5 ئاساسىنىڭ بىرى بولغان زاكات پەرزىنى يوق قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا مال دۇنيانىڭ بەشتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ بەشتىن بىرىنىمۇ تۆۋەندىكىدەك 6 ھەسسىگە بۆلىدۇ: 1-ئاللاھنىڭ ھەققى، 2-پەيغەمبەرنىڭ ھەققى، 3-ئىماملارنىڭ ھەققى، 4-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولغان يېتىم يېسىرلارنىڭ ھەققى، 5-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغقانلىرىدىن پىقىرلارنىڭ ھەققى، 6-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولغان مۇساپىرلارنىڭ ھەققى.

يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھەرخىل پىتنىلەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىر تەرەپتىن تەخت ماجراسى، ئىمامەت (دۆلەت رەئىسى كىم بولۇش) مەسىلىسى ۋە باشقا ھەرخىل سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلى خاۋارىجلار ۋە شىئەلەرگە ئوخشاش ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىقىپ پەقەتلا دىنى مەسىلىلەردە ئەمەس بەلكى سىياسى، ئىجتىمائىي، ھەتتا پىكرىي مەيدانلاردىمۇ كۆپلىگەن قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىسلام ئۈممىتىگە كۆپ زىيان سالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ئەقىدە مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقنىڭ سۇپەتلىرىگە ئوخشاتقۇچى «مۇشەببىھەچىلەر»، دىنى ھۆكۈملەردە ئەقىلگە تايانغۇچى «مۇئتەزىلىلەر»، ئىنسان ئۆزنىڭ قەدىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ دېگۈچى «قەدەرچىلەر»، ئىنسان پېشانىسىگە پۈكۈلگەن قەدەرنىڭ قۇلى دەيدىغان «جىبرىچىلەر»، ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى كاپىر دېگۈچى «ئەھلى تەكپىر»، بىر قېتىم ئېمان ئېيتقان بىر مۇسۇلمان ھەرقانچە كۆپ گۇناھ مەئسىيەت ئىشلىسىمۇ كاپىر بولمايدۇ، دەيدىغان «مۇرجىئەچىلەر» ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن پىكرىي ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، كېيىنكى سانلاردا بۇلار ھەققىدە تەپسىلى توختىلىمىز ئىنشائاللاھ....

 

داۋامى كېيىنكى ساندا...

 

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

پىرەق مۇئاسىرە / مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى. دوكتۇر غالىب ئەلى ئەۋاجى

ئەلپىتەن / ئەبۇ ئابدۇللاھ نەئىم ھاماد بىن مۇئاۋىيە ئەلمىرۇزى

ئەلمىلەل ۋەننىھەل / ئەبۇلفەتىھ ئابدۇلكېرىم ئەلشەھرىستانى

شىئەلەر ۋە شىئەلىك / پاكىستانلىق يازغۇچى  ئېھسان ئىلاھىي

دىراسەتۇل پىتەن / ئابدۇل رەئۇف جىبىر ئەلقىتەتى غەززە ئۇنېۋىرستېتى (پەلەسىتن)

ئىسلام قىسسىلىرى تور بېكىتى / راغىب سەرجانى

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنى قوغداش تور بېكىتى

ئىسلام ۋېب تور بېكىتى

سەھابە كىراملارنى مۇداپىئە قىلىش تور بېكىتى

ئەھلى بەيتنى مۇداپىئە قىلىش تور بېكىتى 

 

 


([1]) ئسلام قىسسىلىرى تور بېكىتى / باشقۇرغۇچى دوكتۇر راغىب سەرجانى

([2]) ئەھلى سۇننەتنى مۇداپىئە قىلىش تور بېكىتى

(2) ئەلپىتەن / ئەبۇ ئابدۇللاھ نەئىم ھاماد بىن مۇئاۋېيە ئەلمېرۇزى

([4])  ئىسلام قىسسىلىرى تور بېكىتى / دوكتۇر راغىب سەرجانى

 

([5])  ئەھلى سۇننەتنى مۇداپىئە قىلىش تور بېكىتى

(2) ئىسلام ۋېب تور بېكىتى

([7]) پىرەق مۇئاسىرە / مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتسى دوكتۇر غالىب ئەلى ئەۋاجى

 

(2) پىرەق مۇئاسىرە / مەدىنە ئىسلام ئۇنۋەستىسى = دوكتۇر غالىب ئەلى ئەۋاجى

([9]) ئىسلام قىسسىلىرى تور بېكتى / دوكتۇر راغىب سەرجانى