مىقاتتىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ يىل ھەجگە ماڭغىنىمىزدا ئېھرام باغلايدىغان جايدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېھرام باغلىيالمايلا ئۆتۈپ كەتتۇق. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ھەجگە تەسىرى بولامدۇ؟ قان قىلىش ۋاجىبمۇ؟

جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن!

يىراق دىيارلاردىن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغاندا، ئېھرام باغلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئورۇنلار بار بولۇپ، بۇ «مىقات» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەج ياكى ئۆمرىگە ماڭغانلار بۇ ئورۇنلاردىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ. بەلگىلەنگەن بۇ ئورۇنلار تۆۋەندىكى ھەدىسلەردە كەلگەن:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىلىكلەرگە زۇلھۇلەيفىنى، نەجدىلىكلەرگە قەرنە مەنازىلنى، يەمەنلىكلەرگە يەلەملەمنى تەلبىيە توۋلايدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەردى. يۇقىرىقى ئورۇنلار شۇ جايلاردا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ، شۇنداقلا ھەج ۋە ئۇمرەنى ئىرادە قىلىپ باشقا جايلاردىن كېلىپ، ئاشۇ ئورۇنلاردىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ تەلبىيە توۋلايدىغان جايىدۇر، كىمكى تەلبىيە توۋلاشقا بەلگىلەنگەن ئورۇنلار بىلەن مەككىنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، مەككىگە قاراپ قوزغالغان جايىدىن تەلبىيە توۋلاۋېرىدۇ. مەككە ئاھالىسى بولسا مەككىنىڭ ئۆزىدىنلا تەلبىيە توۋلايدۇ.([1])

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىراق ئاھالىسى ئۈچۈن زاتۇئىرقنى ئېھرام باغلايدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەردى.([2])

يۇقىرىقى جايلارنىڭ مىقاتلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. قارايدىغان بولساق بۇ مىقاتلار ھەرەمنى چەمبەرسىمان دائىرە ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ مىقاتلارنى ئۆزىنىڭ بەيتىنى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بېكىتكەن. بۇ يەردىكى ھۆرمەت ھەرەم مەسجىد ھەققى-ھۆرمىتى، ھەرەم دائىرىسى ھەققى-ھۆرمىتى ۋە مىقات ھەققى-ھۆرمىتىدىن ئىبارەت.

ئېھرام باغلاشمۇ بۇ ئىلاھىي ھەققى-ھۆرمەتلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىغا بەل باغلاش ۋە ئۇنى جاكالاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھاجى ياكى ئۆمرىچى ئېھرام باغلىغىنىدا ئىلگىرى ئۇنىڭغا مۇباھ بولغان جىما قىلىش، خۇشبۇي ئىشلىتىش، كىيىم-كېچەك كىيىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلار ھارام بولۇپ كېتىدۇ. ئېھرام باغلاش ئېھرام لىق كىيىمىنى كىيىش بولماستىن بەلكى، ھەج ياكى ئۆمرىنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت. نىيەتنىڭ ئورنى بولسا دىلدۇر. بۇ نىيەتنى «لەببەيكە» دەپ توۋلاپ تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.([3])

ئېھرام باغلىغۇچىغا جىما قىلىش، خۇشبۇي ئىشلىتىش، كىيىم-كېچەك كىيىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلارنى مەنئى قىلىشتىكى ھېكمەتنى ئالىملار: راھەت-پاراغەتتىن يىراق تۇرۇپ، خۇشۇ سۈپىتى بىلەن سۈپەتلىنىش، كېيىملىرىنى سېلىپ، ئېھرام باغلاش ئارقىلىق پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىغا بېرىشىنى ئەسلەش ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ كۆزىتىپ تۇرۇدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىققا يېقىن بولۇشتىن ئىبارەت دەپ ئىزاھلىغان.([4])

مەككىلىكلەر ۋە مەككىدە تۇرۇۋاتقانلار ھەجگە ئۆيلىرىدىن، ئۆمرىگە ھەرەم سىرتىدىن ئېھرام باغلايدۇ. ھەرەم بىلەن مىقات ئارىلىقىدىكىلەر ھەجگىمۇ، ئۆمرىگىمۇ ئۆيلىرىدىن ئېھرام باغلايدۇ. مىقات سىرتىدىن كېلىدىغانلار ھەج بىلەن ئۆمرىگە ئۇلاق ياكى ماشىنىغا ئوخشاش قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ماڭغانلار ئاشۇ بەلگىلەنگەن جايلارنىڭ بىرىدىن ياكى ئۇدۇلىدىن ئۆتكىنىدە ئېھرام باغلىشى، ئايرۇپىلان ياكى پاراخوت بىلەن ماڭغانلار شۇ جايلارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ياكى ئۇنداق قىلىش قولايسىز بولسا ئايرۇپىلان ياكى پاراخوتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئېھرام باغلىشى ۋاجىب.

مەككە ئاھالىسىدىن بىر كىشى سەپەرگە چىقىپ مەككىگە قايتقىنىدا ئۆمرە ياكى ھەج قىلماقچى بولسا، مىقاتتا ئېھرام باغلىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق.([5])

مەككە ئەتراپىغا ئىش ياكى تۇغقان زىيارىتى ئۈچۈن بارىدىغان كىشى مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ھەرەم دائىرىسى باشلانمىغان ئارىلىقتا تۇرۇپ ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى قارار قىلىپ قالسا، ھەج ياكى ئۆمرىنى نىيەت قىلغان جايدىن ئېھرام باغلىسا بولىدۇ. قايتىپ مىقاتتىن ئېھرام باغلىشى كېرەك ئەمەس. قان قىلىشمۇ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ مىقاتتىن ئۆتكىنىدە ھەج ياكى ئۆمرە نىيەت قىلمىغان.([6])

مەككىدە ياكى ھەرەم بىلەن مىقات ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئېھرام باغلاش بەلگىلەنگەن ئورۇنلار ئۇلار ئۈچۈن مىقات ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئورۇنلاردىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كەتسە ياكى ھەرەم ئىچىدە ئېھرام باغلىشى كېرەك بولغان ئەھۋالدا، ھەرەم سىرتىدىن ياكى ھەرەم سىرتىدا ئېھرام باغلىشى كېرەك بولغان ئەھۋالدا، ھەرەم ئىچىدىن ئېھرام باغلاپ قالسا بۇمۇ ئوخشاشلا مىقاتتىن ئېھرام باغلىماسلىق بولىدۇ. خىلاپلىق قىلسا قان كېلىدۇ.([7])

مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈشنىڭ ھۆكمى ۋە نەتىجىسىگە كەلسەك، مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈش ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1-تۈر: مىقاتتىن ئېھرامنى نىيەت قىلماي ئۆتۈپ كېتىش:

ئەگەر قەستەن ياكى بىلمەي ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ, ئېھرام باغلاش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، تېخى تاۋاپ قىلمىغان بولسا، قايتىپ بېرىپ شۇ جايدىن ئېھرام باغلاپ كەلسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق جازا (قان) كەلمەيدۇ، گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.

ئەمما مىقاتتىن ئۆتۈپ كېتىپ ئېھرام باغلاپ، ھەرەمگە كىرىپ تاۋاپنى باشلاپ ياكى ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرىدىن بىرەرسىنى قىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ مىقاتقا قايتىشىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. بەرىبىر قان كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشى كەمتۈك ئېھرام باغلىغان بولۇپ، ئىبادەتكە تۇتۇش قىلىپ بولغان بولىدۇ. نەتىجىدە مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قوي قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.([8])

بۇ ئەھۋالدا ئۆتۈپ كەتكەن مىقاتقا قايتسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنراق ياكى يىراقراق بىر مىقاتقا قايتسۇن ھەنەفىي مەزھەبتە ئوخشاش. چۈنكى ئۇ مىقاتلارنىڭ ھەممىسى ئېھرام باغلىغۇچىغا نىسبەتەن ئوخشاش.([9])

ئەمما بىرەر مىقاتقا قايتمايلا تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلىغان تەقدىردە بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرىدىكى بىر ۋاجىبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مىقاتتىن ئېھرام باغلاپ ئۆتۈش. بۇ ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق. بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ بۇ كىشى مىقاتقا ئۆزرىسىز قايتمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

ئەلۋەتتە ھۆكمىنى بىلمەي ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشى قەستەنلىك بولمىغاچقا مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكىگە گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما مىقاتقا ئۆزرىسىز قايتمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

مىقاتقا قايتالماسلىق ھەجگە قىستالغانلىقتىن بولسۇن ياكى ھەمراھ تاپالمىغانلىقتىن بولسۇن ياكى كېسەللىكتىن بولسۇن ياكى دۈشمەندىن، ساقچىدىن، ئوغرىدىن قورققانلىقتىن بولسۇن ياكى يول بىلمىگەنلىكتىن بولسۇن ئوخشاشلا تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا مىقاتقا قايتمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولمىغىنى بىلەن مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

لېكىن ھەج ياكى ئۆمرىگە ماڭغان كىشى مىقاتتىن ئېھرام باغلىماي كېيىن قايتىپمۇ بارماي تۇرغان جايىدىلا ئېھرام باغلىغان بولسا ئۇ كىشىگە قان قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېدى: «كىمكى ھەج-ئۆمرە ئىبادىتىدىن بىرەر ۋاجىبنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى تەرك ئەتسە قان قىلىشى ۋاجىب».([10])

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ مىنادىن قايتىش كۈنىدە كۈن تىكلىنىشتىن بۇرۇن قايتىپ كەتكەن كىشى توغرىسىدا: «كۈن تىكلىنىشتىن بۇرۇن تاش ئېتىۋەتسە تىكلەنگەندىن كېيىن قايتا ئاتىدۇ. كۈن تىكلىنىشتىن بۇرۇن قايتىپ كەتكەن بولسا قان قىلىدۇ» دەپ ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن قان قىلىشنى ۋاجىب قىلغان.([11])

مىقاتتىن ئېھرام باغلىمىغان كىشىمۇ خۇددى ھەج تەمەتتۇدا ھەجگە مىقاتتىن ئېھرام باغلىمىغانلىقتىن ئىبارەت بىر ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق ۋاجىب بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاجىبنى تەرك قىلغان ئەھۋالنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

ئىمكانىيىتى يار بەرگەن كىشى ئۈچۈن بۇ بىر قان ئورنىغا روزا تۇتسا ياكى تاماق بەرسە بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ قاننى ھەج تەمەتتۇ قۇربانلىقىغا ئوخشاشلا مەككىدە ياكى مىنادا قىلىشى لازىم.

بۇ قاننىڭ گۆشىدىن بىر قىسمىنى ئۆزى يېسە بولامدۇ؟ ياكى ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟

بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش ئوخشاش بولمىسىمۇ، ۋاجىب ياكى نەپلە ھەدىيە قۇربانلىقىدىن بىر قىسمىنى يەپ، بىر قىسمىنى مۇھتاج ۋە سائىلغا بەرسە بولىدۇ دېگەن بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈكتۇر.([12])

چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە (ھەدىيە تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر. شۇڭا ئۇلارنى قاتار ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان مۇھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار!) دېگەن.([13])

ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى تەمەتتۇ ياكى قىران ئۈچۈندۇر. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئومۇمىمۇ ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يېسە جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەرەمدە ئوۋ ئوۋلىغانلىقىنىڭ جازاسى ئۈچۈن قان قىلغان، نەزرە قىلغان مالنىڭ گۆشىدىن يېمەيدۇ، ئۇندىن باشقىسىنى يەيدۇ» دېگەن. ئەتا: «ھەج تەمەتتۇدا قىلغان قۇربانلىقتىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، باشقىلارغىمۇ يېگۈزىدۇ» دېگەن.([14])

ئەتا يەنە: «خالىسا ھەدىيە قۇربانلىق بىلەن ئادەتتىكى قۇربانلىقتىن يەيدۇ، خالىسا يېمەيدۇ» دېگەن.([15])

ئىقتىسادى يەتمەي بىر قوي قان قىلالمىغان تەقدىردە ئورنىغا ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئورنىغا تاماق بەرسە بولمايدۇ. بۇ ھەج تەمەتتۇ قۇربانلىقىغا قىياس قىلىپ دېيىلگەن ھۆكۈمدۇر.([16])

بۇ ئون كۈننىڭ ئۈچ كۈنىنى ھېيت كۈنىگىچە تۇتىۋالىدۇ. ھەجگە زۇلھەججىنىڭ 6-كۈنى يەنى مىناغا مېڭىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېھرام باغلاپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا 6-7-8-كۈنلىرى ئۈچ كۈن روزا تۇتىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى 9-كۈنى يەنى ئەرافات كۈنى روزا تۇتمىغان ئەۋزەل. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەرافاتتا روزا تۇتماي تۇرغان ياكى ئەرافات كۈنى بىلەن 3 كۈن تۇتسىمۇ مەيلى. ئۇ كۈنلەردە تۇتالمىغان تەقدىردە زۇلھەججىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى يەنى ھېيتنىڭ 2-3-4-كۈنلىرى تۇتىۋالسا بولىدۇ. بۇ 3 كۈن «تەشرىق كۈنلىرى» بولۇپ، ئادەتتە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ. پەقەتلا تەمەتتۇ قۇربانلىقى قىلالمىغان كىشى تۇتىدىغان 3 كۈن روزىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن تۇتالمىغان بولسا شۇ كىشىگە تەشرىق كۈنلىرىدە 3 كۈن روزا تۇتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «قۇربانلىق تاپالمىغانلاردىن باشقىلارغا تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان». يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەجگە قەدەر ئۆمرە بىلەن بەھرىمەن بولغان كىشى تۇتىدىغان (ئۈچ كۈنلۈك) روزا ئەرافات كۈنىگىچە بولىدۇ. ئەگەر قۇربانلىق تاپالمىسا، روزىمۇ تۇتمىغان بولسا، مىنا كۈنلىرى روزا تۇتىدۇ»، دېگەن.([17])

تەشرىق كۈنلىرىدىمۇ تۇتالمىسا بەزى قاراشلارغا ئاساسەن «تەشرىق كۈنلىرى» دىن كېيىن تۇتۇۋالىدۇ. ھەرەمدىكى چاغلاردا ئاغرىپ قېلىپ ياكى ھەيز ياكى نىپاس سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى سەۋەبسىز بولسۇن 3 كۈن تۇتالماي يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن تەقدىردە، قازاسىنى يۇرتىدا تۇتىۋالىدۇ. قايتقىچە تۇتمىغانلىق سەۋەبىدىن قان كەلمەيدۇ.

قالغان 7 كۈننى يۇرتىغا قايتقاندا تۇتىۋالىدۇ. روزا تۇتۇشتا بۇ كۈنلەرنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس.([18])

2-تۈر: مىقاتتىن ئېھرامنى نىيەت قىلىپ، لېكىن ئېھراملىق كىيمەي، كىيىم-كېچەك كىيىپ ئۆتۈپ كېتىش:

مىقاتتىن ئۆتكەندە يېنىدا ئېھراملىق بولمىغانلىقتىن ياكى ئېھراملىقىنى يۈك-تاقتا بېرىۋەتكەنلىكتىن ئېھراملىق كېيەلمىگەن بولسىمۇ ئېھرام باغلىدىم دەپ نىيەت قىلىشى ۋاجىب، نىيەت قىلغان بولسا گەرچە ئېھراملىق كىيمىسىمۇ ئۇ كىشى ئېھرامغا كىرگەن، ئەمما كىيىم-كېچەك كىيىۋېلىش ئارقىلىق ئېھرامدا چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇچىسىدىكى كىيىم بىلەن ئېھرام نىيەت قىلغان كىشى بېشىغا بىرنەرسە كىيىۋالماي ئوچۇق تۇتۇشى، پايپاق ۋە ئىچ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، كۆڭلەك ياكى مايكىسىنى سېلىپ رىدا شەكلىدە ئۇچىسىغا ئارتىۋېلىشى، ئىشتىنى بىلەن ئېھرامغا كىرىشى لازىم. چۈنكى ئىزار (بەلنىڭ ئاستىنى ئورىغۇدەك رەخت) تاپالمىغان ئادەم ئىشتان كىيىۋېلىپ ئىشتاندا ئېھرامغا كىرىدۇ. بۇ كىشى ئېھرام لىقنى تاپقان چېغىدا ئېھراملىقنى كىيىۋالىدۇ. بۇ كىشىگە فىديە كەلمەيدۇ.

جابىر ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىزارى بولمىغان كىشى ئىشتان كىيسۇن، قونجىسىز كەش تاپالمىغان ئادەم، قونجىلىق كەشنى (قونجىسىنى ئۇشۇقىدىن تۆۋەن كېسىۋېتىپ) كىيسۇن» دېگەن.([19])

ئەمما مىقاتتىن ئۆتكەندە ئېھراملىقى يېنىدا بار تۇرۇپ ساقچىدىن قورققانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كىيىمى بىلەن ئېھرامنى نىيەت قىلغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە فىديە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. فىديە 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى ھەر بىر مىسكىنگە يېرىم سا مىقتارىدا 6 مىسكىنگە ئاشلىق (ياكى ئۇلارغا 2 ۋاختىن ياكى بىر ۋاختىن تاماق) بېرىش ياكى بىر قوي قان قىلىشتىن ئىبارەت.([20])

بۇ 2-تۈردە فىديە بەرمەكچى بولغان كىشى يۇقىرىقى 3 ئىشتىن بىرىنى تاللىسا بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتماقچى بولسا بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بويىچە روزىنى دۇنيانىڭ قەيىرىدە تۇتىۋالسا بولىدۇ.

 ئەگەر قان قىلىشنى تاللىغان ئەھۋالدا بۇ جازا ئۈچۈن سويۇلغان مال بولغاچقا ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنى پەقەتلا مەككىدە سويۇپ گۆشىنىڭ ھەممىنى ھەرەم پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن ئۇنى مەككىدە سويۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سويسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى ئۇنىڭدىن يېمەي ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇنى ھەدىيە دەپ ئاتىماي، قۇربانلىق دەپ ئاتىغان. قۇربانلىق دېگەن قەيەردە سويۇلسا بولىدۇ. يۇقىرىقى كەئىب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىسىدىمۇ رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ياكى ساڭا ئاسان كەلگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىل» دېگەن ۋە ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىشنى شەرت قىلمىغان. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەەنھۇنىڭ سۇقيا دېگەن جايدا چاچ چۈشۈرگەن فىديىسى ئۈچۈن ھەرەمنىڭ سىرتىدا قۇربانلىق قىلغانلىقى كەلگەن. مۇجاھىد: «فىديە سەن خالىغان يەردە» دېگەن. ئىبراھىم نەخائى: «فىديە سەدىقىسى، روزىسى ۋە قۇربانلىقى خالىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن.([21])

 خۇلاسە: مىقاتتىن ئۆتكەندە ئېھرام كىيىمى كېيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئېھرامنى نىيەت قىلغان ياكى قىلمىغىنىغا قاراپ كاپپارىتى پەرقلىق بولىدۇ: نىيەت قىلمىسا قان كېلىدۇ. بۇنى ھەرەمدە سويۇپ، باي ۋە كەمبەغەللەرگە تارقاتسا، بىر قىسمىنى ئۆزى يېسە بولىدۇ. قان قىلالمىسا ھەجدىن قايتقاندا ئون كۈن روزا تۇتىدۇ. روزىنىمۇ تۇتالمىسا باشقا ئىش قىلىشى كېرەك ئەمەس. ئەمما ئېھرام كىيىمى كېيەلمەي، ئېھرامنى نىيەت قىلىپ ئۆتكەن بولسا، يا قان قىلىدۇ، يا ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا چوقۇم قان قىلىشى كېرەك ئەمەس. بۇ ئۈچتىن بىرىنى ئىختىيارىي تاللايدۇ. بۇ ئىشلارنى ھەرەمدە قىلىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى ھەرەم سىرتىدا، يۇرتىدا قىلسىمۇ بولىدۇ. قان قىلىشنى تاللىغان تەقدىردە ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ. گۆشىنىڭ ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم

پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

4-سان


([1])سەھىھەين: «بۇخارى» 1524-ھەدىس. «مۇسلىم» 1181-ھەدىس.

([2])«ئەبۇ داۋۇد» 1739-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋى ئىسنادى سەھىھ دېگەن.

([3]) «تاجۇلئەرۇس» 31/454 «ئەلفىقھۇل ئىسلامى ۋەئەدىللەتۇھۇ» 3/397.

([4]) «فەتھۇل بارى» 3/404.

([5]) «ئەلمەبسۇت» 4/170.

([6]) «ئەلمۇدەۋۋەنە» 2/373 «راددۇل مۇھتار» 4/478 «شەرھى مۇنتەھەل ئىرادات» 1/526.

([7]) «ئەلبەھرۇررائىق» 2/343.

([8]) «ئەلئىختىيار» 1/443 «ئەلمۇغنى» 3/116 «بدائىئۇسسانائى» 2/165.

([9])«راددۇل مۇھتار» 2/580.

([10]) «ئەلمۇۋەتتا 1/419. 940-نومۇر. «سۇنەنۇل كۇبرا» بەيھەقى 5/30. 8707-نومۇر. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر، ئىبنۇل مۇلەققىن ۋە ئىبنى كەسىرلەر: «سەنەدى سەھىھ» دەپ باھالىغان.

([11]) «مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد» 3/182 ئىمام ئەھمەد بۇ رىۋايەتنى ئالغان.

([12]) «ھاشىيەتى دۇسۇقى» 2/89.

([13]) ھەج سۈرىسى 36-ئايەت.

([14])سەھىھۇل بۇخارى «ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلەردىن نېمىلەرنىڭ يىيىلىدىغانلىقى ۋە سەدىقە قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب.

([15]) «فەتھۇل بارى» 3/558.

([16]) «ئەززەخىيرە» 3/209.

([17]) سەھىھۇل بۇخارى 1997-1999-ھەدىسلەر.

([18]) ئەلمۇغنى 3/248.

([19])سەھىھەين: بۇخارى 1843-ھەدىس. مۇسلىم 1178-ھەدىس.

([20])قرار المجمع الفقھي التابع لرابطە العالم الإسلامي، مجلە البحوث الإسلامية 32/332.

([21]) ئەلمۇۋەتتا 1/388 تەپسىرى تەبەرى 2/240 ئەھكامۇل قۇرئان جاسساس 1/352 تەپسىرى قۇرتۇبى 2/385 ئەلمۇھەللا 7/213.